مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2141|ئىنكاس: 11

جۇڭگودىكى جۇڭيى دورىلىرىنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنىنى تەكشۈرۈش دوك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102954
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 456
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 08:02:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەزكۇر ئەسەرنى تورىمىز تەرجىمانى گۈلجەننەت تەرجىمەقىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى جۇڭيى دورىلىرىنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنى ھەققىدە سۆزلەنگەن. ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر جۇڭيى دورىلىرىنىڭ بەدەنگە زىيىنى يوق، تەبىئىي نەرسىلەردىن ياسالغان، ئەكس تەسىرى يوق دەپ قارايدۇ. مەزكۇر ئەسەر بولسا باشقىچە نۇقتىدا تۇرۇپ، جۇڭيى دورىلىرىنىڭ زىيانلىق تەرىپىنى بايان قىلىپ بەرگەن. مەزكۇر ماقالە ئوكيان قامۇسىنىڭ ئۈندىدار سالونىدا يوللىنىپ بولغان، لېكىن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن مىسرانداشلارغىمۇ سۇنۇلدى.



جۇڭگودىكى جۇڭيى دورىلىرىنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى


   خىمىيەلىك دورىلار (غەربچە دورىلار) نىڭ جىگەرگە بولغان زىيانلىق تەسىرى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار تولۇق بولغان بىلەن،  جۇڭگولۇقلار كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىدىغان جۇڭيىچە دورىلارنىڭ جىگەرگە بولغان زىيانلىق تەسىرى توكسىكولوگىيىلىك تەتقىقات باسقۇچىغا كىرگىنى يوق. ھەتتا رېتسىپ يازغاندا جۇڭيىچە دورىلارنى يازىدىغان جۇڭگو، غەرب تېبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ، ئۇ جۇڭيىچە دورىلارنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنىنى ئېنىق بىلمەيدىغانلار كۆپ.
   تېخىمۇ كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا زور بىر تۈركۈم ئەنئەنىۋى جۇڭيىچە دورىلارنىڭ دۆلىتىمىز كىشىلىرىنىڭ جىگىرىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى بايقالدى. ئۇزۇن مەزگىل، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش ( پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دورا ۋە ئۆسۈملۈك دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بەلكىم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.
   ئەنخۈي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شۈ جيەنمىڭ پروفېسسور  2005-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 16 چوڭ تىپتىكى دوختۇرخانىدا دورىلارنىڭ جىگەرگە بولغان تەسىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە، 1200دىن كۆپرەك بىمارنىڭ جىگىرىنىڭ دورا سەۋەبىدىن زىيانلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭيىچە دورىلار كەلتۈرۈپ چىقارغىنى 20.6%نى ئىگىلىگەن. 2013-يىلى، چۇڭچىڭ ئۈچىنچى ھەربىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى شىنچياۋ دوختۇرخانىسىنىڭ بىر ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە،  جۇڭگودا 1994-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە 24112 نەپەر دورا سەۋەبىدىن جىگىرى زىيانلانغان بىمارلار ئىچىدە، «جۇڭيىچە ئۆسۈملۈك دورىلار جۇڭگولۇقلارنىڭ جىگىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقان ئىككىنچى چوڭ ئامىل» بولۇپ، 18.6%نى ئىگىلىگەن. جىگەرنى زىيانلاندۇرىدىغان دورىلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغىنى غەربچە دورىلار ئىچىدىكى تۇبىركۇليوز كېسەللىكىگە قارشى دورىلار بولۇپ، 1/3نى ئىگىلەيدىكەن.
   بۇ ئىلمى ماقالىنىڭ تەتقىقات تېما مەسئۇلى ، ئۈچىنچى ھەربىي تېببى ئۇنىۋېرسىتېتى شىنچياۋ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى گو خۇڭ « سۇمرۇغ ھەپتىلىكى» ژورنىلىنىڭ مۇخبىرىغا ، بۇ تەتقىقاتتا  بىۋاستە بىمارلارنى تەكشۈرگەن بولماستىن، بەلكى دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئىلگىرى يېزىلغان ئەسەرلەرنى مىسال قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئەسلى سانلىق مەلۇماتلار كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك، بۇ ماقالە مەلۇم چەكلىمىلىككە ئۇچرىغان، ئاساسلىق مەقسەت دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېببىي خادىملارغا دورىنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنى، بولۇپمۇ جۇڭيىچە دورىلارنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنىغا سەل قارىماسلىقىغا مۇراجىئەت قىلغان.
   بىر قىسىم دوختۇرخانىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى شۇ ساھەدە ئاشكارىلىنىشقا ۋە مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىدى.2014-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، «دورىلارنىڭ زىيانلىق تەسىرى»ئىلمىي ژورنىلى ئۇيۇشتۇرغان 6-نۆۋەتلىك دورا مەنبەلىك جىنسىي كېسەللىكلەر ۋە بىخەتەر دورا ئىشلىتىش مۇنازىرە مۇنبىرىدە، نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكلاتىدا جۇڭيىچە دورىلارنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ھەمدە بىر نەچچە دوختۇرخانىنىڭ سانلىق مەلۇماتى بېرىلگەن.
   دۆلەت دورىلارنىڭ زىيانلىق تەسىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى دۇ شياۋشىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر جىگەر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ئىلگىرى ئۇنىڭغا دوختۇرخانىسىدىكى جىگەر كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ تەخمىنەن 60%ىنىڭ جۇڭيىچە دورىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن؛ يەنە بىر غەرب تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى بۇ قېتىمقى مۇنازىرە مۇنبىرىدە دوختۇرخانىسىدىكى جىگەر كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ يېرىمىنىڭ جۇڭيىچە دورىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
   بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي لەي دوختۇرخانىسىدىكى جۇڭيىچە دورىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك جىگەر كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاشكارىلىغان، يەنى :«جۇڭيىچە دورىلار بىلەن خىمىيەلىك دورىلار (يەنى غەربچە دورىلار) نىڭ جىگەر كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 51% ۋە 49%. جىگەر كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خىمىيەلىك دورىلار بىر قەدەر مەركەزلەشكەن، ئەمما قايسى خىل جۇڭيىچە دورىلارنىڭ جىگەر كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.»
   كلىنىكىدا، دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەر كېسەللىكىگە ئادەتتە شاللاش خاراكتېرىنى قوللىنىپ تۇرۇپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى جىگەر كېسەللىكى دوختۇرلىرىنىڭ دورىلارنىڭ زىيانلىق تەسىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا تايىنىپ، ئىلگىرى توپلىغان بىلىملىرىنىڭ ياردىمىدە دىئاگنوز قويىدۇ. ھازىر 900 نەچچە خىل خىمىيەلىك دورىنىڭ دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان جىگەر كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. نۇرغۇن خىمىيەلىك دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدا ئېنىق قىلىپ، جىگەرگە تەسىرى بارلىقى تەكىتلىنىدۇ،  مەسىلەن، تۇبىركۇليۇزغا قارشى دورىلار، ئانتىبىئوتىك ۋە نۇرغۇن خىمىيەلىك داۋالاش دورىلىرى. دورا ئىستېمال قىلىش جەريانىدا ، ئەگەر جىگەر كېسەل بولغىنى ئېنىقلىنىپ ھەم بۇنىڭ دورا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىق بولسا، دورىنى توختىتىش ياكى قوشۇمچە جىگەرنى ئاسراش داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.  خەلقئارادا، دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەر كېسەللىكى بارا-بارا دورىگەرلىك ساھەسى، دورا ياساش كارخانىلىرى، دورا باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاۋاتىدۇ.
   ھالبۇكى، دورىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى ۋە توكسىكولوگىيىلىك تەتقىقاتنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن، جۇڭگونىڭ دورا دورا سەۋەبىدىن كېلىپ جىگەر كېسەللىكى مەسىلىسى چەتئەللەرنىڭكىدىن مۇرەككەپ ۋە ئېغىر بولۇش ئەھۋالىغا دۇچ كەلمەكتە. خىمىيەلىك دورىلارنىڭ تەركىبى ئېنىق بولۇش، دۆلەت ئىچى، سىرتىدا خىمىيەلىك دورىلارنىڭ جىگەرگە بولغان زىيانلىق تەسىرى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تولۇق بولۇشى، خىمىيەلىك دورىلار تەسىرىدىن كېلىپ چىققان جىگەر كېسەللىكىنىڭ بايقىلىشى، دىئاگنوز قويۇش ۋە دورا توختىتىش قاتارلىق جەريانلارنىڭ ھەممىسى نىسبەتەن ئېنىق. بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسى جىگەر كېسەللىكى مەركىزىنىڭ مۇدىر ۋراچى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مىدىتسىنا بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى يەن جيې مۇنداق دېدى :«بىز ئۇنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ۋە خەۋپ-خەتىرىنى ئوبدان بىلىمىز، بىمارمۇ جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈشكە دىققەت قىلىپ، ھۇشيارلىق بىلەن دورا ئىستېمال قىلغاندا كېلىپ چىققان جىگەر كېسەللىكىنى ۋاقتىدا داۋالىغىلى بولۇشى مۇمكىن.»
   جۇڭيىچە دورىلارنىڭ تەركىبى بەك مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، چەتئەلدە جۇڭيىچە دورىلارنىڭ جىگەرگە بولغان زىيانلىق تەسىرىنى تەتقىق قىلغانلار يوق، دۆلەت ئىچىدە بىخەتەر تەتقىق قىلىش سانلىق مەلۇماتى كەمچىل، بۇنىڭ بىلەن جۇڭيىچە دورىلارنى ئىستېمال قىلىش جەريانىدا، ئاددى پۇقرالار، ھەتتا جۇڭيىچە ۋە غەربچە دورىلارنى يېزىپ بېرىدىغان دوختۇرلارنىڭ ئىچىدىمۇ  جۇڭيىچە دورىلارنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنىنى بىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك. ئەگەر دىققەت قىلمىسا،  جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر زەئىپلىشىش قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.


خەتەرلىك كۆپ گۈللۈك قامچىئوت
   بەزى جىگەر كېسەللىكى دوختۇرلىرى ئەل ئارىسىدا جۇڭيىچە دورىلارنىڭ ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى يوق دېگەن گەپنىڭ ئېقىپ يۈرۈشى بىلەن جۇڭيىچە دورىلارنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىدىغان ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىغان. بەزىلىرى ھەتتا ئرغىر دەرىجىدىكى جىگەر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ باركەن، بۇلار ئاساسلىقى ئەل ئارىسىدىكى رېتسىپلارغا ئىشىنىپ، جۇڭيىچە دورىلارنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىش ياكى مىقداردىن ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلىش، ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىققان.
   پايتەخت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسى (بۇ دوختۇرخانا ئاساسلىقى جىگەر كېسىلى بىمارلىرىنى داۋالايدۇ) جىگەر كېسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەي خاۋدوڭ دورىلارنىڭ زىيانلىق تەسىرى خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان دورا بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىر ئاشكارا ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقىدا كۆرۈلۈش قېتىم سانى كۆپ بولغان ئېلېكترونلۇق يوللانما بولسا: ھامىلدار بولۇپ، بالىلىق بولۇش ياكى بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەنلەرنىڭ جۇڭيىچە دورىلار بىلەن كۈتۈنسە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى مەسىلىسى ئىدى. « بەك ئاچچىقىم كەلدى،  كېسىلى بولمىسا قالايمىقان دورا ئىچىپ نېمە قىلىدۇ، نەدە دورا بىلەن كۈتۈنۈش دەپ گەپ باركەن؟» سەي خاۋدوڭ شۇنداق دېدى.
   ئۇنىڭغا يېقىندا مۇنداق بىر بىمار ئۇچرىغان، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ ئەسلى سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە ئىنتايىن ياخشى بولىۋاتقان،  ئەمما تۇرۇپلا  سېرىق چۈشۈپ، ترانسىئامىنازا ئۆرلەپ كەتكەن، بىر مۇنچە سوئال-سوراقلاردىن كېيىن بۇ بىمارنىڭ جىگەرنى قۇۋۋەتلەش ۋە چاچ ئاقىرىپ كېتىشنى داۋالاش ئۈچۈن دوختۇردىن يوشۇرۇن كۆپ گۈللۈك قامچىئوت ئىستىمال قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. «ئاڭلاپلا ئىنتايىن جىددىلىشىپ كەتتۇق، چۈنكى كۆپ گۈللۈك قامچىئوتنىڭ جىگەرگە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەممە بىلىدىغان ئىش ئىدىغۇ، شۇنداق تۇرۇپ بىمار نېمىشقا جىگەرگە زىيان ئل\ېلىپ كېلىدىغان جۇڭيىچە دورىنى ئىستىمال قىلغاندۇ.» سەي خاۋدوڭ شۇنداق دېدى. بىمارنىڭ ئاچىسىنىڭمۇ كۆپ گۈللۈك قامچىئوت ئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا كېلىپ تەكشۈرتۈرشى تەشەببۇس قىلىنغان، نەتىجىدە  ئاچىسىدىمۇ جىگەر زەخمىگە ئۇچراش ئەھۋالى بايقالغان.
   يەن جيېمۇ يېقىندا شۇنىڭغا ئوخشاش بىمارلارغا يولۇققان. ئىككى يىل ئىلگىرى دورا سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بىمار ئۇنىڭغا كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن، ئىلگىرى ئىشلەتكەن دورىلىرىنى سوراپمۇ، يەن جيې ھېچقانداق غەيرىيلىكنى بايقىمىغان. سېستىرالار باشلىقى بىمار بىلەن بىر قېتىم پاراڭلىشىش ئارلىقىدا بۇ بىمارنىڭ ئىلگىرى كۆپ گۈللۈك قامچىئوت ئىستېمال قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ قالغان، « كېيىن مەن ئۇنىڭدىن بۇنى نېمىشقا باشتا دېمىگەنتىڭىز دەپ سورىسام، ئۇ ئۇ يا دورا بولمىسا ،دېدى.» يەن جيې كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىش سەېەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاخىرى بىمارنىڭ ئىككىلا قېتىملىق جىگەر زەخمىلىنىشىنىڭ كۆپ گۈللۈك قامچىئوت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە جەزم قىلغان.
   « كۆپ گۈللۈك قامچىئوت، گىنۇرا قاتارلىق ئەل ئىچىدە قالايمىقان ل قىلىنىدىغان بۇ دورىلار يوق كېسەلنى تاپىدىغان دورىلار.» دېدى سەي خاۋدوڭ ئۇھسىنىپ تۇرۇپ، ئەل ئارىسىدا كۆپ گۈللۈك قامچىئوت چاچنى قارايتىدۇ، گىنۇرا بولسا دورىلىق ھاراققا چىلاپ ئىچىلىدۇ دەيدىغان گەپ بار، ئەمما بۇ ئىككى خىل دورىنىڭ جىگەرگە زىيانلىق تەسىرى بارلىقى ئىسپاتلاندى ۋە كېسەللىك مىساللىرىمۇ بار.  جۇڭيىچە دورىگەرلىك كەسپىدە ئوقۇغان دۇ شياۋشىنىڭ قارىشىچە، جۇڭيىچە دورىلارنىڭ جىگەرگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كىلىنىكىدا يېڭى تېما ئەمەس،  ئەمما بەزى بىر قىسىم دورا ئىشلىتىش مەسىلىلىرى تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئادەمگە زىيانلىق. «  بەزى ساغلاملىق پروگراممىلىرىدا، كۆپچىلىكنى كۈنىگە 10 گرام كۆپ گۈللۈك قامچىئوت ئىستېمال قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىن كۆپ گۈللۈك قامچىئوت دېگەن پۇراقلىق جۇڭيىچە دورا تۇرسا،  بىر ئادەم كۈنىگە شۇنچە كۆپ ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟»
   ئازادلىق ئارمىيە 302-دوختۇرخانىسى جۇڭيىچە دورىلار تەتقىقات ئورگىنىنىڭ باشلىقى شياۋ شياۋخې ئىلگىرى ئىستاتىسكا قىلىپ، بۇ دوختۇرخانىدىكى دورا سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جىگەر كېسىلى بىمارلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جىگەر كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بارلىق دور سەۋەبلىك جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ ئىلگىرى دۇ شياۋشى بىلەن بىرلىشىپ يازغان ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت دورىلارنىڭ زىيانلىق تەسىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركىزى توپلىغان كۆپ گۈللۈك قامچىئوت ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان دورىلارنىڭ زىيانلىق تەسىرى ھەققىدىكى دوكلات 10 مىڭ پارچىغا يېقىن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە زىيانلىق تەسىرى ئېغىر بولغانلىرىدىن جىگەرئىقتىدارى زەخمىگە ئۇچراش ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ.كۆپ گۈللۈك قامچىئوتنىڭ زىيانلىق تەسىرىنىڭ ئىچىدە، ئاز بىر قىسىم كېسەللىك مىساللىرىنىلا دۆلەت دورىلارنىڭ زىيانلىق تەسىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ زىيانلىق تەسىرنى دوكلات قىلىش سېستىمىسىغا يوللىدۇق، بايقالمىغان ياكى دىئاگنوزى ئېنىق بولمىغان جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان يوشۇرۇن بىمارلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ.»
  ئامېرىكا مىدىتسىنا ساھەسىمۇ كۆپ گۈللۈك قامچىئوتنىڭ جىگەرگە بولغان زىيانلىق تەسىرى مەسىلىسىگە دىققەت قىلغان. 2012-يىلى 9-ئايدا، ئامېرىكا دۆلەتلىك مىدىتسىنا كۇتۇپخانىسى (USNLoM)ئېلان قىلغان دورا سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جىگەر زەخمىلىنىش LiverTox سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت مەخسۇس تېما سۈپىتىدە كىرگۈزۈلگەن. شياۋ شياۋخېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى،  تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت تەركىبىدە ئانتراخىنون تۈرىدىكى تەركىبلەر مەسىلەن ئېمودىن (emodin)  بولغاچقا، تەجرىبە قىلىنغان ھايۋاننىڭ جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان، ئانتراخىنون تۈرىدىكى تەركىب بار بولغان نۇرغۇن جۇڭيىچە دورىلار، مەسىلەن ئېمودىن، قامچىئوت يىلتىزى، پونۇس، ئالوي، سانا قاتارلىقلارنىڭ  تەركىبىدە بار، شۇڭا كۆپ گۈللۈك قامچىئوتنىڭ جىگەرنى زەھەرلەش مەسىلىسى نۇرغۇن نەرسىلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
   «جۇڭيىچە دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئەمما نۇرغۇنلىغان جۇگولۇقلار يەنىلا〈ئۆسۈملۈك دورا دورا ئەمەس〉 دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇنى قىلچىلىك زىيانلىق تەسىرى يوق دەيدىغان قارا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، جىگەر زەخمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نۇرغۇن جۇڭيىچە دورىلار رېتسىپسىز دورىلار ئىكەن. دورىغا ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىگەن، زىيانلىق تەسىرىمۇ ئەسكەرتىلمىگەن،  بۇنىڭ بىلەندورىلارنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىش مەسىلسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن.» ئۈچىنچى ھەربىي تېببى ئۇنىۋېرسىتېتى شىنچياۋ دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ماقالىسىدە ئوچۇقلا قىلىپ « بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر جۇڭيىچە دورىلارنىڭ خەۋپىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.» دېگەن.
تېپىش تەس قاتىل
   دورا سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جىگەر كېسەللىكىنى تەكشۈرگەندە، تەتقىقاتچىلارنىڭ خىمىيەلىك دورىلارغا ئوخشاش قارىشى تولىمۇ قىيىنغا توختىغان، دورا سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جىگەر كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جۇڭيىچە دورىلارنى تۈرگە ئايرىشتا، جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جۇڭيىچە دورىلارنىڭ ھەممىنى بىراقلا «جۇڭيىچە دورىلار» دەپ ئاتىغان. ئەمما جىگەر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان غەربچە دورىلار ئىنتايىن ئېنىق ئايرىلغان، مەسىلەن «تۇبىركۇليۇزغا قارشى دورىلار»، «ئۆسمىگە قارشى دورىلار»، «ئانتىبىئوتىك»، ھەتتا مەلۇم خىل خىمىيەلىك تەركىبلىرىگىچە ئېنىق ئايرىلغان، مەسىلەن «ئاتسېتامىنوفېن».
   جۇڭيىچە دورىلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەر كېسىلىنى تۈرگە ئايرىشنىڭ قىيىن بولۇشىدا ئوبيېكتىپ سەۋەب بار. بەزى بىمارلار بىرلا خىل دورىنى ئىستېمال قىلغان، ئەمما كۆپ كۆرۈلىدىغانلىرى بولسا كۆپ خىل جۇڭيىچە دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىغان دورىلار، مەسىلەن، تالقان دورا، سۇيۇقلۇقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغان كېيىنكى دورىلار ۋە قايناتما دورىلار. جۇڭيىچە دورىلارنىڭ ئەسلىمۇ خىمىيەلىك تەركىب ئانالىزى بولمىغانلىقتىن، مۇناسىۋەتلىك توكسىكولوگىيە تەتقىقاتى كەمچىل، يەنە كېلىپ مۇرەككەپ جۇڭيىچە دورىلار ئارقىلىق داۋالاش كۆپ كۆرۈلىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى بولغانلىقتىن،  ئىستېمال قىلىدىغان دورىلارنىڭ تۈرى ۋە مىقدارى مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇشتەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىگەر كېسىلىنىڭ مەنبەسىنى مەلۇم بىر خىل جۇڭيىچە دورىغا مەركەزلەشتۈرۈش قىيىنغا توختايدۇ. ئاز بىر قىسىم بىمارلاردا يەككە جۇڭيىچە دورا بىلەن جىگەر كېسىلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىنتايىن ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېنىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.
   جۇڭيىچە دورىلار سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جىگەر كېسىلىگە قارىتا، تەتقىقاتچىلار چەكلىك دائىرىدىكى پەرەزگە ئاساسەن ئانالىز قىلىدۇ. ئۈچىنچى ھەربىي تېببى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى گو خۇڭ ئىلمىي ماقالىسىدە ئىستاتىسكىلىق ئانالىز ئېلىپ بارغان، «354 نەپەر جۇڭيىچە دورىلار سەۋەبىدىن جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلارنىڭ ئىچىدە، شياۋخې تابلىتكىسىنى ئىستېمال قىلغانلار 58 نەپەر بولۇپ، %16.4نى، قىزىل جىن چاتقىلىنى ئىستېمال قىلغانلار 53 نەپەر بولۇپ، %15نى، كۆپ گۈللۈك قامچىئوتنى ئىستېمال قىلغانلار 15 نەپەر، ئاچچىق تاۋۇز تالقىنىنى ئىستېمال قىلغانلار 12 نەپەر، سۆڭەك، بوغۇملارنى چىڭىتىش كومىلىچىنى ئىستېمال قىلغانلار 8 نەپەر بولغان» ئىكەن. 302-دوختۇرخانىنىڭ جىگەر كېسەللىكلىرى دوختۇرى جاۋ پەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىزاھلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان، «جۇڭيىچە دورا بىلەن تېرە كېسەللىكىنى داۋالاشتىن جىگىرى زەئىپلەشكەن 9 نەپەر بىمار ئىچىدە، بەش نەپىرىنىڭ ئىلگىرى قىزىل جىن چاتقىلىنى ئىستېمال قىلغانلىقى مەلۇم بولغان...».
  «كۆپ گۈللۈك قامچىئوت، گىنۇرا قاتارلىق بىرلا خىل دورىنى ئىستېمال قىلىشتىن جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلاردىن باشقا كۆپ قىسىم جۇڭيىچە دورىلار سەۋەبلىك جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلارنى جىگەر كېسەللىكى دوختۇرلىرى  زادى قايسى خىل دورا ياكى قايسى خىل تەركىبتىن چىققان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىيالمايدۇ ياكى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ»، سەي خاۋدوڭ بۇنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇ بېيجىڭ شەھەرلىك دورىلارنىڭ زىيانلىق تەسىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش مەركىزىدە ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە،  دائىم تۆۋەندىكى دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقىرىغا سۇنغان جۇڭيىچە دورىلارنىڭ زىيانلىق تەسىرى ھەققىدىكى دوكلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلاتتى.  ئەمما جۇڭيىچە دورىلاردىن جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلار دائىم كۆپ خىل جۇڭيىچە دورىلارنى ئىستېمال قىلغان بولۇپ چىقاتتى. ئامالسىزلىقتىن سەي خاۋدوڭ دوختۇرخانىلارغا ھەر بىر رېتسىپ، ھەر بىر خىل دورىلارغا ئىزاھات بېرىپ، قايسى خىل جۇڭيىچە دورىلاردىن مەسىلە كۆپرەك كۆرۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلىشنى ئېيتقانىدى. بۇنى ئەسلىدە بار بولغان پايدىلىنىش دوكلاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قايسى خىل جۇڭيىچە دورىلارنىڭ جىگەرنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئانالىز قىلسا بولاتتى.
   بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى شۈ جىڭخاڭمۇ ئىلگىرى مۇشۇنداق جۇڭيىچە دورىلاردىن جىگىرى زەخمىلەنگەن بىمارلارنى كۆپ ئۇچراتقانىدى. زىيارەت قىلغان كۈنى، ئۇ ئەمدىلا 51 ياشلىق بىر ئايال بىمارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ بولغانىكەن. بەل ئۇمۇرتقا تەخسىسى بەل-پۇت ئاغرىقى كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈچۈن، بۇ ئايال بىمار ئۇزۇن مەزگىل جۇڭيىچە دورىلارنى ئىستېمال قىلغان بولۇپ، تەخمىنەن 5-6 يىل بولۇپ قالغانىكەن.  نەتىجىدە جىگەر قېتىشىش، جىگەر زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقىلىپتۇ.
   «بىمارنىڭ ئىستېمال قىلغىنى جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى يېزىپ بەرگەن دورا ئىكەن. بىر يىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقتىدا، ئارىلاپ–ئارىلاپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دورا، رېتسىپلىق قايناتما دورىلار (جۇڭيىچە دورا) نى ئىستېمال قىلغانىكەن. ئۇنىڭ دورا رېتسىپى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ھەر بىر رېتسىپتا تەخمىنەن ئون نەچچە خىل دورا باركەن، ھەم ئوخشىمىغان باسقۇچتىكى دورىلىرىمۇ ئوخشاش ئەمەسكەن. جىگەرنى زىيانغا ئۇچراتقان دورا تەركىبىنى ئېنىقلىشىمىزمۇ قىيىنغا چۈشتى. جىگەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تەكشۈردۇق، پاتولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق، ئاندىن ھەر خىل ئامىللارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى جۇڭيىچە دورىلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى جەزملەشتۈردۇق».
   «بۇ جۇڭيىچە دورىلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەر زەخمىلىنىشنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەڭ قىيىن مەسىل.» دېدى شۈ جىڭخاڭ، خېميىلىك دورىلارنىڭ زىيانلىق تەسىرىگە ھۆكۈم قىلىش خېلى ئاسان، مەسىلەن ئاتسېتامىنوفېن، تەتقىقاتى مۇكەممەل، چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدا ئېنىق يېزىلغان، كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش ئاسان، ئەمما جۇڭيىچە دورىلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەر زىيانغا ئۇچراشنىڭ قايسى خىل دورا تەركىبى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش بەك قىيىن».
رېتسىپ يېزىش باش ئاغرىقى
زىيارەت قىلىنغان جىگەر كېسەللىكى دوختۇرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، كۆپ قىسىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدا زىيانلىق تەسىرى ئېنىق يېزىلمىغان، جۇڭيىچە دورىلار سەۋەبلىك جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچراش خەۋپى يۇقىرى. ئۇلار كلىنىكىدا ئۇچراتقان جۇڭيىچە دورىلار سەۋەبىدىن جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلار ئىچىدە، كۆپ قىسىملىرىنىڭ ئىچكەن دورىلىرىنى دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسىپقا ئاساسەن ئىچكەن،  ھەمدە دوختۇر ئەزەلدىن جۇڭيىچە دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈشنى تاپىلىمىغان.
سەي خاۋدوڭنىڭ قارىشىچە، جىگەر كېسەللىكى دوختۇرلىرىدىن باشقا دوختۇرلار قايسى خىل جۇڭيىچە دورىنىڭ جىگەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدۇ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى دوختۇرخانىلارنىڭ دوختۇرلىرى تېخىمۇ شۇنداق، «بىز〈دورىلارنىڭ زىيانلىق تەسىرى〉ژۇرنىلى يىغىنى ئاچقاندا، قاتناشقانلار ئاساسەن ئۈچ A  دەرىجىلىك چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ دوختۇرلىرى. چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ بەزى دوختۇرلىرى بۇ قېتىمقى ئۆگىنىشتىن كېيىن، بەلكىم بەزى جۇڭيىچە دورىلارنىڭ جىگەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى بىلىۋالغان بولسا كېرەك. ئەمما جىگەر كېسەللىكى دوختۇرلىرىدىن باشقا دوختۇرلار جۇڭيىچە دورىلارنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىنى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ.»
دۆلەتلىك فارماكوپىيە كومىتېتى جۇڭيىچە دورا كەسپىي كومىتىتىنىڭ سابىق مۇدىرى جوۋ چاۋفەنمۇ بۇ نۇقتىنى دەلىللىگەن. ئۇ «سۇمرۇغ ھەپتىلىكى» نىڭ مۇخبىرىغا:«جۇڭيىچە دورىلارمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، شاكىلىنى تاشلىۋېتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش كېرەك، ئەمما ئەزەلدىن زەھەرسىز دەپ قاراپ كەلگەن جۇڭيىچە دورىلار توغرىسىدىكى يېڭىدىن ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا،  نۇرغۇن جۇڭيى دوختۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئېتىبار بىلەن قارىمىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى. ھەتتا جۇڭيى تېبابىتى ساھەسىدىكى بەزى پروفېسسور دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر كۆپ گۈللۈك قامچىئوتنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشتى.»
   نۇرغۇن جىگەر كېسەللىكى دوختۇرلىرى جۇڭيىچە دورىلارنى ئىشلەتكەندە خېلى ئېھتىيات قىلىدۇ. دىتەن دوختۇرخانىسىدىكى بىر قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە، سۈت بېزى كېسەللەكىگە گىرىپتار بولغان بىر سېستىراغا بىر خىل پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دورىنى يېزىپ بەرگەن،  بىر جىگەر كېسەللىكى دوختۇرىغىمۇ ئوخشاش بىر خىل دورا يېزىپ بېرىلگەن. كېيىن بۇ سېستىرادا سېرىقلىق چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن (جىگەر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ بىر خىل بەلگىسى)، شۇنىڭ بىلەن بۇ جىگەر كېسەللىكى دوختۇرى دەرھال سەگەكلەشكەن ۋە تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ جىگىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن دەرھال دورىنى توختاتقان.
جىگەر كېسەللىكى دوختۇرى شۈ جىڭخاڭمۇ مۇشۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەن. «دوختۇرخانىمىزدىكى بىر سېستىراغا چېچەك چىقىپ قېلىپ، دوختۇرخانىمىزنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بۆلۈمىگە كۆرۈنۈپ، جۇڭيىچە دورا يازدۇرۇپتۇ. بىر نەچچە ھەپتە ئىچكەندىن كېيىن، بۆلۈمىمىزدىكى بىر دوختۇر بۇ سېستىراغا جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئېيتىپتۇ. نەتىجىدە ترانسىئامىنازانىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولۇپتۇ.  ترانسىئامىنازا بولسا جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى. بۇ جىگەر ھۈجەيرىسىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ». شۈ جىڭخاڭ يەنە مۇنداق دېدى: «ھېلىمۇ ياخشى تېخى دەسلەپكى باسقۇچى بولغاچقا،  بۇ سېستىرا دەرھال دورىنى ئىچىشنى توختاتقاندىن كېيىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى».


   «بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىغا ئوخشاش چوڭ دوختۇرخانىدا مەيلى جۇڭيى دوختۇرى يېزىپ بەرگەن رېتسىپ ياكى غەرب تېبابىتى دوختۇرى يېزىپ بەرگەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دورا بولسۇن، ھەممىسىنىڭ جىگەرنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئېھتىماللىقى بار.  جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرتمىگۈچە بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ». شۈ جىڭخاڭ مىسال كەلتۈرۈپ شۇنداق دېدى، كۆپ گۈللۈك قامچىئوتنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنى ئاللىقاچان ئېنىقلىنىپ بولغان، ئۇ ئىلگىرى تېبابەت توغرىلىق ئەسەرلەردىمۇ نۇرغۇن قېتىم كۆپ گۈللۈك قامچىئوتنىڭ زىيانلىق تەسىرى ھەققىدىكى دوكلاتلارنى كۆرگەنىدى. ھالبۇكى، تەركىبىدە كۆپ گۈللۈك قامچىئوت بار بولغان پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدا «زىيانلىق تەسىرى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس»دەپ يېزىپ قويۇلغان. بۇ جۇڭيىچە دورىلارغا بېرىلگەن ئالاھىدە ئېتىبار. جۇڭگو دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى جۇڭيىچە دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىغا نىسبەتەن بەلگىلىمە چىقىرىپ، «جۇڭيىچە دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىغا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا زىيانلىق تەسىرى تەپسىلىي يېزىلىشى كېرەك، ھەمدە چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى زىيانلىق تەسىرىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى، تەكرارلانغان قېتىم سانى ياكى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىتا سېستىمىلىق تۈزۈلۈشى كېرەك. زىيانلىق تەسىرى بار-يوقلۇقى ئېنىق بولمىغان دورىلارغا 〈ھازىرچە ئېنىق ئەمەس〉دەپ يېزىپ قويۇش كېرەك».
سەي خاۋدوڭ داۋالاش جەريانىدا، ئەگەر ئۇ كۆپ گۈللۈك قامچىئوت تەركىبى بار دورىلا بولسا، بىمارنىڭ بۇرۇن دورا ئىشلەتكەن تارىخىنى ئېنىق بىلگەن ياكى بىمارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قارشى تۇرۇش كۈچى بارلىقىنى جەزملەشتۈرمىگەن بولسىلا، بىمارغا كۆپ گۈللۈك قامچىئوت يېزىپ بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن. «نۇرغۇن دوختۇرلار دورا يازغاندا، كۆپ گۈللۈك قامچىئوتنىڭ كەلتۈرىدىغان خەۋپ-خەتىرىنى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ». سەي خاۋدوڭ بىر دورا زاۋۇتىنىڭ دىتەن دوختۇرخانىسىغا بىر خىل ماي سېرىش دورىسىنى تەشۋىق قىلغىلى بارغان ئىشىنى ئەسلەپ ئۆتتى. دورا زاۋۇتى تەشۋىق قىلغاندا دورىنىڭ تەركىبىدە كۆپ گۈللۈك قامچىئوتنىڭ بارلىقىنى ئېيتمايدۇ. ئۇ دورىنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدىكى دورا تەركىبىنى كۆرۈپ ئاندىن بىلىدۇ، ئەمما چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدا كۆپ گۈللۈك قامچىئوتنىڭ مىقدارى ئەسكەرتىلمىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سەي خاۋدوڭ ئۇلارنى توسۇپ:« تەركىبىدە كۆپ گۈللۈك قامچىئوت بار تۇرۇقلۇق، جىگەر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىمىزغا كېلىپ دوراڭلارنى تەشۋىق قىلغىنىڭلار نېمىسى؟» دەيدۇ.
  خەلقئارادا، كانادا، ئەنگلىيە، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دورا نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش تارماقلىرى كۆپ گۈللۈك قامچىئوت ۋە ئۇنى قوشۇپ ياسىلىدىغان دورىلارغا نىسبەتەن نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى، ھەتتا ئىشلىتىشنى چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويدى. 2006-يىلى، ئەنگلىيە دورا ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (MHRA) يەتتە بىمارنىڭ كۆپ گۈللۈك قامچىئوت دورىسىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، جىگىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن كۆپ گۈللۈك قامچىئوتنىڭ زىيانلىق تەسىرىنى ئېلان قىلدى ۋە بۇ خىلدىكى دورىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىدى.  شۇ يىلى، دۆلەت يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «دورىدىن ئاگاھلاندۇرۇش خەۋىرى»نى ئېلان قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى كۆچۈرۈپ تارقاتتى.
   «ئەگەر ئادەتتىكى دورىنىڭ زىيانلىق تەسىرى ھەققىدىكى ئۇچۇر ئېلان قىلىنسا، بۇنىڭ بەك چوڭ رولى بولماسلىقى مۇمكىن. تېببى ساھەنىڭ سىرتىدىكى زاتلارمۇ بۇنىڭغا بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ، كەسپىي خادىم، دوختۇر ياكى سېستىرا بولغان ھالەتتىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ كۆرمەسلىكى مۇمكىن». شۈ جىڭخاڭ  يەنە مۇنداق دېدى، «دورا نازارەت قىلىش تارماقلىرى بۇ خىلدىكى ئۇقتۇرۇشنى پەقەت بىر ئەسكەرتىش سۈپىتىدىلا ئېلان قىلىدۇ، مەجبۇرلاش خاراكتېرى بولمايدۇ»
   بۇ ساھەدىكى زاتلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، جۇڭگودا كۆپ گۈللۈك قامچىئوت قوشۇپ ياسالغان دورىلار نەچچە يۈز خىلغا يېتىدىكەن. 2013-يىلى 10-ئايدا، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت قوشۇپ ياسالغان دورىلار تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچىدە مەجبۇرىي بويرۇق چۈشۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلدى. دۆلەت يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تۇنجى قېتىم كۆپ گۈللۈك قامچىئوتقا قارىتا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جىگەر ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەرنىڭ قان تولۇقلاپ، چاچ چىقىرىش كاپسۇلى، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت كومىلىچى، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت تابلىتكىسى، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت ئۆمۈرنى ئۇزارتىش تابلىتكىسى، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت ئۆمۈرنى ئۇزارتىش دانىچە دورىسى قاتارلىق تەركىبىدە كۆپ گۈللۈك قامچىئوت بولغان دورىلارنى ئىستىمال قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق تەكىتلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ بەش خىل تەركىبىدە كۆپ گۈللۈك قامچىئوت بولغان دورىلار رېتسىپلىق دورىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى ۋە كارخانىلاردىن چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى.  
  دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق جۇڭيىچە دورا تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جياجو (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىلگىرى كۆپ گۈللۈك قامچىئوتقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان، ئۇنىڭ «سۇمرۇغ ھەپتىلىكى» ژورنىلى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى دەلىللەشكە ئىككى يىل ۋاقىت كەتكەن، نۆۋەتتە جۇڭيىچە دورىلارنىڭ زىيانلىق تەسىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەقىقەتەن قىيىن.
جانغا زامىن جىگەرگە زىيانلىق دورىلار
   ئازادلىق ئارمىيە 302-دوختۇرخانىسى جىگەر زەئىپلىشىشنى دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش ۋە تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ كلىنىكا دوختۇرى جاۋ پەننىڭ قارىشىچە، ئادەتتىكى دورا سەۋەبىدىن جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئېغىر جىگەر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ناتايىنكەن. ئەڭ قورقۇنۇچلۇقى دورا ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىققان جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر زەئىپلىشىشكەن. دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىددى خاراكتېرلىك جىگەر زەئىپلىشىش كېسىلىنىڭ جۇڭگودا ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن.  جاۋپەننىڭ ئېيتىشىچە، بىمارلار دەرھال جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرمىسا، ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %20-%40 بولىدىكەن.
   تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە قارىغاندا، جۇڭگودا دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەر زەئىپلىشىشنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە ئۇنچە چوڭ ئېتىبار بىلەن قارالمايدۇ. «ئېغىر دەرىجىدىكى دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەر زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا، ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىشى مۇمكىن». يەن جيېغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان بىر ئىش بار. ئىككى يىل ئىلگىرى يەن جيې دوختۇرخانىدا 20 نەچچە ياشلىق بىر قىزنىڭ جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. سەۋەبى ئېغىر دەرىجىدىكى دورا سەۋەبىدىن جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققانىكەن، بۇ قىز ئەسلىدە چاچ قارايتىش ئۈچۈن جۇڭيىچە دورا ئىستېمال قىلغانىكەن.
   2009-يىلى دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقاندا، جاۋ پەن جۇڭگودىكى دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەر زەئىپلىشىشنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئويىغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن، جىنەن قاتارلىق جايلاردىكى ھەربىي دوختۇرخانىلارنى زىيارەت قىلىدۇ، ئۇ تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاخىرى جىددى خاراكتېرلىك جىگەر زەئىپلىشىش كېسەللىكىنىڭ بىرىنچى قول كېسەللىك مىساللىرى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاماملايدۇ. 2013-يىلى 11-ئاي ۋە 2014-يىلى 4-ئايدا، ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالە سۈپىتىدە، ئايرىم-ئايرىم 《PLOSONE》ۋە «Critical Care  Medicine» دىن ئىبارەت ئىككى تېببىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى بىر پارچە ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن:«جۇڭگودىكى جىددى خاراكتېرلىك جىگەر زەئپىلىشىش كېسەللىكىنىڭ سەۋەبى جۇڭيىچە دورىلاردا».
   جاۋ پەن تەتقىقات جەريانىدا جۇڭگودىكى يەتتە ئۈچ A دەرىجىلىك دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈش قىلىپ، 177 نەپەر جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر زەئپىلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە 30 نەپەر بىمارنىڭ كېسەللىك سەۋەبى جۇڭيىچە دورا ئىستېمال قىلىشتا ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ 1/5 نىسبەتنى ئىگىلىگەن. بۇ 30 نەپەر جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر زەئىپلىشىش كېسىلى بىمارلىرى ئىلگىرى جىگەر كېسىلى بولۇپ باقمىغان، ھەممىسى جۇڭيىچە دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، جىددى خاراكتېرلىك جىگەر زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرمىغاچقا، ئاخىرى 18 نەپەر بىمار ھاياتىدىن ئايرىلغان.
   بۇ 30 نەپەر بىمار جۇڭيىچە دورا ئىستېمال قىلغاندا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئويلىمىغان.  جاۋ پەن بىمارلارنىڭ كېسەللىك تارىخى ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ جۇڭيىچە دورا ئىستېمال قىلىش سەۋەبىنى رەتلەپ چىققان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 9 نەپىرى تېرە كېسەللىكىنى داۋالاش، ئالتىسى ئۈستۈنكى نەپەس يولى ياللۇغىنى داۋالاش مەقسىتىدە جۇڭيىچە دورىلارنى ئىستېمال قىلغان. يەنە بىرەيلەن شامالدارىش، خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن، ھەتتا بىرەيلەن ئورۇقلاش ئۈچۈن دورا ئىستېمال قىلغان.
ئازادلىق ئارمىيە 302-دوختۇرخانىسى دوختۇرخانىسىدىكى دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەر زەئىپلىشىش كېسەللىكىگە قارىتا ئىستاتىسكىلاش ئېلىپ بارغان، ئىستاتىسكىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭيىچە دورىلار يېرىم نىسبەتنى ئىگىلىگەن. تېببى ژورنالدا ئېلان قىلىنغان «120 نەپەر  دورا سەۋەبىدىن جىگەر زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار ئۈستىدە ئانالىز» ناملىق ئەسەردە كۆرسىتىلىشىچە،  2002-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، 302-دوختۇرخانا داۋالىغان دورا سەۋەبىدىن جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلار 3000 دىن ئېشىپ كەتكەن،  بۇنىڭ ئىچىدىكى 120 بىماردا دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان  جىگەر زەئىپلىشىش كېسىلى كۆرۈلگەن. دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان  جىگەر زەئىپلىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دورىلار ئىچىدە، جۇڭيىچە دورا ئىستېمال قىلغانلار 61 نەپەر (%50.83) بولۇپ، داۋالاشتىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغانلار %30كىمۇ يەتمىگەن.
   2005-يىلى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بىرىنچى باسقۇچلۇق جىددىي خاراكتېرلىك دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئەنخۇي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شۈ جيەنمىڭ 2006-يىلى دىققىتىنى جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر زەئىپلىشىش كېسىلىگە قارىتىدۇ. شۈ جيەنمىڭ پروفېسسور ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دائىرىسىنى 16 ئۆلكە شەھەرگىچە كېڭەيتىدۇ ، ھەمدە خەلقئارالىق مىقدارلاشتۇرۇپ، نومۇر قويۇش ئۆلچىمى بويىچە 213 نەپەر جىددى خاراكتېرلىك جىگەر زەئىپلىشىش كېسىلى بىمارىنى ئايرىپ چىقىدۇ. «جۇڭيىچە دورىلار %28 بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دورىلار ئىچىدىمۇ جۇڭيىچە دورىلار بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.»شۈ جيەنمىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جۇڭيىچە دورىلارنىڭ جۇڭگودىكى جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلارنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك سەۋەبى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
   جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر زەئىپلىشىش كېسىلىدىن باشقا، ئەنخۇي تېببى ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانىدا، شۈ جيەنمىڭ يەنە بىر خىل جۇڭيىچە دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئېغىر دەرىجىدىكى جىگەر كېسىلىنى ئۇچرىتىدۇ: جىگەر كاۋىكى توسۇلۇش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى (SOS، ئەسلى ئىسمى جىگەر كىچىك ۋىناسى توسۇلۇش كېسىلى (HVOD ) )، بۇنداق كېسەللەرنىڭ دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىنكى ئۆلۈش نىسبىتى %10 تىن ئېشىپ كەتكەن. مۇدىر ۋراچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۈ جيەنمىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش كېسەلنى قوبۇل قىلىپ ۋە دىئاگنوز قويۇپ كەلگىلى يەتتە يىل بولدى.
   2007-يىلى 6-ئايدا، شۈ جيەنمىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى بىر بىمارغا دىئاگنوز قويىدۇ،  شۈ جيەنمىڭ ئەينى ۋاقىتتا بىمارنىڭ ئەھۋالىنى سوراش جەريانىدا،  بىمارنىڭ گىنۇرا دەيدىغان بىر خىل جۇڭيىچە دورىنى ھاراققا چىلاپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغانلىقىنى بايقايدۇ.  شۈ جيەنمىڭ بۇ بىمارغا قارىتا پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش قىلىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا جىگەر كاۋىكى توسۇلۇش ئۇنىۋېرسال كېسىلىنىڭ گىنۇرانى ئىستېمال قىلىش سەۋەبىىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ.
   2011-يىلى،  شۈ جيەنمىڭ ۋە ئۇنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتى جىگەر كاۋىكى توسۇلۇش ئۇنىۋېرسال كېسىلى توغرىسىدا پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 15 ئۆلكە شەھەردىكى 19 چوڭ تىپتىكى ئۈچ A دەرىجىلىك دوختۇرخانىدىن تەتقىقات تەلىپىگە ماس كېلىدىغان 98 نەپەر بىمارنى تېپىپ چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر 11 نەپەر.
   تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، «جىگەر كاۋىكى توسۇلۇش ئۇنىۋېرسال كېسىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى جۇڭيىچە دورىلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2/3 قىسىم بىمار 〈گىنۇرا〉دەپ ئاتىلىدىغان جۇڭيىچە دورىنى ئىستېمال قىلىشتىن شۇ خىل كېسەللىك كېلىپ چىققان.» شۇ مەزگىلدە ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىلغان توكسىكولوگىيەلىك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى جۇڭيىچە دورا پىررول تۈرىدىكى ئالكالوئىد مونومېرى بار ئىكەن. مۇشۇ خىل تەركىب ئېغىر دەرىجىدىكى جىگەر كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
مۇز تاغ ئاستىدا
   جىگەر دورىلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ۋە خىمىيەلىك مېتابولىزم ئېلىپ بارىدىغان جايى. دورا ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن،  جىگەرنىڭ رول ئوينىشى بىلەن سۇدا ئېرىشچانلىقى يۇقىرى ماددىغا ئايلىنىدۇ، مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرى بۆرەك ئارقىلىق ئاجرىتىپ چىقىرىۋېتىلىدۇ، يەنى جىگەر دورا ۋە مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرىدىن زىيانغا ئۇچرايدىغان ئەزا.
   نۇرغۇن جىگەر كېسەللىكلىرى كىلىنىكا دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، ئادەتتىكى جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچراش كېسەللىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.  جىگەر كېسىلى ھەم ئىنتايىن ئېغىر ھەم ئىنتايىن يېنىك دەرىجىدە بولىدۇ.  ئادەتتىكى، يېنىك دەرىجىدىكى دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى كېيىنچە ئېغىرلاپ، جىگەر كېسىلىگە ، ھەتتا ئاخىرى جىگەر قېتىش، جىگەر زەئىپلىشىشكە ئۆزگىرىدۇ، بۇ جەرياندا ئادەمنىڭ بەدەن سۈپىتى، دورىنىڭ تۈرى، ئىستېمال قىلىنغان مىقدارى، ئىستېمال قىلغان مۇددىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ.
   ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدا دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا نىسبەتەن چوڭقۇر تونۇش بار بولدى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، مۇدىر دورىگەر جەي سودىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تارىختىكى تۇنجى جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى توغرىسىدىكى ئەسەر 18-ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. بىر كىشى فوسفور بىلەن ئارسېندىن زەھەرلىنىپ سېرىقلىق چۈشكەن ۋە جانغا زامىن بولىدىغان جىگەر زىيانغا ئۇچراش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. 19-ئەسىردە خىمىيە سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خلوروفورمنى ناركوز دورىسى قىلىپ ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچراش مىساللىرى كۆپەيگەن،  دورا مەنبەلىك جىگەر زىيانغا ئۇچراش بارا-بارا كىشىلەر دىققەت قىلىدىغان ئىشقا ئايلانغان.
   دورا سەۋەبىدىن جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ھازىرقى دورىلارنىڭ بازاردىن چېكىنىشنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبى بولۇپ قالدى. ھازىر 900 خلدىن ئارتۇق خىمىيەلىك دورىنىڭ دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان جىگەر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. ئەگەر بىر خىل دورىنىڭ جىگەرگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى بەك ئېغىر بولۇپ، باشقا دورىلارنىڭ ئۈنۈمى ئارقىلىق ئورنىنى تولۇقلىغىلى بولغان تەقدىردىمۇ، ئومۇمىيۈزلۈك باھالاشتىن كېيىن يەنىلا بازاردىن چېكىنىشى مۇمكىن. 1975-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، ئامېرىكا FDA بازاردىن چېكىندۈرگەن دورىلار 77 خىل بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە جىگەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان دورىلار ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 11 خىلغا يېتىدىكەن. بۇ نىسبەت قان سېستىمىسى ۋە يۈرەكنى زەھەرلەيدىغان دورىلارنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى.
   جەي سودى مۇنداق دېدى:«دورا سەۋەبىدىن جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچراش كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى، ناچار تەسىر دوكلاتلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغىنى تېرە يېپىشقاق پەردە كېسىلى ۋە دورا سەۋەبىدىن قىزىتىش ئىكەن. دورا سەۋەبىدىن جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى كۆپىنچە ياشانغانلاردا كۆرۈلىدۇ. ئۇلار جىگەر ئىقتىدارى ناچار، دورىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ،  ياشانغانلارنىڭ %40دىكى جىگەر ياللۇغى دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان».
توكسىكولوگىيە ئىلمىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭيىچە دورىلارنىڭ ناچار تەسىرىمۇ بار-بارا دىققەت قىلىنىشقا باشلىدى. 1992-يىلى بىر دوختۇر «جۇڭگو جۇڭيىچە دورىلار ژورنىلى» دا ئىستاتىسكا قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدىكى تېببىي ژورناللارنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، 50-يىللار ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئاران 62لا ئادەم جۇڭيىچە دورىنىڭ ناچار تەسىرىگە ئۇچرىغان، 60-يىللاردا كەلگەندە 174، 70-يىللاردا 398، 80-يىللارغا كەلگەندە بولسا، 2217 گە يەتكەن. مېدىتسىنادا جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جۇڭيىچە دورىلارنىڭ تىزىملىكى بارغانچە كۆپەيمەكتە. جۇڭگونىڭ «تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك دورىلارنى باشقۇرۇش چارىسى»، «جۇڭگو دورا قامۇسى» نىڭ 2010-يىللىق سانىدا سەھىيە مىنىستىرلىقى تارقاتقان ئەسلىدىكى دورىلار ئۆلچىمى ۋە شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، لىياۋنىڭ، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ يەرلىك دورا ماتېرىياللىرى ئۆلچىمىدە جەمئىي 182 خىل زەھەرلىك جۇڭيىچە دورا ماتېرىيالى يىغىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە «ئۆتكۈر زەھەرلىك» بولغانلىرى 37 خىل، «زەھەرلىك» لىرى 78 خىل، «زەھىرى ئاز» بولغانلىرى 67 خىل. ھەمدە زەھەرلىك جۇڭيى دورىلىرى داۋاملىق بايقالماقتا.
ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە زەھەرسىز دەپ قارالغان جۇڭيىچە دورا ماتېرىياللىرىدىمۇ بىخەتەرلىك خەۋپى مەۋجۇت. «ھەتتا بۆرەك قۇۋۋەتلەيدىغان دورىلار ئىچىدىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىگەرنى زەھەرلەيدىغان تەركىبلەرنىڭ بارلىقى بايقالدى.» دۇ شياۋشى 2013-يىلى  پۈتۈن مەملىكەتتىكى دوختۇرخانىلارنىڭ دورىگەرلىك ئىلمىي يىللىق يىغىنىدا شۇنداق دەپ كۆرسەتكەن، مەلۇم بولۇشىچە، ماساڭ يوپۇرمىقى، پادۇپ يوپۇرمىقى، توشقانئوت،  نەغەزگۈل يىلتىزى، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت، جۇزبۇۋا،  قەلەمپۇر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛  گلۇكوزىد تۈرىدىكىلەر (شۇيۈزاۋگلۇكوزىد)، زەھەرلىك ئاقسىل تۈرىدىكىلەر (ئۇرۇق تۈرىدىكىلەر)، ئالكالوئىد تۈرىدىكىلەر (روشەنگۈل، ئەڭلىكئوت)، ئېغىر مېتال تۈرىدىكىلەر (قوغۇشۇن، ئارسېن)، ھايۋاناتلار (سەكسەنپۇت، ئالا قوڭغۇز) قاتارلىق تەركىبلەر بولغان جۇڭيىچە دورىلار جىگەرگە زىيان كەلتۈرىدىكەن.
ھالبۇكى، جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئېغىرلىغاندا ئاندىن بىمار ئۆزى بىلەلەيدۇ. ئەگەر بىماردا پەقەت ترانسىئامىنازا ئۆرلەپ كېتىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بولسا، دورا ئىچىشنى توختاتقاندىن كېيىنلا ئەسلىگە كېلەلەيدۇ.  ئەگەر بىمار ئەھۋالنى بىلمىسە ھەم تەكشۈرتمىسە، جىگەرىدىكى ئۆزگىرىشنىمۇ ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ.
   جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى يېنىك دەرىجىدە بولغان بىمارلار دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان. ئەگەر بىمار دوختۇرخانىدا ياتمىغان بولسا، ئۇنداقتا دوختۇرخانىنىڭ دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەر زىيانغا ئۇچراش كېسەللىك مىسالى قاتارىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ . ئۇلارنى ھەم دورىلارنىڭ ناچار تەسىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش سېستىمىسىدىن تېپىشمۇ قىيىن. شۇڭا جىگەر كېسەللىكى دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، ھەقىقىي جۇڭيىچە دورىلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەر زىيانغا ئۇچراش كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ سانى دوكلاتتا دېيىلگەندىكىدىن خېلى كۆپ.
چۈشەنگىلى بولمايدىغان جۇڭگو، غەرب تېبابىتى
   ۋاڭ جياجو جۇڭيىچە دورىلار  سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان دورا مەنبەلىك جىگەر زىيانغا ئۇچراشنىڭ  جۇڭيىچە دورىلارنىڭ كىلىنىكىدا بىخەتەر ئىشلىتىلىشىگە ئېغىر تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ جىددى بىر تەرەپ قىلىنمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلدى. ئەمما ئۇمۇ دوكلاتلاردا تىلغا ئېلىنغان بىر قەدەر يۇقىرى بولغان دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان جىگەر كېسەللىكى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تەكشى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە،  نۆۋەتتە جۇڭيىچە ۋە غەربچە دورىلارنىڭ بىرلىكتە ئىشلىتىلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭيىچە دورىلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار خىمىيەلىك دورىلارنىڭكىدەك تولۇق بولمىغانلىقى سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەر زىيانغا ئۇچراشقا بولغان خاتا چۈشەنچىسىگە سەۋەب بولۇپ قېلىۋاتىدۇ
   ۋاڭ جياجو ئۆزى تۇرۇشلۇق دوختۇرخانىنىڭ جىگىرى زىيانغا ئۇچراش سانلىق مەلۇماتىنى ئاشكارىلىدى. 2002-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە،  بۇ دوختۇرخانا 2000 غا يېقىن جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالىغان. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭيىچە دورىلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەر زىيانغا ئۇچراش دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلىرى 1/4 نىسبەتنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭدىن باشقا يېرىمغا يېقىن جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان بىمار جۇڭيىچە ۋە غەربچە دورىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىنغان. ۋاڭ جياجونىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال جۇڭيىچە دورىلارنىڭ جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ۋە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىدىكەن.
   جۇڭيىچە دورا ساھەسىدىكى بەزى زاتلارنىڭ قارىشىچە، دۆلەت ئىچىدە جۇڭيىچە دورىلار بىلەن خىمىيەلىك دورىلارنىڭ بىللە ئىشلىتىلىشى، غەرب تېبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ جۇڭيىچە دورا يېزىپ بېرىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى جۇڭيىچە دورىلارنىڭ جىگەرگە زىيان يەتكۈزۈش خەۋپىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن. تولۇق بولمىغان ئىستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودا تەخمىنەن %70 پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دورىلارنى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلاردىكى غەرب تېبابىتى دوختۇرلىرى يېزىپ بېرىدىكەن. ئەمما جۇڭيى تېبابىتى نەزەرىيىسى ۋە ئەنئەنىسىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭيىچە دورا يازىدىغان دوختۇر چوقۇم جۇڭيىچە دورىلارغا  ئائىت نەزەرىيلەردىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك، مەسىلەن، كېسەلگە قاراپ دىئاگنوز قويۇپ، زەھەر ھەيدەيدىغان دورىلارنى ياسىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. «بىر خىل دورىنىڭ ئوخشىمىغان ياسىلىش ئۇسۇلى جىگەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت دەل شۇنداق. ئەمما غەرب تېبابىتى دوختۇرلىرى بۇنى ھەرگىز بىلمەيدۇ». جۇڭيى دورا مۇتەخەسسىسى جوۋ چاۋفەننىڭ «سۇمرۇغ ھەپتىلىكى» ژورنىلىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت خام كۆپ گۈللۈك قامچىئوت ۋە پىششىقلانغان كۆپ گۈللۈك قامچىئوت دەپ ئىككى خىل بولىدىكەن. ئالدىنقىسى ياسالمىغان، كەينىدىكىسى بولسا دورا قىلىپ ياسىلىپ بولغان كۆپ گۈللۈك قامچىئوتكەن. ئەگەر ياساشتا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم بولمىسىمۇ، توققۇز ھوردىلىپ توققۇز قۇرۇتۇلغان كۆپ گۈللۈك قامچىئوتتا ياسالغان دورىنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنى ئازراق بولۇشى مۇمكىن.  بۇ نۇقتىنى غەرب تېبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ بىلىشى ناتايىن.
   بۇ خىل جۇڭيىچە دورىلار بىلەن غەربچە دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان قالايمىقانچىلىق ئىشلىتىش جەريانىدىلا يۈز بېرىپ قالماستىن، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دورىلارنىڭ ياسىلىش جەريانىدىمۇ ئېغىر مەسىلە ساقلانغان بولىدۇ.شۈ جيەنمىڭ پروفېسسورنىڭ قارىشىچە، جۇڭيىچە دورىلارغا يەنە بىر خىل خىمىيەلىك دورا ئارىلاشتۇرۇلسا، بۇ جۇڭيىچە دورىنىڭ جىگەرگە بولغان خەۋپىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋېتىدۇ. تەتقىقاتتا جۇڭيىچە دورىلاردىن جىگەر زىيانغا ئۇچراش كېلىپ چىققاندا، شۈ جيەنمىڭ پروفېسسور ئىلگىرى ئايرىم سۆھبەتلەشكەندە، جۇڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىنىستۇتىنىڭ بىر پارچە دوكلاتىنى ئېلىۋالغانىكەن.
   «تەكشۈرگەن جۇڭيىچە دورىلار ئىچىدە، كۆپ قىسىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دورىلار ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە خىميەلىك دورىلارنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى». شۈ جيەنمىڭ كۆرسەتكەن دوكلاتتا: قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى، تۇتقاقلىققا قارشى دورىلار، تىنىچلاندۇرۇش دورىسى تۈرىدىكىلەر، زىققا كېسىلىگە قارشى دورىلار،  ئورۇقلىتىش دورىسى قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دورا ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە نەچچە ئون خىل غەربچە دورا تەركىبى بارلىقى ئېنىقلاندى. شۈ جيەنمىڭ ژۇرنىلىمىز مۇخبىرىغا:«بۇنداق ۋاقىتتا، بۇ خىل دورىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان جىگەر زىيانغا ئۇچراشنى يالغۇز جۇڭيىچە دورىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان جىگەر كېسىلى دەپ دۆڭگەپ قويساق بولمايدۇ. جۇڭيىچە دورا بىلەن غەربچە دورا ئارىلاشتۇرۇپ ياسالسا، بۇنىڭ زادى جۇڭيىچە دورا سەۋەبىدىن ياكى غەربچە دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى  ياكى ئارىلاشتۇرغانلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئايرىش قىيىن.  زادى قايسى خىل دورىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ گاڭگىراپ قالىمىز» دېدى. خىمىيەلىك دورا مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن جۇڭيىچە دورىلارنىڭ توكسىكولوگىيەلىك تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرغىلى بولاتتى.
   ئەمما مەيلى كۆپ گۈللۈك قامچىئوت ياكى باشقا دورىلار بولسۇن، ئەل ئارىسىدا جۇڭيىچە دورىلارنى ئىچىش ئادىتى، جۇڭيىچە دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدىكى ناچار تەسىر ئەسكەرتمىسى، جۇڭيىچە، غەربچە دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يېزىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭيىچە دورىلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەر كېسىلىنى خېلى بىر مەزگىلگىچە سىر ھالىتىدە ساقلايدۇ، ئەمما كېسەل ساقايماستىن بارغانسېرى ئېغىرلايدۇ.
«سۇمرۇغ ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 24-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىدە ئوكيان تورىدىن گۈلجەننەت.



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ablimitt + 59 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59   باھا خاتىرىسى

تارىخ، شەخس،ئەسەر،ساغلاملىق قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا: ئىزدەش نامى okyanqamus

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 798 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 12:45:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   «جوڭيى دورىلىرىنىڭ ئەكس تەسىرى يوق» دەيدىغان قاراش مەن ۋە نۇرغۇن ئادەمدە
ھېلىھەم مەۋجۇت. بۇ ماقالىنى كۆرۈپ جوڭيى دورىلىرىنىڭمۇ ئەكس تەسىرى بارلىقىنى،
بولۇپمۇ كۆپ گۈللۈك قامچىئوت قاتارلىق جوڭيى دورىلىرىنىڭ جىگەرگە زىيان
يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم. تىما يوللىغۇچىدىن كۈتىدىغىنىم: مۇشۇ تىمىدا تىلغا
ئېلىنغان كۆپ گۈللۈك قامچىئوت قاتارلىق جوڭيى دورىلىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى
ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز.

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10857
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 01:31:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جوڭيىچە دورىلارنىڭ  بىرقىسىملىرى ھەقىقەتەن ئەكىس تەسىر قىلىدۇ..... ئەمما تىزلا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ..........  غەرىپچە دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى كۆرۈلسە شۇ زامان جاننى ئالىدۇ.....


يوقارقى ماقالىدە بارلىق جىگەر كېسەللىكلىرنى جويڭىغا ئارتىپ قويۇپتۇ......  ئەمىليەتتە بۇخىل كۆز قاراش پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس........
چۈنكى بىز ئىستىمال قىلۋاتقان بارلىق نەرسىلەر جوڭيىغا تەۋە...... چۈنكى ئۇ ئۆسۈملۈك ۋە باشقا مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىدۇر.......  جوڭيىدا شۇلار ئارقىلىقمۇ داۋالاش ئېلىپ بېرىلدۇ.....

يوقارقى ماقالە ئارقىلىق جوڭيىچە داۋالشنى بىرخىل ۋەھىمىلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ........


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulpukar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-23 01:33 AM  



ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 10:43:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلارنىڭ بەدىنى ئاجىز، كەچكىچە سەي يىسە نىمە قۇۋۋەت بولىدۇ. ئاندىن سامساقنى خاملا يەيدۇ. بەك ئۆتكۈر ئىسسىق نەرسە تۇرسا جىگەرنى زەھەرلىمەي قانداق قىلىدۇ؟جوڭيى دورىلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش تاماق يىگەندەك يىسە زىيان قىلىدۇ شۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86830
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1150
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 11:11:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەك مىللى تىبابەت دورىلىردىمۇ يوشۇرۇن خەۋىپ بار دىگەن گەپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1320 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 01:17:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەمپۇرنى جىگەرگە زىيان قىلىدۇ دەپتۇ.

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3168
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9817
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3933 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 03:24:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 01:31 AM
جوڭيىچە دورىلارنىڭ  بىرقىسىملىرى ھەقىقەتەن ئەكىس تەسى ...

جۇڭيى دورىلىرى بىلەن ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىنىڭ پەرقى بارمىدۇ؟

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10857
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 06:11:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
asrari يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 03:24 PM
جۇڭيى دورىلىرى بىلەن ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىنىڭ پەر ...

پەرقى بار...........   ئۇيغۇر تىبابىتىدە بىرقىسىم زەھەرلىك دورىلارنى ئىشلەتمەيدۇ.........  ئەمما  جوڭگودا  جوڭيى ۋە شىيى دەپلا ئاتالغاچقا، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىمۇ  جوڭيىغا تەۋە بوپ كەتكەن....

شۇڭا باشقىلارنىڭ كاللىسىدىمۇ  ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى جوڭيىچە داۋالاش بوپ قالغان.....



ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6909
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 461 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 06:22:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساختا ھاراقنىڭ زىيىنى دورىنىڭكىدىن كۆپ مىنىڭچە

سەن مىنڭ ھەققىمگە ئاللاھتىن نىمە تىلىگەن بولساڭ ئاللاھ ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103662
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 09:17:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى قانداق تىبابەت دورىسى بولسۇن دورا ئېتى بولغانىكەن مۇئەييەن دەرىجىدە  بەدەنگە ئەكىس تەسىرى بار .شۇڭا ئەڭ ياخىسى ياخشى بولغان يىمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ دورا ئېتى بار نەرسىلەرنى يىيىشتىن ئامال بار ساقلىنىش كېرەك..

ئۆزەڭ توغقان بالا ئۈچۈن ئازىراقمۇ قۇربانلىق بەرمىدىڭ ،ئۇنىڭدىن شۇنچە ئاسان ۋاز كەچتىڭ ، شۇسەۋەپ سەن پەقەتلا ئوغلۇمنى تۇغقان خوتۇنسەن ،ئۆزەڭنى ئوغلۇمنىڭ ئاپىسى دېيىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش