مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9140|ئىنكاس: 44

ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايىتقان ئۇيغۇر ئوغلانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98267
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 708
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2013-9-28
ئاخىرقى: 2014-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 12:01:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايىتقان ئۇيغۇر ئوغلانى

(ئامېرىكا يېپەك يولى خولد مائارىپ تەربىيەلەش گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇلخەبىر مۇھەممەد ھەققىدە)

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 I8 }/ m% m2 T$ M$ f- W: _4 G

ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر

mmexport1411874037518.jpg

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& L' t4 _( ~% E' n* N% L8 @- {9 q: h
     ئىلاۋە: ھازىر ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ئوقۇپ، ۋەتەنگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا خېلىلا كۆپيىپ قالدى. ئامېرىكا يېپەك يولى خولد (HOLD) مائارىپ تەربىيەلەش گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، بېيجىڭ خولد خەلقئارا مائارىپ مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئابدۇلخەبىر مۇھەممەدنى ئەنە شۇنداق يىگىتلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ، ئابدۇلخەبىر مۇھەممەد تېخى يېقىندىلا «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇش ۋە يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش جەريانى «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇ نېمىشقا ئامېرىكىدا ئوقۇدى؟ يەنە نېمە سەۋەبتىن يۇقىرى تەمىنات، يۇقىرى ئورۇندىكى خىزمەتتىن ۋاز كېچىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى؟ ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارىشى قانداق؟ بۇ نۇقتىلار بەلكىم ئوقۇرمەنلەرنى قىزىقتۇرۇشى مۇمكىن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) S9 K2 J0 f$ N9 T: V8 x# h) ^

mmexport1411873879186.jpg

***

     2005 – يىلى ئابدۇلخەبىر مۇھەممەدنىڭ ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولغانىدى، چۈنكى ئۇ بۇ يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن بېيجىڭ لۇخې ئوتتۇرا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغانىدى. بۇ يۇرتى كەلپىن ناھىيەسى بىلەن ئاقسۇ شەھىرى ئارىلىقىدا قاتىراپ يۈرۈپ، جاپالىق ئوقۇغان ئابدۇلخەبىرگە نىسبەتەن زور ئىلھام بولدى. ئۇ بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن، بىر يىل تىرىشىپ ئۆزىنىڭ خەنزۇتىلىدىكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى، ئارقىدىنلا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلاپ، بىر يىل ئىچىدىلا لۇخې ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىنگىلىز تىلى ئىمتىھانىدا 141 نومۇر ئېلىپ، مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولدى، ئۇنىڭ بۇ خىل تىرىشچانلىق روھىدىن مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ھەيران قالدى ۋە ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى باشقىلاردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەندىن كېيىن، كىچىكىدىكى غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپنى چەتئەلدە ئوقۇش نىيتىگە كەلدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) r7 N2 K( y8 n' ?/ X3 G/ U
     ـــ ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇشۇمدا مۇنداق ئىككى خىل سەۋەب بار. بىرى، مېنىڭ كىچىكمدىنلا بىر خەلقئارالىق سودىگەر بولۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. مەن خەلقئارالىق سودىگەر بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئامېرىكىدەك چوڭ دۆلەتلەرنى چۈشىنىشىم كېرەك ئىدى. يەنە بىرى، مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى پارتىدېشىم لياۋ ۋاڭ بىر قېتىملىق يازلىق تەتىللىك لاگېرغا قاتنىشىپ ئامېرىكىغا بارغانىدى، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماڭا ئامېرىكىدا كۆرگەن – بىلگەنلىرىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ، ماختاندى، ئارقىدىن ئامېرىكىدىكى ئۆزى ئېكىسكورسىيە قىلغان ئەركىنلىك ئىلاھى، ئاق ساراي، ب د تنىڭ بىناسى قاتارلىق نۇرغۇن جاينىڭ سۈرەتلىرىنى ماڭا كۆرسەتتى. مەن لياۋ ۋاڭنىڭ قولىدىكى سۈرەتلەرگە قاراپ، ئىچىمدە «لياۋ ۋاڭ ئامېرىكىغا چىقالاپتۇ، ئەجىبا مەن چىقالماسمەنمۇ» دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش كويىدا يۈردۈم، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان يىلى مەن شاڭگاڭغا بېرىپ ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئامېرىكا نىيۇيورۇك قوشما شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېنھانتون سودا – سانائەت تارماق مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندىم، ـــ دېدى ئابدۇلخەبىر مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا چىقىشىدىكى مەقسىتى توغرىسىدا.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 y1 }5 c4 Z3 ?: {$ Y

mmexport1411017727026.jpg

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) J' v  S# U5 ?$ i% h
     ـــ ئامېرىكىدا تاپشۇرۇقلارنى چوقۇم بەش - ئالتەيلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ بىرلىكتە ئىشلەيمىز، مۇبادا بىرىمىز سەۋەنلىك سادىر قىلساق گۇرۇپپىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى بىراقلا تۆۋەن چىقىدۇ، شۇڭا گۇرۇپپىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، باشقىلار بىر ھەسسە تىرىشسە مەن ئىككى ھەسسە تىرىشاتتىم. شۇ چاغلاردا كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ 15 سائەت ئەتراپىدا ئۆگىنىش قىلاتتىم، بۈگۈن ماڭمىسام، ئەتە يۈگىرەيمەن، دەپ قارايتتىم. كۈنلىرىم ئىنتايىن ئالدىراش ئۆتەتتى، بىكار تۇرۇپ قالساملا بەك ئىچىم سىقىلاتتى، ھەر كۈنى كەچ سائەت 12 دە ئۇخلايتتىم، ئەتىگىنى سائەت 6 دە تۇرۇپ كېتەتتىم. ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن سەككىزگىچە مەكتەپتە ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسلەرنى ئالدىن تەكرارلايتتىم، بىلمىگەن نۇقتىلارنى دەرس ۋاقتىدىلا سورىۋالاتتىم، چۈشتىمۇ ئازىراق ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن دەرسلەرنى ئالدىن كۆرۈۋالاتتىم، كۈنلىكى يېرىم سائەت ئەتراپىدا بەدەن چېنىقتۇراتتىم، مەن كۈنىگە 15 سائەتلىك پىلان تۈزىۋالىمەن. مېنىڭچە ئادەم كۈنلىرىنى پىلان بىلەن ئۆتكۈزسە، كۈنلىرى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ، ـــ دېدى ئۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا تولۇق كۇرس ئوقۇۋاتقان چاغلىرىنى ئەسلەپ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% e# q6 V9 M, b  V! A9 f     ئابدۇلخەبىرنىڭ خاراكتېرىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىشلار، ئۇنىڭ ھاياتىدا خېلى كۆپ بولغانىدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 R1 V% a; O8 R8 q3 S, R( Y
     ـــ بېيجىڭ لۇخې ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە، ئىدىيە جەھەتتىن پاسسىپ ئىدىم، ھەمىشە  ئۆزۈمنىڭ كەمچىلىكلىرىنى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆزۈمنى كەمسىتەتتىم. بىراق ئامېرىكىدىكى بىر ئىش مېنىڭ بۇ خىل خاراكتېرىمنى ئۆزگەرتىشىمگە سەۋەبچى بولدى. 2012 – يىلى  ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىم ئىدى. بىر كۈنى بىر ئامېرىكىلىق دوستۇم بىلەن بىللە كىنو كۆردۈم، بىز كۆرۈۋاتقان كىنودا بىر سەلبىي پېرسوناژ بولۇپ، مەن ئۇنىڭدىن توختىماي قۇسۇر ئىزدەپ ئولتۇردۇم، لېكىن ئامېرىكىلىق دوستۇم كىنودىكى سەلبىي پېرسوناژغا قاراپ «ئاۋۇ پېرسوناژنىڭ چاچ پاسونى نېمىدىگەن چىرايلىق، مەنمۇ چېچىمنى ئۇنىڭغا ئوخشاش ياساتسام بولغىدەك» دېدى. بۇ گەرچە ئاددىي سۆز بولسىمۇ، ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ئۇ دوستۇم جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق بىر ئەسكى ئادەمنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرىدىكەن، لېكىن مەن ئەكسىچە، ھەرقانداق ئادەمنىڭ كەمچىلىكىنىلا كۆرىدىكەنمەن. مەن شۇنىڭدىن كېيىن ئادەملەرنى كۆرگەندە ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بەكرەك كۆرۈپ، شۇلاردىن ئۈلگە ئالىدىغان بولدۇم. مەسلەن كوچىلاردا ئاياق مايلاۋاتقانلارنى كۆرسەممۇ، ئۇلارغا قاراپ «مەن ئاياقنى ئۇلارغا ئوخشاش سۈپەتلىك مايلىيالمايمەن، شۇڭا ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىم كېرەك» دەپ ئويلىدىم. يەنە بىر كۈنى بىر ئامېرىكىلىق دوستۇم بىلەن نىيۇيوركنىڭ مانخاتتۇن شەھىرىدە كېتىپ باراتتىم، تۇيۇقسىز يېنىمىزدىن بىر ئېسىل مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئۆتۈپ كەتتى. مەن بۇ ئاپتوموبىلنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا دوستۇمغا: «ئاۋۇ ئاپتوموبىلغا قارىغىنە، نېمىدىگەن ئېسىل، كۆزۈم چۈشۈۋاتىدۇ» دېدىم، بۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ئۇ ماڭا: «بىزنىڭ ئەتە مۇئەللىمگە تاپشۇرىدىغان تاپشۇرۇقىمىز بار، شۇڭا تاپشۇرۇقنى ئىشلىۋېتىلى، باشقا ئىشلار بىلەن كارىمىز بولمىسۇن» دېدى ۋە ئارقىدىنلا ئۇدۇل كىتابخانىغا كىرىپ، جىمجىت ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇقىنى ئىشلىدى، بىراق مەن يەنىلا ئاپتوموبىلنى تەھلىل قىلىپ، شۇنىڭ كويىدا بولۇپ كەتتىم. ھازىر ئۇ دوستۇم ئامېرىكىدىكى ئالما شىركىتىدە يىللىقى 120 مىڭ دوللارلىق خىزمەت تېپىپ ئىشلەۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا دىققەتنى ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. يەنە بىرى، ئادەم بەختلىك ياشاي دېسە، ئۆزىنى باشقىلارغا قارىغۇلارچە سېلىشتۇرماسلىقى لازىم ئىكەن. مەسلەن، ئامېرىكىدا بەدەن ئېغىرلىقى ئىككى – ئۈچ يۈز كىلوگىرام كېلىدىغان كىشىلەر ئۆزىنى سېمىز دەپ كەمسىتمەستىن، موتۇرلۇق مۇسابىقىسى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ نەتىجە ئالىدىكەن. بىراق بىز دىيارىمىزدا ئازىراقلا سەمىرىپ كەتسەك، ئۆزىمىزنى بەك كەمسىتىپ كېتىدىكەنمىز. بېل گەيتىس: «باشقىلار بىلەن ئۆزۈڭنى سېلىشتۇرما، ئۆزۈڭنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا باشلىغىنىڭدا ئۆزۈڭنىڭ قەدىرىنى ئۆزۈڭ قىلمىغان بولىسەن» دېگەن، شۇڭا ئۆزىمىزنى باشقىلارغا قارىغۇلارچە سېلىشتۇرمايلى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ V! t) k/ m8 k1 T5 q4 N! V' W. o
     ئابدۇلخەبىر بۇ يىل 22 - فېۋرال نيۇيورك شەھىرىنىڭ بىندۇم مەدەنىيەت بايرىمىدا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، تەنتەربىيەسى، مۇزىكىسى ۋە ئىقتىساد تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئۇ كەلگەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىپ بەردى، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى بولغان مۇقامنى ئاڭلاتتى، «FOX NEWS» نىڭ مۇخبىرلىرى ئابدۇلخەبىرنى ئالاھىدە زىيارەت قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرغا: «ئەگەر ھەربىر ئۇيغۇر ياش بىر مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرسا، بۇ ئۆز مىللىتىگە زور تۆھپە قوشقانلىق بولىدۇ» دېدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 A" I' G) v- C. e1 p% A$ Y

mmexport1411873903586.jpg

     ـــ مەن بىزنىڭ مەكتەپتە بىردىنبىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدىم، مەن دەسلەپتە ئۇلارغا مىللتىمىنى چۈشەندۈرسەم ئۇلار چۈشەنمىدى، مەن ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا، ھەر بىر سۆزۈم، ھەربىر ھەرىكىتىم ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلاتتى، چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇردىن پەقەت مېنىلا كۆرگەنىدى، ئەگەر مەن ئىش - ھەرىكەتتە كەتكۈزۈپ قويسام، چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىگە داغ يەتكۈزەتتىم. بىراق مەن ئۇنداق بولۇشىنى خالىمايتتىم، شۇڭا مەن تىرىشىپ ئوقۇدۇم، تۈرلۈك تەنتەربىيە، مەدەنىيەت - سەنئەت پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتىم، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىمۇ، ھەربىر پەندىكى نەتىجەم 95 نومۇردىن يۇقىرى چىقتى. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە مۇكاپات ئېلىپ ئوقۇغاچقا، مۇئەللىملىرىم ماڭا ئامراق ئىدى، شۇڭا ئۆزۈم ئوقۇغان ئالىي مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىندىم، ـــ دېدى ئۇ ئۆزىنىڭ ئاسپىرانتىلىققا قوبۇل قىلىغان چاغدىكى ھاياجىنى توغرىسىدا توختىلىپ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- L  t, e* b9 p7 a. r! ]: j     ئابدۇلخەبىر مۇھەممەد ئاسپىرانتلىقنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەندە، ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە، ئەرەبچە، تۈرۈكچە قاتارلىق تىللارغا پىششىق، بىر كۆپ تىللىق ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلانغانىدى. ئۇ شۇ چاغدا ئامېرىكىدا قېلىپ قالسىمۇ بولاتتى، بىراق ئۇنىڭ يۈرىكى يەنىلا ئۆز ئانا ۋەتىگە سوقتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 G& O! \7 q1 ]9 {" D     ـــ مەن ئامېرىكىدا ھەرقانچە كۆپ نەتىجە قازىنىپ كەتسەممۇ، ۋەتىنىمگە قايتىپ كەلمەي تۇرۇپ، ۋەتەندىكىلەرگە تۆھبە قوشالمايمەن. شۇڭا مەن گەرچە ئامېرىكىدا يىللىقىمغا 110 مىڭ دوللارلىق مائاش بىلەن ئامېرىكا فورد ئاپتوموبىل شىركىتىگە قوبۇل قىلىغان بولساممۇ، يەنىلا ۋەتەنگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم ھەمدە بېيجىڭغا كېلىپ، ۋەتەندىكىلەرنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مائارىپ تەربىيەلەش شىركىتى قۇردۇم. ھازىر شىركىتىمدە بەش ئۇيغۇر، 15 خەنزۇ خىزمەتچى ئىشلەيدۇ، مەن بۇ ئارقىلىق بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بېيجىڭدا قېلىپ خىزمەت تېپىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلدىم. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگىسى بولۇپ باھالاندىم.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, N: ^7 E% \0 t: i" a  C

mmexport1411873964697.jpg

    مۇخبىرنىڭ «سىز كەلپىن ناھىيەسىدە قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن بىرلىشىپ، راۋا مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنى قورۇپسىز، سىز نېمە سەۋەبتىن بۇنى قۇردىڭىز؟» دېگەن سوئالىغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' W# I5 e% J; Z; m
     ـــ بىرەيلەننىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتسە ئۇنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ قويساق، ئۇنىڭ كېيىن يەنە قورسىقى ئېچىۋېرىدۇ، بىراق ئۇنىڭغا مائارىپ جەھەتتىن ياردەم قىلساق، ئۇ بەلكىم كەلگۈسىدە دۆلەت ۋە مىللەتكە زور تۆھپىلەرنى قوشالىشى مۇمكىن، ھەرقانداق ئادەمنىڭ يوشۇرۇن كۈچى بولىدۇ، بىراق بىز ئۇنى بايقىيالمايمىز، بىز ئۇنىڭغا مائارىپ جەھەتتىن مەبلەغ سېلىپ، ئۇنىڭ ساپاسىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى بايقىۋېلىشىغا ياردەم بېرەلەيمىز. مەن مۇشۇ نۇقتىلارنى ئويلاپ، دەسلەپتە ئائىلەمدىكى قېرىنداشلىرىمنى سەپەرۋەر قىلىپ، «راۋا مائارىپ فوندى» نى قۇردۇم، بۇ ئارقىلىق ئالىي مەكتەپلەردە تولۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلارغا ھەر يىلى ئوقۇش مۇكاپاتى بەردىم، 2014 - يىلى يانۋاردا سەككىز نەپەر كەلپىنلىك سودىگەرنىڭ بىر يەرگە كېلىپ قوشۇلۇشى بىلەن «راۋا مائارىپ فوندى» نى «كەلپىن مائارىپ فوندى» غا ئۆزگەرتتىم، ھەمدە شۇ يىلى 30 نەچچە ئوقۇغۇچىغا 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى تارقىتىپ بەردىم، ھازىر ئۇلار جۇڭگونىڭ ھەرقايسى داڭلىق ئالىي مەكتەپلىرىدە تولۇق كۇرس، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& A3 }- g; F& I) b
    ئابدۇلخەبىر مۇھەممەدنىڭ ھاياتلىق سەرگۈزەشتىسدىن بىز مۇنداق بىر جۈملە ھېكمەتنى خۇلاسىيەلىشىمىز مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ: «تىرىشسىڭىز، سىزمۇ ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.»
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( H) }1 c# u8 T, ?

    بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: k0 E" t- a. |) K/ Y: W
  • mmexport1411017573956.jpg
    بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 o. C& o4 r. G2 P; T
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 D! d4 r' b( b8 f

(بۇ ماقالە شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 2014 – يىللىق 26 – سېنتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان)

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 g$ p5 i( h! V8 b" o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% m2 v/ @! \: M) Y2 Z$ [# X( S1 H

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 C$ a7 x' r2 B' }; p بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-3 11:15 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 v, Z1 R4 E: D$ C3 b: |( P0 m
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- P5 Y& I$ a& N' S* z. Z0 b

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nadanlik + 100 تىرىشسىڭىز، سىزمۇ ئوخ.
quark3140 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96923
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 768 سائەت
تىزىم: 2013-8-12
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 01:35:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرۇمغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98267
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 708
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2013-9-28
ئاخىرقى: 2014-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 01:47:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇلخەبىرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ قازانغان نەتىجىلىرىدىن ھەقىقەتەن سۆيۈندۈم، ئۇ بىزنىڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزۇگىدەك ياشلىرىمىزنىڭ بىرى ئىكەن. ئىمكان بولسا تورداشلارنىڭ بۇ ماقالىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشىنى ۋە دوستلىرىغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، رەھمەت.

باشقىلارغا تەبە

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7408
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7373 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 02:04:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تىرىشچان يىگىت ئىكەن. تىرىشىپ ئىلگىرلەيدىغان روھ بولسا بىزمۇ مۇشۇنداق نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.باشقىلارنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنىلا كۆرمەي ،ئۇلارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىگىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇڭ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4396
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20121
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 03:16:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ئەسقەرجان ئاكا. مۇشۇنداق نادېر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يوللاپ تۇرغايسىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئۆتمۈشتىن زارلانماڭ، ئەتىڭىز ت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48837
يازما سانى: 1386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7827
تۆھپە نۇمۇرى: 1183
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2011-7-23
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 04:30:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاۋۇ نۇرئەلىجانغا بەك قايىل ئىدىم.....بۇ ئىككىسى بىر بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك ئىكەن.

ئۆزەڭنى خان بىلسەڭ ، باشقىلارنى تاج بىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 473
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1574
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 05:08:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىتلەر مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى. غايىلىرىڭىز تولۇق ئەمەلگە ئاشسۇن يىگىت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31385
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3063 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 05:09:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىرىشچان يىگىت ئىكەن. تىرىشىپ ئىلگىرلەيدىغان روھ بولسا بىزمۇ مۇشۇنداق نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4194
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1259 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2014-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 05:12:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇخەبىرنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىشتىن ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشقىچە بولغان ئىدىيەدىكى ئۆزگىرىشىنى بىز كۆپىرەك ئۆگىنىشىمىز زۆرۈر.كۆپ تىللىق بولسا ياخشى.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگە ئادەمنىڭ ئىللىتى خىسلەت بىلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خىسلىتى ئىللەت بىلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105999
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 667
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2014-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 05:44:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن، ئايىغىدىن گۈللەر ئۈنسۇن!!!..............

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش