ۋەتىنىم تۇرقۇڭدىن مىڭ-مىڭ ئۆرگىلەي!...
توختەم ئىمىن( ئاقسۇ ۋىلايەت توقسۇ ناھىيە ئۆگەن يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ)
دۇنيانىڭ ئەڭ جىمجىت رۆجەكلىرىدە،
چاقنايدۇ كۆز قىسىپ بىر تۈپ رەيھانگۈل.
سۈپۈزۈك بەرگىدە تال-تالدۇر يۈرەك،
يارىدۇ باغرىنى جان دەپ تەۋەككۈل.
دۇنيانىڭ ئەڭ جىمجىت رۆجەكلىرىدە،
تۇغۇلار قۇياشنى كۆتۈرگەن بالا.
تۈكۈلەر يىپ-يېڭى كۈيلەر نازلىنىپ،
ئاققاندا قارچۇقتا لالىرەڭ دالا.
سىغدىلار دىللارغا نەچچە يەر ئاسمان،
سىغدىلار قەدىمىي كۈمۈلگەن قەۋىم.
يالاڭياغ مېڭىش ئاھ،نىمانچە راھەت...
غىدىقى كەلدىمۇ ۋىلىقلايدۇ چىم.
سەلكىنلەر چاچلارنى سۆيگەن دەقىقە،
كىملەردۇر ئىسىڭگە كىلىدۇ بەلكىم.
غەملەرچۇ قەيەردە قالار ئىسەدەپ،
ياپ-يېشىل دۇنياغا بولغاندا تەسلىم.
چاقىرار بارخانلار يىنىك قول سىلكىپ،
يۇلغۇنلار چالىدۇ گاھى قۇمۇش نەي.
جىگدىلەر پىچىرلاپ قالىدۇ تاتلىق،
قۇشلارچۇ لىۋىڭنى چۇقىلايدۇ ئەي!...
مىھرىڭنىڭ شۇ چەكسىز رۆجەكلىرىدە،
ۋەتىنىم تۇرقۇڭدىن مىڭ-مىڭ ئۆرگىلەي!...
مسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە يوللانغان ئەسەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tuti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-22 08:29 PM