ئۆزۈڭگە ئوخشىماي قالدىڭ:ناخشا تېكىستى
رۇستەم قاراسۇ
تۇنۇشقان ئىككىمىز باھار پەسلىدە،
كۆيگۈنۈم سۆيگۈنۈم ئىدىڭ ئەسلىدە،
بىلمىدىم كۆڭلۈڭنى، نېمەم قەستىدە،
ئۆزۈڭگە ئوخشىماي قالدىڭ ئەمدى سەن.
ھىلى بار ھىلى يوق نازلىق كۈلۈشلەر،
قەيەردە قالدىكىن راسچىل كۆيۈشلەر،
جىنىمغا زۇلۇم بوپ پاتتى كۆنۈشلەر،
ئۆزۈڭگە ئوخشىماي قالدىڭ ئەمدى سەن.
مۇھاببەت كوچىسى داغدا قويدىغۇ،
كۈتكىنىم تامام دەرت ئازاپ بولدىغۇ،
پەرۋىشلەپ ئۈستۈرگەن گۈلۈم سۇلدىغۇ،
ئۆزۈڭگە ئوخشىماي قالدىڭ ئەمدى سەن.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئۆتنە بۇ ئالەم،
تۇتىدۇ بىر كۈنى سېنى ئاھ نالەم،
قەدرىمگە يىتىسەن يۈتكەندە ئەلەم،
ئۆزۈڭگە ئوخشىماي قالدىڭ ئەمدى سەن.
رۇستەم قاراسۇ :ئاتۇش قاراسۇدا يېزىلدى
2014.يىلى 9.ئاينىڭ 22.كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-22 12:43 PM