|
|
|
|
بۇ ئىشلارغا يىغلايمۇ،كۈلەيمۇ؟ ئابدۇۋەلى ھۈسەيىن
بۇ ئىشلارغا يىغلايمۇ، كۈلەيمۇ؟ دېگەن ماقالىنى قاچان، قايسى ماتېرىيالدىن كۆرگەنلىكىم، ئاپتورىنىڭ كىملىكى زادىلا ئېسىمدە يوق. ئەمما ماقالىنى ئوقۇپ خېلى ھاياجانلانغىنىم، ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار توغرىسىدا نەچچە كۈنگىچە ئويلانغىنىم ھېلىھەم ئېسىمدە. بۇ قېتىم قولۇمغا قەلەم ئېلىپ تۇيۇقسىز بۇ ماۋزۇ ئېسىمگە كېلىپ قالدى ـ دە، مەزكۇر ماقالەمگە قايتا ئىشلىتىشنى لايىق تاپتىم. بۇ ئىشىم مۇۋاپىق بوپتىمۇ ـ بولماپتىمۇ؟ كۆپچىلىك تۆۋەندىكى قۇرلارنى ئوقۇپ چىقسا جاۋاب تاپالايدۇ، دەپ ئويلايمەن
1.
2001 ـ يىلى قۇربان ھېيتنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيۈمدە بالىلار بىلەن ئۆتكۈزدۇق. تەلىيىمگە قۇربان ھېيتنىڭ 1 ـ كۈنى نامازدىن قايتىپ ئەمدى ئۆيگە كىرىپ تۇرۇشىمغا چىقىشقا باشلىغان 8 ـ 9 بال بوران ئەتىسى شۇ چاغقىچە تولۇق بىر سوتكا داۋاملىشىپ 30نەچچە يىلدىن بۇيانقى يېڭى رېكورتنى ياراتتى. يۇرتىمىزدا قۇربان ھېيتنىڭ 1 ـ كۈنى ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ ئۆيى بىلەن ئۆلۈم ـ يېتىم بولغان ئائىلىلەرگە پەتە قىلاتتۇق، 2 ـ كۈنىدىن باشلاپ ئاغىينىلەر بىلەن بىرلىكتە دوست ـ بۇرادەر، خىزمەتداش، قولۇم ـ قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە پەتە قىلىشقا باشلىساق ئۈچ كۈن يېتىشمەي قالاتتى، بەزى ئۆيلەرگە بېشىمىزنى تىقىپ مەزەگە ئازىراق ئېغىز تېگەتتۇق ـ دە، ساھىپخان چۆگۈننى كۆتۈرۈپ كېلىپ چاي قۇيغىچە دۇئا قىلىپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ بولاتتۇق. شۇنداقتىمۇ ھېيتلاشقا تېگىشلىك يېقىنلارنىڭ ئۆيىنى ھېيتلاپ تۈگەتتۇق دەپ كېسىپ ئېيتالمايتۇق. ناۋادا ئىشقا چىققاندىن كېيىن مۇنداقلار ئۇچراپ قالسا يۈزىمىز قىزارغان ھالدا «كەچۈرۈڭ، ھېيتتا سەل ئالدىراش بوپ قېلىپ سىلەر تەرەپكە ئۆتەلمەي قالدۇق» دەپ ھۆزرە ئېيتىپ قوياتتۇق. بىزنىڭچە بۇ بىر خىل ئاۋارىچىلىقتەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما تۇغقاندارچىلىق، دوستلۇق مېھرىنى چىڭىتىش، ئادەمىگەرچىلىك ئادىتىمىزنى نۇرلاندۇرۇشنىڭ ياخشى ۋاستىسى ئىدى. ئەمما ئۈرۈمچى بورتالا ئەمەس، بۇ يەردە ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىمىز بورتالاغا قارىغاندا ئاز بولۇپلا قالماي يەنە ئۆيلىرىمۇ ناھايىتى يىراق ھەم تارقاق. بەزى ئۆيلەرگە بېرىش ئۈچۈن ھەتتا 2 ـ 3 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق قاتتىق بوراندا بىر يەرگە بارماقمۇ بەسى مۈشكۈل ئىش. قوشنىلارنىڭكىگە كىرىپ پەتىلىگەچ بىردەم ـ يېرىمدەم گوڭۇر ـ موڭۇر پاراڭلىشىپ چىقاي دېسىڭىز ئۈرۈمچىدە جان بېقىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە تونۇشمايدىغان قوشنىلار ئۆزئارا پەتىلەشمەك تۇرماق تۈزۈكرەك سالاملىشىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايدىكەن. مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ بىنا دېرىزىسىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە نەزەر تاشلىدىم. بۇ چاغدىكى ئۈرۈمچى بوراندا تەۋرىنەتتى. بىلەكتەك ـ بىلەكتەك چوڭلۇقتىكى دەرەخ شاخلىرى قاراسلاپ سۇنۇپ، ئاجىزراق ئورنىتىلغان بىر قىسىم ۋېۋىسكىلار تاراڭلاپ يەرگە ئۇچۇپ چۈشەتتى. پىيادە كېتىۋاتقان كىشىلەر بوراندا يىقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن يول بويىدىكى دەرەخلەرنى قۇچاقلاپ بىر مېتىر، بىر مېتىردىن ئىلگىرىلەيتتى. مەن ئۆيدە بىرەر سائەت بالىلار بىلەن ئۇنى ـ بۇنى دەپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئازىراق زېرىككەندەك بولدۇم ـ دە، نېمىلا بولمىسۇن ئۆيىمىزنى بېزىگەن قورويىمىزدىكى ئەخمەتجان ئۇستامنىڭ ئۆيىگە بولسىمۇ چىقىپ ھېيتلاپ كىرەي دېگەن ئوي بىلەن پەسكە چۈشتىم. ئىشىكتىن چىقىشىمغا بوران 3 ـ 4 مېتىر يەرگە قاڭقىتىۋەتتى. بېشىمدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەن شەپكەمنى يەر ئاستى ماشىنا ئىسكىلاتىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىسى ئالدىدىن ئاران تېپىپ كەلدىم ـ دە، ئۇ ـ بۇ ماشىنىنىڭ دالدىسىدا دەلدۈگىنىپ يۈرۈپ مىڭبىر جاپادا ئەخمەتجان ئۇستامنىڭ قورونىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى ئىجارىگە ئالغان ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم:
ـ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! ئەخمەتجان ئۇستامنىڭ ئۆيى مۇشۇمىكىن؟
چوڭ قارا ياغلىقنى چېكىلەپ چىگكەن، ئۇزۇن قارا پەرەنجىسى ھۇشۇقىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان 35 ـ36 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال ئىشىكنى ئېچىپلا سوغۇق جاۋاب بەردى:
ـ ئەخمەتجان ئۇستامنىڭ ئۆيى ئاۋۇ.
ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ ئىشىكنى«جالاق» قىدە ياپتى ـ دە، ئۆيگە كىرىپ كەتتى. شۇ تاپتا ئىشىك خۇددى يۈزۈمگە يېپىلغاندەك قاتتىق ئەندىكىپ كەتتىم. توۋا، ئاجايىپ ئىنسانلار بولىدىكەن ـ ھە! مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئايەم كۈنلىرىدىمۇ كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن بارمۇ؟ مەن ئۇ كىرىپ كەتكەندىن كېيىنكى مىنۇت ئارىلىقتا نېمە ئۈچۈن بۇنداق قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۈلگۈردىم. ناھايىتى روشەنكى يالاڭباش بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ئايال مېنى ئادەتتە ئېيتىلىپ يۈرىدىغان «چالا مۇسۇلمانلار»دىن دەپ ئويلاپ قالغان ھەم ئۆيىگە كىرىپ «ئائىلىسىنىڭ بەرىكىتى»نى قاچۇرىۋېتىشىمدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. مەن بۇ قورودىن ئۆي ئېلىپ كۆچۈپ كىرگەندىن بۇيان بۇنداق ئاياللارنى تولا ئۇچرىتىپ بۇ جەھەتتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولۇپ كەتكەن ئىدىم. دېمىسىمۇ ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئەسرا بولۇۋاتقان بۇ ئايال بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى بۇنىڭدىن باشقىچە ئىزاھلاشقا ئاساسىم يوق ئىدى. بولمىسا مۇشۇنداق ئۇلۇغ كۈنلەردە ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلگەن مېھمانغا بۇنداق قوپال مۇئامىلە قىلماي يالغانلاردىن بولسىمۇ ئۆيگە كىرسىلە دەپ قويماسمىدى؟ مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم غەش بولغان ھالدا ئەخمەتجان ئۇستامنىڭ ئۆيىگىمۇ كىرمەي قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم.
2
ھېيتلىق دەم ئېلىشىم تۈگەپ يۇرتقا قايتماقچى بولدۇم، داۋەندىن 44 ـ يول ئاپتوبۇسى ئارقىلىق خۇمدانلىق (نەنزىگو) ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتىگە بارغىلى بولاتتى. مەن ئاپتوبۇسقا چىقىپ 2 ـ بېكەتكە كەلگەندە قارا پەرەنجە ئارتقان 23 ـ 24 ياشلار چامىسىدىكى بىر ياش چوكان بىر بالىنى كۆتۈرگەن، ئىككى بالىنى يېتىلىگەن ھالدا ئاپتوبۇسقا چىقتى. ئەتراپتىكى كىشىلەردىن بىرەرسىمۇ ئۇنىڭغا ئورنىنى بوشىتىپ بەرمىگەچكە مەن دەرھال ئورنىمدىن تۇردۇم. ئەمما مېنىڭ بۇ ياخشى كۆڭلۈم تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدى. ئۇ بۇ ئورۇننى خۇددى ئالدىنئالا زاكاز قىلىپ قويغاندەك ياكى بولمىسا مېنىڭ ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىم ھەقلىقتەك رەھمەت ئېيتماق تۇرماق قاراپمۇ قويماي ئۇدۇل كېلىپ لوككىدا ئولتۇردى. مەن ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ تىلى ئاجىز بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم. ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزگەرتىپ ياسىلىۋاتقان بولۇپ، قاتناش توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى دائىم كۆرۈلۈپ تۇراتتى. ماشىنا تولا توختاپ ئادەتتە بىر سائەتتە يېتىپ بارىدىغان يەرگە بىر يېرىم سائەتلەردە ئاران بارغىلى بولاتتى. مەن پۇتلىرىم سىقىرىغان ھالدا ھېلىقى ئايالنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرۇپ تولىمۇ تەسلىكتە بېكەتلەرنى بىرمۇ ـ بىر بېسىپ تۈگەتتىم. ئاپتوبۇس بىر سائەتتىن ئارتۇق ماڭغاندىن كېيىن مەنزىلىمىزگە يېقىنلاپ قالدى. بۇ چاغدا ھېلىقى چوكان تۇيۇقسىز كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئۆزىگە ئوخشاش كىيىنىۋالغان يەنە بىر چوكانغا قاراپ ۋاقىرىدى:
ـ ئاداش ئالدىمىزدىكى بېكەتتە چۈشەمدۇق ؟
بۇ چوكان ئەسلىدە سۆزلىيەلەيدىكەن، شۇنداق تۇرۇپ نېمىشكە بايا زۇۋان سۈرۈپ قويمىغاندۇ؟ مۇشۇلارنى ئويلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى:
ـ مەن سىزنى گاچا ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن. بىر چىرايلىق سۆزلىيەلەيدىغان تۇرۇپ دادىڭىزدەك ئادەم بالىسى باركەن دەپ سىزگە ئورنىنى بوشىتىپ بېرىپ بىر سائەتتىن بېرى تۇرۇپ كېلىۋاتسا نېمىشكە ئاغزىڭىزنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ رەھمەت دەپ قويمايسىز؟ بۇنداق ئەدەپ ـ قائىدىنى بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى باشتا بىلگەن بولسام باشقىلارغا ئوخشاش مىدىر قىلماي ئولتۇرىۋېرەركەنمەن! دېدىم.
ــ رەھمەت ئېيتتىم، ئاغزىمدا دېمىگەن بىلەن دىلىمدا نەچچە قېتىم رەھمەت ئېيتتىم ئاكا، دېدى ئۇ ئېرەڭشىمىگەن ھالدا.
شۇ تاپتا ئۇ مۇغەمبەرلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تۇرقى، گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزى، ماڭا ئۆز قېرىندىشىدەك ئەمەس بەلكى يەر شارىنىڭ يەنە بىر چېتىدىن كەلگەن ئادەمگە ئۇچراپ قالغاندەك يوچۇن قاراشلىرى بۇ گەپنى ئاغزىنىڭ ئۇچىدا مۇنداقلا دەپ قويىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ ئاخىرقى گەپلىرىمنى ئاڭلىغان ـ ئاڭلىمىغانلىقىغا قارىماي تېلىپ كەتكەن پۇتلىرىمنى بەش مىنۇت بولسىمۇ ئارام ئالدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئۆزەمنى ئورۇندۇققا تاشلىدىم.
3
بۇلتۇر ئۆكتەبىر دەم ئېلىشىنى يەنە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزدۇم. قايتىشقا ئىككى كۈن قالغاندا مەھەللىمىزدە بىر نەزىر بولۇپ قالدى. داستخاندىن تارقاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە نەشرياتتىكى ئۈچ ساۋاقدىشىم بىلەن قورودا پاراڭلاشقاچ ھازىدارلار ئىچىدىكى يۆتكەپ كېتىدىغان ئادىمىمىزنىڭ چىقىشىنى كۈتتىم. بىز تازا قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقاندا قارا پەرەنجىگە ئورالغان بىر ئايال 5 ـ 6 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالىنى يېتەكلىگەن ھالدا ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ قالدى. بۇ چاغدا بالا قولى بىلەن بىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: « ئانا ئاۋۇ داداشلار كىمۇ؟» دەپ سورىۋىدى ئۇ تۇمشىقىنى ئۇچلىغان ھالدا «ئۇلار ناماز ئوقۇمايدىغان ئۇيغۇرلار» دەب جاۋاب بەردى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتىن ئاغزىمىز ئېچىلىپ قالدى. قارىسام ھېلىقى ئۈچ نەپەر بۇرادىرىمنىڭ چىرايى ئاچچىقتىن تاتىرىپ كېتىپتۇ. ئېنىقكى ئۈرۈمچىدىكى خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن بۇ ئۈچ زىيالى ئۆزىگە قىلىنغان بۇ خىل نامۇۋاپىق باھادىن رەنجىگەن ئىدى.
خاتىمە
گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا يۇقىرىقى ئىشلارغا قارىتا يا يىغلىشىمنى، يا كۈلۈشىمنى بىلەلمەي قالدىم. يىغلاي دېسەم بۇ «ئادەتتىكى ئىشلار»، بۇنداق ئىشلارغا يىغلاپ كەلسە ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ يېشىمۇ توشىماسلىقى مۈمكىن. يىغلىماي دېسەم دەل مۇشۇ «ئادەتتىكى ئىشلار» مەلۇم جەھەتتىن مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى قىسمەن يۈزلىنىشنى ئىسپاتلاپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ قانداق يۈزلىنىش؟ بۇ يۈزلىنىش ئاخىرقى ھېسابتا مىللىتىمىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ تارىختا نۇرغۇن قېتىم قانلىق پاجىئەگە يولۇققان، بىر قىسىم دەۋرلەردە يۈز بەرگەن مەدەنىيەتنىڭ چېكىنىش ھادىسىسى ھېلىھەم تارىخىدا قارا چېكىت بولۇپ تۇرىۋاتقان مىللىتىمىزگە نىسبەتەن بۇلاردىن ئازىراق بولسىمۇ ساۋاق ئالماي «ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق» بولۇپ بىرـ بىرىنى يەكلەپ يۈرۈش قانداق ئاقىۋەتتىن دېرەك بېرىدۇ؟ مەن نەچچە كۈنگىچە مۇشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ يۈردۇم.
|
|
|
|
|
|