مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 799|ئىنكاس: 12

ھەققانىي: بىلىمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36984
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 06:43:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىلىمەن
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
**
بىر كۈنلەردە قوپالماي ياتارىمنى بىلىمەن،
چاپلىشىدۇ نەس كېسەل،ئازابىمنى بىلىمەن،
غەم-قايغۇنىڭ ھاڭىغا پاتارىمنى بىلىمەن،
غىچ-غىچ ياغاچ ھارۋىدا ماڭارىمنى بىلىمەن،
ئۇخلايدىغان مەڭگۈلۈك ماكانىمنى بىلىمەن.
**
شوڭا ماغدۇر بار چاغدا دوستلار بىلەن مۇڭدىشاي،
تۆت كۈنلۈك بۇ ئالەمدە ئۆز كۆڭلۈمنى خۇش تۇتاي،
دوست-يارەننى چاقىراي،چاقىرغاندا تېز باراي،
ئامانەت دەپ ئاللاغا ھەر كۈنى بىر خوشلىشاي،
چۈنكى دوستتىن ئايرىلىپ قالارىمنى بىلىمەن.
**
تىزكەن يىللار يورغىسى پىشىم بوپتۇ كۈنۈمگە،
كۆنەلمەيمەن ئەي خوتۇن سەن تۈزگەن چىڭ تۈزۈمگە،
«ئۆيدىن سىرتقا چىقما»دەپ كىرىۋالما كۆزۈمگە،
بالىلارمۇ:«ئەمدى يات!»دەپ سالمىسۇن يۈزۈمگە،
ھازىر ياتسام سەل بالدۇر،ئەھۋالىمنى بىلىمەن.
**
شۇنداق بىر كۈن كېلەدۇر،بۇ ھاياتتا ئىنسانغا،
چىق دىسەڭمۇ چىقالماي ياتاركەنمىز سىرتلارغا،
ئۈركۈتۈشكە كۇچ يەتمەي ھەتتا چىۋىن-قۇرتلارغا،
نىمە چارە ئۇ ھالدا يېتەلمەيمەن دوستلارغا،
مىنى ساقلار بىتاقەت دىشۋارىمنى بىلىمەن.
**
ياشىساممۇ زار يىغلاپ قارارگاھىم مازاركەن،
شاھ بولساممۇ يۇرت سوراپ ياتار جايىم كاماركەن،
قانداق ياشاش ئۆزۈڭدىن بۇ مۇشۇنداق جاھانكەن،
سەپرا،خۇشخۇي،باي،گاداي شۇ مەنزىلگە باراركەن،
شوڭا تۆت كۈن قانداقراق ياشارىمنى بىلىمەن.
**
ئاللاھ مىنىڭ رىشتىمنى چىن دوستلۇققا باغلىغان،
ئەجەل ئوقى تەككۈچە ئارزۇلاردىن قالمىغان،
دۇتتار،غىجەك، چاڭ، تەمبۇر قالماپتۇ مەن چالمىغان،
پاكىز ياشاپ بىر ئۆمۈر ئەل ھەققىنى ئالمىغان،
مۇنكىر-نىكىر سورىسا جاۋابىمنى بىلىمەن.
**
ئالماي زادى كەتكۈم يوق ھۇزۇرىنى جاھاننىڭ،
يول قويۇڭلار قوشۇلاي كۈلكىسىگە ئاۋامنىڭ،
« قېرىغاندا ياتساڭچۇ»دىگەن غوت-غوت پاراڭنىڭ،
زۇۋانىغا ئوت قوياي شۇنداق دىگەن ساراڭنىڭ،
دەرگاھىغا ئاللاھنىڭ بارارىمنى بىلىمەن.
**
ئاللاھ ئۈزى بىلگۈچى ياخشى بىلەن ياماننى،
بەندىنىڭ ھېچ ھەققى يوق قورقۇتۇشقا ئىنساننى،
قۇرئان ئۈزى ئايرىغان ھالال بىلەن ھارامنى،
ئۆز مەيلىچە ئاشقۇنلار ياسىمىسۇن يالغاننى،
ياشىۋالاي شاد-خورام، زاۋالىمنى بىلىمەن.
**
قانداق ياشاش بەندىنىڭ ئىختىيارى ئىلكىدە،
كۈندە غەمكىن يۈرەمدۇ، يا ئۆتەمدۇ كۈلكىدە،
نىمە كارى خەق خەقنىڭ گەپ تارقىتىپ ئۈستىدە،
نەقتىن نىسى ئەلا دەپ يوقتۇر كىتاپ بىتىدە،
بۇ ھاياتتا ئاداققى نىشانىمنى بىلىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-24 08:09 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36984
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 07:27:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي باللا،بۇگەپنى تولىمۇ دەپ كەتتىم. باشقۇرغۇچىلار يا بىلىدىغانلار مۇشۇ ئەسىرىمنى ئوتتۇرغىراق بىر تەڭشەپ قويساڭلارچۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   akkani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-24 07:29 PM  


ئۆتمۈشتىن زارلانماڭ، ئەتىڭىز ت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48837
يازما سانى: 1317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7860
تۆھپە نۇمۇرى: 1183
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2011-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 07:34:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئاللا  بۇ شىئېرنى  قانداق چۈشەنسەم بۇلا........

ئۆزەڭنى خان بىلسەڭ ، باشقىلارنى تاج بىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87916
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1493
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 08:44:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل  چىققان  شېئىركەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95628
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1078
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 09:04:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى چوڭقۇر شىېركەن. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

سەن ئادەم ئارقىلىق ھەقنى ئەمەس،ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101964
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 957
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 09:34:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ يۇرۇگىنى ئىزىۋېتىدىغانلا  شېېر كەن بۇ  بەك تەسىرلىك يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 11:39:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يتىشكەن شائىر دىسەك بولغۇدەك جۇمۇ سىزنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1713
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8959
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 11:42:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزلىپتۇ، مەزمۇنى ناھايىتىمۇ ياخشىكەن قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8650
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1947 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 12:32:28 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاللىغان يول ئوخشىمايدۇ .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 05:40:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ.

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش