شىركىتىمىز ئۆزىنىڭ تېخنىكا خادىم قوشۇنىنى زورايتىش ئۈچۈن جەمىيەتتىكى پىروگرامما ساھەسىگە قىززىقىدىغان ياشلاردىن 15نەپەر قوبۇل قىلىدۇ؛
ئوقۇش مۇددىتى ۋە ئۆتۈلدىغان مەزمۇنلار:
ئوقۇش مۇددىتى 10 ئاي بولۇپ، دەسلەپكى 2ئاي ئوقۇغۇچىنىڭ كىيىنكى پىروگرامما ساھەسىگە ئۇل سېلىش باسقۇچى بولۇپ، بۇجەرياندا java تىلىدىن ئاساس، كومپىيۇتېر ئېنگىلىز تىلى، ماتېماتېكا قاتارلىق تۈرلە ئۆتۈلدۇ، 2ئاي تامام بولغاندىن كىيىن ئۆتۈلگەن تۈرلەر بويىنچە ئايرىم-ئايرىم ئىمتىھان ئېلىندۇ، لاياقەتلىك بولغانلار javaتىلىنى تېخىمۇ يۇقىرلاپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە باشقا يانداش پىروگرامما تىللىرىنى ئۆگىندۇ، بۇ جەريان ئوتتۇرا سەۋىيە باسقۇچى بولۇپ مۇددىتى 3ئاي، بۇ 3 ئايلىق ئۆگىنىشتىن كېيىن بىر ئايلىق ئەمەلى مەشىق ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، ئەمەلى مەشىق تۈگىگەندىن كېيىن شىركەتتىكى تېخنىك خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ھەرقايسسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىگەن يۇمشاق دېتالىغا باھا بېرىدۇ ۋە يەنە بىر قېتىملىق ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، لاياقەتلىك بولالىغانلار JavaWeb ۋە Android بويىچە ئىككىگە بۆلۈنۈپ يەنە 3 ئايلىق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، 3 ئايلىق ئۆرلەپ ئوقۇش مۇددىتى تۈگىگەندىن كېيىن يەنە بىر ئاي ئەمەلىي تۈر ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، ئەمەلىي مەشىق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن شىركەتنىڭ تېخنىك خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىگەن تۈرلىرىگە باھا قويىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، ئەمەلىي مەشىقنى ياخشى ئىشلىگەن ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھاندا ياخىشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر شىركەت تەرەپتىن- ئىرپان شىركىتى، يەلتاپان شىركتى ، ئەلبىز شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەرگە بىر ئايلىق پراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پراكتىكا مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولسا شىركىتىمىز ۋە ھەمكارلاشقان شىركەتلەت يۇقىرى مائاش بىلەن خىزمەتچىلىككە قوبۇل قىلىدۇ.
تەربىيلەش مۇددىتى ۋە ئوقۇش راسخوتى:
ئومۇمىي تەربىيلەش مۇددىتى: 10ئاي
بىرىنجى باسقۇچ : ئۇل سېلىش باسقۇچى (مۇددىتى ئىككى ئاي)
ئىككىنچى باسقۇچ: ئوتتۇرا سەۋىيە ۋە بىر ئاي ئەمەلىي تۈر ئىشلەش(مۇددىتى تۆت ئاي)
ئۈچۈنچى باسقۇچ: يۇقىرى سەۋىيە ۋە بىر ئاي ئەمەلىي تۈر ئىشلەش ۋە ئەمەلى پراكتىكا، (مۇددىتى تۆت ئاي).
ئومۇمىي ئوقۇش راسخوتى:
ئەگەر مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرسا 19مىڭ يۈەن
بىرلا قېتىمدا تولۇق تاپشۇرسا مىڭ يۈەن ئېتىبار قىلىنىدۇ
دەرسلىك ماتىريالى:
دەرسلىك ماتىرياللىرىنى شىركىتىمىزدىكى ئۇزۇن يىللىق كەسپىي تەجىربىگە ئىگە تېخنىكا خادىملار ئۆزى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ دەرسلىك ئۆگەنگۈچىلەرنى قىسقا ۋاقت ئىچىدە يۇقرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان، دەرسلىك مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكىچە:
ئۇل سېلىش باسقۇچى
- Java تىلى ھەققىدە دەسل ەپكى چۈشەنچە
- Java تىلىدىكى ئاساس
- ئېقىش مۇساپىسىنى تىزگىنلەش
- سانلار گۇرۇپپىسى
- ھەرىپ بەلگە تىزمىسى ۋە مۇنتىزىم ئىپادە
ئوتتۇرا سەۋىيە باسقۇچى
- ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لاھىيەلەش
- ئۇسۇلنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ۋە پارامىتىر ئۇزىتىش
- ۋارىسلىق ۋە كۆپ ھالەت
- ئۇچۇرلارنى پىچەتلەش
- تۈرنىڭ يۇقرى دەرىجىلىك ئالاھىدىلىكلىرى
- Java دىكى توپلام
- Javaدىكى كۆپ ئىشلىتىلدىغان تۈرلەر
- Genirectiy بىلىمىدىن ساۋات
- نورمالسىزلىقنى بىرتەرەپ قىلىش
- كۆپ لىنىيە
- گىرافىك يۈزى
- ھادىسە بىر تەرەپ قىلىش
- Swingنىڭ يۇقرى دەرىجىلىك زاپچاسلىرى
- ئوقۇش-يېزىش ئېقمى ۋە ئوبىكىتنى ئېقىملاشتۇرۇش
- تور پروگىراممىسى تۈزۈش
- ساندانغا مەشغۇلات قىلىش
- Java دا ساندانغا مەشغۇلات قىلىش.
- MVC ۋە تۈر ئېچىش ھەققىدە
(يۇقىرى باسقۇچ قىسىمىنىڭ مۇندەرىجىسى قىسقارتىلدى)
يەتمەكچى بولغان نىشان:
ئوقۇشنى ياخشى تاماملىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئۆگەنگەن تۈرلەر بويىچە ئۆزئالدىغان مۇستەقىل پروگرامما يازالايدىغان، باشقا يۇمشاق دېتال شىركەتلىرنىڭ خىزمەت ھۆددىسىدىن بىمالال چىقالايدىغان بولىدۇ.
بىزنىڭ ئالاھىدىلىكىمىز:
*بىز باشقا تەربىيلەش ئورۇنلىرىغا ئوخشاش چوڭ-چوڭ دىپلۇم ۋە كىنىشكىلەرنى بېرەلمەيمىز، ئەمما سىزگە ھەقىيقى ئەسقاتىدىغان بىلىمنى بىرەلەيمىز.
*ئوقۇش راسخۇتى بەلكىم سىزگە قىممەت تۇيۇلىشى مۇمكىن، ئەمما تېرىشىپ ئوقىسىڭىز، ئوقۇش تامام بولۇپ بىز بىلەن بىللە خىزمەت قىلغاندا ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ ناھايىتىمۇ ئەرزانغا توختىغانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن.
*ماتېماتېكا بەلكىم سىزگە نىسەبەتەن زېرىكىشلىك بىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما نۇرغۇنلىغان چوڭ تېخنىكىلارنىڭ ئارقىسىدا ئاشۇ «زېرىكىشلىك» ماتېماتېكىنىڭ بارلىقىنى بىلسىڭىز، بەلكىم باشقىچە قىززىقىشىڭىز مۇمكىن.
* خەنزۇچىنى بىلمىسىڭىز، ئىنگىلىزچىنى بىلمىسىڭىز ھېچقىسى يوق، ئەمما ئۇيغۇرتىلىنى بىلمىسىڭىز قوبۇل قىلالمايمىز، پىروگراممىغا نىسەبەتەن ئاساسىڭىز بولمىسا ھېچقىسى يوق، ئەمما تىرىشچانلىقىڭىز ۋە سەۋىرچانلىقىڭىز بولمىسا قوبۇل قىلالمايمىز.
ئوقۇتۇش مۇھىتىدىن ھەقىقىي كۆرۈنۈش:
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
شىركەت ئادرىسى:ئۈرۈمچى شەھەر غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللۈكى (3-دوختۇرخانىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدا) A بىنا 811- ئىشخانا.
تېلېفون نومۇرى؛ 0991-8520069، يانفۇن: 13325549080،18699161138
QQ:18082876744
ئېلخەت:
elbizcc@gmail.com
تورئادرىسى
http://www.elbiz.cc
ئۈندىدار سۇپىسى:elbizcc
سەمىيمىي ئەسكەرتىش:
بىز شىركەتنىڭ خىزمەتچى خادىم قوشۇنىنى زورايتىشنى مەقسەت قىلغاچقا بۇقىتىمقى تەربىيلەشنى ئىلىپ باردۇق، تەربىيلەشكە قاتناشقۇچىلار ئۆزىنىڭ تاماق ۋە تاماق مەسىلىسىنى ئۆزى ئويلىشىدۇ، نوپۇسى ئۈرۈمچىدىن باشقا شەھەر تەۋەلىكىدە بولغانلار ئۆزىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىدىن «خەلىققە قولايلىق كارتىسى»نى بىجىرىپ كىلىشى كېرەك.