تۇنجى رەت
يانماس ئىدى يۈرەك ئوت بولۇپ،
ئۇچراشمىغان بولساق تۇنجى رەت.
كىتەلمەيتىڭ جانان ھېجراندا قويۇپ،
ئۇچراشمىغان بولساق تۇنجى رەت.
مەن ئىشقىڭدا يۈردۈم ئاھ ئۇرۇپ،
كۆز ياشلىرىم كەتتى ھەم قۇرۇپ.
قالماس ئىدىم ياختۇرۇپ سىنى،
ئۇچراشمىغان بولساق تۇنجى رەت.
ئىرشەي دەپ كۆزلىگەن گۈلگە،
كۈندۈزلەرنى ئۇلىدىم تۈنگە.
قالماس ئىدىم بۈگۈنكى كۈنگە،
ئۇچراشمىغان بولساق تۇنجى رەت.
ئارمان بولۇپ قالمايتى ۋىسال،
ئۇچراشمىغان بولساق تۇنجى رەت.
سەن كەتسەڭمۇ يۈرەتتىم خۇشال،
ئۇچراشمىغان بولساق تۇنجى رەت.
مەنبە:ھەممىمىز يولدا!
2014.9.24
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-24 11:11 PM