 |
 |
 |
 |
2014يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى،تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيەسى تەرىپىدىن سىنغا ئېلىپ ئىشلەنگەن تۇنجى ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى يىنىك كومېدىيە‹پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە›فىلىمىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ فىلىمدا جەنۇبي شىنجاڭ يېزىسىدىكى ئۈچ ئاقكۆڭۈل ساددا دېھقاننىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىدا كۆمۈلۈپ قالغان ئون مىڭ يۈەن كونا خەلق پۇلىنى تاساددىبي تېپىۋلغانلىقى،ھەمدە ئاسماندىن چۈشكەن بۇ چوڭ ئامەتنى كۆرۈپ ئۈچىسى ناھايىتى خوشال بولغانلىقى، مۇشۇ پۇلغا تايىنىپ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش توغۇرلۇق خام خىياللار قىلىپ شۇ ۋەجىدىن كېلىپ چىققان قىززىقارلىق ھېكايىلەر سۆزلەنگەن. بۇ ئۈچ دېھقان دوستلۇق مېھرى تۇغقانچىلىق مېھرى ھەمدە مۇھەببەت سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا ھارام پۇلنى ئالسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ ئاخىرىدا تېپىۋالغان پۇلنى دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بېيىش يولىغا قەدەم قويغان مەزمۇنلار سۆزلەنگەن.
فىلىمگە قاتناشقۇچىلار
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تۇنجى قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
تەڭرىتاغ كېنو سىتودىيەسىىنىڭ باشلىقى ئاددىي تونۇشتۇرۇش قىلدى.
بىرقىسىم رەسىملەر:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-25 04:38 PM
|
 |
 |
 |
 |
|