زاھىر ئابدۇراھمان : روھىمغا سەپەر
يەنە ئۆكتەبىر ئايلىرى كىرىپ ھەش-پەش دىگۈچە مەرھۇم زاھىر ئابدۇراھماننىڭ ۋاپاتىغا ئۈچ يىل بۇلۇپ قاپتۇ .گەرچە بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان ھەركۈنى قۇياش شەرىقتىن چىقىپ غەرىپكە پېتىپ بۇ دۇنيا، بۇ ھاياتتا نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزگۈرۈپ كەلمەسكە كەتسىمۇ ئەمما مەرھۇمنىڭ سەمىمىلىك ،تەبەسسۇم يېغىپ تۇرىدىغان سىماسى كۆز ئالدىمدىن نېرى بۇلىغاندەك ئەمەس .3-4يىل بۇرۇنقىدەك قايسى بىر ئۇچرىشىشلاردا ئاقسۇ شەھرىنىڭ قايسى بىر كۈچىلىرىدا زاھىر ئابدۇراھماننى يەنە بىر ئۇچرىتىپ قالسام ئىدى- دەپ غايىۋانە كۈڭۈل ئىستەپ مەرھۇمنى سېغىنىپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە ھەزرەتئەلى ئەخەت ئەپەندىنىڭ بىلوگىدا مەرھۇمنىڭ بۇ شېرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم .ھەم مەرھۇمنى چۇڭقۇر سېغىنىش ھىسسىياتىم بىلەن بۇ مۇنبەرگە يوللدىم
روھىمغا سەپەر
زاھىر ئابدۇراھمان ئوتقان
(1)
شادلىقىم بار تاپقان يولۇمدىن ،
ئۆكۇنۇشۇم كۆپ قالغان ئىزىمدىن .
سىرلىرىم بار ئالەم چۆككۇدەك ،
مەيلى تۇنۇش ،
مەيلى ناتۇنۇش
سىردىشىمنى تاپسام تۆككۇدەك .
رەسىدىلىكىم
خىيال بەردى بىر تالاي ،
تەكتى ئۇنىڭ تىرەن ،
تىرەن بەك…
(2)
بىر غەرەزسىز ئىنتىلىش ،
بىر ھالسىز كۇتۇش
قۇتراتماقتا ئەسەبىلىرىمنى .
نىمە كۇتتۇم ،
نىمىگە ئىنتىلدىم ؟
ئاختۇرۇپ كوردۇم نەسەپلىرىمنى .
قۇياش بىلەن سىرداشقان نەچچە ،
چاقچاقلاشقان ئاي بىلەن كەچتە ،
گۇلمۇ تۇنۇش ،
ئازغانمۇ تۇنۇش ،
خىزىر تۇنۇش ،
شەيتانمۇ تونۇش ،
رەتلەپ چىقتىم ئەمەللىرىمنى .
قايسى يولللار مېنىڭ تۇمۇرۇم ؟
قايسى بۇلاق مىنىڭ كۆز يېشىم ؟
قايسى گۇلزار مېنىڭ كۆز نۇرۇم ؟
قايسى تاغلار خىسلەتلىك بىشىم ؟
قايسى دالالار مېنىڭ يۇرۇكۇم ؟
قايسى سادالار مېنىڭ تىلىكىم ؟
(3)
ئۇپۇق تامان سوزۇلغان بىر يول ،
مەن نەچچىلەپ ماڭغان ئۇنىڭدا ،
گاھى ئاتلىق ،
گاھى ياياق .
تۇنۇش بولۇپ كەتكەن ھەتتاكى
قونالغۇدا كۇزەتتە تۇرغان
كونا تامدەك قىيسايغان بوۋاي
ھەم قولىدىكى شۇ ئەگەرى تاياق
سالام بەردىم بۇ نۆۋەت ئاڭا
قونالغۇدا توختىغىنىمدا .
ئۇ
خىرە يۇلتۇز كەبى كۆزىنى
تىكىپ ماڭا بىر ھازا
يىراقلاشتى مەندىن
بەك يىراق …
چاقماق چاقتى ۋۇجۇدۇم ئارا .
ئېچىنىشلىق تولغاندى يوللار
مەن ئىنتىلگەن
كۇتكەن نەرسىنى
دەرھال تىپىپ بەردى ئوڭ-سوللار .
(4)
بىر ئەسەبىي ئۇيات
ئىنتىلىش
يۇرىكىمەە چاچتى ئوت قىلىپ
يىڭى سەپەر ئىشقىنى بۇدەم .
يوللىرىمنىڭ خەرىتىسىنى
يوللۇق قىلىپ تۇتتى ئەقىدىم .
لەززەتلىك چۇش ئىلكىدە ،
ھېلى ئۇخلاپ ئويغانغان كەبى
خۇمارلىق بىقىپ .
ئاق كۆڭلىكىدەك ئاق ياغلىقىنى
سىلكىپ ئاقيول تىلىدى ئەركەم .
مەن ئۇنتۇپ قالغان ،
يىتتۇرۇپ قويغان ئادەملىكمنى ،
مىليۇنلارنىڭ قەلبىگە
نەقىشلەرنى ئويغانتى ئىزىم .
سەن تۇنجى رەت
باھاردىكى ئىللىق شامالدەك ،
لەۋلىرىمگە يېنىڭ سۆيگەندەك ،
مەن ئىقبالغا تىۋىنغان كەبى
تىۋىنىپ ساڭا
شۇنچە قىزغىن ،
شۇنچە سەبى
سويەي ئەزىزىم …
1990-يىلى ئاقسۇ .
ئەسەر مەنبەسى ؛
http://www.quxtak.com/?p=695
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-24 05:03 PM