قاراقاش خەلق قوشاقلىرى
قاراقاش ناھىيىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
قاراقاشناھىيىسى-قاراقاش دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقا بولۇپ ، جەنۇبتىن شىمالغا319.5 كىلومېتىر ، غەربتىن-شەرققە 112.5-45 كىلومېتىر دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 6 يۈزمىڭ موغا يېقىن تېرىلغۇ كۆلىمىگە ئىگە بولغان بۇ تەكتى زېمىن تۇتاش كەتكەنباغۇ بوستانلىقلاردۇر . قاراقاشنىڭ بۇ يىلقى نوپۇسى 340 مىڭ بولۇپ ، ئۇيغۇرلار 96پىرسەنىتنى ئىگىلەيدۇ .
قاراقاشدەرياسىدىن غەربكە ، غەربىي شىمالغا ۋە شىمال تەرەپكە بۆلۈنۈپ ئاقىدىغان زاۋا ،كۇيا ، ماكۇي ۋە بەھرام سۈيىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئۆستەڭ 16 يېزا ، 360 كەنىتتە1716 مەھەللە ۋە ھەربىيلەرر بوز ئۆزلەشتۈرۈش 47-تۇەن مەيدانىنىڭ چەكسىزئېكىنزارلىقلىرىغا ، باغ ۋە ئورمان بەلباغلىرىغا تەبىئىي ھايات بېغىشلايدىغان قانتومۇردۇر .
قاراقاش-پىلە-ئۈجمىچىلىك، پاختىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق ناھىيىسى بولغاندىنتاشقىرى ، بۇغداي ، قوناق ، گۈرۈچ قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى ۋە ئۆرۈك ، شاپتۇل، ياڭاق ، ئۈزۈم ، ئالما ، ئانار قاتارلىق ھەر خىل مېۋىلەر كۆپ چىقىدۇ .
قاراقاشناھىيىسىنىڭ خەرىتىسىگە قارىسىڭىز ، سول قانىتىنى چىڭ يىغىپ ، ئوڭ قانىتىنى كەڭ يېيىپتۇرغان كەپتەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرىسىز ، بۇ كەپتەرنىڭ بېشى كوئىنلۇن تاغتىزمىلىرىنىڭ ئىچىگە ئۆسۈپ كىرگەن تاغلىق كەنىتلەرنى سۈرەتلىسە ، ئوڭ قانىتى ۋەقۇيرۇقى تەكلىماكان قۇملۇقلىرى بىلەن گىرەلەشكەن بىپايان ئېكىنزارلىقلارنىئوبرازلاشتۇرىدۇ .
قاراقاشناھىيىسى جەنۇب تەرەپتە تاغ ۋە سايلىقلار ئارقىلىق گۇما ناھىيىسى بىلەن ، شەرقتەرەپتە دەريا ئارقىلىق خوتەن ناھىيىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ . شىمال ۋە غەرب تەرەپلىرىتەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن گىرەلىشىدۇ . قاراقاش ناھىيىسىدە 2000 يىلدىن ئارتۇقتارىخقا ئىگە « بەلقۇم قەدىمكى شەھەر خارابە ئىزى » ، « شاخلىق فېئوداللىق قورۇسى» ، « 500 يىللىق چىنار دەرىخى » قاتارلىق ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ، ۋىلايەتدەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرى بولۇپ ، قاراقاش زېمىنىدائادەم ياشاۋاتقىنىغا 2000 يىلدىن ئاشقانلىقىدىن ئىبارەت تارىخي پاكىتنى تېخىمۇيورۇتۇپ بېرىدۇ .
ئەمگەكچان، ناخشا خۇمار قاراقاش خەلقى ئۇزۇن تارىخىي جەرياندىن بۇيان ، ئۆزلىرىنىڭ جاپالىقئەمگىكى ، پېشانە تەرلىرى بىلەن يۇرتىنى گۈللەندۈرۈپ ، نۇرغۇن ماددىي بايلىقيارىتىپلا قالماستىن ، قول ھۈنەر سەنئىتى ، بىناكارلىق سەنئىتى ، ناخشا-ئۇسسۇل ،مۇقام ، داستان ، قوشاق ، چۆچەك ، ، لەتىپە ، ماقال-تەمسىللەر قاتارلىق نۇرغۇنمەنىۋى بايلىق ياراتقان .
قاراقاشخەلقى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا داڭقى كەتكەن مەشھۇر مۇقام ئۇستىسى ، مەشھۇرمەشقاۋۇل دارۋاز ھاشىم ھاجى ( 1868-1952) ، مەملىكەتلىك مۇزىكانىتلار جەمئىيىتىنىڭئەزاسى ، داڭلىق ئەلنەغمىچى شاھمۇھەممەت ( 1916ــــــ) ، بىر ئۆمۈر خەلقناخشىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ساز چېلىش ئىشقىدا بىر ئۆمۈر يەككە-يېگانە ئۆتكەنداڭدار تەمبۇرچى ئايىمخان ھاجى ( 1897-1965 ) ، ئەما خەلق داستانچىسى ، ئەلنەغمىچىئابلىمىت قارى (1939ـــــ ) كەبى سەنئەتكارلىرى بىلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقتۇر .قاراقاش خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئەدەبىيات-سەنئەت شەيدالىرىنىڭۋارسلىق قىلىشى ، قايتا ئىجاد قىلىشى ئارقىلىق پىششىقلىنىپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپكەلدى .
شۇڭابىز بۇ توپلامنىڭ نەشىر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاشۇ پېشقەدەمئەلنەغمىچىلىرىمىزگە كەڭ كىتابخانلارغا ۋاكالىتەن رەھمەت ئوقۇيمىز .
جۈملىدىنيوقىلىپ ، تۈگەپ كېتىشكە يۈزلەنگەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى قېزىش ، رەتلەپ نەشىرقىلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەرگەن جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭمېھىر-شەپقىتىگە بارىكاللا ۋە مەدھىيە ئېيتىمىز .
ــــتەھرىر ھەيئىتى
« قاراقاش خەلق قوشاقلىرى توغرىسىدا »
ئۇيغۇرخەلق قوشاقلىرى –ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى ئىجاد قىلغان ئۇيغۇر خەلق ئېغىزئەدەبىياتىنىڭ نەزىم ژانېرىدۇر .
ئۇيغۇرخەلق قوشاقلىرى مەزمۇنى كەڭ ۋە چوڭقۇر پىششىق شېئىرىي خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە . شەكلىخىلمۇ-خىل ، مىللى پۇرىقى قويۇق ، تۇرمۇشقا يېقىن ، بەدىئىي ۋاستىلىرى گۈزەل ،تىلى راۋان ، جانلىق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئەجداتلىرىمىزدىن بىزگەمىراس بولۇپ قالغان بىباھا مەنىۋى گۆھەر .
ئۇيغۇرخەلق قوشاقلىرى – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ،سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مەنىۋى ھاياتىنىڭ بەدىئىي ئىپادىلىنىشى ، ئۇيغۇر خەلقىبېسىپ ئۆتكەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق تارىخىي جەرياننىڭ بەدىئىي خاتىرىسى . « قاراقاش خەلققوشاقلىرى » ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ بىر تەركىبى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇيغۇرخەلق قوشاقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئورتاقلىقىدىن باشقا ، يەرلىك شېۋىسىئارقىلىق پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يەرلىك رەڭگىدىن ئىبارەت خاسلىققىمۇ ئىگە . بۇ كۆزقارىشىمىزغا :
«ئۆستەڭ بويىدا كاتۇ ،①
ياش باللا دۇتا چاتۇ ② .
سىڭلىسىنى ئالاي دېسەم ،
ئاچىسى تاپان چاتۇ »
قاتارلىقكۇبلىتلارنى ئاساس قىلىمىز .
«قاراقاش خەلق قوشاقلىرى » دا 23 تۈرگە بۆلۈنگەن ، 1000 كۇبلىتتىن ئارتۇق قوشاق بار، تۆۋەندە بۇ قوشاقلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە مەزمۇنلىرىدىن بىر قىسمىنىتونۇشتۇرىمىز .
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
① كارۋات ، ② چالىدۇ .
1. ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى –ئىنسانىيەتئەزەلدىن شۇغۇللىنىپ كەلگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ تۈگۈنى ، بۇ پائالىيەتئارقىلىق ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ، كىيىم-كېچەك ، تۇرالغۇ-ماكانئېھتىياجىنى ھەل قىلىپ ، بۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ مەنىۋى ئەمگەك ، مەنىۋى تۇرمۇشپائالىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى .
« قاراقاشخەلق قوشاقلىرى » :
« ئاش لازىم جىمى ئەلگە ،
ئوغۇت لازىم تېرىم يەرگە .
ھوسۇل تاغدىن ئاشىدۇ ،
چۆمۈلسەڭ قارا تەرگە » .
دېگەنگە ئوخشاش كۇبلىتلىرى ئارقىلىق قاراقاشخەلقىنىڭ تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى پائالىيىتىنى چىنلىق بىلەنئىپادىلىدى ۋە قىزغىن مەدھىيلىدى .
ئېغىر ، مۇشەققەتلىك قول ئەمگىكى ئارقىلىقتېرىقچىلىق قىلىش ئۆتمۈشكە مەنسۇپ بولۇپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە ، يېزىلاردا ئىلغارئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بولغان دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكىسى ۋە ئىلمىي ئۇسۇلداتېرىقچىلىق قىلىش ئومۇملىشىۋاتقانلىقىنى « قاراقاش خەلق قوشاقلىرى » تېزسېزىمچانلىقى بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ ، قىزغىن ھېسسىياتى بىلەن مەدھىيلىدى ، بۇنۇقتىئىنەزىرىمىزگە :
« سۈيى چىقار ئۇلغۇيۇپ
كولاپ تۇرسا قۇدۇقنى .
ئالاي دېسەڭ مول-ھوسۇل ،
يېڭىلاپ تۇر ئۇرۇقنى ...»
دېگەنگە ئوخشاش كۇبلىتلارنى گۇۋاھ قىلىمىز .
2.قاراقاشنىڭ ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى تارىخى –ئەكسىيەتچىھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ قاراقاش خەلقىنى سىياسىي جەھەتتىن بوزەك قىلغان ، ئىقتىسادىيجەھەتتىن تالان-تاراج قىلغان ، روھىي جەھەتتىن كەمسىتكەن ، شۇنىڭدەك قاراقاشئەمگەكچى خەلقى بۇ سىنىپىي تەڭسىزلىككە قارشى ئۈزۈلدۈرمەي قارشىلىق كۆرسەتكەن تارىخ .
بۇ تارىخ « قاراقاش خەلق قوشاقلىرى » دا :
«ئالۋاڭ-سېلىق بەرمەيدۇ ،
بەگلەر ، يۈزى يوغانلار .
بىر كۈن قوغا چۈشەرسەن ،
بىزنى قىيناپ ئۇرغانلار ...»
دېگەنگە ئوخشاش كۇبلىتلار ئارقىلىق ئىپادىلەنسە ،
« ئايۋان-ساراي كىمنىڭكى ،
پومېشچىكنىڭ –باينىڭكى .
ئوبدان ساقلاڭ پومېشچىك ،
لازىم چاغدا بىزنىڭكى ...»
قاتارلىق كۇبلىتلاردا ئازادلىق ھارپىسىدا شەرقتىنكۆرۈنگەن تاڭ شولىسىغا قاراپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئازادلىققا چىقىدىغانلىقىغا ،ئەزگۈچىلەردىن ھېساب ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ .
3.پارتىيىمىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە ئازاتلىقتىنكېيىن ، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزى كومىتىت 3-ئومۇمى يىغىندىن كېيىن قاراقاشخەلقىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. بۇ رېئاللىق :
« زەپ ياراشتى يوللارغا ،
ئۈزۈم ، ياڭاق ، ئۈجمىلەر .
ھەر ساھەدە ئىسلاھات ،
بەردى نۇرغۇن مېۋىلەر .
كەچقۇرۇنلۇق ئاڭلىشىمىز ،
گۈزەل ناخشا-ساز بولدى .
تۇرمۇشىمىز-ئۆمرىمىز ،
مەڭگۈ باھار-ياز بولدى » ...
قاتارلىق كۇبلىتلاردا ئەكىس ئەتتى ۋە چىنلىق بىلەن مەدھىيلەندى.
قاراقاش خەلقى سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتمىدى .بەخت-سائادەتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەندە ، نىجادچىمىز جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىنى :
« خۇدايىم ئۇزۇن قىلسۇن ،
بارچە ئەلنىڭ ئۆمرىنى .
كۈيلەپ تۈگىتەلمەيمىز ،
پارتىيىنىڭ مېھرىنى .»
دەپ سەمىيمى ھېسسىياتى بىلەن مەدھىيلىدى .
4. « قاراقاش خەلق قوشاقلىرى » دا كۆپ سالماقنى ئىگىلەپ تۇرغانمۇھەببەت قوشاقلىرى ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە ئامراقلىقىنى ، بىر-بىرىگەساداقەتمەنلىكىنى ، بىر-بىرىنى سېغىنىشى قاتارلىق ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ .
« يارىم كېتىمەن دېدى ،
كۆز يېشىم تارام بولدى .
بىر قېتىم سۆيۈپ قويدى ،
بىر يىللىق ئارام بولدى .
گۈل قىسىپسەن چېكەڭگە ،
زوقۇم بىلەن قارىدىم .
تال چىۋىقتەك بويۇڭنى ،
باغدا تۇرۇپ مارىدىم .
بېغىمدىكى ئېتىزغا ،
نەشپۈت كۆچىتى سالدىم .
سېغىنغان شۇ يارىمدىن ،
تۆنۈگۈن كەچ خەت ئالدىم ...»
قاتارلىق كۇبلىتلار يۇقىرىدىكى تەھلىللىرىمىزنىڭ دەلىلىدۇر .
« قاراقاش خەلق قوشاقلىرى » دا كونا جەمئىيەتتەقىز-يىگىتلەرنىڭ نىكاھلىنىش ئەركىنلىكىنى بوغۇپ تۇرغان مۇتەئەسسىپلىككەنارازىلىق-قارشىلىق ئىپادىلەنگەن :
« ئۆگزىدىن ئېگىز چەللە ،
تەلپەكتىن ئېگىز سەللە .
قىزى بىلەن خۇۋالاشسام ،
بەرمىدى قېرى دەللە »
دېگەنگە ئوخشاش كۇبلىتلارمۇ بار .
5.گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ تۆمۈر تىرنىقى ئاستىدا خورلانغانقاراقاش خەلقى :
« بۇ ئامبالنىڭ غىزاسىغا نېمە كېرەككىن قېنى،
مۇشۇ تۇرغان خالايىق ئاڭلاش لازىم ئۇنى .
پاشىنىڭ پاتىڭى ، ئۆمۈچۈكنىڭ مېڭىسى ،
ئاق قۇمچاقنىڭ ياتىسى ، قارا قۇمچاقنىڭ چاۋىسى ،
قارا ئىتنىڭ قېنى ، سېرىق ئىتنىڭ سېنى ،
ئالتە بوغاز قۇمچاق ، يەتتە سۇۋاي قۇمچاق ،
بۇلارنى پىشۇرۇشقا لازىم بولىدۇ .
سەكسەن سەككىز ھارۋا قۇرۇق چومچاق »...
دېگەنگە ئوخشاش ھەجۋى مىسرالىرى ئارقىلىق نەپسى يامان گومىنداڭئەمەلدارلىرىنى ( جۈملىدىن ئامباللارنى ) ئاچچىق كۈلكە بىلەن مەسخىرە قىلىپ ،ئۆزلىرىنىڭ قارشىلىق –غەزىپىنى ئىپادىلىدى .
قىمارۋازلىق ، نەشىكەشلىك ، تاماخورلۇق ، ھورۇنلۇق قاتارلىقيامان ئىللەتلەر يۇقۇملۇق مەنىۋى كىسەللىك زىيانكەشلىكى بىلەن مىللىتىمىزنى قۇدرەتتاپقۇزۇشقا ئەزەلدىن چوڭ توسالغۇ بولۇپ كەلدى . « قاراقاش خەلق قوشاقلىرى » دا :
«مەدەت تىلەر چىلىدىمدىن دىۋانە بەڭگى ،
كەندىر ئوتى يېقىلسا پەرۋانە بەڭگى .
خۇمارى تۇتقاندا قوزغايدۇ جىدەل ،
سەپرا مىجەز ، سوقۇشقاق ، ۋەيرانە بەڭگى .
چىلىمنى شورىسا كۆڭلى خۇشالدۇر ،
مەسىتلىكتە بىر سائەت مەردانە بەڭگى .
قىمارۋازنىڭ ئاجايىپ ئىشلىرى باردۇر ،
ياقىسىدا كالتە قۇيرۇق پىتلىرى باردۇر .
ئۇتسام دەپ خام خىيال قىلىدۇ دائىم ،
ھويلىسىدا ئالا بويۇق ئىتلىرى باردۇر .
ئوغرى-قىمارۋاز ، بەڭگى-قەلەندەر ،
گاھى پادىشدھقا دورى كەلگەندە ،
گاھى دىۋانە دەردۇ ئەلەمدە ،
بىر كۈن ئۇ يەردە ، بىر كۈن بۇ يەردە ...»
دېگەنگە ئوخشاش كۇبلىتلىرى بىلەن بۇ كېسەللىككە ئاچچىق كۈلكەياغدۇردى .
كىشىلەرنى بۇ كېسەللىكنى يۇقتۇرۇۋالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى .
يۇقىرىقىدىكىلەردىن « قاراقاش خەلق قوشاقلىرى » نىڭ قاراقاش خەلقىنىڭئارزۇ ئارمانلىرىغا ،شادلىق ۋە قايغۇسىغا ، مۇھەببەت ۋە نەپرىتىگە ، قىزىقىش ۋەيىرگىنىشىگە ۋەكىللىك قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز .
« قاراقاش خەلق قوشاقلىرى »نىڭ نەشىر قىلىنىشى –خەلقىمىزنىڭ ئىشتىنسىرىتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ،بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەتقۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتە مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە .
« قاراقاش خەلق قوشاقلىرى » بارغانسېرى تولۇقلىنىدۇ ، بېيىيدۇ، مەڭگۈ خەلق بىلەن بىللە ياشايدۇ .
مۇندەرىجە
4100 ئەمگەك قوشاقلىرى........................................................................... 1
4202 سىنىپىي تەڭسىزلىك توغرىسىدا............................................................ 6
4203 سىنىپىي كۈرەش قوشاقلىرى................................................................. 8
4204 مەدھىيە قوشاقلىرى........................................................................... 11 4301 جۇدالىق قوشاقلىرى ............................................................................ 16
4302 مەۋسۇم قوشاقلىرى........................................................................... 20
4401 سۈرۈشتۈرۈش تۈرلىرى........................................................................ 23
4402 مەدھىيە تۈرلىرى.............................................................................. 40
4403 سېغىنىش قوشاقلىرى....................................................................... 52
4403 سالام .......................................................................................... 56
4404 ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈش قوشاقلىرى....................................................... 73
4406 ئايرىلىش قوشاقلىرى........................................................................ 113
4407 باشقا تۈردىكى قوشاقلار..................................................................... 122
4500 تۇرمۇش قوشاقلىرى.......................................................................... 135
4501 ئىجتىمائىي مۇئامىلە قوشاقلىرى ........................................................... 160
4503 تۇل خوتۇنلارنىڭ ھەسرەتلىك قوشاقلىرى............................................... 165
4504 بويتاق يىگىتلەرنىڭ ئارزۇلىرى............................................................ 167
4508 باشقىلار........................................................................................ 168
4700 بالىلار ئويۇنى قوشاقلىرى.................................................................. 201
4800 ئەبجەش قوشاقلار .......................................................................... 212
4100 ئەمگەكقوشاقلىرى
چوڭقۇر چاپتۇق ئۆستەڭنى ،
سۇلار كەلدى ئېرىققا .
بىز باشلىدۇق سۇلارنى ،
بۇغداي ، قوناق ، تېرىققا .
ئاش لازىم جىمى ئەلگە ،
ئوغۇت لازىم تېرىم يەرگە .
ھوسۇل تاغدىن ئاشىدۇ ،
چۆمۈلسەڭ قارا تەرگە .
ئەمگەك –ئەجرىمىز بىلەن ،
باغ بولدى قاقاس چۆللەر .
يېزىمىزنىڭ ھۆسنىگە ،
ياراشتى چىمەن گۈللەر .
بەخت گۈلى ئېچىلدى ،
تەرىمىزدىن چۆللەردە .
سايە سالدى سۆگەتلەر ،
يول بويىغا-كۆللەرگە .
بۇغداي –قوناق بەك بولدى ،
يەپ بولۇشنىڭ ئورنى يوق .
ئاشتى ھەر يىل مەھسۇلات ،
كۆڭۈل خۇشال ، قورساق توق .
يېزىمىزنىڭ تەرىپى ،
بۈگۈن ئۆلكىگە كەتتى .
جاپا چەككەن دېھقانلار ،
مۇراد-ئارزۇسىغا يەتتى .
سىياسەتتىن تايمايمىز ،
ئىش-ئەمگەكتە قاينايمىز .
مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشتا ،
باشقىلاردىن قالمايمىز .
يېزىمىزدا كەڭ كەتكەن ،
سالا ئېتىز بەك تولا .
كۆپ ئىشلىسەك ئاشلىقنىڭ ،
مەھسۇلاتى كۆپ بۇلار .
چۆلدە گۈلباغ ياسىدۇق ،
قىزىلگۈللەر ئېچىلدى .
ئۇنىڭ خۇشبۇي پۇرىقى ،
ھەر تەرەپكە چېچىلدى .
تەبىئەتنى گۈللەتتى ،
ھالال مېھنەت تەرىمىز .
ئەمگەك بىلەن بەختىيار ،
خۇشال ئۆتەر ئۆمرىمىز .
( سايباغ يېزا تاملىق كەنتىدىن 41 ياشلىق دېھقان روزىنىيازئېيتىپ بەرگەن . سايباغ يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىدىن مەمتىمىن قاسىم توپلاپرەتلىگەن ) .
گۈزەل باغلار ياسىدۇق ،
بۇلبۇل قانات قاقسۇن دەپ .
ئۆستەڭلەرگە تاش تىزدۇق ،
سۇلار راۋان ئاقسۇن دەپ .
يېڭى ئۆستەڭ ياسىدۇق ،
قاتار-قاتار تاش تىزىپ .
تۇرمۇشىمىز ھۆر بولدى ،
مەھسۇلاتنى كۆپ ئېلىپ .
قونداقتىكى ئاق خوراز ،
چىللاپ كېتەر سەھەردە .
يېزىمىزنىڭ ياشلىرى ،
باشلامچىدۇر سەپەردە .
بۈگۈن كۈنگە پەيشەنبە ،
ئونبەش كۈنلۈك ئاي بولدى .
راس ئىشلىگەچ دېھقانلار ،
تۇرمۇشى ھۆر –باي بولدى .
سۈيى چىقار ئۇلغۇيۇپ ،
كولاپ تۇرسا قۇدۇقنى .
ئالاي دېسەڭ مول-ھوسۇل،
يېڭىلاپ تۇر ئۇرۇقنى .
مۇز داۋاننىڭ يوللىرى ،
بىرى ئېگىز ، بىرى پەس .
ئىشلەيدىغان چاغ كەلدى ،
ئىشلىمىسەك باسار نەس .
كاككۇك بولمىسا زەينەپ ،
سايرايدىكەن ئارماندا .
ئالتۇن باشاق بۇغدايلار ،
تاغدەك بولدى خاماندا .
يۇرتنىڭ ئېتى قاراقاش ،
پەرزەنىتلىرى ئىشچان ياش .
يەرەە تۆكسەك ھالال تەر ،
بىزگە بېرەر ئالتۇن ئاش .
(توخۇلا يېزا بازار بويى كەنتىدىن دېھقان مەھەممەت پىلەڭئېيتىپ بەرگەن . قاراقاش بازارلىق پارتكوم تەشۋىقات كادىرى غۇجابدۇللا مەمتىمىنتوپلاپ رەتلىگەن ) .
مەشھۇر ئەلنەغمىچى مەھەممەت ئاخۇن پىلەڭ 1930-يىلى توخۇلايېزىسىنىڭ قارىتام كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1949-يىلىغىچە دىنى ۋەپەننىي مەكتەپلەردە باشلانغۇچ سەۋىيىلىك بىلىم ئۆگەنگەن . 12 يېشىدىن باشلاپ قويچىراۋابى ( ئىككى تارىلىق ) چېلىشقا قىزىقىپ ، دەسلەپتە ، « ئاڭلا مەشۇقۇم » دېگەنخەلق قوشىقىنى چېلىپ ، ئوقۇشنى ئۆگەنگەن . كېيىنچە ، شۇ يۇرتتىكى داڭلىق راۋابچىرېخىم ئاخۇننىڭ يېتەكلىشى بىلەن نۇرغۇن خەلق قوشاقلىرىنى ۋە « زىۋىدىخان » ، «ئابدىراخمانخان » قاتارلىق خەلق داستانلىرىنى ئوقۇپ –چېلىشنىئۆگەنگەن . ئۇ بىزنىڭ « قاراقاش خەلق قوشاقلىرى » نى تۈزۈشىمىز ئۈچۈن ئاز بولمىغانخەلق قوشاقلىرىنى تەقدىم قىلدى .
4202 سىنىپىي تەڭسىزلىك توغرىسىدا
مۈشۈك كاما مارايدۇ ،
ئۇنىڭ قەستى چاشقاندا .
نەچچە نۆۋەت ئاچ قالدۇق ،
گومىنداڭدىن قاچقاندا .
ئۇجات① بىلەن تۇزاقچى ،②
ئىششىقلا ③ بىلەن باشاقچى .④
يايى دېگەن يالاقچى ،
بوجاڭ دېگەن پوداقچى .
پىيالما ⑤ بىلەن زاڭگۇي ⑥
يولىدا چۆل ئارىلاش .
زەپمۇ قىينىغان بىزنى ،
جاڭكەيشى تاز پاينەكباش .
ئاق چەينەككە چاي سالدۇق ،
كۆك چەينەككە چاي نەدە .
كومپارتىيە ۋاقىتىدا ،
گومىنداڭغا جاي نەدە ؟
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
①②③④⑤⑥ يۇرت ناملىرى
ئالۋاڭ –سېلىق بەرمىدى ،
بەگلەر ، يۈزى يوغانلار .
بىر كۈن قولغا چۈشەرسەن ،
بىزنى قىيناپ ئۇرغانلار .
قەغەز دېگەن نېپىزكەن ،
بىكار تۇرسا تېشىلمەس .
شىكايەتلىك ئەرزىمنى ،
ئېيىتمىغىچە يېشىلمەس .
( رامۇك موللام قوشاقلىرىدىن ، تەھرىر بۆلۈمىمىز رەتلىگەن )
4203 سىنىپىى كۈرەش قوشاقلىرى
لازىم چاغدا بىزنىڭكى
( يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدىكى دېھقانلار قوشاقلىرى )
ئايۋان ساراي كىمنىڭكى ،
پومېشچىكنىڭ ئۆزىنىڭكى .
ئوبدان ساقلاڭ پومېشچىك ،
لازىم چاغدا بىزنىڭكى .
چىمەن دوپپا كىمنىڭكى ،
پومېشچىكنىڭ قىزىنىڭكى .
ئوبدان ساقلاڭ پومېشچىك ،
كىيەر چاغدا بىزنىڭكى .
يوغان كەتمەن كىمنىڭكى ،
پومېشچىكنىڭ ئۆزىنىڭكى .
چاپالمايدۇ پومېشچىك ،
چاپار چاغدا بىزنىڭكى .
تاۋار يوتقان كىمنىڭكى ،
پومېشچىكنىڭ ئۆزىنىڭكى .
يېپىنالمايدۇ پومېشچىك ،
يېپىنار چاغدا بىزنىڭكى .
قارا بوز ئات كىمنىڭكى ،
پومېشچىكنىڭ ئۆزىنىڭكى .
مىنەلمەيدۇ پومېشچىك ،
مىنەر چاغدا بىزنىڭكى .
بىنام يەرلەر كىمنىڭكى ،
پومېشچىكنىڭ ئۆزىنىڭكى .
تېرىيالمايدۇ پومېشچىك ،
تېرىش ۋاقتىدا بىزنىڭكى .
بۇرۇن ئىدى سىزنىڭكى ،
ئەمدى بولدى بىزنىڭكى .
ھەققى يوق پومېشچىكنىڭ ،
خوتۇنى ھەم قىزىنىڭكى .
(زاۋا يېزا قوقان كەنتىدىن غوجاشىم ئاخۇن ئېيتىپ بەرگەن ،ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن مەمتىمىن ھاشىم رەتلىگەن )
ئاق سارايدا ئاق ساندۇق ،
كۆك سارايدا كۆك ساندۇق .
كومپارتىيە كەلگەندە ،
گومىنداڭنى دۈم سالدۇق .
ئاسمانغا چىقاي ئېگىز ،
بۇلۇتقا سالاي كىگىز .
زالىملارنىڭ كۆكسىگە ،
سانجىيمەن تۆمۈر بىگىز .
( رامۇك موللام قوشاقلىرىدىن ، تەھرىر بۆلۈمىمىز رەتلىگەن )
4204 مەدھىيە قوشاقلىرى
بەختىمىزگە ئامەتلىك ،
يېپيېڭى زامان كەلدى .
دەۋرىمىزنى كۆيلىسەم ،
ئىلھامىم قىيان كەلدى .
بار قوي ، كالا چارۋىمىز ،
ھەممە ئۆيدە ھارۋىمىز .
باي بولۇشنىڭ يولىدا ،
چوڭ قەدەملەپ ماڭىمىز .
ئۆيىمىزگە تۈن كەلمەس ،
سىم چىراغنىڭ نۇرى بار .
ھەر دوقمۇشتا كانايدا ،
بەختىمىزنىڭ كۈيى بار .
كەڭ سىياسەت نۇرىدىن ،
پورەكلىدى گۈلىمىز .
تۇرمۇشىمىز ھۆر بولدى ،
ئۇزارماقتا ئۆمرىمىز .
سول لۇشيەندىن قۇتۇلۇپ ،
ياخشى كۈنگە ئېرىشتۇق .
كونا تاملىق ئۆيلەردىن ،
يېڭى ئۆيگە كۆچۈشتۇق .
كەچقۇرۇنلۇق ئاڭلىشىمىز ،
گۈزەل ناخشا-ساز بولدى .
تۇرمۇشىمىز –ئۆمرىمىز ،
مەڭگۈ باھار-ياز بولدى .
پارتىيىنىڭ سىياسىتى ،
ئادالەتلىك ئورۇنلۇق .
پۇشمان قىلار كۈزلۈكتە ،
كىمكى قىلسا ھورۇنلۇق .
خۇدايىم ئۇزۇن قىلسۇن ،
بارچە ئەلنىڭ ئۆمرىنى .
سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمىز ،
پارتىيىنىڭ مېھرىنى .
سالالىشىپ ئېتىزلار ،
ئېرىق-ئۆستەڭ رەتلەندى .
كەڭ سىياسەت كۈچىدىن ،
سولچىل خاھىش چەكلەندى .
خوپ ياراشتى يوللارغا ،
سۆگەت ، تېرەك ، ئۈجمىلەر .
ھەر ساھەدە ئىسلاھات ،
بەردى نۇرغۇن مېۋىلەر .
ئىسلاھاتنىڭ روھىدىن ،
قۇۋۋەت ئالدى يۈرەكلەر .
ئۇتۇقلاردىن ئېچىلدى ،
رەڭمۇرەڭ گۈل-چېچەكلەر .
ئاۋات بولدى يېزىمىز ،
تۇرمۇشىمىز شاد-خۇرام .
ئىسلاھاتنىڭ نۇرىدا ،
كۆڭلىمىز خۇش دىلئارام .
غەيرىتىمىز جۇش ئۇرۇپ ،
ئەل-يۇرتىمىز ياشنىدى .
ئىسلاھاتنىڭ نۇرىدا ،
ئىقبالىمىز چاقنىدى .
كاۋىلار باراڭ بولدى ،
ئۆي ئالدىدا-چەللىدە .
يېڭى تۇرمۇش باشلىدۇق ،
ئىسلاھاتنىڭ دەۋرىدە .
يېڭى ئۆيگە كۆچمەكتە ،
دېھقانلارنىڭ تولىسى .
نەقىش بىلەن بېزەلدى ،
پېشايۋاننىڭ لەمپىسى .
( ئاقساراي يېزا توقاچلا كەنتىدىن دېھقان ئابلىمىت قارىمئېيتىپ بەرگەن ، تەھرىر بۆلۈمىمىز رەتلىگەن )
ئەما ئەلنەغمىچى ئابلىمىت قارى 1938-يىلى ئاقساراي يېزىسىنىڭتوقاچلا كەنتىدە دىنى ئۆلىما قۇرباننىياز ئاخۇنۇم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .يەتتە يېشىدىن باشلاپ دۇتار چېلىشنى ئۆگەنگەن . ئۇ راۋاب ، ئىسكىرىپكا ، چاڭ ، نەيقاتارلىق چالغۇلارنى ياخشى چالالايدىغانلىقى بىلەن داڭلىق ۋە ھۈرمەتكە سازاۋەردۇر.
ئۇ « قاراقاش خەلق قوشاقلىرى » نى تۈزۈشىمىزگە نۇرغۇنقوشاقلىرى بىلەن قىزغىن ياردەملەشتى
. ( ئۇنىڭ تەپسىلى تەرجىمىھالىنى « قاراقاش خەلق داستانلىرى »ناملىق كىتابىمىزدا تونۇشتۇردۇق .
باغدىكى ئەتىرگۈلدىن،
چېچىلىدۇ خۇشپۇراق .
يۇلتۇزلاردەك چاقنايدۇ ،
ئۆيىمىزدە سىمچىراق .
ئېگىز ئۇچقان قۇشقاچلار ،
كېلىپ قوندى تېرەككە .
ئىسلاھاتنىڭ شامىلى ،
ئىلھام بەردى يۈرەككە .
تاڭ سەھەرنىڭ شامىلى ،
لەرزان تەگدى يۈزۈمگە .
ئامبىرىمىز لىق تولدى ،
سايۋا ، كىشمىش ئۈزۈمگە .
ئۆيىمىزگە قۇيۇلدى ،
يۇمشاق مامۇق ساپالار .
پەن-تېخنىكا كۈچىدىن ،
يىراق قاچتى جاپالار .
چېقىلغاچقا ۋاقتىدا ،
چوڭ قازاننىڭ تامىقى .
گۈزەللىككە يۈزلەندۇق ،
تۈگەپ چاپان يامىقى .
( سايباغ يېزا كامپا كەنتىدىن 60 ياشلىق دېھقان غۇجابدۇللا خۇنئېيتىپ بەرگەن . سايباغ يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىدىن مەمتىمىن قاسىم رەتلىگەن )
داۋامى بار
سەمىيمى ئەسكەرتىش : باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرمەڭ .