ئەجداد ئۇدۇمى ئانا تىل غورۇرى
ئابدۇللا ئوبۇلقاسىم ئۇدۇمى
نەسىر
قۇلاق تۈۋىمدە يىقىملىق بىر كۈي ،قەلب قەسرىمدە ياڭراق بىر سادا ،كۆڭۈل قەتلىرىمدە چۇڭقۇر
مۇھەببەت ،سۆيۈنۈش ،ئېپتىخارلىق مەۋج ئۇرماقتا . ھەئە! شۇ كۈيدە ئانامنىڭ يىقىملىق تىنىقلىرى بار ،شۇ مۇڭدا ئانامنىڭ غورۇرى ئېپتىخارى بار ،شۇ مۇڭدا ھەم ئەجداتلار سىماسى بار .
شۇنداق بۇ خىل مۇھەببەت سۆيگۈ بوۋامدىمۇ بوۋامنىڭ بوۋسىدىمۇ بولغانكەن .شۇڭا بىزلەرگە ئەنە شۇ مۇھەببەت ئەنە شۇ بوۋلاردىن ئۇدۇم قالغان .
توغرا مىنىڭ بىر بوۋام بار .يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ياشرىپ كۆكلەيدىغان .مىنىڭ بىر بوۋام بار .ئەۋلاد قەلبىدە ئەبەدى ئۆچمەيدىغان .ئەلۋەتتە ،بوۋامنىڭ «ئانىسى»بوۋامنى شۇنداق يىتىشتۈرۈپتىكەن .بۇ «ئانا» سىز بىزگە پاسىبان . ئىنسانىيەت دۇنياسىدا بىزنى يۇلتۇز كەبى چاقناتقان .قەلبىمىزدە غورۇر ،مۇھەببەت ئورناتقان ،سەلتەنەتلىك تارىخىمىزنى ياراتقان مۇقەددەس ئانا تىلىمىزدۇر .
ھەئە...!مەن ئاشۇ ئانا تىلىمنىڭ جارچاسى بولۇشنى ئىستەيدىغان ئانا تىلىم سالغان مەرىپەت ئىشتىياقىدا داغدام قەدەم تاشلايدىغان مائارىپ كۆكىدە ئانا تىل ئۈچۈن ئېزدىنىۋاتقان ھارماس تۇلپارمەن .شۇنداق مەن ئانا تىلىمنىڭ جاكارچىسى .چۈنكى بوۋىلار ئانا تىلىمىزدىن ئىبارەت نۇرانا مەشئەلنى تەۋرەنمەس چوقىلارغا يەتكۈزگەن ،ئەۋلاد ئۈچۇن مەڭگۈ پارلاپ تۇرىشنى چىن قەلبىدىن كۈتكەن .
شۇنداق بىز ئاشۇ مەشئەل ئارقىلىق يوللىرىمىزنى پەرەق ئىتەلىدۇق ،بىز ئاشۇ مەشئەل ئارقىلىق ئەجدادلار سىماسىنى كۆرەلەدۇق ،ئەجدادلارنىڭ كىملىكىنى بىلەلىدۇق .بىز شۇ مەشئەل ئارقىلىق كۆزلىگەن نىشانىمىزغا يىتەلىدۇق ، سەلتەنەتلىك تارىخ بىتىنى ئاچالادۇق .شۇ مەشئەل بولغاچقا ئاتىلار بولغان ،شۇ مەشئەل بولغاچقا ئانىلار بولغان ،شۇ مەشئەل بولغاچقا ئەۋلاد قەلبى يۈكسەك كۈچكە تولغان .بىز شۇ مەشئەل ئارقىلىق مەۋجۇدلىقىمىزنى نامايەن قىلالىدۇق .شۇڭا بىز مەشئەلنى كۈتۈرگەن ئەجداتلاردىن ئىپتىخارلىنمىز ۋە ئۇلارنى ئەبەدى يات ئىتىمىز.
تۈرك تىلىغا كەلدى بۇ نەقىش
سېھرىگەرمۇ بىلەلمەي ياز –قىش
بۇ نەقىشنى چۈشۈرگەن قەلەم
تاپقايمۇ كىم ئون سەككىز ئالەم
كەچۈرسۇن ئۆزگە تىلنى گۆھەر بىلگەنلەر
كەچۈرسۇن ئۆز تىلىنى نۇمۇس بىلگەنلەر
ياشنىغاي تائابەت تىلنى سۆيگەنلەر
مانا بۇۋام ئىزناسى ،ئانا تىغا بولغان سۆيگۈ جۇلاسى ،ياشا بۇۋا ئەۋلاد قەلبىدە مەڭگۈ نۇر بۇلۇپ يان . سەن شېئىرىيەت سۇلتانى .ئانا تىلىمىزنى خار –زەبۇنلىقتىن يۈكسەكلىككە كۆتۇرگەن تىل ئاشىقى .ئەنە شاھانە ئەسەر «خەزائىنۇل مەئانى »ئەنە «خەمىسە»ئەنە«مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» ئەنە دەستە –دەستە سەتىرلەر.سەن ئۆز قەلمىڭ ئارقىلىق مۇقەددەس ئانا تىلىمىزنىڭ ھەقىقى لاتاپىتىنى نامايەن قىلىپ دۇنيا ئەھلىنى ھاڭ، ئانا تىل مەھبۇسلىرىنى تاڭ قالدۇرغان. مىسرا قەتىرلىرىڭ ھەر بىر ئەۋلاد قەلبىدە نەقىش بۇلۇپ ئۇيۇلغان ،مۇھەببەتلىك بىيىتلىرىڭ ئاشىقلارغا زەم-زەم بولغان .ئۆز دەۋرىنىڭ يىگانىسى ،سۆزمەنلەرنىڭ سەردارى ،شىئىرىيتىمىزنىڭ پىرى ،دۇنيا ئەھلىنىڭ قەلىب تۆرىدىكى ،ئەلشىر نەۋائىدۇرسەن .شۇنداق ئانا تىل سۆيگۈچى قەۋمىنىڭ ئىپتىخارى، پەخىرىدۇرسەن .
مانا بۇ يىل 573 ياشقا كىرگەن كۈنۈڭنى قۇتلۇقلاپ تۇرۇپتىمىز قەلبىمزدە ساڭا بولغان سىغىنىش ھۆرمەت ئىپتىخارى كۈۋەجىمەكتە ، سەن بىزنىڭ ئۈلپەتدىشمىز ،سۆھپەتدىشمىز شۇنداقلا قەلىبدىشىمىزدۇرسەن .چۈنكى بىز سىنىڭ يولۇڭنى داۋام ئەتكۈچى ساڭا ئوخشاش تىل ئاشىقىدۇرمىز .
سەن بىزنىڭ ئۈلپەتداشىمز .چۈنكى بىزمۇ ئانا تىلىمىزنى رۇناق تاپقۇزۇش ،ئانا تىلىمىزنى بېيتىش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان ئىزدەنگۈچىلەر .بىز مۇ ھەم سىنى قىبلىنامە قىلىپ ئەجداد روھىغا ۋارىسلىق قىلالايدىغان كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولالايدىغان روھنى يىتىلدۈرۋاتقان .ئانا تىلمزدىن قەتەرلەر تىزىپ ئەزىز خەلىق ئۈچۈن مەنىۋىيەت سۇنۇشنى دىلغا پۈككەن ئۈمۈدۋارلارمىز .
شۇنداق بۈگۈندە بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز قەدىرلەپ سۆيگەن ،قەدىرلەشكە، سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان ئانا تىلىمىز بار .ئۇيغۇر تىلىمىز بار.
بىز ئەۋلادلار ئانا تىلىمىزدىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق، چۈنكى بىز ئاشۇ تىلنىڭ ۋارىسلىرى ۋە ھەقداسىغا يەتكۈزگۈچى .شۇنداق بىزنىڭ ئانا تىلىمز تاشلارغا ئۇيۇلغان ،پۈتۈكلەرگە پۈتۈلگەن ،ئورخۇن ۋادىسىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ جەڭ سادالىرىدا ياڭرىغان.ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدا مەشئەل بولۇپ يانغان . بۈگۈندە بىزگە مەرىپەتىن ئېشتىياق سالغان بىزنىڭ ئىزدىنىش ئوبىكتى ،بىلىم پەللىسى بولغان ۋە بولۇپ كىلۋاتقان ئۇيغۇر تىلىمىزدۇر .
بىزدە يۈكسەك غۇرۇر بار .بىزدە تەۋرەنمەس ئىرادە بار .بىزدە ئانا تىل سۆيگۈسى ،ۋەتەن مۇھەببىتى بار . بىزدىكى شۇ غۇرۇر ئەجدادلاردىن قالغان ،بىزدىكى تەۋرەنمەس ئىرادە ئەجدادلار ئىزىدىن كەلگەن ،بىزدىكى شۇ سۆيگۈ –مۇھەببەت ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزدىن ئۇدۇم قالغان . بىز ئانا تىلىمىزدىن ئىپتىخارلانساق بولىدۇ ئەمما ئىپتىخارىمىزنى ياستۇق قىلىپ مۈگدىسەك بولمايدۇ.بىز ئانا تىلىمىزنى سۆيسەك بولىدۇ ،بۇلبۇل گۈلنى سۆيگەندەك ئەمەس ،پەرھاد شىرىننى سۆيگەندەك پەرھاتتەك تاغنى تالقان قىلالايدىغان ئىرادىدە شىجائەت ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىداسۆيسەك بولىدۇ .بىزدىكى بۇرۇچ ،بىزدىكى مەسئۇلىيەت ئاقىللارغا روشەن ۋە ئىنىقتۇر .شۇڭا ئانا تىلىڭىزدىكى ساپلىقنى يۇقاتماڭ ،چۈنكى ئۇ سىزنىڭ غورورىڭزدەك موھىم . تىل ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرشى ۋە مەدەنەيەت تەرەققىياتىدىكى ھىل قىلغۇچ ئامىل. بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ تارىخدۇر . ئانا تىلمىز بىشدىن نۇرغۇن جۇدۇنلارنى ئۆتكۈزدى ھەم شۇ جۇدۇنلارنى يىڭدىغان باتۇر پەھلىۋانلارنى .ئالىم ئۆلىمالارنى يىتۈشتۈردى .شۇڭا بۇگۈن بىز ئىپتىخارلىق ئىلكىدە شۇ ئەربابلارنى ياد ئەتمەكتىمز ئۇلارغا سالاملارنى يوللاش ئۈچۈن يىغلىپتىمز .ياق ئەڭ موھىمى بىزنىڭمۇ يۇكسەڭ شىجائەتكە كەلگەنلىكىمزنى ئانا تىلمىز ئۈچۈن ،ئانا تىلمىزنىڭ تەرەققياتى ئۈچۈن ئىرادىگە كەلگەنلىكىمزنى ئۇلارغا جاكارلاش ئۈچۈن يىغىلدۇق .توغرا شۇ تاپتا ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە بوۋىلار ، ئاتىلار بىز سىلەردىن پەخرلىنىمز ،بىزمۇ ھەم سىلەر پەخىرلەنگىدەك ئەۋلاد بولۇشقا بەل باغلايمىز دەپ يۈرۈك خىتابىمىزنى ياڭراتقۇمىز كىلۋاتقاندۇ ،شۇ تاپ ئانا تىلمزغا بولغان مۇھەببەت دولقۇنلاۋاتقاندۇ ،چۈنكى بىز ئاشۇنداق ئەجداتنىڭ پەرزەنتى .قىنى ئەمسە ئاشۇ تىلەكلىرىڭىز ئۈچۈن ،ئاشۇ تەۋرەنمەس ئىرادىڭىز ئۈچۈن شىجائەت كەمىرىنى ،جاسارەت بىلىگە تاقاپ ھۇررا .........
جاھان ئەھلى قۇلاق سال بۇ مىنىڭ ئانا تىلىم
ئۇيغۇر تىلىم سۆيگەن تىلىم بىر ئۆمۈر كۆيگەن تىلىم
؛ئابدۇللا ئوبۇلقاسىم ئۇدۇمى 阿不都拉卡热 · 吾布力
(غەربى شىمال مىللەتلەر ئونۋېرستېتى ، ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى ،2011-يىللىق تىل-ئەدەبىيات سېنپىدىن )
(西北民族大学维吾尔语言文学学院2011级维吾尔语言文学班)
地址 ;甘肃省兰州市西北民族大学榆中校区
邮政码 ;730124 联系电话 ;18919888947
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
لەنجۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-22 08:32 PM