wahpa يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 09:14 PM
تور سودىسى راۋاجلانماسلىقتا مەنچە مۇنداق سەۋەبلەر بار ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،بىزگە كۆڭۈل بۆلگىنىڭزگە كۆپ رەھمەت! تۆۋەندە مەن سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرەي(بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ)
1.تور سودىسى يېڭى ئۇقۇم بولىشى سۈپىتى بىلەن بىزگە ئېقىپ كىردى،سىز دىگەندەك ئىشەنچ مەسىلىسى ھەقىقەتەن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.بىزمۇ مۇشۇ ئۈستىدە نۇرغۇن ئىزدىنىپ كاللا قاتۇرۇپ كەلدۇق،ھازىرغىچە تاۋارىم سودا تورىدا960مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سودا مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى(تور بانكىسى،ئالىپەي،ساقلانما پۇل ئارقىلىق بولغىنى)
بۇ جەرياندا بىرەر قېتىم ئالدامچىلىق ئىشى يۈز بېرىپ باقمىدى،شۇڭا مەن تور بېتىمىزدىن خاتىرجەم مال سېتىۋېلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىپ بېرەلەيمەن. بىزنىڭ شوئارىمىز ئەگەر سىز تورىمىزدا مال سېتىۋېلىپ يۈز يۈەن ئالدانسىڭىز تور بېتىمىز سىزگە 300يۈەن تۆلەپ بېرىدۇ.
2.ماللارنىڭ باھاسى جەھەتتىن بولسا بىزمۇ نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىمىز،ھەم مىللىي كارخانچىلارنىڭ ماللىرىنى تور بېتىمىزدىن سېتۋالغىلى بولىدىغان قىلىشقا ھەر جەھەتتىن كۈچەۋاتىمىز.
3.بىزنىڭ مەقسىتىدىمىز بولسا مىللىي كارخانىلارنىڭ ماللىرىنى تاۋارىم سودا تورىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن ئەڭ ئەرزان باھادا ئەڭ تېز سۈرئەتتە سېتىۋالغىلى بولىدىغان قىلىش،ئاللا خالىسا بۇمۇ بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزدا ئەمەلگە ئاشقۇسى.
4.تەشۋىقات جەھەتتىن بىزمۇ ھەم نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق،چۈنكى تەشۋىقاتقا نۇرغۇن ئىقتىسادىي چىقىم كېتىدۇ،بىزنىڭ ھازىرغىچە بولغان تەشۋىقاتىمىز پۈتۈنلەي دىگۈدەك ھەقسىز تەشۋىقاتلار.بۇمۇ ھەم سىزنىڭ بىزنىڭ ئورتاق تىرىشىمىز ئارقىسىدا روياپقا چىققۇسى