ئۆزەمچە تەكلىپ، ئارتۇقچە بولسا ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلە:
«ئارقامغا تەشۋىشتەك ئىتتىك قايرىلدىم» مىسراسىدىكى «تەشۋىشتەك» سۆزىنى «تەشۋىشتە» دەپ ئېلىش كېرەكمۇ قانداق؟
«ئارقامدا قەپ قالدى ھەممە ھەممىسى،
مەن سۆيگەن قىزچاقمۇ ھەتتاكى بېكەت»
بۇ مىسرالاردىكى «ھەتتامۇ بېكەت» سۆزىنىڭ بۇ جايدا ئىشلىتىلىشىمۇ تازا مۇۋاپىق ئەمەسمىكىن دەيمەن...چۈنكى «ھەتتاكى بېكەت» دىيىلسە بىرنەنچىدىن بېكەت قىزچاقتىنمۇ مۇھىمدەك ئىككىنەنچىدىن ئاپتۇۋۇز قوزغالغاندىكىن بېكەتنىڭ قېپ قالىدىغىنى ئەڭ ئەقەللى ئىش...بۇنىڭغا ھەتتامۇ سۆزى ئارتۇقچە. مۇھىمى قىز قېپ قالغان يەردە بېكەتنىڭ قېپ قالغانلىقىنى ئارقىدا تىلغا ئېلىش بەكلا زومۇزو بوپ قاپتۇ.
«ھەي سوغۇق كۆزياشلار بىھۇدە ئاقماي،
مەندىكى ۋاپانى شۇ قىزغا ئېپ كەت» ئاخىرىدىكى مىسراسىدا مەيلى مەزمۇن ياكى سۆز ئىشلىتىش جەھەتتىمۇ ئازراق مەسىلى باردەك ھىس قىلدىم. ئىپادىلەپ بىرەلمىسەممۇ.
ئەممازە ئاخىرىدىكى كۇبلىت بەك جايىغا چۈشۈپتۇ ھەم تازا مۇۋاپىق ئۈمۈتلىك ىولاسە بوپتۇ