بالىلار بەختلىك بولسۇن
سۆز ئويۇنى
بالىلار،بىلەمسىلەر؟
بازىرىمىزدىكى بارلىق بالىلار بەلگىلىمە بويىچە بىلىم باغچىلىرىغا بېرىپ ،بىلىم بۇلاقلىرىدىن بەھوزۇر بەھرلەنمەكتە.
بۇ بالىلارنىڭ بىردىن-بىر بەختى.
بىلىم باغچىلىرى بولسا بىھىساپ بىلىملەر بىلەن بېزەلگەن.
بالىلارنىڭ بەختى بىلىم باغچىلىرىدىكى بىھىساپ بىلىملەر،باغۋەنلەر بىلەن باغلىنىپ ،بىخارامانلىقتا بىللە بولالىغان ،بولالمىغانلىقىغا باغلىق.
بىلىم-بالىلارنىڭ بەختىيارلىقىنىڭ بىردىن-بىر بەلگىسىدۇر.
بۈگۈن،بويى بەستلىك،بايلىقى بىھىساپ،بىراق،بىلىمى بولمىغانلار بىردەك بەختسىزلەردۇر.
بىلىمدارلار بىزگە بىلىمنىڭ بىباھا بايلىق بولىدىغانلىقىنى،
بىلمسىزلىك بەختسىزلىكنىڭ،بىسەرەمجانلىنىڭ باشلىنىشى بولىدىغانلىقىنى،باينىڭ بالىسى بولسىمۇ،بىلىمى بولمىسا ،بەرىبىر بەختسىز بولىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا بىشارەتلىك بىلدۈرگەن.
بايئاۋات بازىرىدىكى بارات بايقۇش بىلىمسىز بايلارنىڭ بىرى بولۇپ.بىرئاز بايلىقىنى باز-باز قىلىپ،بۇزغاندىن باشقا،بېزەڭلىك،بەغەرەزلىك بىلەن بالىلىرىنى باشقۇرۇشقا بېرىلمەي،بىلىم باغچىلىرىدىن بەزدۈرۈپ،بىكاردىن –بىكار بازارمۇ –بازار باشلاپ بېرىپ،بەڭگە-بىكارچىلار بىلەن بىللە بولۇشقا باشلىدى.بۇنىڭ بىلەن بالىلار بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ،بارا-بارا بەدخەج بايۋەتچىلەردىن بولۇشقا باشلىدى،بالىلار بارلىقىنى بىكارچىلىققا ،بەڭگىچىلىك،بەچچىغەرلىككە بېغىشلىۋەتتى،بالىلار بۇزۇقچىلىقنى بۈگۈنكى بىردىن-بىر بەختى بىلدى،بالىلار بىلىپ-بىلمەستىن،بىرلىرى بەزمىلەردە بىكارچىلار بىلەن،بىرلىرى باغ-بېغىرلاردا بەڭگىلەر بىلەن بولېۋېىرىپ ،بىغەم-بەڭۋاشلاردىن بولۇشقا باشلىدى.
بالىلار باشتىلا،بىلىمسىزلىك،بەغەرەزلىك،بەدخەجلىك،بۇزۇقچىلىق،بىخەستەلىكنىڭ باشلىرىغا بلا بولىدىغانلىقىنى،بىراقلا ،بەختسىزلىككە باشلاپ بارىدىغانلىقىنى بىلمىدى.
بەرھەق،بالىلارنىڭ بەختى بولىۋەرمىدى،بەلكى،بەربات بولدى،
باررات بايقۇش بالىلارنى باشقۇرالماس بولدى، بالىلار نىڭ بىلىمسىزلىكى،بەغەرەزلىكى،بەدخەجلىكى،بۇزۇقچىلىقى،بىخەستەلىكى بارات بايقۇشنىڭ بېشىغىمۇ بىر بالا بولدى.بارات بايقۇشنىڭ بارلىق بايلىقلىرى بىردەملىك بولدى،بارات بايقۇش بالىلارغا بۇرۇنقىدەك بېرەلمىگەنلىكتىن،بارات بايقۇشنىڭ بارىگاھىغا باستۇرۇپ بېرىپ،بەغەرەزلىك بىلەن بارماقلىرىنى بىگىزلەپ،بارات بايقۇشىنىڭ بېشىغا بەللەپ،بارلىق بايلىقلارنى بىراقلا بېرىۋېتىشكە بۇيرىدى،بالىلار بىر-بىرى بىلەن بازلىشىپ،باتنىشىپ،بايلىق بالاسىدا بىشەملىك ،بەتقىلىقلق بىلەن بىر-بىرىنى بوغۇشتى،بارات بايقۇش بالىلىرىنىڭ بۇ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي،بەكمۇ بىئارام بولدى،بەزگەكلىشىپ بارلىق بوغچا-بوغۇنداقلىرىنى بىراقلا بەرگەن بولسىمۇ ،بالىلارغا بەلەن بولالمىدى،بىۋاقىت بىھۇشلاندى،بايلىق بالاسىدا بالىلارنىڭ بېشى بەشكە بۆلۈندى،بالىلارنىڭ باشپاناھى،بايلىقى،،بەختى بىراقلا بەربات بولدى.
بالىلار بىلىمسىزلىكتىن بەختسىز بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگىنىدە بولسا،باشقىلار بىلىمگە بېرىلىپ،بەھوزۇر بەختتىن بەھىرلىنىۋاتاتتى،
بارات بايقۇشنىڭ بالىلارنى بىلىم باغچىلىدىن بەزدۈرۈشى بۈگۈن بالىلارنى بەختسىزلىككە باشلاپ باردى،بىگۇناھ بالىلارنىڭ بەختى بەربات بولغانلىقتىن،باشقىلارغا بىھۇدە بوزەك بولىۋاتقاندەك بولدى،بىلىم باغچىلىرىغا باشتىن بېرىشقا بولمايتتى،بالىلار بەكمۇ بىئارام بولدى،بالىلار بۇ بەختسىزلىكلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي ،بىر-بىرىگە بېقىپ،بۇقۇلداپ باقسىمۇ ،بەرىبىر بولدى.
بالىلارنىڭ بەختسىزلىكى بىزگە بىر بىشارەت بېرىدۇكى
:
بالىلارنىڭ بەختى بايلىق بولماستىن،بەلكى، بىلىمدۇر،بىلىم بولسا بىباھا بايلىق،بىلىمدىن بولغان بايلىق بىھىساپتۇر،بىلىم بىلگۈچىگە باغلىق. بىلىمسىزنىڭ بايلىقى بىردەملىك،بىلىملىكنىڭ بايلىقى بەركەتلىكتۇر،بىلمەسلىك بەغەرەزلەرنىڭ باھانىسىدۇر،بىلىمسىزلەر بىلىملىكلەر بىلەن بۇرادەر بولالمايدۇ،بىلىملىك بولغاندىلا ،باي-باياشات،بەختلىك بولغىلى بولىدۇ،
بازىرىمىزدىكى بارلىق بالىلار بۈگۈندىن باشلاپ ،بىلىم باغچىلىغا بېرىڭلار،بىلىم باغچىلىدىكى باغۋەنلەر،بىزمۇ بالىلارنى بىلىم باغچىلىغا باشلايلى،بارلىقىمىزنى بالىلارغا بېغىشلايلى،بالىلار بىگۇناھدۇر،بالىلار بىلمىگەننى بىز بىلدۈرەيلى،بىلىمدە بىر-بىرىمىز بىلەن بەسلىشەيلى،بالىلار بىلمىگەننى بىلسۇن،بىلىم بىلەن بەھىرلەنسۇن،بالىلار بەختلىك بولسۇن!
2014-يىلى 9-ئاي
مەنبە –ئۆز يازمام