مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 262|ئىنكاس: 5

روھسان: بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106910
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 174
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-5-19
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                       بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولايلى                                                                                                                   روھسان             ئىنسان ئۇلۇغ، ھايات قىممەتلىك. بىراق ھاياتلىقتا قىلغان ئەجىر-مىھنىتىنىڭ ئاز-كۆپلىكى تۈپەيلىدىن، ئىنساننىڭ قىممەت تارازىسىدىكى قىسمىتى ئوخشاش بولمايدۇ. جەمىيەتنىڭ كۈنسېرى  تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئادەملەرنىڭ ئائىلە، نىكاھ، بالا تەربىيەلەش، پۇل، بىلىم،  بەخىت، بايلىق، مەرتىۋە ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى كۈنسېرى يېڭىلىنۋاتىدۇ ھەم چوڭقۇرلىشۋاتىدۇ. شۇنىڭغا يارىشا مىللىتىمىز ئومۇمىي گەۋدىسىدىمۇ قىممەت قارشى يۈزلىنىشىدە كۈندىن-كۈنگە زور يۈكسىلىش بولىۋاتىدۇ.    ئۇنداقتا سىزدىن بىر سوئال سوراپ باقاي: سىز  قانداق ئادەمنى باي ئادەم دەپ  قارايسىز؟  سىزنىڭچە قانداق ئادەم بەخىتلىك ئادەم  ھىساپلىنىدۇ؟ پۇلى جىقلار ؟ يېرى جىق بولسا؟ قۇتاندا لىق مال-چاۋىلىرى  بولسا باي بولىدۇ؟  داڭلىق ماركىلىق ماشىنىسى بولسا، داڭلىق ماركىلىق كىيىملىرى بولسا بەخىتلىك بولامدۇ؟ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرى جىق بولسا باي بولامدۇ-يا؟  بۇ سۇئالغا بېرىلىدىغان جاۋاپلارمۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي كۆز قارشى، بىلىمى ۋە ئېھتىياجىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا بېقىپ ھەر خىل بولىدۇ- ئەلۋەتتە!  ئەمدى كۆپچىللىك مىنىڭ بايلىق ۋە بەخىت ھەققىدىكى چۈشەنچەمگە دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ باقسۇن! سىز بالا  غىمىدە بىر كېچىدىلا قەددى يادەك ئېگىلىپ، چاچ-ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقىرىپ كەتكەن، تىنىدە كۈچ-مادارى قالمىغان بىچارە دادىلارنى كۆرۈپ باققانمۇ؟  سىز  بالىسىنىڭ ئەقىلسىزلىق قىلىپ، قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشنى  قىپ قويغىنىنى بىلگىنىدە، بۇ قارا قىسمەتنى قوبۇل قىلىشقا مادارى يەتمەي ھۇشىدىن كىتىپ يىقىلىپ قالغانلارنى كۆرگەنمۇ؟ يۈرەك پارىسى قىلما دىگەن ئىشنى قىلىپ، ماڭما دىگەن يولدا مېڭىپ ياش-يوپۇرماق ھاياتى خازان بولغاندا، جىنازىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرگىلى مادارى يوق،  ئۆمىلەپ يۈرۈپ يىغلاپ، دەمداردەك بوزلاپ كەتكەن بىقۇۋۇل ئانىلارنى كۆرگەنمۇ؟  بالا دەردىدە غەم دەرياسىغا چۈكۈپ، تۈرمىلەرنىڭ ئالدىدا، قاماقخانىلارنىڭ ئىشىكلىرىدە قان-زار يىغلاپ ئولتۇرغان، باغرى خۇن ئاتا- ئانىلارنى كۆرگەنمۇ؟ سىز يەنە بالىلىرىنى قاۋاقلاردىن، جىدەل سورۇنلىرىدىن،  تاۋكالاردىن، تورخانا-ئۇيۇنچۇقخانىلاردىن، بەزمىخانىلاردىن تارتىپ كىلىشكە قادىر بولالماي غۇرۇرى پايخان بۇلىۋاتقان ، كىملەرگىدۇ يېلىنىۋاتقان-يالۋۇرۋاتقان، ئىلتىجا قىلىۋاتقان   چارە-ئامالسىز قېلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنى كۆرگەنمۇ؟ سىزگە يەنە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى تىرىك يىتىملىك كوچىسىدا خورلىنىۋاتقان،   ئۈيىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي يامان كىشىلەرگە ئەگىشىپ كىتىۋاتقان، نارېسىدە تۇرۇپ ئەر بىلەن قېچىۋاتقان، ئۇقۇشى ياخشى بولسىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن ئەرگە تىگىشكە، خۇتۇن ئېلىشقا  مەجبۇرلىنىپ ئوقۇشتىن چىكىنۋاتقان بەخىتسىز بالىلارمۇ ئۇچىراپ تۇرامدۇ؟      مەن يىگىرمە يىللىق  ئۇقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا  يۇقۇرقىدەك ھايات  قىسمەتلىرىگە دۇچار بولغان نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنى، ياخشى تەربىيەلەنسە ئاجايىپ ئىستىداتلىق ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقىدىغان ، بىراق ئاتا-ئانىسىنىڭ دىتسىزلىقى، مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلى ئىستىقبالى نابۇت بولىۋاتقان سۈيۈملىك ئەمما بەختىسىز بالىلاردىن نۇرغۇننى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۈم. سىزچۇ؟ سىزمۇ بۇنداقلارنى ئۇچىرىتىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئاشۇنداقلارنى ئۇچىراتقاندا سىز نىمىلەرنى ئويلايسىز؟ ئەمدى  يەنە باشقا بىر نوقتىدىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقايلى؟! سىز  ئارىمىزدا ئىككى مو يىرى، كىچىككىنە بىر بوتكىسىغا تايىنىپ ئالتە بالىسىنىڭ ھەممىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، ئالتە باكلاۋۇر، ئۈچ ماگىستىر، بىر دوكتورنى قاتارغا قوشۇپ، ئالتە بالىسىنى ئادەمنىڭ كۈزىنى قاماشتۇرغىدەك قىلىپ تەربىيەلىيەلىگەن ئاددى-ساددا بىر جۈپ دىھقان ئاتا-ئانىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟ سىز يەنە تېرىيدىغانغا يېرىمۇ يوق ئەمما ئىرى قۇدۇق كولاپ پۇل تېپىپ، ئايالى ئۇنىڭ-بۇنىڭ ئىشىنى قىلىپ بىرىپ تۇرمۇشىنى قامىدىسىمۇ، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشتىن ۋاز كەچمەي، ئۈچ بالىسىنىڭ بىرىنى ئۇرۇمچىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپتە، يەنە بىرسىنى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە، يەنە بىرسىنى ئۆز يېزىسىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ياخشى ئۇقۇتىۋاتقان،  بالىلىرىنىڭ، سىنىپ بويىچە، مەكتەپ بويىچە بىرىنىچى بولۇپ ئۇقۇۋاتقىنىدىن خۇشال بولۇپ، ئۈزىنىڭ تارتىۋاتقان جاپالىرىمۇ  كۈزىگە كۈرۈنمەيۋاتقان بىر جۈپ   ياش ئەر -ئايالنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇ دۇنيالىقتىكى بىر تال ئوغلىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن، تېرىلغۇ يېرىنى، مال-چارۋىلىرىنى، ھەتتا ئۆي-بىساتلىرىنى قويماي سېتىپ بولوپمۇ، بالىسىنىڭ بەش يىللىق ئوقۇشىنى توشقۇزۇپ بولالماي، قۇرۇقدىلىپ قالغان ئۈيىنى قۇلۇپلاپ قۇيۇپ، باشقا يۇرتقا باش ئېلىپ چىقىپ كىتىپ، ئۈچ يىلغىچە ئېرى ئاشپۇزۇلدا ئۇتۇن يېرىپ، ئايالى قاچا يۇيۇپ، تاپقان پۇلىنى ئوغلىغا ئەۋەتىپ ياشىغان، ئوغلى ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەكتە چىققاندىن كىيىن، ياسىداق ئۆيلەرنى سېلىپ، قۇتانغا مال-چارۋىلارنى تولدۇرۋەتكەن دىھقان ئەر- ئايالنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۈزى ئاقساپ ماڭىدىغان، ياش تۇرۇپلا توت بالا بىلەن تۇل قالغان، شۇنداقتىمۇ بىركىمنىڭ ئالدىغا چىراي سارغايتىپ بېرىشنى نۇمۇس دەپ بىلىپ، خوشنىسىدىن يىگىرمە تۇخۇم بىلەن بىر كۇرۇك توخىنى كۈزلۈككە بىر مىكيان، بىر خۇراز قۇشۇپ قايتۇرۇپ بېرىشكە ئارىيەت ئېلىپ، باسۇرۇپ چۈجە چىقارتىپ، چىققان چۈجىلەرنى كىچىك بالىنى باققاندەك بېقىپ ئەي قىلىپ، بىر ھويلا تۇخۇ قىلغان، شۇ ئارقىلىق كىرىمىنى كۈپەيتىپ، بارا-بارا ھال كۈنىنى ياخشىلىغان، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 30 مو يىرى، ئىككى مو بېغى، بىر تىراكتۇرى بار، بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ كۈنىنى ئۈزى ئالغۇدەك قىلىپ قاتارغا قوشقان، ئۈزى تولىمۇ ئاددى ئەمما تولىمۇ قەيسەر بىر ئانىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟  مانا مۇشۇنداق قەيسەر ئاتا-ئانىلارنىڭ بارلىقىنى مەن بىلىمەن. مۇشۇنداق كىشىلەرنى مەن ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن. بەلكىم سىزگىمۇ بۇنداقلار جىق ئۇچىرىغان بولىشى مۈمكىن. شۇنداق! ئاختۇرۇپ كەلسەك ئەتراپىمىزدا بۇنداقلار نۇرغۇن. مەن بىر مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆستۈم،  ئاتا-ئانامنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ، خاسىيەتلىك خىزمەتنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ، سۈيىدە ئېقىۋاتقىنىمغىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە يىگىرمە يىل بولۇپ قالدى. مەن بالىلىق ۋاقلىرىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، مەكتەپ، بالا تەربىيەلەش، ئاتا-ئانىلار توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرە قايناپ تۇرىدىغان مۇھىتتا چوڭ بولدۇم.  ھەر قانداق ئادەم ئاڭلىسا چۈچۈپ كىتىدىغان، بەزى-بىر ئەخلاقسىزلىق قىلمىشلىرى  بالىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا يوق ئەمەس.  بىر قىسىم بالىلىرىمىز  تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ نابۇت بولىۋاتىدۇ، ياش ھاياتى خازان بولۋاتىدۇ. ھەتتا  ئاتا-ئانىلارمۇ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ، قىسقىسى ھېچكىممۇ كۈرۈشنى ھەم ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بىر قىسىم   قىلمىشلار يۈز بىرىپ، جەمىيەتتە بەلگۈلىك دەرىجىدە يامان تەسىر پەيدا قىلدى. كۈڭۈللەر يارا بولدى. مەن ئىككى پەرزەنتنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنداقلا  20 يىللىق  بالا تەربىيەلەش ھاياتىمدا كۆرگەن –بىلگەنلىرىمگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ شۇنداق دەيمەنكى دۇنيادىكى ئەڭ باي، ئەڭ بەخىتلىك، ئەڭ خاتىرجەم ئادەم دەل ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالىغان، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلىيەلىگەن ئاتا-ئانىلاردۇر!!! چۈنكى سىز قانچە باي، قانچە پۇلدار كىشى بولسىڭىزمۇ، بالىڭىزنى ياخشى تەربىيلىيەلمىگەن بولسىڭىز ئۇ بايلىقلىرىڭىز ئاشۇ بالىڭىز تەرىپىدىن بىر كىچىدە كۆككە سورىۋېتلىپ قاق سەنەم بولۇپ قېلىشىڭىز،  ئاشۇ بالىڭىز سەۋەپلىك تىنىچ-خاتىرجەملىكىڭىز مەڭگۈلىك بۇزۇلۇپ، ھەر ئىككى دۇنيادا كۈتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرت-ئەلەم، ئازاپ-ئۇقىبەتكە گىرىپتار بولىشىڭىز، ئەل- رەئىيەت ئالدىدا ئىزا-ئەلەم، ئار-نۇمۇسقا قېلىپ، بېشىڭىزنى كۈتۈرەلمەس قارغىش قېپى بەندىگە ئايلىنىپ قېلىشىڭىز، ئاشۇ بالىڭىز سەۋەپلىك ھەتتا ئۇ دۇنياغىمۇ خاتىرجەم سەپەر قىلالماي كۆزلىرىڭىز ئۇچۇق كىتىشى تامامەن مۈمكىن!!! (ھېچكىمنىڭ بېشىغا بۇنداق دەرت-ئەلەملىك كۈنلەر كەلمىگەي) ئەگەر سىز قانچە نامرات بولسىڭىزمۇ،  قانچە جاپا تارتىپ، قىينالسىڭىزمۇ ياش ۋاقتىڭىزدا، جاپا تارتىشقا مادارىڭىز يىتىدىغان ۋاقىتتا بالىلىرىڭىزنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن بەدەل تۈلىسڭىز، بالىلىرىڭىزنى ياخشى تەربىيەلەش كۇيىدا بولسىڭىز  بالىلىرىڭىز سەۋەپلىك، خەلقى ئالەمنىڭ ئالدىدا بېشىڭىز كۆككە يىتىشى، يوقىڭىز بار بولىشى،  ياخشى-نام ئەملىڭىز ئاۋام تەرىپىدىن ھۆرمەت بىلەن  يادلىنىپ تۇرىشى تامامەن مۈمكىن. چۈنكى ھەر-بىر بەندە نىيەت-ئىقبالىغا بېقىپ كۈن كۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟ دىمەك بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئىككى دۇنيالىق پەرزى ھەم قەرزى .  خوش! ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى  ياراملىق تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ پەرىز ھەم قەرىزنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئادا قىلالايدۇ؟ قانداق قىلساق بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولغان بولىمىز؟   بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار تۈۋەندىكى بىر قانچە ئىشقا دىققەت قىلىش كىرەك.  1. ئەخلاق-پەزىلەتتە بالىڭىزغا ئۈلگە بولۇڭ.  خەلقىمىزدە «قان بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقىدۇ دەيدىغان» ھىكمەت بار. پەرزەنتىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدا ئېقىۋاتقىنى دەل بىزنىڭ قېنىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن  ئاتا-ئانا بولغۇچى ئالدى بىلەن ئۈزىمىزنى  تەربىيەلىشىمىز، روھىيىتىمىز ۋە ئىش-ھەركىتىمىزدىكى  ناچار تەرەپلەرنى ئۈزلىكسىز  ئۆزگەرتىپ ئۈزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ تۇرىشىمىز، ياخشى مىجەز-خۇلقىمىز ئارقىلىق پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولىشىمىز  زۈرۈر. چۈنكى بىز ئۈزىمىزدە بولمىغان نەرسىنى باشقىلارغا بىرەلمەيمىز ئەمەسمۇ؟ تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ تۇرۇپ، بالىمىزغا تاماكۇ چەكمە دىسەك، ھاراق ئىىچپ مەس بوپ خۇدىمىزنى بىلمىگەندە، خۇتۇن بالىلىرىمىز يۈلەپ ئۈيىمىزگە ئەكەلسە،   تاپقان بىساتىمىزنى دوغا تىكىپ ئۇتتۇرۋەتسەك، ئۈيىمىزدە جىدەل-ماجرا قۇرىمىسا، ھە دىسە ئۇنىڭ-بۇنىڭ يامان گىپىنى قىلساق، باشقىلار بىلمىدى، كۆرمىدى دەپ ناشايان ئىشلار بىلەن شۇغغىلانساق، جىدەل-ماجرا دىسە دوسقان كۈتۈرۈپ باساق، ياۋاشنى بوزەك قىلساق، غېرىپ-غۇرۋالارنىڭ ھەققىنى يىۋالساق، خوشنا-خۇلۇملار بىلەن ئىناق ئۆتمىسەك، قۇرۇق گەپ قىلىپ ئاغزىمىزدا شە ئالساق، يالغان سۆزلىسەك، تەككەببۇر، مەنمەنچى بولساق، ئىىچمىز تار، نائىنساپ بولساق، سەت گەپ بىلەن ئادەم تىللىساق، ئۆچ-ئاداۋەتخورلىقىمىز ئارقىلىق بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىگە دۈشمەنلىشىش ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ قويساق ئېنىقكى ھامان بۇنىڭ جازاسىنى تارتىمىز. قىلغانلىرىمىز ئۈزىمىزگە بىرى ئون بولۇپ يانىدۇ. بۇ مىجەزلىرىمىز بىز ئارقىلىق بالىمىزنىڭ قېنىغا ئۈتۈپ، بالىمىزمۇ بىزنىڭ ئاشۇ مىجەزلىرىمىزنى كىيىپلا چۈشىدۇ ھەتتا بىزدىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرۋېتىشى مۈمكىن. بالىلار قىلىقسىز گەپلەرنى، قوپال ھەرىكەتلەرنى، بىتايىن سۆزلەرنى، ناچار ئادەتلەرنى ئائىلىدە يۇقتۇرىۋالسا مەكتەپتە بۇنى تۈزىمەك بەسى مۈشكۈل. بالىڭىز سىزنىڭ ئەينىكىڭىزدۇر، بىز مەكتەپتە ھەربىر بالىنىڭ خاراكتىرىگە، مىجەزىگە قاراپ تۇرۇپ ئۇ ئۆسۈپ يېتىلگەن ئائىلە مۇھىتىغا دەسلەپكى قەدەمدە باھا بىرەلەيمىز، شۇنداقلا ئاتا-ئانىسى بولغان سىزگە باھا بىرەلەيمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن ئۈزىنى  كىشىلىك پەزىلەت جەھەتتە  ئوبدان تەربىيلىشى لازىم. مىسال: مەلۇم بىر ناھىيەدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر ئوقۇغۇچى ئارقىسىدا ئولتۇرىدىغان بىر ساۋاقدېشى كىتاپ سوراش ئۈچۈن دۈمبىسىدىن تارتسا، كەينىگە بۇرۇلۇپلا قولىدىكى قېرىنداشنى ئۇ ساۋاقدېشىنىڭ كۈزىگە تىقىۋەتكەن. نەتىجىدە كۈزى يارلانغان ئوقۇغۇچىنى شاڭخەيدىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالاتقان بولسىمۇ كۈزى كاردىن چىققان. ھەر ئىككى تەرەپ ئىقتىسادى جەھەتتىن ، روھىي جەھەتتىن ئېغىر زىيانغا ئۇچىرىغان . ئەمما ئوقۇغۇچىنىڭ كۈزى ئوڭشالمىغان. قېرىنداش تىقىۋەتكەن ئوقۇغۇچىدىن نىمە ئۈۈچن شۇنداق قىلدىڭ دەپ سورىغاندا، ئاتا-ئانام سىنى باشقىلار بوزەك قىلسا بىر يىرىگە بىر نەرسە تىقىۋەتسەڭ، تاتىلىۋالساڭ ئىككىنچىلەپ بۇزەك قىلالمايدۇ دىگەچكە شۇنداق قىلدىم دىگەن. يەنە بىر  ئائىلىدە  دادىسى بالىلىرى خاپا قىلسا قۇلىقىڭنى كېسىۋېتىمەن دەيدىغان بولغاچقا، كىيىن بالىلىرىنى ئۆيدە قۇيۇپ قۇيۇپ، ئېتىزلىققا ئىش قىلغىلى چىقىپ كەتكەندە ئۇكىسى خاپا قىلغانلىقتىن، ئاكىسى ئۇكىسىنىڭ قۇلىقىنى كىسىۋەتكەن. دىمەك مۇشۇ مىساللار ئارقىلىق ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تەربىيە بىرىشتە ئىش- ھەركەتتە ئۆلگە بولغاندىن باشقا، گەپ-سۆزگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.   2. بالا تەربىيەلەشتە مائارىپ تەربىيىسىنىڭ ئالدىغا ئۈتىدىغان سېستىمىلىق تەربىيە يوق. بالىمىزنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەيمەن دەيدىكەنمىز،  چۇقۇم مائارىپ تەربىيەسىگە سەل قارىماسلىقىمىز، بالىلارنى مەكتەپتىن قالدۇرۋالماسلىقىمىز لازىم. بارلىق يامان ئاقىۋەت ياخشى تەربىيەلەنمىگەنلىكتىن، ئاق-قارىنى، ياخشى-ياماننى پەرىق ئەتمىگەنلىكتىن كىلىپ چىىقىدۇ. ھازىر ھۈكۈمەت مائارىپ شارائىتىنى شۇنداق ياخشىلاپ بەردى، بىزنىڭ ئوقۇماسلىققا، بالىمىزنى ئوقۇتماسلىقىمىزغا، ياخشى ئادەم بولماسلىققا ھىچ قانداق باھانىمىز قالمىدى. يەنە نىمە ئۈچۈن بالىمىزنى مەكتەپتە ئوقۇتمايمىز؟ يەنە نىمە ئۈچۈن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمايمىز؟ ئوبدان ئويلىنىپ، ئەقىل كۈزىمىزنى ئېچىۋىتىپ قاراپ باقايلى قېرىنداشلار؟ ئەتراپىمىزدىكى ئۇرۇش مالىمانچىلقىدا قالغان خەلقلەر قانداق ياشاۋاتىدۇ؟ بىز قانداق ياشاۋاتىمىز؟ ياخشى ۋەزىيەتنىڭ قەدىرگە يېتىپ، بالىمىزنىڭ ئوقۇشىغا كۈڭۈل بۆلەيلى. مەن يىگىرمە يىلدىن بۇيان ئىزچىل بىر ئىشقا دىققەت قىلىپ كەلدىم. ئۇ بولسىمۇ خەلقىمىزنىڭ مائارىپ قارشى. ھەر قېتىم يۇلۇقساملا ئىنتايىن ئازاپلىنىپ ھەم ئۈمۈتسىزلىنىپ كىتىدىغان بىر نەچچە ئىش بار . ئۇ بولسىمۇ بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار مەكتەپكە بالسىنى ئىزدەپ كىلىدۇ.- ۋاي كىپ قاپلا، بىرە ئىشلىرى بارمىتتى؟ مىنىڭ ياردىمىم كىرەكمۇ؟ -،دەپ ئالدىغا چىقساق ئۇ دادا ياكى ئۇ ئانا دەيدۇكى:  بالامنى ئىزەپ كەلگەن؟ -خوش بالىلىرى بالىلىرى قايسى سىنىپتا ئوقۇيدىكىن؟  -ئۈلۈش يىلنى بىزنىڭ مەلىدىكى پالانىنىڭ بالىسى بىلەن بىللە كەلگەن( دىمەك بالىسىنىڭ سىنىپىنى بىلمەيدۇ بۇ ئانا، بۇ دادا بۇنداق ئاتا-ئانىلار  بەك جىق ) -ئۇنداقتا كىمنىڭ سىنىپىدا ئوقۇيدۇ؟ بىر مەلىمنىڭ سىنىپىدا ئوقۇيمەن دىگەندەك قىلغان، بىر كىمنىڭ قىزى ئىكەندۇق خانىمى. ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئوخشاشلا بىلمەيدۇ، مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنىدا مەخسۇس توختالغانمۇ بولدۇق.  بۇ ئىشلار تەكرارلىنىۋەرگەنلىكتىن، ئىشخانىمىز مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىنىڭ سىنىپىنى، يېزىسىنى، كەنىت، مەھەلىسىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى، سىنىپ مۇدىرىنى بىر  مىنۇتقا يەتمىگەن  ۋاقىت  ئىچىدىلا تاپقىلى بولىدىغان بىر خىزمەت خاتىرىسى لاھىيەلەپ چىقىپ بۇ ئىشنى ئاسانلاشتۇرغان، ۋاقتىنچە ھەل قىلغانمۇ بولدۇق، ئەمما يەنىلا ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ؟ ئىچىمنى ئاچچىق قىلىدىغىنى  ئاتا-ئانىلار قوتۇر ئىشىكىنىڭ يىتىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، تۇنۇمايدىغان بىرىگە بەش مىنۇت قاراپ تۇرۇشقا بىرەلمەيدۇ-يۇ؟ نىمە ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتىنىڭ، يۈرەك پارىسىنىڭ قايسى سىنىپتا، كىمنىڭ قۇلىدا ئوقۇيدىغىنىغا، قانداق ئوقۇيدىغىنىغا كۈڭۈل بۆلمەيدۇ؟ يەنە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار يېشىغا يەتمىگەن قىزلىرىنى مەكتەپتىن چىقىرۋېلىشقا، ئەرگە بىرىۋېتىشكە ئالدىراپ بالىسىنى  ئوقۇتماسلىق ئۈچۈن ئاللىقانداق باھانە-سەۋەپلەرنى ئىزدەيدۇ، بالام مەكتەپ پۈتتۈردى دىيىشنىڭ ئورنىغا بالام مەكتەپتىن ئاجرىدى دەيدۇ؟ مەكتەپ بالىڭىزنى سولاپ قۇيىدىغان تۇرمە ياكى باغلاپ قۇيۇپ جازا ئىجىرا قىلىش مەيدانى ئەمەسقۇ؟ سىز مەكتەپتىن ئاجرىدى دەپ ئېتىدىغانغا؟ سىز 12 يىل ئاش-نان بىرىپ ئوقۇتقان بالىڭىز ئوقۇش تاماملىسا، نىمە ئۈچۈن ئاغزىڭىزنى تولدۇرۇپ تۇرۇپ بالام تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردى دىيىشنىڭ ئورنىغا، بالام مەكتەپتىن ئاجرىدى دەيسىز؟   مانا بۇ بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپقا، ئۆز بالسىنىڭ كەلگۈسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى.  ئەسلىدە دۇنياۋى رىقابەت كۈنسېرى يۇۇقۇرلاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىز مائارىپىمىزغا، مائارىپچىلىرىمىزغا سۇئال قۇيالىسا، مائارىپنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى نازارەت قىلالىسا توغرا بولاتتى!!!مەن بۇ يەردە شۇنى تەشەببۇس قىلىمەنكى، بىز  خەنزۇ يولداشلارنىڭ بالا تەربىيەلەشكە، مائارىپقا  تۇتقان پوزىتسىيسىدىن، جاپاغا چىداش، ئاتا- ئانىلىرىنى ھۆرمەتلەش روھىدىن ئۈلگە ئالساق، ئۇلاردىن ئۈگەنسەك بولىدۇ. ئىچكىردىن كىلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان خەنزۇ يولداشلارنىڭ ئىش قىلىۋاتقان ئورنىدا مەكتەپ يېشىدىكى بىرمۇ بالىنى ئۇچىرىتالمايمىز؟ ئەجىبا ئۇلارنىڭ بالىسى يوقمۇ؟ ياق بار. ئەمما ئۇلارنىڭ بالىلىرى مەكتەپتە، دەرىسخانىدا. ئادەتتە پوچتىخانىغا كىرىدىغان بولساق، ئۈستى- بېشىدىن توپا- تۇمان يېغىپ تۇرىدىغان، بىر قاراشقىلا ئېغىر ئەمگەك مەيدانىدىن كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان ئىشلەمچى يولداشلار ھەر- بىرى نەچچە ئون مىڭ يۈەن پۇلنى ئىچكىردىكى خۇتۇن- بالىلىرىغا ياكى ئاتا- ئانىسىغا ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى كۈرىمىز. بۇ ئەھۋالنى بىزنىڭ بىر قسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پۇل تېپىپ باي بولغاندا، ئائىلىسىگە، خۇتۇن بالىلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى، تاپقان پۇللىرىنى قەيەرگە خەجلەۋاتقانلىقىنى بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقساقلا كۇپايە. ئادەمدىكى خاراكتىر كىچىكىدىن باشلاپ يىتىلىدۇ. شۇڭا كونىلار دىگەنكى، «سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ» دەپ.  مەن بۇ يەردە مەسئۇلىيەتنى پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىلارغا ئىتتىرىپ قويماقچى ئەمەس، تەكىتلەۋاتقىنىم، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەربىيەلەش مەكتەپنىڭ ۋەزىپىسى دەپلا مەكتەپلەرگە ئىتتىرىپ قويماي، ئۈزىمۇ بالىسىغا مەسئۇل بولىشى مائارىپ قارشىنى، مائارىپقا تۇتىدىغان پوزىتسىيىسىنى توغرىلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى مەڭگۈ سىزنىڭ ئورنىڭىزنى باسالمايدۇ، سىزمۇ ھەم مەڭگۈ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئورنىنى باسالمايسىز. پەقەت ھەر ئىككى  تەرەپ تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، بالا ئۈچۈن يامان ئادەملەرگە، يامان ئىشقا ئەگىشىپ كىتىش ئۈچۈن يۇچۇق قالدۇرمىساق،  بۇنداق  تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.  3. قانۇن ئىنتىزامغا ئۈزىڭىز ئاڭلىق رىئايە قىلىش بىلەن بىرگە بالىلىرىڭىزغىمۇ ھەر ۋاقىت قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش توغرىسدا تەربىيە بىرىپ تۇرۇڭ. بىلىمىزكى ھەر قانداق ئادەم ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن ھىساپ بېرىدۇ. مەيلى ياخشى ئىش بولسۇن ياكى يامان ئىش بولسۇن ھامان ئۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بولىدۇ. ياخىشى ئىشنىڭ، ياخشى ئادەمنىڭ ئىگە بولىدىغىنى غەلىبە-نۇسىرەت، ئىززەت-ھۆرمەتتۇر. شۇنىڭغا ماس ھالدا يامان  ئىش يامان ئادەمنىڭ ئاقىۋىتى يۇقىتىش ۋە لەننەت نەپرەتتۇر. مەيلى كەنت مەھەلە بولسۇن، مەكتەپ ياكى ئىدارە-ئورگان بولسۇن، زاۋۇت ياكى كان كارخانا بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئۈزىگە خاس قائىدە تۈزۈملىرى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭمۇ پۇقرالار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قانۇن-ئىنتىزامى بولىدۇ. قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش تىنىچ-خاتىرجەم ياشىشىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى. خەلقىمىزدە « ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ دەيدىغان» بىر ھىكمەت بار. شۇنىڭ ئۈچۈن قانۇن-ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش توغرىسىدا بالىلارغا ياخشى تەربىيە قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ سىياسى ئىنتىزام يۇقۇرى بېسىملىق توك سىمىغا ئوخشايدۇ. دۆلەت ھاكىمىيىتىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇش جىنايەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ قەبىھ جىنايەت ھىساپلىنىدۇ. مەيلى قەدىم ياكى بۈگۈنكى كۈندە بولسۇن، مەيلى جۇڭگو چەتئەل ياكى جۇڭگودا بولسۇن دۆلەت ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان سىياسى جىنايەتچىلەرگە رەھىم قىلىنمايدۇ.  بۇ ھەقتىكى تۇنىشىمىز ھەر ۋاقىت ئايدىڭ بولىشى كېرەك. ھەم بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ قائىدە- تۈزۈمگە، قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان قىلىپ تەربىيەلىشىمىز لازىم.  4. بىز ئادەم بولغان ئىكەنمىز بىزدە توغرا ۋە ئىلغار بولغان ياشاش نىشانى بولۇشى، نىشانىمىزغا چۇشلۇق تىرىشچانلىقىمىز ئەمەلىي ھەركىتىمىز بولىشى، شۇ ئارقىلىق بالىلىرىمىزغا ئۈزلىكسىز تېرىشىدىغان، جاپا-مۇشاققەتتىن قورقمايدىغان بىر خىل ئالغا ئىنتىلىش روھىنى مىراس قىلىپ قالدۇرىشىمىز لازىم.   يۇرتلىرىمىزدا بىر نەچچە تۈپ مىۋىلىك دەرىخى بولمىغان، مەھەللە چۆرىسىدە يېرى تۇرۇپ ئوت ياشنى، قۇغۇن تاۋۇزنى بازاردىن ئېلىپ يەيدىغان، مەھەلە چۆرىسىنى مەينەت-مۇشاققەت قاپلاپ،  توپا پۇرقىراپ، قاغجىراپ كەتسىمۇ،  خىيالىغا كەلمەي يۈرىۋېرىدىغان، ئىش-ئوقىتىدە، قىلىۋاتقان كەسپىدە راۋاج تېپىشنى ئويلىمايدىغان، ئالغا ئىنتىلىش روھىي يوق، ھۈكۈمەت ئۇنى بەرسە بولىتتى، بۇنداق قىلىپ بەرسە بولىتتى دەپ تاما قىلىپلا كۈن ئۆتكۈزىدىغان، ئون يىگىرمە يىل ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن قارىسىڭىزمۇ ھالى-كۈنىدە قىلچە يۈكسىلىش بولمايدىغان، ئازراق جاپا تارتىپ قالسا ئەتىدىن كەچكىچە ۋايساپ قاقشاپلا يۈرىيدىغان، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان ھورۇن، قاششاق ئادەملىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. بۇنداق ئادەملەر ھەقىقى لاياقەتلىك ئادەم ھىساپلانمايدۇ. بىز مەيلى قايسى كەسىپ بىلەن شۇغىلانمايلى، ياكى نېمە ئىش قىلمايلى ئۆزىمىز بىزگە نان بېرىۋاتقان كەسىپكە مېھرىمىزنى بېرىپ، ئىش- ئوقىتىمىزنى راۋاجلاندۇرۇش، ھالى- كۈنىمىزنى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز، بىر ئۆمۈرلىك ھاياتىمىزدا قىسقا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تېرىشىش نىشانىمىز بولىشى، ھەم شۇنىڭغا يارىشا ئەمەلىي ھەركىتىمىز بولىشى لازىم. بىزدە بۇ خىل خىسلەت بولىدىكەن تەبئى ھالدا بالىمىزغا مىراس بولۇپ قالىدۇ.  5. بالىىڭىزغا  ياخشى-ياماننى، ھەق-ناھەقنى پەرىق ئىتىشنى ھەم قانداق ئىشقا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى، نىمىنى قىلىش، نىمىنى قىلماسلىقنى ئۈگىتىڭ،  بالىڭىزنىڭ پەرىق ئىتىش ئىقتىدارى ئاشسۇن.  بۇنىڭ ئۈچۈن تۈۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن  ھەر ۋاقىت  كۈزىتىپ تۇرۇڭ.بالىڭىزنىڭ كىيىنىشىگە دىققەت قىلىڭ، بالىڭىز مەكتەپكە بارغاندا  مەكتەپ فورمىسى(مەكتەپ فورمىسى قىزلاردىكى كىيىم-كىچەككە ھېرىس بولۇشنىڭ، باي-كەمبىغاللىك پەرقى ئېلىپ كىلىدىغان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ) كىيىۋاتامدۇ-ياقمۇ؟ بالىڭىزنىڭ سومكىسى بارمۇ-يوق؟ دەپتەر سالدىغان سومكا؟ (جەڭچىدە قۇرال بولمىسا مەغلۇپ بولغاندەك، ئوقۇغۇچىدا سومكا بولمىسا ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسى ۋە تەربىيەسى ئۇنىڭغا يۇقمايدۇ-دە، تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ) سومكىسىنىڭ ئىچىدە نىمىلەر بار؟ بالىڭىزدا تىلفۇن بارمۇ-يوق؟ تېلفۇن بولسا ئۇنى نەدىن ئالدى نىمىگە ئىشلىتۋاتىدۇ؟ كىملەر بىلەن ئالاقىلىشۋاتىدۇ؟  بالىڭىزنىڭ چېچى ئۆسۈپ، قۇلاقلىرىنى يېپىۋالدىمۇ؟ روھىي-قىياپىتىدە يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەر بار؟ بالىڭىز كىملەر بىلەن ئاغىنە بولىۋاتىدۇ؟ ئاغىنىسى قانداق بالىلار؟ بالىڭىزنىڭ روھىي ھالىتىدە، ئىش-ھەركىتىدە قانداق ئۆزگۈرۈش بار؟ يامان ئادەملەر بىلەن ئارلىشامدۇ-ياقمۇ؟ جىدەل-ماجرادىن يىراق تۇرامدۇ؟ باشقىلار بىلەن ئىناق ئۈتەمدۇ-يوق؟ مەكتەپ تۈزۈمىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالى قانداق دىگەنلەرنى ھەر ۋاقىت كۈزۈتۈپ تۇرۇڭ. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ پىسخىكىسى بالىلىرىنىڭكىدىنمۇ ئاجىز . بالىلىرى بىرە ئىشنى خاتا قىلىپ سالسا شۇ ھامان جىددىلىشىپ كېتىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالىدىغانلار بار! بالىلار ئەقىل- پاراسەت، خاراكتېر- ئالاھىدلىك جەھەتتەە تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا بەزى- بىر يامان ئىشلارنى بىلىپ- بىلمەي قىلىپ سېلىشى بۇ تەبئى ئەھۋال. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ئۈزىنى تۇتىۋېلىپ مۇئامىلە قىلىشى، ھەم بالىمىزنى  تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇش  جەريانىدا يۈز بېرىدىغان ھەرقانداق يامان ئاقىۋەتنى نەزىرىمىزدىن چەتتە قالدۇرماسلىقىمىز ھەم بۇنىڭغا قارتا ئىدىيە جەھەتتە تولۇق تەييارلىقىمىز بولىشى كېرەك. ئاخىردا بارلىق- ئاتا ئانىلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ خەيرلىك بولىشىنى، يۈرەك-پارلىرىنىڭ ياراملىقلاردىن يىتىشتۈرۈپ چىقىشىنى، ئاتا- ئانىلارنىڭ يۈزىنىڭ ھەر ئىككى دۇنيادا يورۇق بولىشىنى تىلەيمەن ھەم بۇ يازمامنى  تۈۋەندىكى شىئېرىم ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرىمەن.  قاش تېشىدەك سۈزۈكتۇر سۈزۈك،قەلبىڭ سىنىڭ، ئەي ئىشچان دىھقان.باغلىرىڭدا سايرايدۇ بۇلبۇل،  تۆككەن تەرىڭ يارىتار ئاش-نان.     كۈيۈپ-پىشىپ، قان-تەر ئاققۇزۇپ،  چۆللەرنىمۇ قىلىسەن گۈلباغ.  قوللىرىڭ ھەم يوللىرىڭ بەرىكەت، تەبىئەتنى سۈيىسەن ھەر چاغ.  ئەجرىڭ كۈلسە باھاردا، باغدا،ئىپتىخارغا تولىدۇ قەلبىم. تىل تەگمىسۇن ئىشچان قولۇڭغا،ياشا! ياشنا ئەي ئانا خەلقىم.                                                                          2014-يىلى سېنتەبىر يوپۇرغا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! Z" c1 L0 X) Bبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; z  T( _- X- j% u3 P9 i4 Z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& }# o" I$ D! K
[ بۇ يازمىنى gulsumay تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-9-22 04:46 PM ]بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& P2 x+ e: F; G2 `

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 t8 Q0 G  R3 o: n[ بۇ يازمىنى gulsumay تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-9-22 04:54 PM ]بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" L! p6 R4 X' R+ G/ p% P+ C) ~

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, }1 p8 P! ]9 b) Q# s[ بۇ يازمىنى gulsumay تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-9-22 04:55 PM ]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' m8 r8 ]+ _8 A' S, W
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 {# d7 {. B% R% }! |7 l5 h[ بۇ يازمىنى gulsumay تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-9-22 04:56 PM ]بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 o' Q. V; E( i
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 I+ e# m* U; p  h0 y
[ بۇ يازمىنى azrat705 تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-9-22 05:22 PM ]بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: E& T6 _. T4 K3 J8 \' d: u1 a( U
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- G0 n' J+ H3 y. F

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2903
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ مەزمۇنلۇق تېما ئىكەن قېرىندىشىم...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# H1 [! d+ t/ r$ Dبىراق ئابزاسلارغا بۆلۈپ يازسىڭىز بوپتىكەن

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106910
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 174
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2014-5-19
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yultuzay0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 12:41 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 s6 X7 M/ R8 i# {8 K
بەكمۇ مەزمۇنلۇق تېما ئىكەن قېرىندىشىم...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 m! o7 |# U; N' S8 K& Z
بىراق ئابزاسل ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ y) a* a9 d8 A! ]; a( O
رەھمەت. تەھرىرلەپ يوللىساممۇ يەنە شۇ ھالەتتە تەستىقلىنۋاتىدۇ. قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 488 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 04:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسئولىيەت،،.،،

ھەرقايسى دىپلۇملاردىن،چوڭلار مائارىپى .ئۆزلىگىدىن ئۈگەنگۈچىلەر مائارىپغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولسا قوشۇڭ،ئۈندىدار:79068404

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1806
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10875
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1481 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 04:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىرائەتنى مەيلىگە قويىۋەتسەك پۇچۇك....بولۇر بالىلارنى مەيلىگە قويۇۋەتسەك لۈكچەك بولۇر....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ }0 |  i) {3 Oبۇ مەسۇلىيەت ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريتى ، بۇ مەجبۇريەتنى كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بىرۋاتقان بولىسمۇ، يانا بىر قىسىم ئاتا -ئانىلارنىڭ خيالغان كەپ باقىمدى.جەمىيەتنى قالايمقان قىلىپ ئوغۇرلۇق قىلىش ھاراق ئېچىش جالاپ ئويناش قاتارلىق ئىشلار!!! بىلەن شۇغۇلغانلارنىڭ ئائىلە تەربسى ياخشى ئەمەسلىكنىڭ بەلگىسى، ۋە قەمىيەتتە- تارقىلىپ يۇرگەن ئەيدىس قاتارلىق بۇ كىسلگە گىرپتار بولۇپ توۋا قىلماي شەھەرنى ۋە پاك ئادەملەرنى بۇلغاپ يۇرگەن مەينەتلەر ئاز ئەمەس..
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; y+ r7 a) B, _0 Eئاياللارنىڭ نەسەپ قالدۇرۇش، بالا تەربىيلەشتىكى رولى ناھايىتى زور. ئانىنىڭ قانداق بولۇشى بالىنىڭ قانداق بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئانىنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولسا بالىنى سۈپەتلىك تۇغۇپ، ئىلمىي بېقىپ، ئىجتىھات بىلەن تەربىيىلەپ سۈپەتلىك يېتىلدۈرىدۇ. ”ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق“ دېگەن تەمسىلدە ئاشۇنداق چوڭقۇر مەنە يەكۈنلەنگەن. بالا ئائىلىنىڭ نەسەپ يىلتىزى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى. بالىلار سۈپەتلىك تۇغۇلۇپ ساپالىق تەربىيىلەنسە مىللەتنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولىدۇ. قەيەردە خوتۇن-قىزلار قابىلىيەتلىك، مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق، تىرىشچان، تەلەپچان بولسا شۇ جايدىكى بالىلار، ياشلار بىلىملىك، ئەدەپلىك، غەيرەتلىك، مەدەنىيەتلىك، تىرىشچان، ئەمگەكچان بولىدۇ،بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) M' D+ A9 T9 _! k' m- [3 p
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-22 04:53 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 {7 [% s+ G) U. l; m+ m* f

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 b0 L3 V) _4 W: m$ x* _) l" _

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3412
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 05:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىمىزدىكى مەسئۇلىيىتىمىز تولىمۇ ئېغىر . شۇنداقتىمۇ ھارماي ، ئۆز مەسۇليىتىمىزنى ئادا قىلغاندىلا ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىن سۆز ئاچالايمىز . بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بول دېسە ، ئۇلارغا ئاتاپ يىتەرلىك پۇل يىغىش بولماستىن ، ئۇلارنى ئىرادىلىك قىلىپ تەربىلەش ئەڭ مۇھىم !
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! F4 s5 M; l. z$ Q# d6 k! ]بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 a. X2 f/ |; p5 Y4 d- Y. w8 j/ n
ئەجرىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم .  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% c. G5 W( r; l

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش