مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3793|ئىنكاس: 17

NASA: بىر يېڭى ئالەم ئۇچقۇرى مارسنىڭ ئوربىتىسىغا كىردى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 01:32:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

NASA: بىر يېڭى ئالەم ئۇچقۇرى مارسنىڭ ئوربىتىسىغا كىردى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى


ناسا نىڭ ئىنگلىزچە «MAVEN»  دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئالەم ئۇچقۇرى 2014-يىلى 21-سىنتەبىر (يەكشەنبە) كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مارسنىڭ ئوربىتىسىغا كىرىپ، مارسنى ئوربىتلاشنى باشلىدى.  بۇ ئالەم ئۇچقۇرى 2013-يىلى 18-نويابىر كۈنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مارسقا يېتىپ بېرىشىغا جەمئى 10 ئاي ۋاقىت كەتتى.  

يەر شارىدىن مارسقا بارىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى سائىتىگە 20 مىڭ كىلومېتىردىن يۇقىرى تېزلىك بىلەن ماڭىدىغان بولۇپ، ئادەتتە بۇ سەپەر ئۈچۈن 150 كۈندىن 300 كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ.

1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: يەر شارىدىن يولغا چىققان بىر ئالەم ئۇچقۇرى كۈننى يېرىم چەمبىرەك ئايلىنىپ، كۈننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە مارس بىلەن ئۇچرىشىدۇ.  شۇڭلاشقا بۇ سەپەرگە سائىتىگە 20 مىڭ كىلومېتىردىن يۇقىرى تېزلىك بىلەن ماڭىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى ئۈچۈن 150 – 300 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ.  


«MAVEN»  دېگەن سۆز ئىنگلىزچە «مارسنىڭ ئاتموسفېراسى ۋە ئۇنىڭ تۇراقسىز تەدرىجى ئۆزگىرىشى» (Mars Atmosphere andVolatile EvolutioN) دېگەن سۆزلەرنىڭ باش ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن.

«MAVEN»  نىڭ ۋەزىپىسى مارسنىڭ ئاتموسفېراسىنىڭ ئەڭ ئېگىزدىكى قاتلىمىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت.  بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ مارسنىڭ ئاتموسفېراسىنىڭ تارىخىغا بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.  شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ مارسنىڭ ھاۋا-كىلىماتى ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قانداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقى، ئاشۇ ئۆزگىرىشلەر مارسنىڭ يۈزىدە پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەرگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكى، ھەمدە مارستا ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتى بار-يوقلىقى ھەققىدىكى بىلىملىرىمۇ تېخىمۇ تولۇقلىنىدۇ.  

2-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم: كۈن ئولتۇرۇش ۋاقتىدىكى «MAVEN»  نىڭ مارس ئوربىتىسىدىكى بىر كۆرۈنىشى.  بۇ رەسىمنى ناسا نىڭ «Goddard» ئالەمگە ئۇچۇش مەركىزىدىكىلەر سىزغان.

«MAVEN»  توغرىسىدا مەن بۇرۇن بىر تېما يوللىغان بولۇپ، بۇ ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك بىلىمگە ئىگە بولۇشنى ئىستەيدىغان قېرىنداشلارغا ئاشۇ تېمىنى تەۋسىيە قىلىمەن.   ئۇ تېمىنىڭ تور ئادرېسى:

ناسا: بۈگۈن يەنە بىر ئالەم ئۇچقۇرى مارسقا ماڭدى
http://bbs.izdinix.com/thread-55891-1-1.html

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] NASA's MAVEN Spacecraft Successfully Entered Into Martian Orbit
http://www.forbes.com/sites/alexknapp/2014/09/23/nasas-maven-spacecraft-successfully-entered-into-martian-orbit/

[2] How long does it take to get to Mars?
<http://www.universetoday.com/148 ... to-get-to-mars/>



يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15243
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3609 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 02:20:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ يەنە بىر يىڭى تېما! خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن! مارىسنى چۈشىنىشىمىزگىمۇ ئاز قالدى دىگەن  گەپ  بولدى دە ھە؟ ئاللاھ خالىسا. مەن مۇشۇ بارلىق بىلىملەرگە قىزىقىمەن.دادام مىنى كىچىگىمدە يىپتىن يىڭنىسىگىۋە سورايدىغان بالا بولدى بۇ ئادەمدىن تولا گەپ سوراپ ئادەمنى زىرىكتۈرۋىتىدۇ دەيتتى. مىنىڭ كۈزۈتۈش ئىقتىدارىم يوقۇرىمۇ   ئۇ نىمىشقا؟ بۇ نىمىشقا؟ ئاينىڭ ئىچىدە نىمە بار؟كۈننىڭ ئىچىدىچۇ؟ دەوپ ئۇكارغا بەك قارايتتىم.

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15243
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3609 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 02:24:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھرىرلىسەم يوقاپ كىتىپ تەھرىرلىيەلمىدىم.كەچۈرۈڭلار . توغرلاپ ئوقۇغايسىلەر.

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103984
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 02:57:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىندىستانمۇ مارىس تەكشۈرۈش ئەسۋابنى ئوربىتىغا كىرگۈزۇپتۇ. ئەمدى ئىنسانلانىڭ مارسقا بولغان چۈشەنچىسى تىخمۇ ئاشىدىغان بولدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108636
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 695
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 03:56:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىپارە يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 02:20 PM
ۋاھ يەنە بىر يىڭى تېما! خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن! م ...

زوركەنسىز جۇما...
ھېلىقى يىشونىڭكىدىكى نىمىشقا ئۇكاشتەك

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15243
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3609 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 05:09:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
WIJDAN..? يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 03:56 PM
زوركەنسىز جۇما...
ھېلىقى يىشونىڭكىدىكى نىمىشقا ئۇكاشت ...

گىپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم......

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13237
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 05:38:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ماڭسا ئالەمدە سىر قالمامدۇ نىمە ؟

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108636
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 695
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 05:44:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىپارە يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 05:09 PM
گىپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم......

تەكرار ئوقۇپ ئويلۇنۇڭ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 05:48:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلار چىقتى ئاي ۋە يۇلتۇزغا.....دەپ بىر ناخشا بولىدىغان

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15243
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3609 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 05:55:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
WIJDAN..? يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 05:44 PM
تەكرار ئوقۇپ ئويلۇنۇڭ...

ماقۇل  ماقۇل .زوركەنسىز دىگەن نىمە گەپ؟

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش