مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3701|ئىنكاس: 12

”ئاپا ،باغچىغا بارمايمەن “ دىن توغۇلغان ئويلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100365
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-12-1
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 11:00:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

”ئاپا ،باغچىغا بارمايمەن “ دىن توغۇلغان ئويلار


   قىزىم ئىپارگۈل، سەن توغۇلغىلىمۇ ھايت-ھۇيت دېگۈچە ئۈچ يىل بولۇپ قالدى.سېنىڭ ئاق-سۈزۈك چىرايىڭ ،تال-تال ئۆسكەن كىرپىكلىرىڭ ئاستىدىكى يېقىملىق بىر جۇپ قارا كۆزلىرىڭ ،ساغۇچ ئۆسكەن قاشلىرىڭ ،گىلاستەك قىزىل لەۋلىرىڭ بىزنى بەكمۇ مەھلىيا قىلاتتى .سېنى ياخشى تەربىيلەش قاتارغا قۇشۇش بولۇپمۇ مەندەك مۇئەللىم ئاپاڭنىڭ ئالدىراش داداڭغا قارىغاندا باش تارتىپ بولمايدىغان يۈكسەك مەسئۇلىيتى ئىدى.شۇڭا سېنى ئانا تىلى ياخشى تىلى چىقسۇن دەپ ،مىللىي باغچىغا بەردىم.مانا ھەش –پەش دىگۈچە ئىككى ئايمۇ بولۇپ قالدى .ھەر كۈنى سېنى باغچىغا ئاپارغىنىمدا ،سېنىڭ ماڭا يېلىنىپ يېغلاشلىرىڭ .ئاپائۆيگە كېتەيلى دەپ  دەپ بودىرىقىنە قوللىرىڭ بىلەن بوينىمغا گىرە سېلىپ ، ئالمىدەك مەڭزىنى مەڭزىمگە يېقىشلىرىڭ ،كۆزلىرىڭدىن شەبنەمدەك سۈزۈك  ،پاك ،غۇبارسىز ياشلىرىڭنى مېنى ھېس قىلسۇن دىگىنىڭدەك يۈزلىرىمگە ،قوللىرىڭغا ئېقىتىپ يېغلاشلارىڭ  .ئاپا كەتمە دەپ پاچاقلىرىمغا ئېسىلىپ ،نالە قىلىشلىرىڭ مېنى تەۋرىتىپ قويدى. ھەر كۈنى سېنى باغچىغا ئاپىرىمەن، سېنى بىرمۇ بولسۇن، مۇئەللىمىدىن، ساۋاقداشلرىدىن بىر –ئىككى ئېغىز بولسىمۇ ،گەپ ئۆگەنسۇن دېسەم،سېنىڭ باغچىغا كىرىشكە ئۇنىماسلىقىڭ .جاھىللىقىڭ كىمنى تارتقان بولغىيتى .ھېلىمۇ ئىسمدە ئەر –ئايال ئىككەيلەن سېنى ماشىنىدىن چۈشۈرەلمەي ،ماشىنىنىڭ ئىككى ئۇدۇل ئىشىكىدە ،سېنى توشقاننى تۇتقاندەك قوغلاپ تۇتۇپ ،پۇت-قولۇڭنى تېپىپ ئۇرۇشىڭغا قارىماي ،تېلىقىپ يېغلاشلىرىڭغا قارىماي ،باغچىغا ئەكىرىپ بېرىشىمىز .مۇئەللىمىڭنى كۆرۈپ يالۋۇرۇش كۆزلىرىڭ بىلەن بىردە مۇئەللىمگە بىردە ئاپاڭغا قاراپ ،ئۇخلاپ قوپساملا ،مېنى ئالغىلى كېلىڭ دېيىشىڭ، كەچ بولغاندا ھېچكىم بىلەن ئوينىماي ،ئاپام مېنى ئالغىلى كېلىدۇ دەپ ئۈمۈدلىك كۆزلىرىڭ بىلەن باغچىنىڭ ئىشىكىگە بىلەن تەلمۈرشۈڭ .ئېھ بالام ،سەن نېمىشكە بۇنداق بىچارە بولۇپ قالدىڭ.سېنىڭ بۇ ھالىڭغا قاراپ مېنىڭ ئىشقا ماڭغان پۇت –قوللىرىم تىترىدى.كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى.سېنى بوشاڭ ،جاپا مۇشاقەتقە چىدىيالمايسەن دەي دىسەم  ،سەن شۇنچە كىچىك ،بىغۇبار ،ياخشى –ياماننى پەرق ئېتەلمەيسەن .دوست تۇتۇپ ،بىر كۈننى مەنىللىك ئۆتكۈزۈشنى تېخى بىلمەيسەن .مۇئەللىمگە ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنى بىلمەيسەن .پەقەت  ،ئاپاڭنى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان دەپ ،ئۇنىڭغىلا ئىشىنىپ ،تاشقى دۇنيا بىلەن تۇنۇشىشنى خالىمايسەن.مۇئەللىمنىڭ ئېيتىشىچە ،تاماق يەۋاتقان ۋاقىتىمۇ ،ئاپا مېنى ئالغىلى كەل دەپ يېغلاپ كېتىسەن.ساڭا ئەگىشىپ باشقىلارمۇ تەڭ يېغلايدۇ.جېنىم بالام ،مېنىڭمۇ ئۆزەمگە چۈشلۈك دەردىم بار .سېنى ياخشى ئوقۇتۇپ ،ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن ،داداڭغا ئوخشاش ئىشلىمىسەم بولمايدۇ. خىزمىتىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ،كەسىپتە بەلگىلىك نەتىجەقازىنىپ ، ئاتا-ئانامنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىمىسام بولمايدۇ.سەنمۇ كىچىك ۋاقتىڭدىن تارتىپ  ئۆزۈڭ تۇرۇشلۇق ئورۇننى تېپىشنى ئۆگەنسەڭ ،كەلگۈسىدە جەمىئەتتىمۇ بىر كىشلىك ئورنىڭنى تاپالايسەن ئەمەسمۇ ؟.توغرا سېنىڭ يېشىڭ تېخى باغچا يېشىغا يەتمىدى.سېنى شەخىسي قۇرغان يەسلىگە بەردىم .ئىككى مۇئەللىم 35بالىغا قارايدىكەن.سىنىپ سەل كىچىك بولۇپ ،ھاۋا ئىسسىپ كەتسە ،دىمىق ھەم ئاياق پۇراپ كېتىدىكەن .ئۇخلايدىغان يەرمۇ شۇ سىنىپ ئىكەن .دەرس ئۆتىدىغان يەرمۇ شۇ سىنىپ ئىكەن . تاماقلىرىنىمۇ بىزگە كۆرسەتكىلى قويمايدىكەن .ئاڭلىسام،گاڭپەن ئەتسە ،بالىلار سەي يېمەيدىكەن دەپ بىر داس مىغەنگە ئۈچ چۆمۈچ سەينى قويۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئۇسۇپ بېرىدىكەن .مانتا ئەتسە ،بەسەي بىلەن پىيازدا خام قىيما قىلىپ ئېتىپ بېرىدىكەن .بالىلار جىق سۇ ئىچەي دېسە،ھاجاتخانىغا كۆپ چىقىدۇ دەپ ،سۇنىمۇ ئاز بېرىدىكەن .قارىماققا بۇ باغچا گۈزەل  كۆرۈنسىمۇ ،لېكىن باشقۇرۇشى مۇكەممەل ئەمەسكەن . بۇنى سېنىڭ جاھللىقىڭ بىلەن قوشقاندا باغچىغا تېخىمۇ بارغىڭ كەلمەيدىكەن .توغرا مەن سەن تېخى  ئاتا- ئانا مېھرىگە قانمىغان ،  ئەمدىلا ئاپا-دادا ھۈممە ،ئاش دەپ تىلىڭ چىقىۋاتقان ۋاقىتتا مەن سېنى رەھىمسىزلەرچە باغچىغا ئاپىرۋەتتىم .قۇشقاچ چېغىدا ،بالىلىرىنى ئۇچۇرما قىلىپ بولۇپ ،ئۇلارنى تەبىئەت دۇنياسىدا پەرۋاز قىلىشقا يول قويىدۇ ئەمەسمۇ ؟لېكىن بىز ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ يوخلىمى چىڭ . ئىشقا ۋاقتىدا بارمىساق بولمايدۇ.ئەتىگەن سەھەردە سېنىڭ ئۇنىمىغىنىڭغا قارىماي ،باغچىغا ئاپىرىمەن ،كەچتە سېنى ئېچىرقان ،خۇنۇك كۆزلىرىنىڭ بىلەن ئۆيگە ئەكېتىمەن .تاماق ئېتىپ  يەپ،بىر –بىرىمىزگە مېھرىمىز قانغۇچە،سەن ئۇخلاپ قالىسەن .  كۈنلەر مۇشۇ تەرەققىيدە ئۆتمەكتە .مانا تۆت ئايمۇ ئۆتۈپ كەتتى.لېكىن سېنىڭ بارغان كۈنۈڭ ساناقلىقلا. بۇرۇن بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا ،باغچىغا بارمايتۇق .ئاتا-ئانىمىزنىڭ مېھرىگە قېنىپ ،ئۇلار ئەتكەن ئىسسىق تاماقنى يەپ ،ئاداشلرىمىز بىلەن چۇقۇرشۇپ ئوينايتۇق .ھېچقانداق غەم –ئەندىشىمىز يوق ئىدى.ساڭا ئوخشاش باغچىنىڭ گېپىنى قىلا –قىلماي،ئاپا باغچىغا بارمايمەن دەپ يېغلاش ئەسلا مۇمكىن  ئەمەس ئىدى.خەير ،ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ ،ئون بەشى ئايدىڭ دەپ بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كېتەر .سېنى ھۆكۈمەتنىڭ باغچىسىغا يۆتكەشنى قارار قىلدىم .بالىلارنى تۇنجى قېتىم باغچىغا بەرگەندە ،ئەڭ ياخشى باغچىنى تاللاپ بېرىشى كېرەك ئىكەن .بۇ بالىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن .يېشىڭمۇ ئۈچ  يېرىم ياشقا كىردى.ھۆكۈمەتنىڭ باغچىسى  ھەقىقەتەن بولىدىكەن .تاماقلىرى ياخشى ،باشقۇرۇشى مۇنتىزىم ،سىنىپلىرى ئازادە،بالىلار ئاز .ئۇخلايدىغان سىنىپلىرى ئايرىم ،پاكىز ئىكەن .ھويلىرىدا ئوينايدىغان ئۇيۇنچۇقلار ناھايىتىمۇ كۆپ بولۇپ ،سەن كۆزلىرىڭنى ئۈزەلمەي قالدىڭ .ھازىر باغچىدىن ئانچە زارلانماي بولدۇڭ .باغچىغا بارغان بىرىنچى كۈنىلا”ئاپا بۈگۈنكى ئاش بەك تاتلىقكەن ،بەك ئوخشاپتۇ. “دەپ كۈلۈمسىرەپ قايتىپ كەلدىڭ .مېنىڭ غەم ئەندىشلىرىم ئاستا-ئاستا تۈگەشكە باشلىدى. بالىلارنى تامىقى ياخشى ،سىنىپلىرى چوڭ ،بالىلىرى ئاز ،باشقۇرۇش تۈزۈمى ياخشى باغچىغا بېرىش ئىنتايىن مۇھىم ئىش ئىكەن .بالىلارنىمۇ ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە بەرگەندە ،ياخشى باغچىلارغا بەرگەندە ،بالىلاردا پىسخىكىسى ساغلام بولۇش ،كۆنەلمەسلىك ،مۇئەللىمدىن قورقۇش ،باغچىغا قىزىقماسلىقتەك ناچار ئالامەتلەردىن قوتۇلغىلى بولىدىكەن .
2014-9-23
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-23 12:35 PM  


ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5676
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2500 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 12:33:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق قىلىشنى بىلىۋالدىم.....رەخمەت سىزگە....
بالىلىرىمىزنىڭ دىلى ئازار يەپ قالمىسۇن..........

ئىشىڭنى قىل.................!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 12:47:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە ھەر قانداق بالا تۇنجى قېتىم باغچىغا بارغاندا شۇ ئاز دېگەندە بىر ھەپتىگە يەتكەن ئارلىقتا يىغلاپ ‹بارمايمەن › دەپ ئازراق خاپىلىق سالىدۇ . چۈنكى بالا ئۈچ ياش كىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئاتا -ئانىسىنىڭ ھېمايىسىدە كۈنۈپ قالغان بولغاچقا ، ئۇلاردا بىر خىل باشقىلارغا نىسپەتەن قورقۇش ، ياتسىراش بولغاچ ، ئاشۇ مۇھىتقا كۈنۈپ ئالغىچە شۇنداق قىلىدۇ . بىر ھەپتىدىن كېيىن باغچا تۇرمۇشىغا كۈنىدۇ ھەم يىغلىماي ‹ خوش ئاپا ياكى دادا › دەپ قالىدىغان بۇلىدۇ .
بالىلارنى قايسى مۇھىتتا تەربىلىسىڭىز شۇ مۇھىتقا ماسلىشىپ كىتىدۇ . ياخشىراق مۇھىتلىق يەسلى باغچىلاردا تەربىلىسىڭىز ئۆزىمىز شۇ ياخشىراق بۇلىدۇ دەپ ئويلايدىكەنمىز . شۇ ۋەجىدىنمىكىن ، ھازىر مۇھىتى ياخشىراق باغچىلارنىڭ يەسلى ھەققىمۇ بىر مىڭدىن ئېشىپ ئازلا قالدى ئىككى مىڭغا چىققىلى . ئالىدىغان مائاشىم ئۈچ مىڭدىن ئاشىدۇ ، باللىرىمنىڭ(قوشماق) يەسلى ھەققىگە ھەر ئايدا  ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز يۇئەن تۆلەيمەن . ئەمما شۈكرى ئاللا . بالىلار ئۈچۈن دەپ تېرىشىپ كىتىۋاتىمىز ئەر -ئايال ئىككىمىز . تاماقلىرىنى كىرىپ كۆرۈپ تۇرىمىز ، ھەر ھالدا ياخشى ، باللىرىم كەچلىكى يەسلىدىن كەلگەندە ھەرگىز تاماق يىمەيدۇ ، يەسلىدە نەچچە قاچا يىدۇق دەپ .  
مۇشۇ جەنۇبى شىنجاڭغا بېرىپ باغچىلاردا ھەقسىز ئوقۇتىمىز دېگەننى ئاڭلاپ ، سۆيۈنىپ كەتتىم . ئەمما سىز دېگەندەك يۇقۇردىكى ئەھۋاللار بولسا ئىنكاس قىلسا بۇلىدۇ ئاتا-ئانىلار بۇنى . شۇنداق قىلىدىكەن دەپلا قاراپ ئولتۇرماي . ئۆزىمىزنىڭ مەنپەتىنى ئۆزىمىز قوغدىشىمىز كېرەك . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mehriya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-23 12:53 PM  


تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 02:07:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيسىز ،،،كىچىك بالىلارنى يەسلىگە كۆندۇرۈش ئۈچۈن ھەرخىل ئاماللارنى قىلىپ بېقىشىمىز كېرەك،،،يەسلىدە زېنى ئېچىلسا مەكتەپكە كىرگەندە ياخشى ئوقۇشىدا گەپ يوق...
بۇمۇ ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بىلۋىلىشقا تېگىشلىك بىلىملەر ئىكەن..

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2308
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3112 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 04:24:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارمايمەن دىسە باغچىدا راسىت مەسلە بار دىگەن گەپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى بالىنى بىقىش بولغاندىكىن ياخشى قارىشى، بىر ئاماللار بىلەن ھەر-بىر بالىنىڭ كۈڭلىنى ئۇتىشى شەرت!...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 05:38:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باغچىنىڭ گېپىنى قىلساڭلار ....ھەي...........بىزنىڭ بۈگۈردە بالىلارنى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى، بازار ئىچىدىكى بالىلار باغچىسىغا كىرگۈزمەك ئالىي مەكتەپكە كىرگۈزۈشتىنمۇ تەس، قاچانلا بارسا سان توشۇپ كەتتى  دەپلا تۇرغان، مىنىڭ بالامغۇ باغچىنى تۈگىتىپ ئىككىنجى سىنىپقا چىقىپ بولدى بىراق، ئەينى  چاغدا مەنمۇ ناھىيە ئىچىدە خىلى نوپۇزلۇق ئوروندا ئىشلەپ تۇرۇپمۇ بالامنى باغچىغا يالۋۇرمىغان ئادەمىم قالماي دىگۈدەك بەك تەستە كىرگۈزگەن ئىدىم، تاماقلىرى ياخشى، باغچىدا بىر سىنىپتا 60 نەچچىدىن بالا،  ئۇچ مۇئەللىم، ياتىدىغان يېرى ئايرىم ، شارائىتى ھەقىقەتەن بولىدۇ، بىراق باغچىغا كىرگۈزۈش بەك تەس، سان سىرىتتىن كەلگەنلەرنىڭ بالىلىرى بىلەنلا توشۇپ كېتىپ، ناھىيە ئىچىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ بالىلىرى تالادا قالدىغان ئىش بەك ئېغىر.....
ھۆكۈمەت ئەتىراپتىكى بىرقانچە يەرگە باغچا سالدى بىراق ھەممىلا ئادەم بالىسىنى ئاشۇ مەركىزى باغچىغا بېرىمەن دەيدۇ.............

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87916
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 02:06:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەنۇبتىكى باغچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىللىرى،،،،،،ھەيييييي،ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلار(ھەممىسى ئەمەس ئايرىم ساندىكى) بالىلارغا سىنىپتا تۇرۇپ مۇھابىتى بىلەن تىلفۇندا سۆزلۈشۈپ،دەرىستىن چۈشەي دىگەندە باغچا ئالدىدا  كۆرشۈپ باللىرمىز ئۆيگە كەلسا پالانچى خانىمنىڭ مۇھابىتى كەپتۇ،پوكونچى خانىم مۇھابىتى بىلەن ئۇرشۇپ قاپتۇ ئايرىلىپ كىتىپتۇ دىگەن گەپلەرنى كۆتۈرۈپ كېلدىكن،توۋا شۇڭا بۇ ياقتا باغچىغا بىرىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمىز، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wahpa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-24 02:07 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 03:00:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدا بىرخىل چۇشۇنۇكسىز ھالات  شەكىللىنىپ قالدىكەن . بىرخىل چۇشۇنۇكسىز.

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13689
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8924
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 957 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 06:06:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەسلىنىڭ بالىلارغا پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ ، ئاتا- ئانىسى ئىشلەيدىغان ئائىلىدە بالا يەسلىگە بارمىسا چوڭلارنىڭ قېشىدا تېخىمۇ ئەركە چوڭ بوپ قالىدۇ ،

ئاتا - ئانامنى بىر ئۆمۈر خوشال قىلىشقا تىرىشىمەن ،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1668
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 11:41:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ھۆكۇمەتنىڭ باغچىسى ياخشى، دەپ قارايمەن. مۇشۇ بالىلارنىڭ خارلانغىنىنى ئاڭلىسام چىدىماي قالىمەن. ھۆكۇمەت باغچىنى كۆپرەك قۇرىشى كېرەك.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش