مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 567|ئىنكاس: 4

ئويغا چۆككەن كىچىك ھەيران [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108848
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 194
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-7-31
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 10:41:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئويغا چۆككەن كىچىك ھەيران



راسىل لويىل ماكىستىر[1]


(زوئولوگىيە پروفېسسورى)


تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئېدرىس



ئىنساننىڭ ئۆز پەرۋەردىگارى بىلەن بولغان دەسلەپكى تونۇشۇشى، ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانىسى ئارقىلىق بولىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ھەر قانداق بىر ئۇلۇغلۇق ئۈچۈن:‹‹ئاللاھ›› دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرگەن بالا كىچىكىدىن تارتىپلا بۇ خىل يول بىلەن ئاللاھقا سېغىنىشقا كۆنۈپ كېتىدۇ ۋە توغرا كەلگەندە شۇ يول بىلەن ئۆز ھاجەتلىرىگە يەتكۈزۈشنى تىلەيدۇ. ئاتا-ئانىلار ئۆز ئېگىسىنى ھەر قېتىم ئۇلۇغلىغان، ياد ئەتكەن چېغىدا، ئاللاھ دېگەن ئاشۇ بۈيۈك سۆزنى ئىشلەتكەنلىكتىن بالىلارمۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئاشۇ يول بىلەن ئاللاھقا سېغىنىشقا ۋە ئۇنىڭدىن خۇددى ئۆز ئاتىسىغا يېلىنغان يوسۇندا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ئاسانلىقىنى تىلەشكە كۆنۈپ كېتىدۇ ۋە مۇشۇ باسقۇچتىكى بالا ئاشۇ كۆرۈنمەس پەرۋەردىگارغا چىن پۈتكەن ۋە ئۇنىڭدىن خۇش بولغان پەدىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ. يىللار ئۆتۈپ بالا چوڭىيىدۇ ۋە كىتابلاردىن ئاللاھ يولىدا ماڭغان مۇئمىن-مۇسۇلمانلارنىڭ كەچۈرمىشىنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىدىكى ئاللاھ سۆيگۈسىنىڭ ئۇلارنى يىرتقۇچلاردىن ساقلىغانلىقىنى، ئوت ئىچىدە ئۇلارغا سالقىنلىق ۋە تىنىچلىق بەرگەنلىكىنى، قىلىچلار ئاستىدىن تىنچ-ئامان قۇتۇلدۇرغانلىقىنى، ماغدۇرىدىن كەتكەندە كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەنلىكىنى، جەڭگاھلاردا ھىماتچى ۋە تايانچ كۈچ بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئۇققاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ئاشۇ قەيسەر ۋە باتۇرلىقىدىن ھاڭ-تاڭ قالىدۇ ۋە ئۇلارنى دوراش، ئۇلارچە ياشاش ئىستىكى ئۇنىڭ كۆزىگە بىر كۈنمۇ ئۇيقۇ كىرگۈزمەيدۇ، بۇ خىل ئىستەكلەرنىڭ ئاشۇ كەچۈرمىشلەر قالدۇرغان تۇيغۇلارنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردىمى تېگىدۇ دەپ ئويلايدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىنىڭ ئۇلىنى چىڭىتىپ، قىزىقىشىنى كۈچەيتىپ، كۆڭلىدە باتۇرلۇق روھىنى ئۇرغۇتۇپ تۇرىدىغان بىر قاتار قاياشلىرىدەك ھېس قىلىدۇ. بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدا بۇرۇلۇش يۈز بېرىدۇ ۋە قارىمۇ قارشى ئىككى خىل مايىللىق ئارىسىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بىرىدە بالىنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ بارسا، يەنە بىرىدە ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى ئۆزىچە سوۋۇپ، سۇسلىشىپ بارىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەردە كۆز ئالدىدىكى ئاشۇ كەنت-شەھەرلەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە ئىجتىمائىي گوروھ-تەشكىلاتلاردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى، ھەر بىر گوروھنى بىردىن رەھبەر ياكى رەئىسنىڭ يېتەكلەپ ماڭىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ يەنە ئاشۇ يەرلىك ئۇششاق رەھبەرلەرنىڭ ئۈستىدىنمۇ بارچىغا گېپى ئۆتىدىغان بىر باش قومانداننىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋە بارچە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئورتاق بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى ئاڭقىرىپ يېتىدۇ. مانا شۇنىڭغا ئۈلگۈرۈپ، بالا ئېڭىدا خۇددى باشلىقنىڭ ئۆز ئۆپچۆرىسىدىكىلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۇرقىدا پۈتۈن ئالەمگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بىردىنبىر ھۆكۈمران-ئىلاھ گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ-دە، ئەنە شۇ ئازغىنە كىشىلەر ئۈچۈن ھەر يەردە بىردىن يېتەكچى-قوماندان بولغان يەردە مۇشۇنچە كەڭ كائىنات-ئالەم ئۈچۈنمۇ ھەممىنى ئۆز يولىغا سېلىپ، ئىنسانلاردىن تارتىپ بارچە شەيئىلەرگىچە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ئىلاھنىڭ بولۇشى بار ئىشقۇ دېگەنلارنى ئويىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، بىراز يېنىكلەپ، تەمكىن بولۇپ قالىدۇ. يەنە بىر ياقتىن، كىشىلەرنىڭ ئۆز رەئىسلىرىنى ئۆزلىرى سايلاپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھ توغرىسىدىكى بارلىق تەسەۋۋۇر، تەپەككۇر بۇ كىچىك ئۆسمۈرگە كۆرە، بەرىبىر كىشىلەر ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن نوقۇل ئىدېئال ئوبرازلاردىن نېرى كېتەلمەيدۇ. دەل شۇنداقلىقىدىنمۇ بالىنىڭ ئېڭىنى ھە دېگەندە بولار بولماس ئويلار ئورىۋالىدۇ-دە، ئۆز-ئۆزىگە: ‹‹بۇ ئىلاھ زادى بار نەرسىمىدۇ ياكى يوق نەرسىمىدۇ؟ ناۋادا بار بولسا، ئۇنىڭ تەقى-تۇرقى ۋە بەلگىسى قانداق بولىدۇ؟›› دېگەندەك سۇئاللارنى تاشلايدۇ. بۇ ئوي چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئاللاھنىڭ بارلىقىدىن ئىككىلىنىش ۋە دەرگۇمان بولۇشقا باشلايدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، بالىنىڭ بارلىق ئەقىل-تەپەككۇرى پاسسىپلىققا تولۇپ، دىلىغۇل بولۇشقا باشلايدۇ-دە، ئۆز-ئۆزىگە كايىغان ۋە ئىشىغا ئۆكۈنگەن ھالدا پەسكويغا چۈشۈپ، باشقا چارە تاپالماي تەن بېرىدىغان يەرگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، دوست-قۇرداشلىرىنىڭ بۇ تېمىدا پاراڭ سېلىپ، ئۆزىنى گاڭگىرتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدۇ ۋە ئۇلاردىن بۇ تېمىدا پاراڭ قىلماسلىقنى ئۆتۈنۈشكە ئۆتىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆز كۆڭلىنىڭ تېخىمۇ دىلغۇل بولۇشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدۇ. بالا مانا مۇشۇنداق تېڭىرقاش، ھود ۇقۇش، گاڭگىراشلار ئارىسىدىن ھالقىپ چىقالماي، ئۆز-ئۆزىدىن ھەيران بولۇپ تۇرغاندا، ئۇشتۇمتۇتلا ئاللاھقا ئىشىنىشكە باشلايدۇ ۋە ئەزەلدىنلا مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىدۇ. مانا مۇشۇ چاغدىلا ئەقىل-تەپەككۇرىنىڭ ئۆز ئىمانىنى ئۇنداق تارمار قىلىۋېتىشىنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، بالا مۇقەددەس كىتابلاردىن بىرەرىنى تېپىپ ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭدىن ئىنساننىڭ ئاللاھنى تېپىشى پەقەت ھوش-كاللىنى ئىشلىتىش ئارقىلىقلا بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئىشىنىش ۋە ئىمان ئېيتىشنىڭ ھامان يەنە شۇ تەپەككۇر ۋە مەنتىقىگە تايىنىپ بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كىيىن، بۆلەكچە جانلىنىپ، كۆزىتىش، ئىزدىنىشلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن كىرىشىپ كېتىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا، تېخى يېقىندىلا گاڭگىراپ يۈرگەن ئۆسمۈر چوپ-چوڭ بىر ئىخلاسمەنگە ئايلىنىدۇ. بالىدا ئاڭ ۋە روھنىڭ بىرلىشىشى ئەمەلگە ئېشىپ، ئاللاھنىڭ بۈيۈكلىكى ۋە ئۇنىڭ ھېكمىتىنى تولۇق چۈشىنىشكە باشلايدۇ. مانا بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەزكۇر بالىنىڭ ئوي-خىياللىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى تەبىئەت ۋە ئۇنىڭ پادىشاھى بولغان ئىلاھقا مەھكەم باغلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بۇ ئىككى نەرسىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىش لوگىكىغا ياتمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، مۇشۇ زېمىن پىلانېتىمىز يۈزىدە ياشاپ تۇرۇۋاتقان مىليونلىغان ئۆسۈملۈك ۋە جانلىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ خۇددى ئاسترونومىيدىكى سان-ساناقلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر قاتار ئىرراتسىئونال سانلار بىلەنلا بىلدۈرگىلى بولىدىغان ھەر خىل سورت-تىپلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ، پەقەت بىر تاللا تۈرىنى ئېيتساقمۇ، مۇشۇنچە كەڭ ۋە خىلمۇخىل كەتكەن نەچچە يۈز مىڭلىغان تۈرلەرگە ئورتاق بولغان بىرەر تۈرتكىلىك كۈچ يوقمۇ؟
ياق، بەلكى قاياققىلا باقمايلى، ئاشۇ پىرىنسىپنى كۆرۈپ يېتىمىز.
ئەمدى شۇ تۈرلەرگە كەلسەك، ئۇلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۆز-ئارا ئۆزلۈك ۋە ئۆزگىچىلىك قاتارلىقلار بويىچە تۈركۈملەرگە ئايرىلىدۇ. يەنە تېخى بۇلارمۇ كىچىكتىن كىچىك نۇرغۇن چوڭ-كىچىك تۈركۈملەرگە، بۇ تۈركۈملەرمۇ ئۆز روللىرى بويىچە كىچىكتىن-كىچىك بىر مۇنچە خىللارغا بۆلىنىدۇ. بىراق بىز بۇلارنى قانچىلىك بۆلۈپ كەتمەيلى، يەنىلا بىر تۈر ياكى بىرەر تۈركۈم باغلىق بولغان تىپلارنىڭ بىر قاتار ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. بولمىسا بىز تۆمۈر تۇمشۇق دەيدىغان قۇشقا قاراپ باقايلى، گەرچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش يارىتىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ھايۋان تۈرلىرىنىڭمۇ بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق ھالدا ياكى پروتوپلازمىغا تايىنىدۇ. ئەنە شۇ باغلىنىشنىڭ ئۆزىمۇ ئۆز تۈزۈلۈشىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى بىر ياراتقۇچى قابىل كۈچنىڭ بارلىقى بولماي نېمە؟ ماھىيەتتە ئەنە شۇ كۈچ ئۇلاردىكى تۈپكى ماددىنى ئۆزى ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا كۈچ-قۇۋۋەت ۋە رول ئاتا قىلغان. يەنى ئەنە شۇ ئاللاھ ئەمەسمۇ؟
ناۋادا ئەقلىمىز ساغلاملا بولىدىكەن، ئۇ بىزنى بىز خەۋەر تاپقان ۋە تېپىۋاتقان ئاشۇ ئوخشاشلىق ۋە قارشىلىقلارنى پەيدا قىلغۇچى بىر ئاڭنىڭ بارلىقىنى تەن ئېلىشقا ئۈندەيدۇ. شۇ چاغدا بىز: ‹‹پۈتكۈل كائىنات تۈرلۈك مۇھىت-شارائىت ئاستىدا ئېلېمېنتلارنىڭ ئۆز-ئارا ئەپلىشىپ قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تاساددىپىيلىقتىن كېلىپ چىققان›› دەيدىغان گۆدەكلەرچە بىلجىرلاشلاردىن ساقلىنالايمىز.
ساغلام لوگىكا بويىچە بولغاندا، ئىنسان ھەر بىر قىيىن ئىشنى يېشىپ چىقىشقا قادىر، ئەلۋەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنچە لوگىكىلىق ئىشەنچنىڭ ئۆزى كۆز ئالدىمىزدىكى بارچە كائىناتنى يوقتىن ياراتقان بىر بۈيۈك ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئىقرار قىلىشقا يېتەرلىك ئۈندەكچى بولالايدۇ. ئۇندىن تاشقىرى بىر خىل تۈرنىڭ سورتلىرى ئارىسىدا بولمىسۇن ياكى ئۆتكەن گىئولوگىيىەلىك ئىرالاردا ياشىغان تۈرلەر ئارىسىدا بولمىسۇن، ئۇلار ئارىسىدىكى ئۆزگىچىلىك بولغان ياكى بولمىغانلىرى بولسۇن، ئوخشاشلا يوقىلىپ كەتتى ياكى ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا كەلگەندە، ئىنسان ئەقلى: ‹‹بارلىق شەيئىلەر دەسلەپتىلا ئاشۇ بۈيۈك ياراتقۇچىنىڭ قولى بىلەن بىر قاتار تەڭداش قائىدە-پىرىنسىپلارغا ئىگە مەخلۇقاتلار بولۇپ يارالغان ئىكەندە؟›› دېگەننى تەن ئالىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئەمدى بىز مۇقەددەس ساماۋى كىتابلارنى قولىمىزغا ئالغان چېغىمىزدا، ئۇنىڭدىن: ‹‹ئاللاھ پۈتۈن ئىنسان ۋە ھايۋان، شۇنداقلا ئۆسۈمۈكلەرنى ياراتقان›› دەپ ئوقۇيمىز. شۇنداقلا تەبىئەتتىن ھاسىل بولغان تەسىراتلىرىمىز بويىچە ئۇنى دەرھاللا تەن ئالىمىز ۋە چىن پۈتىمىز. بۇنىڭدا ھەرقانداق مۇقەددەس دىننى كىتابلار پەن-بىلىم كىتابلىرى بولمىسىمۇ، ئوخشاشلا پەنگە تەئەللۇق تۈپكى ھالقىلارنى يېشىپ بېرىدۇ ۋە ئۇلارغا يېقىندىن ياندىشىپ ماڭىدۇ[2]. سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم شۇكى، مەن قىلچە گۇمان قىلمايدىغان ھەقىقەت، شۇنداقلا ھەرتۈرلۈك ماتېريالىستىك ئىدىيەلەر يېشىپ بېرەلمەيدىغان بىر كۈچ بار، ئۇ بولسىمۇ، ئىنسانىيەت تەبىئەتكە قارىتا يۈرگۈزگەن ئويى ۋە ئۆگىنىش ئارقىسىدا بىلىپ يېتەلىگەن ئىلاھ بولۇپ، ئۇ ساماۋى كىتابلاردا سۆزلىنىۋاتقان ئىلاھنىڭ دەل ئۆزى شۇ. ئۇ مۇقەددەس كىتابلارنىڭ ئىلاھى بولۇش بىلەن بىرگە، ئېگىز تاغلاردىن كۆپكۆك دېڭىزلارغىچە ھەممە نەرسىدىن نامايان بولۇۋاتقان ئىلاھتۇر. ئۇنىڭ قۇدرىتى يەنە ياپيېشىل ئوتلاقلار ۋە زېمىن باغرىدا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان ئۇچار قۇشلار ۋە باشقا نەرسىلەردىمۇ نامايان بولماقتا.

_________________
[1] ئىلەنۋى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇققا ئېرىشكەن، ھويتىن ئېنستىتۇتى زوئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى، ئىلەنۋى ئىلمىي ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى، 1951-يىلىدىن 1954-يىلىغا قەدەر ئىلمىي ئورگان باشلىقى بولغان. ئۆمۈچۈك، ئۆمۈچۈك تورى ۋە ئۇلاردىكى ئۆزگىرىش تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى.

[2] قۇرئاندا كەلگەن مۇنۇ ئايەتكە قاراڭلار: ‹‹بىز زېمىنغا چاڭلاشتۇرغۇچى شاماللارنى ئەۋەتتۇق››. [ھىجىر سۈرىسى22-ئايەت]   مانا مۇشۇ ئايەتمۇ ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى چاڭلىشىش ئىشىغا يانداشمامدۇ ياكى بولمىسا مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئۆسۈملۈكلەرنى تەتقىق قىلىپ يۈرگەنمۇ؟


ئىلاۋە : بۇ ماقالىلەر 2011-يىلى ‹‹سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى ››دىن چىققان ‹‹ئاللاھ ئىلىم-پەن دەۋرىدە تېخىمۇ تەجەللى تاپماقتا ›› ناملىق سەككىز پارچە ماقالە توپلانغان كىتابتىن ئېلىنغان ئىدى. ھازىرغىچە بىرەر دوستۇمنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇپ باقمىغانلىقىنى ئاڭلاپ ، تورداشلارنىڭ بۇنداق نادىر تەرجىمىلەردىن خەۋەرسىز قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنبەرگە يوللىغان ئىدىم. ئېلكىتاب شەكلىنى چۈشۈرمەكچى بولغانلار تۆۋەندىكى ئادرېسنى چىكىپ چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ.

http://qiannao.com/file/feridon/f555fcf7/


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-24 05:08 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101922
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 12:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارغا ئاللاھنى تونۇتۇش، ھالال-ھارامنى ئايرىش، توغرا بولغان ئېتقاد تۇرغۇزۇش ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 04:20:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە تەربىيسى ئەڭ موھىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 05:05:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس راس ئائىلە تەربىيەسى ھەممىدىن مۇھىم ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار يىتەرلىك ساپاغا ئىگە بۇلىشى كېرەك .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 05:45:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىگە قالدۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز ، ئەلۋەتتە جەمئىيەتكە كېرەكلىك بالىلار ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش