مالنىڭ سۈپىتىنى تاللاڭ ، دوستنىڭ قەلبىنى .
لىكىن ، بىر ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر راستلا يەتمەيدىكەن . بەزىلەر قارىماققا دوستتەك ، قارىماققا سىزگىمۇ سىز ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلگەندەك ئوخشاشلا كۆڭۈل بۆلىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ، كۆپىنچە سىز ھەققىدە نۇرغۇن گۇمانلارنى قىلىدىكەن .
خۇددى سىزئۇنى كۆرەلمەيدىغاندەك ، داۋاملىق ئۇنى نەس بىسىشنى ئارزۇ قىلغاندەك ؛
خۇددى سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ خەۋىرىسىز (توغرىسى ئۇنىڭ تەستىقىسىز )قىلىپ قويغان ياخشىلىقلىرىڭىزنىڭ مەلۇم رەزىل مەقسىتى باردەك ؛
خۇددى سىزنىڭ ئۆزىڭىز مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسىڭىزمۇ ئۇلارغا كۈلۈپ قاراپ ، ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭىز ئۇلاردىن نەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقانلىقىڭىز ئۈچۈنلىدەك ؛
خۇددى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ باشقا يىقىنلىرىنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلىشىڭىز ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن شۇ يىقنلىرىنىڭ يامان گىپىنى سىزگە ئىيتىپ بىرىشىنى كۈتۈپ قەستەن ئېغىزىنى تاتىلاۋاتقاندەك ؛
خۇددى ئۇنىڭ «خوشى يوق» بىرەرسىنىڭ گىپى چىقىپ قالغاندا ئىختىيارسىز تەڭ قايناپ قىلىشىڭىز «ئۇنىڭغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن»دەك ؛
خۇددى ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى قولىڭىزدا تۇتۇپ ماختاشلىرىڭىز سىزنىڭ ئۇلاردەك قىلالايدىغان ماجالىڭىز ''بولمىغانلىقى'' ئۈچۈن قەستەن «جىڭ مالمۇ ياكى ساختىسىمۇ ، راس قىممەتمۇ ياكى ئەززىنىمۇ» دەپ «ئىچىڭىز ئىچىشىپ » دەڭسەپ بىقىۋاتقاندەك ؛
ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەرمەك مۇشۈكلىرىنى ئىچىڭىز كۆيۈپ قۇلاقلىرىدىن تۇتۇپ ئەركىلىتىشلىرىڭىز خۇددى شۇنى «باھانە » قىلىپ ئۇنىڭ مۇشۈكلىرىنىڭ «قۇلىقىنى سوزىۋىتپ زەھىرىڭىزنى چىقىرىۋىلىش»تەك
مۇرەككەپ ئادەملەر باركەن دۇنيادا