مەدەنىيەتنىڭ سېھرى كۈچى
روھسان
1964-يىلى ياپۇنىيەنىڭ توكيۇ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 18-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئادەم سانى 60 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا ياپۇنلۇقلار پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. چۈنكى بىر نەچچە سائەت داۋاملاشقان ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، مۇراسىم زالى مۇراسىم باشلىنىشتىن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا پاك- پاكىز تۇرغان. خالىغانچە تاشلىۋېتىلگەن بىرەر تال قەغەز پارچىسى ياكى بىرەر تال تاماكۇ قالدۇقىنىمۇ كۆرگىلى بولمىغان.. ياپۇن مىللىتى ئەنە ئاشۇنداق پاكىزلىقى بىلەن پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرشكەن. مانا بۇ مەدەنيەتنىڭ سېھرى كۈچى.
ئۇندىن باشقا بىز بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئارمان گوروھى، ھەرەمباغ شىركىتىگە ئوخشاش خەلقاراغا يۈزلەنگەن كارخانىلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىلەن ئادەتتىكى ئۇششاق تىجارەت خاراكتىرىنى ئالغان ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغانلارنىڭنىڭ ئىنتىزامچانلىق روھى، تەققى تۇرقى ۋە مەدەنىلىك دەرىجىسىنى سېلىشتۇرۇپ باقساقلا مەدەنىيەتنىڭ سېھرى كۈچى ۋە ھاياتى كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلالايمىز.
بۇ يەردە دىيىلۋاتقان مەدەنىيەت ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ گۈزەللىكنى چۈشىنىشى ھەم ئۇنىڭغا ئىشىنىشى دەرجىسىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر- بىر ئورۇننىڭ مەدەنىيىتىمۇ شۇ ئورۇندىكى بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشى ئارقىلىق بارلىققا كىلىدىغان ھەم تەرەققى قىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر مەلۇم بىر ئىدارە ياكى بىر ئىجتىمائى توپتا باشقىلار پاكىز تازلاپ قۇيغان جايغا خالىغانچە ئەخلەت تاشلاپ قويىدىغان، مال- مۈلۈكلەرنى بۇزىۋېتىدىغان، يۇقۇرى ئاۋازدا ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىپ، باشقىلارغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، تۈزۈمىگە رىئايە قىلمايدىغان، ئۆز-ئارا جىدەل ماجىرا قىلىدىغان، كىچىكىپ كىلىدىغان، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلىمەيدىغان، ئالغا ئىنتىلىش روھىي تۈۋەن، ھە دىسە باشقىلاردىن ئاغرىنىپ خاپا بۇلۇپ يۈرىيدىغان، ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىدا كۇسۇرلىشىپ، پىچىرلىشىپ ئۆز ئابرۇي ئىناۋىتىنى ساقلىمايدىغان، باشقىلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت- شىكايەت قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ نىسىۋىسىگە چاڭ سالدىغان، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يىۋالىدىغان، ياماندىن قورقۇپ ياۋاشنى بۇزەك قىلىدىغان، ئۆزىنى قۇدىرەت تاپقۇزۇش ھەققىدە ئىزدەنمەيدىغان ئادەملەر بولسا، بۇنداق كوللىكتىپنى ھەرگىزمۇ مەدەنىيەتلىك كوللىكتىپ دىگىلى، بۇنداق كوللىكتىپنىڭ ئەزالىرىنى ھەرگىزمۇ مەدەنىيەتلىك ئادەملەر دىگىلى بولمايدۇ. مەدەنىيەتلىك ئادەم ھەر قانداق جايدا، ھەرقانداق ۋاقىتتا، مەيلى باشقىلار كۆرسۇن ياكى كۆرمىسۇن يامان ئىش قىلمايدۇ. ئۆز- ئىززەت ئابرۇيىنى ساقلاش بىلەن بىرگە ئۆزى ياشاۋاتقان كوللىكتىپنىڭ ھەركەت قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىدۇ.
بىر ئادەمنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ئۇنىڭ باشقىلار بىلمەيدىغان جىق بىلىملەرنى بىلىدىغانلىقىغا قاراپ ئەمەس، بەلكى بىلىدىغانلىرىغا قانچىلىك دەرىجىدە ئەمەل قىلالايدىغانلىقىغا قاراپ باھا بىرىلدۇ.
مەدەنىيەتلىك ئادەمنىڭ سۆزى بىلەن ھەركىتى بىردەك بولىدۇ. مەدەنىيەتلىك ئادەم باشقىلارغا تەشەببۇس قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزى رىئايە قىلىدۇ. مەدەنىيەتلىك ئادەم ئىشنى ئۆزىدىن باشلايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-24 05:03 PM