تېڭىرقاشنامە
ئايلالە
خاپا بولۇپ قالدىڭ بەلكىم مېنىڭدىن، يىتىرقىغاچ بۇ كۈنلەردە سېنىڭدىن. ئورۇن بەرگىڭ بولسا ماڭا يېنىڭدىن. ئارتۇق كۆرۈپ ياشالامسەن جېنىڭدىن؟
سەن كۈتكەننىڭ ئەكسىمەن بەلكىم، ياغاچ قۇلاق،ئەسكىمەن بەلكىم. جۇت-زىمىستان پەسلىمەن بەلكىم، كېچەلەمسەن مېنىڭ ئۈچۈن يېزىڭدىن؟
بېرەلمىسەم سەن كۈتكەندەك بەختىڭنى، ئۆرۈپ سالسام ماڭا سالغان تەختىڭنى، خازان قىلسام جەۋرۇ-جاپا،ئەجرىڭنى، يەنە ئورۇن بېرەرسەنمۇ قېشىڭدىن؟
چىقالمىسەن سەن بىلەن تەڭ بازارغا، كۆنەرسەنمۇ يەنە يالغۇز يانارغا، ساقلىمىسام ۋىسال تېڭى ئاتارغا، كىيىكلەرنى قوغلارسەنمۇ تېغىڭدىن؟
2014-9-26
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-27 12:01 AM
|