مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1443|ئىنكاس: 14

تاچىبانا زىيچونىڭ غەربىي يۇرت ئېكىسپېدىتسىيەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13171
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8221
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 09:14:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاچىبانا زىيچونىڭ غەربىي يۇرت ئېكىسپېدىتسىيەسى


(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرسەھىپىسىگە)

مۇھەممەدئېلى ئەنۋەر



W020110224605580454910.jpg



تاچىبانا زىيچونىڭ تۇنجى قېتىملىق غەربىي يۇرت ئېكىسپېدىتسىيەسى

     ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ كۆپلىگەن چەتئەل مەدەنىيەت قاراقچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن غەربىي يۇرت جۈملىدىن شىنجاڭغا كېلىپ، تالايلىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، غەربىي يۇرتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىياللارنى دۆلىتىگە ئېلىپ كېتىپ، ئانا ۋەتىنىمىز باغرىدا تالايلىغان جاراھەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان تاچىبانا زىيچومۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە شەخستۇر.

    تاچىبانا زىيچو 1890- يىلى 7-يانۋار تۇغۇلغان. ئۇ مەكتەپتە ئىنتايىن تىرىشىپ ئوقۇغان ۋە ئۇنىڭ تالانتى ئوتانى كوزۇئىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. ھەمدە تازىبانا زىيچونىڭ بوۋىسى ئوتانى كوزۇئى بىلەن كونا تونۇشلاردىن بولغاچقا، ئوتانى كوزۇئى غەربىي يۇرت ئېكىسپېدىتسىيەسىگە ئادەم تاللىغاندا قىلچە ئىككىلەنمەيلا تاچىبانا زىيچونى تاللىغان.

1908-يىلى 10-ئاپرېل19 ياشلىق راھىب تاچىبانا زىيچو بىلەن 24 ياشلىق نومۇرا ئېيزابۇرو دەرمە شەيخىنىڭمۇ قەددەس ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ كيوتۇدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان. 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ، بىر يېرىم يىلغا سوزۇلغان غەربىي يۇرت ئېكىسپېدىتسىيەسىنى باشلىغان. كولۇن (ھازىرقى ئۇلانباتور)، قاراقورۇم (جاھان ئەركىسى چىڭگىزخان پايتەخت قىلغان جاي) ، ئورقۇن دەرياسىنىڭ غەربىي ياقىسىغا جايلاشقان قارابالغاسۇندىكى خارابىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 29-ئاۋغۇست ئورقۇن دەرياسىنىڭ ئوڭ قاسنىقىدىكى چايدامدا كۈلتېگىن مەڭگۈ تېشى ۋە بايانچۇر مەڭگۈ تېشىنى بايقىغان (بۇ ئابىدىلەرنى 1899-يىلى تۇنجى بولۇپ روسىيەلىك ئالىم خ. م. يادرىنزېرف بايقىغان). شۇنداقلا، بۇ مەڭگۈ تاشلارنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىسىنى ئېلىۋالغان. ئۇلارنۇرغۇنلىغان جاپا- مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلاستاي بىلەن قۇبدو ئارىلىقىدىكى خەتەرلىك يوللارنى بېسىپ، قۇبدودىن ئالتاي تاغلىرى ئارقىلىق ھالقىپ ئۆتكەن. 7-ئۆكتەبىر 114 كۈنلۈك مۇشەققەتلىك سەپەرنى باشتىن كەچۈرگەن تاچىبانا زىيچولار تەڭرىتېغى ئېتىكىدىكى گۇچۇڭغا يېتىپ كېلىپ، غەربىي يۇرت جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ئېكىسپىدىتسىيەسىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى گۇچۇڭدىن باشلىغان. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ئۇلار تارىختىكى مەشھۇر شەھەر بەشبالىق (ھازىر جىمسار ناھىيەسىدە خارابىسى بار)قا يېتىپ كېلىپ، بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىسىنى تەلۋىلەرچە قېزىپ، كىتاب، نوم پارچىسى، ئىسرىقدان قاتارلىق ئاسار ئەتىقىلەرنى تاپقان. 20-ئۆكتەبىر جىمساردىكى قېزىش ئىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 26-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. شىنجاڭنىڭ باش مۇپەتتىش پەرمەندارى، چىرىكلەشكەن ئاچكۆز ئەمەلدار ۋاڭ شۇنەننىڭ قوللىشىنى قولغان كەلتۈرگەندىن كېيىن، 15-نويابىر تۇرپانغا يېتىپ كېلىپ، يارغول، سىڭگىم، مۇرتۇق، بېزەكلىك، ئاستانە، قاراغوجا، تۇيۇق، لۈكچۈن قاتارلىق جايلاردا بىر ئايغا يېقىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك يادىكارلىقلارنى قېزىۋالغان. ھەتتاكى ئۇلار ياۋروپالىق مەدەنىيەت قاراقچىلىرىدىن قېلىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى تام سۈرەتلەرنىمۇ ئويۇۋېلىپ، مىڭ ئۆيلەرنى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. تاچىبانا زىيچو تۇرپاندىكى تالان تاراجنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ، ياپونىيەدىن ئەۋەتىلگەن خىراجەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرمە شەيخىنىڭ يوليۇرۇقى بويىچە جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىپ، قارا شەھەرگە يېتىپ بارغان. بۇ يەردە يۈزەكىلا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، لوپنۇر چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى چاقىلىققا يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردىن كروران خارابىلىكىگە بېرىپ تەكشۈرمەكچى بولغان. 1909- يىلى 3-ئايدا لوپنۇر تەۋەلىكىگە بېرىپ قېدىرىش قىلغان. 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا چەرچەنگە يېتىپ بېرىپ، چەرچەن قەدىمكى شەھىرىدە قېزىش ئېلىپ بېرىپ ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇيەردىن ئايرىلىپ، نىيە دەرياسى ساھىلىدىكى مەشھۇر نىيە خارابىلىكىگە يېتىپ كەلگەن. تاچىبانا زىيچو نىيىدە «ئىمام جەفئىرى سادىق مازىرى»نى قېزىشقا ئىككى- ئۈچ قېتىم تەمشىلىپ باققان بولسىمۇ، بىراق ئەينى يىللاردا خەلقىمىز ئارىسىدا مازارغا چوقۇنۇش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولغاچقا، ئۇ قېزىش ئېلىپ بارالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇيەردىكى تەكشۈرۈشلىرىنى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتۇرۇپ كېرىيەگە كېلىپ، بۇ يەردىن ھارۋىلىق خوتەنگە قاراپ يول ئالغان. خوتەندە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئېلىپ بېرىپ، ھازىر لۇشۈن مۇزېيىدا ساقلىنۋاتقان «ئادەمسىمان مايمۇن ھەيكىلى» ۋە توكيو دۆلەتلىك مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان «بۇددا بېشى ھەيكىلى»نى قېزىۋالغان. بۇ يەردىن گۇما چوڭيولى ئارقىلىق يەكەن، قەشقەرلەرگە بېرىپ، قىسقا مۇددەتلىك تەكشۈرۈشتە بولغان. 1-ئىيۇلگۇمىغا قايتىپ، 4-ئىيۇل قاغىلىققا، 8-ئىيۇل يەكەنگە، 13-ئىيۇل قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ قەشقەردە ئۇزاق تۇرماي، نومۇرا ئېيزابۇرو بىلەن كۇچارغا بېرىپ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا بولغان. بۇ يەردىن مارالبېشىغا بېرىپ، «توققۇز ساراي قەدىمكى شەھەر خارابىلىكى» قاتارلىق خارابىلىكلەرنى يۈزەكىلا تەكشۈرۈپ چىققان. گەرچە قەشقەر تاچىبانا زىيچو ئەڭ تەپسىلىي تەكشۈرگەن شەھەرلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، بىراق بۇ يەردىن ئانچە كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەن. 9-سېنتەبىر كۈنى قەشقەردىن يولغا چىقىپ يەنە قاغىلىققا كەلگەن ۋە قاغىلىقنىڭ چىپان تاغلىق رايونىدىن بىرقىسىم بۇددا ئۆڭكۈرلىرىنى قېزىپ بۇددا دىنىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان يادىكارلىقلارنى يىغىۋالغان. 29-سېنتەبىر يەكەنگە كېلىپ، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.7-ئۆكتەبىر قاغىلىقتىن ھىندىستان سەپىرىگە ئاتلانغان. ئۇلار قاراقورۇم ۋە ھىمالاياتاغ تىزمىلىرىنىڭ ئەڭ شىمالىي ئۇچىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 27-ئۆكتەبىر لېخ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. 5-نويابىر سرىناگار شەھىرىدە كەشمىرگە زىيارەتكە كەلگەن ئوتانى كوزۇئى بىلەن ئۇچراشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيەسى ئاخىرلاشقان. تاچىبانا زىيچو بۇ قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيەدە قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك تەۋەرۈكلەر تۆۋەندىكىچە: ① 30 جىلد كېلىدىغان مۇكەممەل ساقلانغان بۇددا دەستۇرى ② ئۇزۇنلۇقى 11 مېتىرچە كېلىدىغان، قەدىمكى ئۇيغۇرچە يېزىلغان يۆگىمە بۇددا نومى ③ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر مېتىر كېلىدىغان، بىر تەرىپىگە خەنزۇچە، يەنە بىر بېتىگە موڭغۇلچە خەت يېزىلغان مەخپىيەت مەزھىپى دەرەنى (چىن تەلىمات)تىلەكنامىسى ④ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، تۈركچە قاتارلىق ھەرخىل يېزىقتا پۈتۈلگەن قوليازما پارچىلىرى، شۇنىڭدەك زاڭزۇچە يېزىلغان تارىشا پۈتۈكلەر. تاچىبانا زىيچو1909- يىلى 11-ئايدىن 1910-يىلى 1-ئايغىچە ھىندىستاندا تۇرغان مەزگىلىدە، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تىلشۇناسى لوۋېسنىڭ ھۇزۇرىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى ئۆگەنگەن. تاچىبانا زىيچو ئوتانى كوزۇئىغا ھەمراھ بولۇپ، مىسىر، رىم، لوندون قاتارلىق جايلاردا ساياھەتتە بولغان. شۇنداقلا، ياۋروپادىكى مەزگىلىدە ستەيىننى ئالاھىدە يوقلاپ بارغان. كېيىن شۋېتسىيەگە زىيارەتكە بېرىپ، سۋېن ھېدىننى يوقلاپ، ئۇنىڭ بىلەن غەربىي يۇرتتىكى پائالىيەتلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ فرانسىيەلىك پائۇل پېللىئوت، گېرمانىيەلىك فون لېكوك قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېقىنقى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىرلەشكەن. تاچىبانا زىيچونىڭ بۇ قېتىملىق ياۋروپا سەپىرى ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. تاچىبانا زىيچولار قېزىش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بۇ جايلار گەرچە ئىلگىرى ستەيىن، سۋېن ھېدىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن تالان- تاراج قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تاچىبانا زىيچو «لى بو مەكتۇپلىرى»نى تېپىپ، ياۋروپالىق ئېكىسپېدىتسىيەچىلەرنى زىلزىلىگە سالغاچقا، ئوتانى كوزۇئى غەربىي يۇرتتا يەنىلا زور بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. شۇڭلاشقا، ئوتانى كوزۇئى قىلچە ئىككىلەنمەستىن تاچىبانا زىيچونى 2-قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان. تاچىبانا 2- قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيەگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن لوندونغا بېرىپ ستەيىن بىلەن، ستوكھولىمغا بېرىپ سۋېن ھېدىن بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلاربۇ ياش ئېكىسپېدىتسىيەچىگە زور مەدەتلەرنى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن تاچىبانا زىيچونىڭ2- قېتىملىق غەربىي يۇرت ئېكىسپېدىتسىيەسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئىشەنچىسى زور دەرىجىدە ئاشقان.

تاچىبانا زىيچونىڭ 2-قېتىملىق غەربىي يۇرت ئېكىسپېدىتسىيەسى

     1910-يىلى16-ئاۋغۇست تاچىبانا زىيچو لوندوندىن ئۆزى يالغۇز يولغا چىقىپ 2- قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيەسىنى باشلىغان. ئۇ بۇ قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيەگە خېلى پۇختا تەييارلىق قىلغان بولۇپ، ئۇستازى ئوتانى كوزۇئى ئۇنىڭغا كۈمۈش قاپلىق ئېكىسپېدىتسىيە سائىتى، قول سائەت، ۋولنا كومپىسى، پىرىزمىلىق كومپاس، سۇسىز پارومېتىر قاتارلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ بەرگەن. ئۇ سەپەر تەييارلىقىنى پۇخت اقىلىۋالغاندىن كېيىن، 18 ياشلىق ئەنگلىيەلىك خوببېسنى ياللىۋالغان. ئۇلار لوندوندىن يولغا چىقىپ، نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلار ۋە جاپا- مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 5-سېنتەبىر ئۇمۇسكىغا يېتىپ كەلگەن. بۇ يەردە 2-3 كۈن تۇرۇپلا كېمە ئارقىلىق يولغا چىقىپ، 12-سېنتەبىر سېمپالاتىنسكقا يېتىپ كەلگەن. 15-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۇلار قۇرۇقلۇق يولىدىكى سەپىرىنى باشلاپ، چۆچەككە قاراپ يول ئالغان. چۈنكى، تاچىبانا زىيچو بۇ قېتىملىق غەربىي يۇرت سەپىرىنى شىمالىي شىنجاڭدىن باشلىماقچى بولغان. چۆچەككە يېتىپ كەلگۈچە بولغان سەپەر جەريانىدا ئۇنىڭغا مۇنداق بىر ئىش چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، يەنى بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقلارنى ئۆتكۈزۈپ، مىڭ چاقىرىملاپ يوللارنى بېسىپ، ئۆمۈر بويى يىغقان بايلىقىنى سەرپ قىلىپ ھەج قىلىپ كەلگەن بىر بوۋاينىڭ جاسارىتى ۋە ئۇ بوۋاينىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئىخلاسمەنلىكى تاچىبانا زىيچونىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان. شۇنداقلا، ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ غايەت زور تەسىر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتكەن. تاچىبانا زىيچولار نۇرغۇنلىغان سەرگۈزەشتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، 22-سېنتەبىر چۆچەككە يېتىپ كەلگەن. ئۇ چۆچەكنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى تۇربولتىن دېگەن يەردىكى قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى تەكشۈرگەن، بىراق ئۇ ئانچە كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چۆچەكتىن يولغا چىقىپ، كولقارائۇسۇ (ھازىرقى شىخۇ)، ماناس،فۇكاڭ، سانجىلاردىن ئۆتۈپ، 19-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ ئۈرۈمچىدە بۇرۇنقى پارىخور ئەمەلدار ۋاڭ شۇنەننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن. 2-نويابىر ئۇ خوببېس ۋە باشقا ھەمراھلىرىنى باشلاپ تۇرپانغا قاراپ يول ئالغان. ئۇ تۇرپانغا بارغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئالىملار تەرىپىدىن «يەر ئاستى مۇزېي» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئاستانە، قاراغوجا قەبرىستانلىقىنى قېزىپ، يارماق، قەدىمكى ساپال قاچا، نوم پارچىسى ۋە ھەمدەپنە بۇيۇملارنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى داڭلىقلىرىدىن ھازىر لۇشۈن مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان «رەڭدار ئىشلەنگەن ئاتلىق ئاياللاي ھەيكىلى» ۋە ريۇكوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان، توق كۆك شايىئۈستىگە سىزىلغان «ئوۋچىلىق پىرى نۈيۋا» ناملىق رەسىمنى ئۈستۈنكى قىسمى (بۇرەسىمنىڭ ئاستىنقى قىسمىنى 1972-يىلى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقات ئورنى ئاستانە قەبرىستانلىقىنى قېزىۋاتقاندا بايقىغان)نى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.تاچىبانا زىيچونىڭ نېمە ئۈچۈن رەسىمنىڭ پەقەت ئۈستۈنكى قىسمىنى ئېلىپ كەتكەنلىكى ھازىرغىچە سىر بولۇپ تۇرماقتا. بەلكىم، ئۇ ئۈستى قىسمىنى مۇھىم دەپ قارىسا كېرەك. ئۇلار تۇرپاندىكى قېزىش ئىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، لۈكچۈنگە بېرىپ ئىمىن خوجىنىڭ قەسىرىدە بىر كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئايدىڭكۆل، دىغار بازىرى، ئاتمىشبۇلاق قاتارلىق جايلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، 28-دېكابىر كروران قەدىمكى شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. 20 كۈندىن ئارتۇق بۇ سەپەردە قاتتىق سوغۇق بولغان بولسىمۇ، بىراق تاچىبانا زىيچونىڭ ئىرادىسىنى قىلچە سۇسلاشتۇرالمىغان. ئۇ بۇ قېتىملىق قېزىشتىمۇ خېلى كۆپ يادىكارلىقلارنى قېزىۋالغان. 1911-يىلى  4-يانۋار ، ئۇ لوپنۇرلۇقلارنىڭ ماكانى ئابدالغا يېتىپ كەلگەن. تاچىبانا زىيچونىڭ بۇ يەرگە 3-قېتىم كېلىشى بولغاچقا، گويا ئۆز ئۆيىگە كېلىپ قالغاندەك خۇشاللىققا چۆمگەن. ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى يەرلىك كىشىلەر بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋەت ئۇنىڭ لوپنۇر قۇملۇقىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىنى قولاي شارائىتلار بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇلار بۇ يەردىن يولغا چىققاندىن كۈنى ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە مىرەن قەدىمكى شەھىرىنى بايقاپ، ئىككى كۈن قېزىش ئېلىپ بارغان. ئۇ بۇ يەردە ستەيىن ئىلگىرى كېسىۋالغان، لېكىن ئېلىپ كېتىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن تام رەسىملىرىنى قولغا چۈشۈرگەن. (1914-يىلى، ستەيىن قايتا بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۆزى كەستۈرۈپ قويغان تام رەسىملەرنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەنگەن). 8-يانۋار تاچىبانا زىيچو چاقىلىقىنى قېدىرىش نىيىتىدە يولغا چىققان. ئۇ چاقىلىقتىكى ۋاششەرى قەدىمكى قەلئەسى خارابىلىكىدىن خېلى كۆپ يادىكارلىق قېزىۋالغان. ئۇ بۇ يەردىن چەرچەنگە يېتىپ كېلىپ، «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتالغان تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرگەن. 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇلارتەكلىماكان قۇملۇقىغا قاراپ يول ئالغان. ئۇلار تەكلىماكان قۇملۇقى سەپىرىنىڭ22-كۈنى ئوزۇق- تۈلۈكلىرى تۈگىگەن، جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغان ھالدا تارىم دەرياسى ساھىلىغا ئىنتايىن تەستە يېتىپ كەلگەن. تاچىبانا زىيچو ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ھەمراھلىرىنى بىر يېزىدا قالدۇرۇپ، 9-مارت كۇچاغا يېتىپ كېلىپ، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق خوببېسنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، قاتتىق ھەسرەتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوببېسنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ، 15-16 كۈندەك يول يۈرۈپ قەشقەرگە كەلگەن. چۈنكى، خوببېسنىڭ ۋاپاتىدىن ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى خەۋەر تېپىشى لازىم ئىدى. ئۇ خوببېسنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، قەشقەردە قېزىش ئېلىپ بېرىپ، ئانچە كۆپ نەرسە تاپالمىغان. قەشقەرلىكلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغىلى 1000 يىلدىن ئاشقان بولغاچقا، ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بۇددىستلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان «غازات ئۇرۇشى»دا تالايلىغان بۇتخانىلار چېقىلىپ، خارابىلىككە ئايلانغان ئىدى. شۇڭلاشقا، قەشقەردىكى بۇتخانا خارابىلىرىدە تاچىبانا زىيچودىن ئىلگىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ستەين قاتارلىقلارمۇ كۆپ نەرسە يىغىۋالالمىغان. تاچىبانا زىيچو قەشقەردە تۇرىۋاتقان مەزگىلدە ياپونىيەدىن كەلگەن تېلىگراممىدىن دەرمە شەيخى ئوتانى كوزۇئىنىڭ رەپىقىسى خىساكونىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. خىساكو تاچىبانا زىيچونىڭ شەپقەتچىسى بولغاچقا ۋە خوببېسنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئىككىسى قوشۇلۇپ ئۇنىڭغا زور ئەلەم قىلغان. ئۇ يېزىدا قالغان ھەمراھلىرىغا يۈك- تاقلارنى ئېلىپ خوتەنگە ئاتلىنىش توغرۇلۇق كۆرسەتمە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى 8-ئاپرېل خوتەنگە قاراپ يولغا چىققان. ئۇ سەپەر جەريانىدا يەكەن ۋە قاغىلىقتىكى قەدىمكى خارابىلەرنى ئىزدەپ تېپىپ، ماھايانا بۇددىزىمىغا ئائىت بىر مۇنچە قىممەتلىك يادىكارلىقلارنى تاپقان. 7-ماي ئۇ خوتەنگە يېتىپ كەلگەن. خوتەن مىللىي ھۈنەرۋەنچىلىك ئىنتايىن گۈللەنگەن شەھەر بولغاچقا، تاچىبانا زىيچو خوتەننىڭ بازىرىدىكى ھەرخىل  پاسۇندا تىكىلگەن ئۇيغۇر دوپپىسى، نەپس ئىشلەنگەن شايى- ئەتلەس، سەرخىل نۇسخىلىق گىلەملەرگە قىزىقىپ قالغان ۋە ئۇلاردىن خېلى كۆپ سېتىۋالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتەن (ئۇدۇن) بۇددا دىنىنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى ئەڭ كۆپ، شۇنداقلا بۇددىزمنىڭ شەرققە تارقىلىش تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم جاي بولغاچقا، ئۇ ئۇدۇن بەگلىكىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، ئۆزگىرىش جەريانىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇ خوتەندىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، بۇرادەرلىرى بىلەن بىللە كېرىيەگە يۈرۈپ كەتكەن ۋە كېرىيەدىن شىزاڭغا قاراپ يول ئالغان. ئۇ بۇ قېتىملىق شىزاڭ سەپىرىدە تاغلىق رايونلاردا كۆرۈلىدىغان تاغ كېسىلى تۈپەيلىدىن جېنىدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالغان ۋە سەپداشلىرى قېچىپ كەتكەن. لېكىن ئۇ قايتىپ كېلىپ تەييارلىق قىلىپ، قايتىدىن شىزاڭ ئېگىزلىكىگە قاراپ ماڭغان، بىراق بۇ قېتىمدىمۇ كۆزلىگەن نىشانىغا يېتىپ بارالمىغان. لېكىن، تاچىبانا زىيچو ئادەم ئاياغ باسمىغان ئاشۇ قارلىق چوققىلارغا چىقالىغىنىدىن، ئۆز جاسارىتىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارقىغا قايتىپ، كېرىيە، نىيە، ئەندىرە، چەرچەندىن ئۆتۈپ، چاقىلىققا يېتىپ كەلگەن. ئۇ چاقىلىققا يېتىپ كەلگەندە، ئىچكىرىدە شىنخەي ئىنقىلابى پارتلىغاچقا، ياللىۋالغان ئادەملىرى قېچىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىزچاقىلىققا قايتىپ كېلىپ، شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ مەسلىھەتى بىلەن يۈكلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئۆزى ئىككى كىشى بىلەن ئالدىن يولغا چىقىپ، نۇرغۇن جاپالارنى تارتقاندىن كېيىن، 1912-يىلى 25-يانۋار دەشتئاتا (دۈنخۇاڭ)غا يېتىپ كەلگەن. ئۇ دەشتئاتادا 10نەچچە كۈن تۇرۇپ، ئۇ يەردىكى كېمىرلەرنى، خارابىلىكلەرنى تالان- تاراج قىلىپبولۇپ، ئەنشىدىن موڭغۇلىيەگە قاراپ يولغا چىققان. بىراق، ئەمدىلا يولغا چىقىشىغا ئەنگلىيە كونسۇلى ماكارتنىي ۋە روسىيە كونسۇلى لوزىدارىسىكىينىڭ تېلىگراممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ھەر ئىككىسى تاچىبانا زىيچونى ياپونىيەگە قايتىپ كېتىشنى ئۇقتۇرغان ئىدى. روسىيە كونسۇلى ئۆز نامىدىن ئايرىم تېلىگرامما يوللاپ جەزمەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشنى تاپىلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ موڭغۇلىيە سەپىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان. ئۇ قومۇلدىن ئۆتۈپ، تۇرپانغا بارغاندىن كېيىن، تۇرپاندىكى چىقتىم، سىڭگىم، مۇرتۇق، تۇيۇق، قاراغوجا قاتارلىق جايلاردىكى كېمىرلەر، قەدىمكى قەبرىستانلىقلار ۋە خارابىلىكلەردە يەنە بىر قېتىم قېزىش ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا قولغا چۈشۈرگەن مۇھىم يادىكارلىقلاردىن ھازىر ياپونىيەنىڭ توكيو دۆلەتلىك مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان كىمخاب پارچىسى، كورىيە دۆلەتلىك مەركىزىي مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان ھەيكەل بېشى، «جاڭخۇەيجىنى مەنسەپكە تەيىنلەش يارلىقى»، توكيو دۆلەتلىك مۇزېينىڭ ياپونىيە سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان «دەرەخ ئاستىدىكى ساھىبجامال» ناملىق رەسىم، ريۇكوكو ئۇنىۋېرسىتېتى قىرائەتخانىسىداساقلىنىۋاتقان 7700 پارچە ئوتانى كوزۇئى ھۆججىتىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى، لۈشۈن مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان بەش پارچە قەبرە تېشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلار تۇرپاندىكى قېزىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ يادىكارلىقلارنى ساندۇقلارغا قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، 7-ئاپرېل ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىپ، 10-كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ روسىيە كونسۇلى لوزىدارىسكىي بىلەن كۆرۈشكەن. لۇدارىسكىي ئۇنىڭغا ياپونىيە تەرەپنىڭ ئۆزىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا دەرھال ياپونىيەگە قايتىشنى تاپىلىغان. شۇنداقلا، ئۇ يەنە ئۈرۈمچىدە دەرمە شەيخى ئوتانى كوزۇئى يازغان ئىككى پارچە خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قالغان يۈك- تاقلارنى ۋە باشقا ئىشلارنى يوشىكاۋا شويىچىرونىڭ بىر ياقلىق قىلىشىغا قالدۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ۋەتىنىگە قايتىشقا ئاتلانغان. ئۇ چۆچەككە بېرىپ، ئۇ يەردىن زايسان كۆلىگە بارغان. ئاندىن پاراخوت بىلەن سېمپالاتىنسكىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن ئۇمۇسكىغا بارىدىغان پاراخوتقا ئالماشقان. ئۇمۇسكىغا بارغاندىن كېيىن، سىبىرىيە تۆمۈر يولى ئارقىلىق خاربىنغا بېرىپ، بۇ جايدىن چاۋشيەن ئارقىلىق 1912- يىلى 5-ئىيۇن كيوتۇغا ئامان-ئېسەن يېتىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جۇڭگودىكى ئېكىسپېدىتسىيەسى ئاخىرلاشقان.

    ئۇ ياپونىيەگە بارغاندىن كېيىن، ياپونىيەدىكى تۈرلۈك گېزىت- ژۇرناللار ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇنى تونۇلغان شەخسكە ئايلاندۇرغان. شۇنداقلا، ئۇ ئۆزى غەربىي يۇرت ئېكىسپېدىتسىيەسىگە ئائىت نۇرغۇنلىغان نۇرغۇنلىغان ماقالە، كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرغان ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ غەربىي يۇرتتا ئېلىپ بارغان سەپىرىگە ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. تاچىبانا زىيچو ئېلان قىلغان ماتېرىياللار كېيىنچە ئۇ ئېلىپ كەتكەن يادىكارلىقلار تەئەللۇق بولغان دەۋرلەردىكى غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيالغا ئايلانغان. تاچىبانا زىيچو 1968-يىلى 78 يېشىدا ۋاپات بولغان. ھازىر ريۇكوكو ئۇنىۋېرسىتېتىداساقلىنىۋاتقان ئوتانى ھۆججەتلىرىلا 7000 پارچىدىن ئاشىدۇ.

ئوتانى كوزۇئى1902-يىلى 21-سېنتەبىر تۇنجى قېتىم يۇرتقا قەدەم بېسىپ، تاكى 1903-يىلى 3-نويابىر قۇمۇلدىن ئايرىلغانغا قەدەر غەربىي يۇرتتا ئېكىسپېدىتسىيەدە بولغان.

    تاچىبانا زىيچو ئېلىپ كەتكەن يادىكارلىقلار ھازىر ياپونىيە دۆلەتلىك مىللەتشۇناسلىق مۇزېيى، ئاشىيا شەھەرلىك گۈزەل-سەنئەت مۇزېيى، MOA سەنئەت سارىيى، كيوتو ئىمپېرىيە مۇزېيى، توكيو دۆلەتلىك مۇزېيى، ريۇكوكوئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيى، چاۋشيەن ۋالىي مەھكىمىسى مۇزېيى، كورىيە دۆلەتلىك مۇزېيى، لۇشۈن تارىخ- مەدەنىيەت مۇزېيى، بېيجىڭ كۇتۇپخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارداساقلىىۋاتىدۇ.

    يۇقىرىقى ئورۇنلارداساقلىنىۋاتقان بۇ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار ۋە يازما بۇيۇملار غەربىي يۇرتنىڭ ئەينى زاماندىكى مەدەنىيىتى، ئېتنوگرافىيەسى، سىياسىي، ھەربىي ئەھۋاللىرى،جەمئىيەت، سودا- سېتىق، تېبابەتچىلىك ئەھۋاللىرى، تۇرمۇش سەۋىيەسى، دەپنە تۈزۈمى، قەبرە تۈزۈلۈشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   DILRABAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-25 09:56 PM  


مۇھەممەدئېلى

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 01:05:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدىكى بەزى بايانلارنى ، جۇغراپىيەلىك ئورۇنلار ۋە بايقاشلارنى باشقا تارىخلار بىلەن بىر قۇر سېلىشتۇرۇپ بېقىش توغرا كەلگۈدەك ...

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 01:38:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمە ماقالە بولسا ئەسلى مەنبەسىدىن خەۋەر بېرىپ قويغان بولسىڭىز.
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 04:25:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        ئۇلارنى ئوغرى-قاراقچى-بۇلاڭچى دەپ تىللايمىز. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ئەگەر ئۇلار ئېلىپ چىقىپ كەتمىگەن بولسا، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى، تۆت كىشلىك گوروھ مەزگىللىرىدە كونىلىقنى يوقىتىمىز،دەپ پۈتۈنلەي يوق قىلىۋەتكەن بولاتتىكەن. بولمىسا بىز تارىخمىزنى قانداق بىلەتتۇق.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 04:50:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kamiljantohti يوللىغان ۋاقتى  2014-9-26 04:25 PM
ئۇلارنى ئوغرى-قاراقچى-بۇلاڭچى دەپ تىللايمىز. بەزى ...

توغرا دەيسىز مەلۇم مەنىدە ئۇلارنىڭ ساقلاپ قويغانلىقلىرىمۇ ياخشى بوپتىكەن،بولمسا ‹سۈپىتى› ئۆزگىرىپ كەتكەن بولاتتى  ياكى ئاپتاپپەرەس گىلا ئوخشاپ قالاتتى دە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-26 04:51 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 05:01:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزمۇ بىر كۈنلەدە ياپونىيەگە ياكى دىياۋيۇ ئارىلىغا بېرىپ تەكشۇرۇش ئىلىپ بارساق،ئاندىن‹ قۇلۇلە قېپى› ياكى ‹تاشقا ئايلانغان دېڭىز تاشپاقسى› قاتارلىقلارنى يىغىپ بېئولوگىيە مۇزىيخانلارغا قويۇپ كۆز -كۆز قىلىساق قانداق بولار؟
ياپونىيە غەربتىن ئەڭ ئاۋۋل ئۆگەنگەن دۆلەت،مۇنداقچە ئېيتقاندا غەربلىشىشنى ئەڭ بالدۇر باشلىغان ئاسىيا دۆلىتى. شۇڭلاشقا ئۇلار غەربنىڭ ھەربى تېخنكسى،كىيىم كېچەكلىرىگىلا ئەمەس ئىلىم پەن جەھەتتىمۇ بەسلىشىپ،كۈچ سىنشماقچى بولغان ،غەربىي يۇرۇتتىكى ياپون ئىكسپدىيچىلىرى مەلۇم مەنىدە ياپوننىڭ غەربىلىكلەر بىلەن كۈچ مۇسابىقسىغا چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتى دېسەكمۇ بولىدۇ.
ياپونلار بۇنى قىلالىدى ھەمدە غەرب ھۆكۈمران ئىدىيسىگە زەربە بېرىپ ھەرقانداق ئاجىز دۆلەتنىڭ
ۋاقتى كەلسە كۈچلۈك دۆلەتلەردىن ئېشىپ كېتەلەيدىغان بىر داۋالىنى ئىسپاتلاپ شەرق ئۈچۈن ئۈلگە بولدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-26 05:07 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99530
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 157
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 05:57:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چەتئەللىكلەر ئىلىپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىمىز مۇستەقىل ئىگە بولالمايمىز ئۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مىراسلىرىغا،چەتئەللەردە ساقلانغىنى ياخشىراق،ھىچ بولمىغاندا ئۆز پىتى ساقلىنىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87916
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-27 01:21:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما بولدىغان تېمىمۇ ئوبدان بېر ئوقۇي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86476
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 747
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 11:05:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق!

مەدەنىيەتلىك ئائىلە بىلەن مەدەنىيەتسىز ئائىلىنىڭ پەرقى-ئۆيىدە كىتاب جازىسىنىڭ بار يوقلىقىدا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96540
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-3 10:57:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ئەجىر سىڭدۈرۈپ تەرجىمە قىلىنغان ماقالە ئىكەن.  بولسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تارىخىي ماقالىلەر مەيدانغا چىقسا، تارىخقا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش