مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 280|ئىنكاس: 2

ئانىلارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرەيلى!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1806
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10875
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1481 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقۇپ ھەمدۇللا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 ~; H, [1 q+ L! E& j1 Wبىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 u+ m) e7 _- q2 Fدۇنيانىڭ كۆركى ھەم زىننىتى ئايال، ھاياتنىڭ مەنىسى، لەززىتى ئايال. ئايال ئۇ قەدىرلىك، ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان، ئاللاھنىڭ نېمىتى، رەھمىتى ئايال. ئايال—ئىنسانىيەتنىڭ يىلتىزى، ئۆينىڭ چىرىغى، يازنىڭ گۈلى، قىشنىڭ ئوتى. ئىنسان ئۇلۇغ، شۇ ئىنساننى تۇغقان، باققان، تەربىيىلىگەن ئانىلار تېخىمۇ ئۇلۇغ! مۇسۇلمانلار ئانىنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ، چۈنكى ئىنسانلار يەر شارىغا ئانىدىن تارالغان. «قۇرئان كەرىم»دە: ”ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق“(سۈرە ھۇجۇرات، 13-ئايەت) دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئىنسانلار ئۇرۇق-جامائەلەرگە بۆلۈنگەندە، ئەڭ دەسلەپتە ئۇرۇقلارنى ئانىلار باشقۇرغان. دېمەك، ئانىلار ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئانىسى. ئاللاھ تائالا رەھمەت-شەپقىتى، قۇدرەت-كارامىتى بىلەن ئادەم ئەلەيھىسالامنى زېمىندىن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ، جەننەتنىڭ 70 خىل كىيىمىنى كىيدۈرۈپ، بېشىغا تاج تاقاپ، قولىغا پۈتۈن ئەرشئالانىڭ پادىشاھلىقىنى نامايان قىلىدىغان ئەڭگۈشتەرنى تاقاپ، ئالتۇن كۇرستا ئولتۇرغۇزۇپ، پۈتكۈل بېھىشنىڭ ھاۋايى ھەۋەس، نازۇ-نېمەت، شېرىن-شەربەتلىرىنى ئاتا قىلغان بولسىمۇ، ئۇ جەننەت لەززىتىدىن ھوزۇرى قانماي ئايالدىن جۈپتى تەلەپ قىلغان. ”ئۇنىڭ كۆڭلىنى خوتۇن ھەۋىسى تەقەززا قىلدى ۋە دېدى: مۇنداق ئىززەت ۋە ھۆرمەت، دۆلەت-سائادەت بار يەردە بىر جۈپتۈم بولسا ئىكەن، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداش ۋە سىرداش بولۇپ ئۆتسەك! “ («قىسەسۇل ئەنبىيا»، 19-بەت). دېمەك، ئايال دۇنيانىڭ راھىتى، لەززىتى، كۆڭۈل ھوزۇرى. ئايالسىز تۇرمۇش چاڭقاق، قاغجىراق ۋە سوغۇق. ئاياللار ئەڭ گۈزەل. ئۇلاردىكى گۈزەل جامال ھېچ نەرسىدە يوق ئىدى. ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆزىنىڭ نۇرىدىن بىر زەررە ئېلىپ ئۇنى يۈزگە بۆلۈپ 99 پىرسەنتىنى ھەۋۋا ئانىغا بەردى(«قىسەسۇل ئەنبىيا» 20-بەت). دېمەك، ئاياللار گۈزەل، ئاياللار بولغاچ ھايات گۈزەل، تۇرمۇش بەختىيار. ئاياللارنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى، تۇرمۇشتىكى، ئەۋلاد قالدۇرۇش ۋە ئۇلارنى تەربىيىلەشتىكى ئورنى ۋە رولىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. جەمئىيەت ئادەملەردىن، ئائىلىلەردىن شەكىللىنىدۇ. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ كۆزنىكى، ئاياللار ئائىلىنىڭ ئىش بېجىرگۈچى ئىگىسى. ئايالنىڭ قانداق بولۇشى ئائىلىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئايالنىڭ سەۋىيىسى يۇقىرى، بىلىملىك، ئەخلاقلىق، ئىقتىدارلىق بولۇشى پۈتۈن ئائىلىنىڭ بولۇپمۇ بالىلارنىڭ روناق تېپىشى، بەختىنى تېپىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئاياللارنىڭ نەسەپ قالدۇرۇش، بالا تەربىيلەشتىكى رولى ناھايىتى زور. ئانىنىڭ قانداق بولۇشى بالىنىڭ قانداق بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئانىنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولسا بالىنى سۈپەتلىك تۇغۇپ، ئىلمىي بېقىپ، ئىجتىھات بىلەن تەربىيىلەپ سۈپەتلىك يېتىلدۈرىدۇ. ”ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق“ دېگەن تەمسىلدە ئاشۇنداق چوڭقۇر مەنە يەكۈنلەنگەن. بالا ئائىلىنىڭ نەسەپ يىلتىزى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى. بالىلار سۈپەتلىك تۇغۇلۇپ ساپالىق تەربىيىلەنسە مىللەتنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولىدۇ. قەيەردە خوتۇن-قىزلار قابىلىيەتلىك، مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق، تىرىشچان، تەلەپچان بولسا شۇ جايدىكى بالىلار، ياشلار بىلىملىك، ئەدەپلىك، غەيرەتلىك، مەدەنىيەتلىك، تىرىشچان، ئەمگەكچان بولىدۇ. بالىغا ئانىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئەجرى سىڭگەن بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە: ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى، ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ)، كۈچ-قۇۋۋەتكە تولۇپ، قىرىق ياشقا يەتكەندە، (ئۇ):”پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا-ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن(يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن)... دەيدۇ“(سۈرە ئەھقاف، 15-ئايەت) دەپ، ئانىلارنىڭ مۇشەققەتلىك ئەجرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بالا ئانىنىڭ جىسمىدىن ئايرىلىپ چىققان تېنىنىڭ پارچىسى، يۈرەك پارىسى. بالىنى سۆيۈش، بالىغا كۆيۈنۈش، ئۇنى ئاسراشتەك چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەتنى ئاللاھ تائالا ئانىلار قەلبىگە سالغان. شۇڭا ئانىلار بالىغا بەكلا كۆيىدۇ. ھېچقانداق كۈچ ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئانىلار بالا ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز، ئۈن-تىنسىز جاپالىق ئىشلەپ، كۆيۈپ پىشىپ ئۆزىدە بارىنى بېغىشلايدۇ، پەرزەنتنىڭ ئىككىلا ئالەمدە بەخت-سائادەتلىك بولۇشى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى بىلەن قەدىرلىك. ئاياللارنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى زور بولغاچقا تېخىمۇ قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك. لېكىن بىزنىڭ بەزى نادان، قالاق قېرىنداشلىرىمىز ھەمىشە ئاياللىرىنى كەمسىتىدۇ. ئاياللارنى خورلايدۇ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدۇ. قەبىھ تىللار بىلەن ھاقارەتلەپ، ئېشەكتەك دۇمبالايدۇ. ئاياللارنى ئويۇنچۇق قاتارىدا بىلىپ بۈگۈنى ئېلىپ نەچچە كۈندىن كېيىن تاشلايدۇ. ئۆزىنىڭ قەدىناس جۈپتىنى ئۆيگە بەنت قىلىپ قويۇپ، ئۆزى ئاشنىدارچىلىقتىن كۆڭۈل ئاچىدۇ. ھايۋان چېغىدا ئۇرغاچلىرىنىڭ پەسلى يېتىپ كۈيلىمىسە چاپمايدۇ. بىزنىڭ بەزى ئەرلىرىمىز ھاۋايى ھەۋەستە ھايۋاندىن ئېشىپ، بالاغەتكە يەتمىگەن سەبىيلەرگىمۇ نىجىس قولىنى سېلىپ نابۇت قىلىدۇ. ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئاياللارنىڭ ئازاب چېكىشى، بالىلارنىڭ يېتىم قېلىشىنى ھېچ ئەرزىمەس ئىش دەپ سانايدۇ. بۇلار ئۈچۈن ھايات يەپ-ئىچىش، ئويناپ-كۈلۈش پۇرسىتى ھېسابلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىككى پۇتلۇق ھايۋان ئورنىغا چۈشۈپ قالغىنى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ئائىلىگە كۆيۈنۈپ، ئايالىنى ئاسرىسىمۇ، بالىلارنىڭ تەربىيىسىگە، ئوقۇشىغا، يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىغا بېرىپ ئوقۇشىغا سەل قارايدۇ. بولۇپمۇ قىزلىرىنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇشىغا ئانچە يول قويمايدۇ.”قىز بالا دېگەن ئۆي ئادىمى، يۇقىرىلاپ ئوقۇتۇپ نېمە كەپتۇ“ دەپ ئۆزىنىڭ جان-جىگەر بالىسىنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىدۇ. دەل موشۇنداق قالاقلىق، قاششاقلىق بولغاچقا بىزدە نادانلار كۆپ، نادانلىق ھەممە يامانلىقنىڭ ئانىسى. بىلىپ-بىلمەي كۇفرى سۆزلەش، گۇناھ ئۆتكۈزۈش، ھەتتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشتەك قەبىھ ئىشلار نادانلىقتىن بولىدۇ. نادانلىق−ئىپلاسلىق، نادانلىق−ئەڭ چوڭ ئاپەت. نادانلىقتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ قەد كۆتۈرەلمەيمىز، نادانلىقتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ دەۋر تەرەققىياتىغا يېتىشەلمەيمىز. شۇڭا بالىلىرىمىزنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇشىغا، بولۇپمۇ قىزلىرىمىزنىڭ يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىشىغا بارىمىزنى تەسەددۇق قىلىشىمىز كېرەك. ئىسلام دىنى ئاياللارنى ئۇلۇغلايدىغان، دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئاياللارغا تەڭ-باراۋەرلىك ھوقۇقى بەرگەن دىن. ئىسلام دىنىنىڭ ئىلاھىي كىتابى، شەرئى دەستۇر «قۇرئان كەرىم»دە ئاياللارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئالتە سۈرە بار. ئاياللارنىڭ رولى، ئورنى، ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى توغرىسىدا نۇرغۇن ئايەتلەر نازىل بولغان: ”ئاياللار بىلەن ئۇنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن(ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا(يەنى ئەر-خوتۇن ئارىسىدا) مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ(كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار“ (سۈرە رۇم، 21-ئايەت) ”ئەگەر(ئاياللىرىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار، (ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار (ئاللاھ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر“ (سۈرە نىسا، 128-ئايەت) ”ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر“ (سۈرە نىسا، 34-ئايەت) ”مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن. سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن“ (سۈرە ئال ئىمران، 195-ئايەت) بىزنى ھەقىقەت يولىغا يېتەكلىگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئىلىمگە دەۋەت قىلغۇچى، دىلىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ، يولىمىزنى يورۇتقۇچى پەيغەمبىرىمىز ئاياللارنى ئاسراپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەشنىڭ ئۈلگىسى ئىدى. ئۇ ئاياللىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلاتتى، ئۇلارنى ھۆرمەتلەيتتى، ئۇلارغا قىزغىن ياردەمدە بولاتتى. بەزىدە كىيىملىرىنى ئۆزى يۇيۇپ، ئۆزى يامايتتى. بەزىدە ئۆچكە، قوي ساغاتتى. ئاياللىرىنى ھەرگىز ھاقارەتلەپ، سەتلەپ، مەسخىرە قىلىپ، بوزەك قىلىپ ئۇرمايتتى. پەيغەمبىرىمىز: ”مۆمىنلەر ئىچىدىكى ئىمانى ئەڭ كامىل بولغىنى گۈزەل خۇلقلىق بولغىنىدۇر. سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلەدە بولغان ئادەمدۇر. ئايالىغا ھەممىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئادەم مەن بولىمەن“. (ئىبنى ماجە توپلىغان). ”بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ، مېنىڭ ياخشىلىق قىلىشىمغا ئەڭ لايىق ئادىمىم كىم؟ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: ئاناڭ دېدى. ئۇ ئادەم:ئاندىن قالسىچۇ؟ دەپ يەنە سورىدى. رەسۇلۇللاھ: ئاناڭ دېدى. ئۇ ئادەم: ئاندىن قالسىچۇ دەپ يەنە سورىدى. رەسۇلۇللاھ: ئاناڭ دېدى. ئۇ ئادەم: ئاندىن قالسىچۇ؟ دەپ يەنە سورىدى. رەسۇلۇللاھ: ئاندىن قالسا ئاتاڭ دېدى“ (بۇخارى توپلىغان). ”جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا“دەپ كۆپتىن-كۆپ ۋەز-نەسىھەت قىلغانىدى(ئەھمەد توپلىغان). ئاياللارغا كۆيۈنۈش، ئۇلارنى ئاسراش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش پەيغەمبەر سۈننىتى. بالا ئائىلىنىڭ زىننىتى، ئائىلە گۈلىستانىنىڭ گۈلى، ئاتا-ئانىنىڭ كۆڭۈل شادلىقى، قەلب ھوزۇرى، ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانىتى. بالىلارنى تەربىيىلەش، ئوقۇتۇپ ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئاللاھ بىزگە تاپشۇرغان ئەڭ مۇشەققەتلىك، شەرەپلىك، مۇقەددەس ۋەزىپە؛ بالىلارنى تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى، قەرزى ھەم پەرزى. ئائىلە بالىلارنىڭ ئىپتىدائىي مەكتىپى، ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى، مۇئەللىم قانداق بولسا شاگىرتى شۇنداق بولىدۇ. ئانىلار تىرىشىپ-تىرمىشىپ بالا تەربىيىلەش سەنئىتىنى ئىگەللىشى كېرەك. مېنىڭچە ئانىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ئورۇنلىسا ياخشى ئانا، ياخشى تەربىيىچى بولالايدۇ: 1. ئانىلار ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، ئەدەپلىك بولۇشى كېرەك. ئەخلاق—ئىنسان زىننىتى. ئەخلاق بىلەن ئادەمنىڭ قەلبى گۈزەل بولىدۇ، ھەقىقىي گۈزەللىك قەلب گۈزەللىكىدە بولىدۇ. قەلبى گۈزەل، خۇيى گۈزەلنى ھەممە ئادەم سۆيىدۇ. پەيغەمبىرىمىز:”ئاراڭلاردىكى كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغانلاردۇر“(بۇخارى توپلىغان) دېگەنىدى. 2. بىلىملىك، قابىلىيەتلىك بولۇش كېرەك.”ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ“ (سۈرە مۇجادەلە، 11-ئايەت) دېگەن ئايەت كەرىملەر بار. ئىلىم ئۆگىنىش ئەر-ئاياللار ئۈچۈن پەرز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلىم توغرىسىدا نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قالدۇرغان: ”كىمكى ئاللاھ يولىدا ئىلىمنى گۈللەندۈرۈپ ئادەم تەربىيىلەشتە بىر يارماق ئىشلەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتتە بىر ساراي ئاتا قىلىدۇ“. ئىلىم ئىنساننىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى. ھەر قانداق قەۋم، ھەر كىم بىلىم بىلەن قوراللانسا تەرەققىي قىلىدۇ، قۇدرەت تاپىدۇ؛ ”بىلىكى چوڭ بىرنى يېڭەر، بىلىمى چوڭ مىڭنى“(خەلق ماقالى) ، بىلىم بۇ دۇنيالىق بەختنىڭ ئاچقۇچى، ئادەمنىڭ كۈچ قۇۋۋىتى، ھۆرمەت-زىننىتىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئەتىۋار، ئەڭ ساۋابلىق، پايدىسى باقىي ئىشتۇر. كىم بىلىملىك بولسا شۇ ئۇ دۇنيا ھەم بۇ دۇنيادا يۈزى يورۇق، يولى ئوچۇق كىشىدۇر. 3. ئەمگەكچان، تىرىشچان ئىقتىسادچان بولۇش كېرەك. ئىنسان ھاياتى ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش دېمەكتۇر. كۈرەش ئۈچۈن قورال كېرەك. بۇ قورال بىلىم، ھۈنەردىن ئىبارەتتۇر. بىلىم، ھۈنەر ئىش-ئەمگەكتىن كېلىدۇ. ئەمگەك قىممەت ۋە بايلىق يارىتىدۇ. كىم تىرىشچان، ئىقتىسادچان بولسا شۇ خاتىرجەم، باياشات ياشايدۇ. رەسۇلۇللاھ: ”ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش كۆرگەن ئادەم كەمبەغەللىشىپ قالمايدۇ“دېگەنىدى(ئەھمەد توپلىغان). 4. ھايالىق، ئىپپەتلىك بولۇش، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش لازىم. ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر. ھايا ئاياللارنىڭ زىننىتى، ئىپپەت قىزلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك گۆۋھىرى. كەمتەرلىك ئالغا بېسىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى، كەمتەرلىك پەيغەمبەرلەرنىڭ پەزىلىتى. 5. ۋاپادار، كۆيۈمچان، راستچىل بولۇش كېرەك. ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە ۋاپادار، كۆيۈمچان، سەمىمىي بولۇشى، راست سۆزلىشى لازىم. ۋاپادارلىق مۇھەببەت رىشتىسىنى چىڭىتىدۇ. راستچىل بولسىڭىز، ئىشەنچلىك، ئابرويلۇق بولىسىز. 6.ساغلام بەدەن، تازىلىققا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇش كېرەك. ساغلاملىق ھەر قانداق ئىشنىڭ ياخشى ئورۇنلىنىشىنىڭ ماددىي كاپالىتى. تازىلىق ساغلاملىقنىڭ ئاساسى. ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، بەدەننى، كىيىم-كېچەكنى، ئۆينى، قورۇ-جاينى پاكىز تۇتۇش كېرەك. بالىلارنى كىچىكىدىنلا پاكىز باقسىڭىز ئۇلار ساغلام، ئەقىللىق، زېرەك، تېتىك چوڭ بولىدۇ. تازىلىق ئىماننىڭ يېرىمى، ئاللاھ تائالا پاك، پاكىز نەرسىنى ياخشى كۆرىدۇ. 7. ئۈلگە بولۇش كېرەك. ئۈلگىنىڭ بالىلار تەربىيىسىدە رولى چوڭ. ئانا بولغۇچى ھەر بىر سۆز ھەرىكىتىدە بالىغا ئۈلگە بولۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بالىلارنىڭ دوراش خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ. دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان، ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردىن دوراپ ئۆگىنىدۇ. بالىلارغا ياخشى سۆز، ياخشى ئىش، ياخشى خۇلق بىلەن ئۈلگە كۆرسەتكەن ئەلا، ئون ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا ئەمەسمۇ. 8.بالا تەربىيىلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك. بالىنى ياخشى تەربىيىلەش ئانىنىڭ يۈرەك ئارزۇسى. ئانىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ۋەزىپىسى بالىنى ياخشى تەربىيىلەش؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى مېتود، ياخشى ئۇسۇل، تەدبىر قوللىنىش لازىم. ”ئەتىگەن تۇرۇپ بالاڭنىڭ ئوينىشىغا باق“ دېگەن گەپ بار. بالىنى ھەمىشە كۈزىتىپ ئۇنىڭ پىسخىك ھالىتى، مىجەز خۇلقى، غايىسى، ئىنتىلىشى، ھەۋىسى، بىلىمى، ئىقتىدارىنى ھەمىشە ئىگىلەپ، بالىدا ئالاھىدىلىك ئارتۇقچىلىق بولسا شۇ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلىشىغا رىغبەت بېرىپ، كەمچىلىكىنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە تەربىيە بېرىپ تۈزىۋېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھەمىشە ئىلھام مەدەت بېرىپ، ئىجابىي يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛ قوپال، ئاددىي ئۇسۇلدا ئۇرۇش، تىللاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. 9. ئۆگىنىشكە قادىر بولۇش كېرەك. بىلىم بىزنىڭ ھايات يولىمىزنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان مەشئەل. بىلىم ئۆگىنىشتىن، ئەقىل ئىزدىنىشتىن، تالانت تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ. ئىلىم ئىزلەپ تەر تۆكۈش دۇنيا ئىزدەپ ياش تۆككەندىن مىڭ ئەلا. ئارزۇغا گۈزەل خىيال بىلەن يەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كىم بىلىمگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشى، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ زېرىكمەي ئىزدىنىشى لازىم. 10. ئائىلە تەربىيىسى مەكتەپ تەربىيىسىگە ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشىشى كېرەك. بالا تەربىيىسىگە ئائىلىدە ئاساس سېلىنىدۇ، مەكتەپ ئۇ تەربىيىنى ئۆستۈرىدۇ. ئائىلە تەربىيىسى ھەمىشە مەكتەپ تەربىيىسىگە ماسلاشقاندا ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەربىيىلەشكە دائىر ماتېرىياللارنى، پىداگوگىكا، پىسخولوگىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. تەبىئەت، جەمئىيەت يېزىقسىز مەكتەپ. بىز بالىلارنى تەبىئەت بىلەن كۆپ ئۇچراشتۇرۇپ ئۇلارغا تەبىئەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىشىمىز، ئۇلارنى جەمئىيەتكە كۆپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىشىمىز كېرەك. بالا مەكتەپتىن قايتقاندا ئۇنىڭ ئائىلىدىكى ۋاقتىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ھۆرمەتلىك خانىم قىزلار، سۆيۈملۈك ئانىلار! ئاللاھ تائالا بىزگە:”ئاللاھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ(يەنى سىلەرگە ئىككىلا دۇنيادا پايدىلىق بولغان ئىلىمنى بېرىدۇ)“ (سۈرە بەقەرە»(2-سۈرە )، 282-ئايەت) دېگەن. رەسۇلۇللاھ ئىلىم-مەرىپەتنى ئىنتايىن قەدىرلەيتتى. ئۇ: ”ھەر كىم پەخىرلىنىشكە توغرا كەلسە پەقەت ئىلمى بىلەنلا پەخىرلىنىش كېرەك“ دەيتتى. «قۇرئان كەرىم»دە ئىلىم سۆزى 721 ئورۇندا تەكىتلەنگەن. ئىنسان بىلىم-مەرىپەتلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق، ئىقتىدار-قابىلىيەتلىك بولغاندىلا ھەقىقىي بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. ئەگەر بىز مەنىلىك، بەختلىك ھايات كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەنمىز چوقۇم بالىلىرىمىزنى، ئۇلارنىڭ كېلىچەك ئىستىقبالىنى ئويلىشىمىز، بالىلىرىمىزنى بىلىملىك، ئەخلاقلىق، قابىلىيەتلىك، غايىلىك، ئىرادىلىك، مەدەنىيەتلىك قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا بەل باغلىشىمىز، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ ئۈمىدۋار بولۇپ قەتئىي ئىرادە بىلەن نادانلىق، خۇراپاتلىق، ئەخلاقسىزلىق، ھورۇنلۇق قاتارلىق ئىللەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئىسلام دىنى ئاللاھقا، «قۇرئان كەرىم»گە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق شەرىئەتنى تاپىدۇ. دىن پەننى رەت قىلمايدۇ، بۇ ئىككىسىنى ئوبدان بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئاراڭلاردىكى ئەڭ ياخشى كىشىلەر ئىلىم تەلەپ قىلغان، قۇرئاننى ئوقۇغان كىشىلەردۇر“ دېگەنىدى. ئىسلام دىنى بىزگە ئىلاھىيەت، شەرىئەت، خەيرىيەت، ھىدايەت يوللىرىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە يەنە تەبىئەت دۇنياسىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى بويسۇندۇرۇشنىمۇ تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇڭا بىز پەندىن ھەم دىندىن تولۇق خەۋەردار ئىككى بىسلىق، كۆپ قىرلىق، قابىلىيەتلىك بولۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. ئائىلىمىزنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى، مىللەتنىڭ ئۈمىد چېچىكى، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئىگىسى بولغان ئەۋلادلارغا كۈچلۈك مەسئۇلىيەت، ۋىجدانىي مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىدا بولۇپ، ئۇلارغا بەختلىك، گۈزەل كېلىچەك، پارلاق ئىستىقبال يارىتىپ، ئانىلىق ۋەزىپىمىزنى ياخشى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. ئىزگۈ نىيەت، چىن ئەقىدە، قەتئىي ئىرادە بىلەن بۇ دۇنيا، ئۇ دۇنيالىق ئۈچۈن كۆزلىگەن نىشانىمىزغا يېتىشكە ئاللاھ كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلغاي—ئامىن! بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 b* _4 G& ~- z$ o+ t. v  t" Q$ @
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-22 03:25 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; [& ^. q* g0 j+ u: O, ^$ o

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& D2 T+ E8 Z8 O  {

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79125
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 9 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قىز بالانى ئۇقۇتقانىڭ نىمە پايدىسى دىگەن گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغان ھەم ئەملىيەتتىمۇ شۇ قارش تۈپەيلى نۇرغۇن ئاچا سىڭلار بىۋاقىت تۇرمۇش قوينىغا قەدەم قويغانلىقىغا شاھىت مەن  .يەنە ئاڭلىسام قىز بالنى ياتلىق قىلۋەتسەھەممە غەمدىن قۇتۇلارمىش. ئەجىبا ئۇلار بىز ئۈچۈن يۈكمۇ ؟ ...  قىز بالىنى ئوقۇتۇڭ بىلىملىك قىلىڭ دىگەن گەپ ئەمەلىيەتتە   قىز لارنىڭ ھەممىسنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇشىڭلار كىرەك دىگەنلىك ئەمەس . بەلكى   ھىچ بولمىغاندا ئۆز پەرزەنتگە ئۈلگە بولايدىغان بىر ئۆيگە باش بولالايدىغان ،مورىدىن تۇتۇن چىقىرش ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئاشۇ ئائىلىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلالايدىغان قولدىن چوڭ ئىش كەلمىسىمۇ ئۇششاق چۈششەك ئىشلارنىڭ ھۆدىسىدىن چىققۇدەك دەرجىدە تەربىلىنىش كىرەك دەپ قارايمەن .قىز بالىنىڭ يىشىغىلا قاراپ تۇرمۇشلۇق قىلماسدىن ساپاسىغا قاراپ تۇرمۇشلۇق قىلىش كىرەك،  چۈنكى بۇ بىر تۇماق بىلەن قويسا يىقىلپ چۇشەمدۇ چۈشمەمدۇ دەيدىغان دەۋېر ئەمەس .

باشقىلارغا تەبە

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7365
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7316 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 8 سائەت ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ تەربىىيلنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش توغرسىدا يېزىلغان بۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيەلەر بىزنىڭ قوبۇل قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ھازىر ھەممىمىز بالىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئويلىنىمىز. ئاۋال ئۆزىمىزنى بولۇپمۇ ئانىلارنى ئانا بۇلىدىغانلانى ياخشى تەربىيىلىسەك مىللەت ئۇمۇمىي ساپاسىنىڭ ئۆسىشىگە پايدىلىق.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش