|
|
|
|
ھېلىمۇ ئېسىمدە: ئاشۇ مېھرى ئىسسىق سەھرا!
ھېلىمۇ ئېسىمدە:كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئاشۇ زېمىن، ئاشۇ زېمىندا ئاپىرىدە بولدۇم، ئاشۇ زېمىندا كۈلدۈم، ئاشۇ زېمىندا يىغلىدىم...
ھېلىمۇئېسىمدە: مەكتەپتىكى ھاياتىم، يېزامنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى.... قوي بېقىش، يانتاق چېپىش، تەك كۆمۈش، قويلارغا ئەلەپ بېرىش دىگەندەك، مەن قىلىپ باقمىغان دېھقانچىلىق ئىشلىرى يوقمىكىن دەپ ئويلايمەن.....
سىز بۇ ئەسەرنى ئوقۇغانمۇ ؟ ئەگەر ئوقۇغان بولسڭىز، سىزگە بۇ ئەسەر نۇرغۇن ئىستىتىك ھوزور بېغىشلىغان دەپ ئېيتالايمىز. مەۋھۇم تور دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ كىچىككىنە ھايات كارتىنىلىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەن بىر شەخس بار. «دېھقان پەرزەنتىنىڭ چەتئەلدىكى سەرگۈزەشتىلىرى»، «خاۋردقا سەپەر»، «بىرتانىيەگە ساياھەت»، «دېھقان پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى سەرگۈزەشتىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى بىلەن تونۇشقىڭىز بارمۇ؟
بۇ مەۋھۇم شەخىس ھازىر كۇلالۇمپۇر ئۇنىۋېرسىتى سودا-سانائەت ئىنىستوتى مالىيە ۋە ئىسلام مالىيە پاكولتىتىنىڭ ئالىي لېكتورى، شۇنداقلا مەركوز پاكولتىتنىڭ پاكولتىت مۇدىرى، ئىسلام پۇل-مۇئامىلە پەنلىرى دوكتورى. ئۇ بولسىمۇ قومۇل شەھىرىنىڭ چىلان ماكانى قارادۆۋىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتى - دوكتور بۇرھان سېتى.
بۇرھان سېتى 1980-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى قومۇلنىڭ قارادۆۋە يېزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ، 1999-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن دالىيەن سۇ مەھسولاتلىرى ئۇنىۋېرسىتىغا قوبۇل بولغان. 2 يىللىق تەييارلىق ئوقۇشىنى ئۈرۈمچىدە سۇ-ئىلىكتىر مەكتەپتە تاماملىغاندىن كېيىن، 2001-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە تولۇق كۇرسنى دالىيەندە تاماملىغان. بۇ جەرياندا سىنىپىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بولغىنىغا قارىماي، تىرىشىش ئارقىلىق دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى، ئۇنىۋېرسىت ئوقۇش مۇكاپاتى، ئىلغار سىنىپ كادىرى، ئۆچتە ياخشى ئوقۇغۇچى، دالىيەن شەھەرلىك ئىلغار مەكتەپ پۈتكۈزگەن شەخس قاتارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرگەن. ئوقۇشقا بولغان يۈكسەك ئىشتىياقى بىلەن داۋاملىق ئوقۇشنى تاللاپ، 2006-يىلى 3-ئايدا مالايسىياغا ئوقۇشقا چىققان. قىسقىغىنە 6 ئاي تىرىشىش ئارقىلىق ئىنگىلىز تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ شۇ يىلى 12-ئايدا مالايا ئۇنىۋېرسىتىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل بولغان. ئوقۇشى تاماملانماي تۇرۇپلا، مالايسىيا بويىچە 2-دەرىجىلىك چوڭ شىركەت - سايىم داربىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان. بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ 2008-يىلى 12-ئايدا ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان.
2009-يىلى 9-ئايدا 40 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچىدىن تاللىنىپ چىقىپ مالايسىيا مەركىزى بانكىسىنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مالايسىيا ئىسلام پۇل-مۇئامىلە ئۇنىۋېرسىتىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرگەن. شۇنداقلا ئوقۇشقا بولغان مۇھەببىتى بىلەن قىسقىغىنە 3 يىل ئىچىدە دوكتورلۇق ئۇقۇشىنى تاماملىغان. شۇنداقلا مەكتىپىدىكى بىردىنبىر 3 يىل ئىچىدە ئوقۇش پۈتكۈزەلىگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ قالغان.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، قىسقىغىنە 6 يىل جەريانىدا، ئوقۇش جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇشىنى تاماملىغان؛ خىزمەت جەھەتتە، سايىم داربىيدىن ئىبارەت بىر چوڭ شىركەتتە 2 يىل ئىشلىگەن، شۇنداقلا دوكتۇرلۇق ئوقۇش جەريانىدا 1 يىلدىن كۆپرەك تەتقىقات ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن؛ ئائىلە جەھەتتە، ئىناق ئائىلە قۇرۇپ 2 پەرزەنتلىك بولغان؛ ئۇقۇش جەريانىدا، خاۋرد، ئوكىسفورد، دۇرھام ئۇنىۋېرسىتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام پۇل-مۇئامىلە ئىلىمى تەتقىقات يىغىنلىرىغا قاتناشقان. ئوقۇغۇچى بولۇشىغا قارىماي، ئامىرىكا، ئەنگىلىيە، گىرمانىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، چېخ جۇمھىرىيىتى، تۇركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، سنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىلىمى تەتقىقات يىغىنى، ئىسلام پۇل مۇئامىلە يىغىنىلىرى ئۈچۈن زىيارەتتە بولدى. 2012-يىلى 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مالايسىيا مالىيە جەمىيىتى ئۆتكۈزگەن 14-قېتىملىق يىغىىدا دوكتورلۇق ئىلمى ماقالىسى ئىلغار ئىلمى ماقالە بولۇپ باھالىنىپ، شۇ يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ، ئىسلام پۇل مۇئامىلە كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.
2012-يىلى 12-ئايدىن ئىتىبارەن، بۇ پەخىرلىك ئوغلانىمىز كۇلالۇمپۇر ئۇنىۋېرسىتىنىڭ سودا-سانائەت ئىنىستوتى مالىيە ۋە ئىسلام مالىيە پاكولتىتىنىڭ ئالىي لېكتورى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئىتراب قىلىشىغا ئېرىشىپ، 2013-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، بۇ پاكولتىتنىڭ پاكولتىت مۇدىرلىق ۋەزىپىسى ئۈستىگە ئالدى. بۇ ئىككى يىل جەريانىدا، 7 پارچە ئىلمى ماقالىسى خەلقئارالىق جورناللاردە ئېلان قىلىندى، شۇنداقلا ئەنگىلىيە، ئاۋىستىرالىيە، تۇركىيە ۋە مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلىمى تەتقىقات يىغىنلىرىغا 10 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە قاتناشتۇردى. ئاۋىستىرالىيەدىكى سودا سانائەت مۇھاكىمە يىغىدا ئۇنىڭ ماقالىسى مالىيە تۈرى بويىچە يەنە بىر قېتىم ئىلغار ئىلمى ماقالە بولۇپ باھالاندى.
يەنە تىلغا ئىلىشقا ئەرزىىيدىغان ئىش بولسا، ئۇدا 4 مەۋسۇم ئۇقۇغۇچىلار تەرىپىدىن 150 تەك ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالاندى. 2012-2013 يىللىق ئۇقۇ-ئوقۇتۇش، تەتقىقات، مەمورى خىزمەت قاتارلىق مەكـتەپ يىللىق خۇلاسىسىدە %93 نەتىجە بىلەن يەنە ئەڭ ياخشى نومۇرغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇ ئىسلام بانكىچىلىقى، ئىسلام كاپىتال بازىرى، ئىسلامچە بايلىق باشقۇرۇش، ئسلام پۇل-مۇئامىلىسى قاتارلىق پەنلەردىن دەرس بەرمەكتە. ئۇنىڭ تەتقىقات نىشانى: ئىسلام پۇل مۇئامىلىسى، كۆپخىللاشتۇرۇپ مەبلەغ سېلىش، كاپىتال بازىرى ۋە ئىسلام پاي چېكى.
ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ياش دوكتورىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىنى، كەسىپ جەھەتتە تېخمۇ مۇكەممەللىشىپ ئىسلام پۇل مۇئامىلىسىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك قوشىشىنى ياراتقۇچىدىن تىلەيمىز.
|
|
|
|
|
|