مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1054|ئىنكاس: 15

قوشنا دېگەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نەزەرىدىن جامالىدىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6393
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10804
تۆھپە نۇمۇرى: 486
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 09:35:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قوشنا دېگەن

ئاپتۇرى : نەزەردىن جامالىدىن


جېنىڭغا جان بولىدىكەن قوشنا دېگەن ،
يىقىلساڭ قول سۇنىدىكەن قوشنا دېگەن .
يىغلىغاندا يىغاڭنى ھەم تەڭچە يىغلاپ ،
كۈلگەندە تەڭ كۈلىدىكەن قوشنا دېگەن .

موھىمىڭدا ئالدى بىلەن بار ئىكەن ئۇ ،
تۇرمۇشۇڭدا گوياكى بىر يار ئىكەن ئۇ .
يازدا شامال ، قىشتا ئىللىق پار ئىكەن ئۇ ،
مۇڭۇڭغا مۇڭ بولىدىكەن قوشنا دېگەن .

ئۆلۈم - يىتىم ئۇزىمايدۇ ئۇ بولمىسا ،
توي - تۆكۈنلەر قىزىمايدۇ ئۇ بولمىسا .
قول تۇتۇشۇپ بىر - بىرىنى تەڭ قوللىسا ،
ئەجەپ روناق تاپىدىكەن قوشنا دېگەن .

گاھى يىراق تۇغقاندىنمۇ ئەلا ئىكەن ،
گاھى شۇنى بەزىلىرى بىلمەيدىكەن .
بىلگەنلىرى بىرگە داغدام ئۆرلەيدىكەن ،
بولسا شۇنداق ئۆرلىسىكەن قوشنا دېگەن .


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 11:25:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىراىقتىكى تۇققاندىن يقىندىكى قوشنا ئەلا دەپتىكەن ياخشى يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 264 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 11:34:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ بوۋا-مومىلاردىن ئۇدۇم قالغان،
تۇققانلاردىن چارە كۆرۈش خوشنىلارنى.
ئەمما ئازراق بۇرۇقتۇمدا ئويغاق ھىسلار،
ئۇۋا قىلغان كۈندىن باشلاپ بىنا ئۆينى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8990
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 11:49:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن خوشنا دىگەن مۇھىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107189
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2046
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 11:53:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن ،ياخشى تىمىدىكى ياخشى چىققان شئېركەن بۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 10:44:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىنانىڭ ئشىكىگە چاپلاپ قويغۇدەك شېئىر بوپتۇ . ھازىر بىنا ئۆي دەپ خوشنىلىرىمىز ھەر مىللەتتىن بۇلۇپ كەتتۇق ، بىر -بىرىمىزنى چۈشۈنىشىپ بولغۇچىمۇ ئىشقىلىپ ئىشىكنى دۈم تاقاپلا كىرىپ كىتىدىغان بۇلۇپ كەتتۇق . يەنە بەزىلىرىمىز خىزمەت ، بالا دەپلا خوشنىلار ئارا كىرىش چىقىشلىرىمىز ئازلىشىپ ، دوقۇرۇشۇپ قالساق سالالملىشىپ قۇيۇپلا ھەممىمىز ئۆز ئىشىمىز بىلەن ئالدىراش . مۇشۇ روزا ھېيتتا ساڭزىنى سالىدىكەنمىز ھېيت دەپ ، جوزىغا تېزىيدىكەنمىز تۈركىيەنىڭ پۇشرۇقلىرى دەپ . ئەمما ھېيتلاپ كىرىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ، يۇرتتىكى ھېيتلارنى ، كىچىك ۋاقتىمىزدىكى ھېيتلىشىشلارنى ئەسكە ئېلىپ ئىچىمىزدە ‹توۋا بىز نىمە بۇلۇشۇپ كەتتۇق › دەپ ھېيتلارمۇ ئۆتۈپ كىتىۋاتىدۇ . ئىلگىرى خوشنامغا تاماق سۇناتتىم ، كېيىن ئاڭلىسام بۇ خوشنامغا نىسپەتەن روھى بېسىمكەن ، چۈنكى تاماق سۇنغان قاچامنى قۇرۇق ياندۇرۇپ بېرىشكە خىجىل بۇلامىش ، بۇنى ئاڭلاپ ‹توۋا ›دېدىم نەچچە رەت . شۇندىن كېيىن بۇ ئادىتىمنى تۈزەتتىم . مەن تۆتىنچى قەۋەتتە ئۇ خوشنام ئۈچۈنچى قەۋەتتە ئولتۇرىدۇ ، ئايلاپ يىللاپ بىر -بىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىشمەيمىز ، زالدا ئشىك ئالدىلىرىدا ئۇچۇرشۇپ قالساق بىردەم ھالىڭ قانداق دەپ قۇيۇمىز  شۇ . ھېيتلاردا خوشنىلارنىڭ بېشىنىمۇ كۆرمەيمىز . ھەممىمىز ئالدىراش چوڭ ئۆيگە باردۇق ، كىلىپلا خىزمەتكە چۈشۈپ كەتتۇق دىيىشىپ ھېيتلىشىپمۇ بۇلالمايمىز . ھېيتلىشايلىچۇ ماۋۇ خوشنام دېيىشكەن بولساق ھەرقانچە خىزمەت ئالدىراش بولسىمۇ ئاخشىمى ئىشتىن چۈشكەندە بېشىمىزنى بىر-بىرمىزنىڭكىگە تىقىپ ھېيت پەتىسى قىلىشقا ۋاقتىمىز چىقاتتى . سەۋەپ شۇ خوشنىلار ئارا مېھرى -مۇھەببەت يوق ، ئاۋۇ شېئىردا دىگەننى چۈشەنمەس بۇلۇپ كەتتۇق !!!

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 734 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 11:27:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ،خوشنا، بىلگەنلەرگە ئەڭ يىقىن كىشىلەردۇر .

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24142
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3836 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 11:46:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىتەي دەيمەن ، خوشنىلىرىمغا چىدىماي كۆچەلمەيمەن .‹ ئۆينى 100تەڭگىگە ئال ، خوشناڭنى 1000تەڭگىگە ›دەپ بىكار ئېيتمىغان چوڭلىرىمىز .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 809
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 12:18:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاغرىپ يېتىپ قالساقمۇ يىراقتىكى تۇققان كەپ بولغىچە خوشنىلار ھالىمىزدىن خەۋەر ئالىدىكەن.بىزنىڭ مەھەللىدە،ھېيىت بولغاندا،بىر كۈن خوشنىلارنى چاقىرىمىز،ھەممە خوشنىلار كىرىدۇ،خۇددى تۇققانلاردەكلا،ئەركىن-ئازادە،خۇش-چاخچاقلار بىلەن،شۇنچە خوش بوپ كېتىمەن

تومۇرۇمدا ئەزىز خەلقىم بار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 147
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2170
تۆھپە نۇمۇرى: 462
توردا: 1998 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 07:56:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياتلىشىش سەل ئىغىرلىشىپ قىلىۋاتىدۇ




نىمە ئۈچۈن بۆشۈك بىلەن قەۋرىنىڭ شەكلى ئوخشاش،ھەرئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۈچۈن ياسىلىدۇ پەرقى شۇكى بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۈچۈن بىرى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇ ئۈچۈندۇر...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش