بالىلىق ۋاقتىمدىن باشلاپلا بوۋام -مومام،دادام –ئاپاملارنىڭ ئەتىۋارلىشىدا يېگىنىم ئالدىمدا ،يېمىگىنىم كەينىمدە ،چوڭ يەپ،چوڭ ئىچىپ سۇ ئۈستىدىكى بېلىقتەك شۇنداق ئەركىن –ئازادە،ھېچنىمىدىن غېمىم يوق،ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ بولغان ئىدىم،قورسۇقۇم تويسا،دېگىنىم تەل بولسىلا كۇپايە ئىدى،ئەتىگەندىن –كەچكىچە مەھەللىدىكى بىر توپ بالىلارنى يىغىۋېلىپ قىيغىتىپ-سەكرىشىپ،قىيا –چىيا بىلەن مەھەللىنى بېشىمىزغا كىيىپ ئوينىغىنىمىز –ئوينىغان ئىدى ،ئويناپ ھارغاندا ياكى كەچ ۋاقىتلىرى بوۋامدىن ساۋاق ئالاتتىم ،ئالتە ياشتىن سەل ئاشقان يىلىم ئۆيىمىزدىن خېلىلا يىراق بولغان بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى تەييارلىق سىنىپقا ئەكىرىپ بەردى،كېيىنكى يىلى تەييارلىق سىنىپنى تۈگىتىپ 1-يىللىققا چىقتىم.شۇنىڭدىن باشلاپ مەكتەپ ھاياتىم باشلاندى.
-بىزنى مېھمان قىلىڭا دىليار...
-ئاداش بۈگۈن قەيەرگە بېرىپ ئوينايمىز...
-ئاداش، بۈگۈنكى تاماشىغا قانچە پۇل خەجلەپسەن...
-پۇل دېگەننى سۇدەك خەجلەيسەن جىما ئاداش...
-دىليار بايۋەتچىگە ئۇنچىلىك پۇل دېگەن نېمىتى...
مانا بۇ باشلانغۇچنىڭ 5-يىللىقىدىن تارتىپ ھازىرغىچە كەينىمدىن يۈرىيدىغان قىز –ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمنىڭ ،جەمىيەتتكى مەكتەپتە ئوقۇمايدىغان دوستلۇرۇمنىڭ ماڭا خوشەمەت قىلىپ ئېيتىدىغان سۆزلىرى ئىدى.قىزلارمۇ ماڭا بۆلەكچىلا ئامراق بولۇپ ماڭا تەلەپ قويىدىغان قىزلارمۇ خېلى بار ئىدى.
ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك يانچۇقۇمدىن پۇل ئۈزۈلمەيتتى،مەن پۇل تەلەپ قىلمىساممۇ بوۋام،مومام، دادام ،ئاپاملار ئۆزلىكىدىن خەجلەيدىغانغا پۇل بېرىپ تۇراتتى.بىزدەك قول –ئىلكىدە بار ئائىلىلەر ئۈچۈن مېنىڭ ئۇنچىلىك پۇللارنى خەجلىشىم ھېچقانچە گەپ ئەمەس ئىدى. مەكتەپكە بېرىپ –كېلىشم ماشىنىلىق ياكى بولمىسا دادام ئېلىپ بەرگەن توكلۇق ۋېلسىپىتتە ئىدى.ئويۇن –تاماشىلىرىم ،خەج –خىراجەتلىرىم ياش دائىرەمدىن ئېشىپ كەتكەن ھالەتتە ئىدى.بىراق دەرستە بەك ناچار ئەمەس ئىدىم،ئۇنچىۋالا قىلىقسىز بالىلار قاتارىغىمۇ كىرمەيتتىم،دادامنىڭ پات –پات مېھمان قىلىشلىرىدىنمۇ، ياكى سوۋغاتلارنى سۈڭگۈتىشىدىنمۇ ۋە ياكى ئويۇنقېپى بولغىنىم بىلەن دەرستە بەك ناچار بولمىغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر مۇئەللىملەرمۇ ماڭا ئامراق ئىدى.
تولۇقسىز 2-يىللىققا چىققان يىلى باشلانغۇچتىن تارتىپ بىللە ئوقۇغان،ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا باشقا مەكتەپكە ئالمىشىپ كەتكەن بىر ساۋاقدىشىمنى مەكتىبىگە ئاپىرىۋېتىپ ،مەكتەپكە قايتىش جەريانىدا يېقىن دوستۇم غېنىنىڭ بىر قىز بىلەن مەكتەپكە بىللە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.كېيىن ئۇ ئىككىسىنىڭ داۋاملىق بىللە مېڭىشلىرىدىن گۇمان قىلىپ سوراپ يۈرۈپ ،ئۇ قىزنىڭ دوستۇمنىڭ مۇھاببىتى ئىكەنلىكنى،ئىسمىنىڭ مەۋلۇدە بىلدىم،ئۇ ۋاقىتلاردا گەرچە قىزلار ماڭا تەلەپ قويۇپ يۈرسىمۇ، بىراق ‹‹مۇھاببەت ››دېگەن ئۇقۇمنى چىن مەنىسىدىن چۈشىنىپ كەتمەيتتىم. ئۈچىمىز دائىم بىللە مەكتەپكە بېرىپ –كېلىش جەريانىدا ئۇ قىز بىلەن بەك يېقىن دوست بولۇپ كەتتىم،كېيىنچە دوستۇم غېنى پات –پات دەرس تاشلاپ مەكتەپكە كەلمەيدىغان قىلىقنى چىقىرىۋالدى،مەن مەۋلۇدەنى ئۆيىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ ئۇنى مەكتەپكە بىللە ئېلىپ كېلىدىغان بولدۇم.
بىر كۈنى غېنى مېنى ئىزدەپ كەپتۇ،ئۇنىڭ دېيىشىچە مەۋلۇدەنىڭ باشقا بىر بالا بىلەن ئاپئاق-چاپاق بولۇپ يۈرگىنىنى كۆرۈپتۇ،ئۇ مەندىن:
- مەن ئەمدى قانداق قىلاي؟-دەپ مەسلەھەت سورىدى.مەن ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماي:
- ئۆزۈڭ بىلىپ بىر ئىش قىل،-دېدىم.كېيىن ئۇ ئىككىسى ئايرىلىپ كەتتى.بىر كۈنى غېنى ماڭا:
- ئاغزىڭدىن چىقارمىغىنىڭ بىلەن ئەسلى سەن مەۋلۇدەنى ياخشى كۆرەتتىڭ،ئۇنىڭ بىلەن ئاپئاق –چاپاق بولۇپ يۈرگەن بالا سەن ئىدىڭ ئەسلى،مەن سەن ئۈچۈنلا ئۇنىڭدىن ئايرىلغان ئىدىم،بىزنى ئايرىۋېتىپ يا ئۆزۈڭ ئۇنىڭ بىلەن يۈرمىدىڭ،كېيىن پۇشايمان قىلىسەن بىزنى ئايرىۋەتكىنىڭگە،-دېدى.مەۋلۇدەمۇ ماڭا:
- سەنمۇ مېنى ياخشى كۆرەتتىڭ،شۇڭا غېنى بىلەن ئىككىمىزنى ئايرىۋەتتىڭ،كېيىن پۇشايمان قىلىسەن ،-دېدى.
- مەن باشقا گەپ قىلماي ‹‹ھە››لا دەپ قويدۇم.بىراق كۆڭلۈمدە مەۋلۇدەنىڭ داۋاملىق يېنىمدا بىللە بولىشىنى،ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭمىغان كۈنۈم كۆزلىرىمنى ئۇنى ئىستەيدىغانلىقىنى،ئۇنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلاتتى.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىنكى ئىككىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتى ئىدى،سىنىپ مۇدىرىمىز سىنىپنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ:
-دىليار،بۇ ياققا چىقە ،-دەپ چاقىردى.
‹‹نېمە قىلىدىغاندۇ مېنى ؟››دېگەن ئوي بىلەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ مۇئەللىمنىڭ قېشىغا باردىم.
-ئاپاڭنىڭ سەل مىجەزى يوق بولۇپ قاپتۇ،سومكاڭنى ئېلىپ ئۆيۈڭگە بارغىن،-دېدى مۇئەللىم.
-ئەتىگەندە ساق قالغانغۇ؟ئاپامغا نېمە بوپتۇ؟-دەپ كېتىپتىمەن جىددىيلەشكىنىمدىن مۇئەللىمگە.
-ئۆيۈڭگە بارغاندا بىلىسەن نېمە بولغانلىقىنى ،-دېدى مۇئەللىم كۆزىنى مېنىڭ ئۇنىڭغا تىكىلگەن كۆزۈمدىن قاچۇرۇپ.يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى،سومكامنى ئېلىپلا ئۆيگە قاراپ چاپتىم.
قورو ئالدىغا كېلىپ ھازىدار كىيىمى كىيىۋالغان كىشىلەرنىڭ كىرىپ –چىقىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ‹‹قورودا بىرەركىم تۈگەپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟كىم تۈگەپ كەتكەندۇ؟››دەپ ئويلۇدۇم كۆڭلۈمدە.قورو ئىچىگە كىرىپلا ئۆيگە قاراپ يۈگۈردۈم،ئىشىك ئوچۇق ئىدى،ئۆي ئىچى ئاق كىيىم كىيىۋالغان كىشىلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى، ئۇرۇق –تۇققانلارنىڭ يۆلىشى بىلەن ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان ئانام ئۈن سېلىپ يىغلاۋاتاتتى،باشقىلار ئانامغا سەبر تىلەۋاتاتتى.
-ئانا، نېمە بولدى ئانا؟-دەپلا ئانامغا ئېسىلدىم مەن.
-ئوغلىڭىز كەلدى مانا مۇرەببىم!ئوغلىڭىزنى تاشلاپ كەتتىڭىزغۇ مۇرەببىم!‹‹دادا››دېگەنلەرنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرسۇن دېدىڭىزمۇ مۇرەببىم،سىزگە جەننەت تىلەيمەن مۇرەببىم...-ئانام مېنى قۇچاقلاپ تېخىمۇ ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى،ئانامنىڭ يىغا ئارىلاش سۆزلىرىدىن دادامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم،يۈرىكىمنى بىرسى سۇغۇرىۋالغاندەك نەپسىم قىسىلىپ ،يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم.بوغۇزۇمدا بىر ئاچچىق يىغا قىسىلىپ تۇراتتى،بىراق ئاۋازىم چىقمايتتى.ھۇشۇمدىن كەتكەندەكلا بولۇپ قالدىم،بىر كەمدە ئېسىمنى تېپىپ ،مېنى يۆلەپ تۇرغانلارنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ :
-دادا،سىز قايەردە دادا؟!سىز ئۆلۈپ كەتمىدىڭىز ،دادا!...،دەپ ۋارقىرىغىنىمچە ئۆزۈمنى ئىچكىركى ئۆيگە ئاتتىم.
-ئۆزۈڭنى بېسىۋال ،ئوغلۇم..!داداڭ ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپتۇ،جەسىدىنى يولدا ئەكىلىۋاتىدۇ...!-دەپ ،مېنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇتىۋالدى ئانامنىڭ ئاچىسى پەرىدە ئاپام.
دادامنىڭ جەسىدىنى نامازشام بىلەن ئېلىپ كەلدى،مومام شۇ جايدىلا ھۇشىدىن كەتتى.ئۆي ئىچىنى يىغا –زارە قاپلىدى،باشقىلارنىڭ تۇتىۋېلىشىغىمۇ قارىماي ،دادامنىڭ جەسىدىگە ئۆزۈمنى ئېتىپ ھۆركىرەپ يىغلىدىم،يىغلاپ ئاۋازلىرىم بوغۇلۇپ كەتتى.ئاچام بىلەن ئىككىمىزنى دادامنىڭ جەسىدىدىن تەستە ئاجرىتىپ ،يەنە بىر ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى.كېچىسى دوختۇرخانىدىن مومامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرى كەلدى، مېيىت بامدات نامىزىغا ئۈلگۈرتۈپ ئەچىقىلدى، بىر كۈن ئىچىدە يىغا –زارە بىلەن ئىككى كىشىنى، دادام بىلەن مومامنى ئۇزاتتۇق، ئۆيىمىزنى چوڭ مۇسىبەت قاپلىغان ئىدى.دادام بىلەن مومامنىڭ ئۆلىمى بوۋامغا بەك تەسىر قىلدىمۇ ،ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.دېمىسىمۇ يۈرەك پارىسى بولغان ئوغلىدىن ۋە ئۆمۈر ھەمرىيىدىن بىر كۈن ئىچىدە ئايرىلىپ قېلىش ئەلۋەتتە ئېغىر كېلىدۇ –دە،بۇ ئۆلۈم بىزگىمۇ بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى،قايغۇ ئىچىدە نەزىر –چىراق ئىشلىرىنى ئۇزاتتۇق،ئۆيدىن بىر خىل سوغۇقچىلىق چىقىپ تۇرغاندەكلا بىلىنەتتى،دادام بىلەن مومام بىرەر ئۆيگە مۆكىۋالغاندەك ياكى سىرتتىن ‹‹بالام››دەپلا چاقىرىپ كىرىپ قالىدىغاندەك مەلۇم بولاتتى،ئۇ ئۆي – بۇ ئۆيلەرگە ئىختىيارسىزلا كىرىپ باقاتتىم،دېرىزىدىن سىرتقا بويۇنداپ قاراپ باقاتتىم.يۈرىكىمنى ئېغىر بىرنەرسە قاماللىۋالغاندەكلا ئىدى.
كەتكەننىڭ كەينىدىن تەڭ كەتكىلى بولمايدىكەن،تىرىكلەر يەنە ياشىىشى كېرەككەن،بوۋاممۇ بىرەر ئايغا يېقىن دوختۇرخانىدا يېتىپ چىقتى.ئۇنىڭغا قارىسام ئىچىم سېيرىلىپ كېتەتتى.بوۋام باشقىچىلا قېرىپ كەتكەندەك مۈكچىيىپلا قالغان ئىدى.ئېلىڭ-سېلىڭلا يۈرەتتى،ھەممىمىزنى روھى چۈشۈپ كەتكەن ئىدى،سىنىپتا ئولتۇرساممۇ دادام بىلەن مومام ئېسىمگە كېلىۋالاتتى،كاللامغا دەرس چۈشمەيتتى.دادام تۇيۇقسىز كېلىدىغاندەك پات –پات سىنىپنىڭ ئىشىكىدىن بويۇنداپ قاراپ قوياتتىم.ئون ئالتە ياشقا ئەمدىلا قەدەم باسقان،ھەممە نېمەم تەل،ھېچنىمىدىن قىسلىچىقىم يوق،پۈتۈن دۇنيا ماڭا كۈلۈپ باققان،قۇياش نۇرى مەن ئۈچۈنلا يورۇغان،ئۆينىڭ ئەتىۋارلىقى،كۆز مۇنچىقى بولۇپ ياشاۋاتقان ، مۇھتاجلىق ،غەم –قايغۇ ،خارۇ –زارلىق نېمىلىكىنى بىلمەي،بەخت قوينىدا ئەلەڭلەپ ئۆتكەن غەمسىز چاغلىرىمدا ئۆيىمىزنىڭ تۈۋرىكى،ئانامنىڭ ئۆمۈر ھەمرىيى ،ئاچام ئىككىمىزنىڭ تاغدەك يۆلەنچۈكى،بوۋامنىڭ يۈرەك پارىسى دادامدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدىم.
بۇنداق بولىشىنى،دادامنىڭ بىزدىن بۇنداق تۇيۇقسىز ئايرىلىپ كېتىشى ئۇخلىسام چۈشۈمگىمۇ كىرمەيتتى،تالاي كۈن –تۈنلەرنى ئۇلاپ ،جاپالىق ئىشلەپ تاپقان مال –دۇنيالىرى،قوتانلاردىكى مال –چارۋىلىرى،نەچچە يەردىكى ئۆي –زىمىن،دۇكانلىرى،نەچچە مىليون پۇللىرى دادامنىڭ جېنىغا ئارا تۇرالمىغان ئىدى، دادام ماشىنىغا قويلارنى بېسىپ بولۇپ،ئالدىدا ماڭدۇرىۋېتىپ،ئارقىسىدىن ئۆزىمىزنىڭ ماشىنىسىدا كېلىۋاتقاندا ،ماشىنا ئۆرۈلۈپ كېتىپ ئۈچ ئادەمدىن ئىككىسى ئېغىر يارىلىنىپ ،دادامنى ئەجەل سۆرەپ كەتكەن ئىدى. دادام...!ھەر قېتىم مالدىن كەلسە ئالدىغا يۈگىرەپ چىقىپ ،ئانامنىڭ ‹‹چوپ –چوڭ بولۇپ قالغاندىمۇ كىچىك بالىلارنىڭ قىلىقىنى قىلىپ ئەركىلەپ ئېسىلىپ يۈرسەڭ سەت تۇرمامدۇ؟سىزمۇ ئوغلىڭىز بىلەن تەڭ كىچىك بالا بوپ كېتىسىزغۇ ھەر قېتىم مالدىن كەلسىڭىز...››دەپ ۋايساشلىرىغا قارىماي، بوينىغا ئېسىلىپ سۆيۈپ –قۇچاقلاپ كېتىدىغان،‹‹پۇلۇم بار...››دېگىنىمگىمۇ ئۇنىماي،‹‹ئوغۇل بالىنىڭ يېنىدا پۇل جىق بولسا كۆڭلى توق تۇرىدۇ،يامان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالمايدۇ››دەپ يېنىمغا نەچچە يۈز يۈئەنلەپ پۇل سېپ قويىدىغان ،‹‹مېنىڭ ئىزىمنى باسىدۇ بۇ ئەركەك ئوغلۇم...››دەپ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان،ئۇرۇق-تۇققان،دوست –بۇرادەرلىرىگە قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىدىغان،نامرات –ئاجىز،يېتم-يېسىرلارغا خەير –ساخاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان،ھەممە كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان،شۇ مەرت ،كۆڭلى –كۆكسى دەرياچە كەڭرى،ھاتەمدەك سېخى ،تىرىشچان،ئىشچان دادام پۈتۈن تاپقان –تەرگەنلىرىنى قالدۇرۇپ ،قارا تۇپراققا كىرىپ كەتكەن ئىدى،ئىنسان دېگەن شۇنداق بولىدىكەن،تىرىلىكىدە بۇ دۇنيانىڭ مەشىئەتلىرى ئۈچۈن جېنىنىڭ بېرىچە تىرىشىپ –تىرمىشىپ مال –دۇنيا توپلايدىكەن،ئۆلۈپ كەتكەندە بولسا ئىككى مېتىر يەرگە كۆمۈلۈپ كېتىدىكەن،‹‹ئىنسان بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كېلىپ ،يالىڭاچ كېتىدۇ››دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى دادام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن بارا –بارا چۈشىنىشكە باشلىدىم.‹‹ كىشىلەرنىڭ لەنەت نەپرىتىگە ئۇچراپ كەتكەن، شۇنداق ئەسكى ،بۇ دۇنيادا ياشاش لايىقىتى يوق كىشىلەر ساق قېلىپ ،نېمىشقا مېنىڭ ئالتۇنغا بەرگۈسىز دادام تۈگەپ كېتىدۇ؟..››دېگەننى ئويلايتتىم،جان دېگەن بىر ئامانەتكەن،ۋاقتى –سائىتى كەلگەندە اللەھ ئامانىتىنى ئېلىپ كېتىدىكەن،ئىنسان بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولغانكەن،ئەجىلى يەتكەندە ئۇ دۇنياغا كېتىدىغان گەپكەن،پەقەت ئىلگىرى –كېيىنلىك تەرتىبى ئوخشىمايدىكەن خالاس.ھەممە كىشىنىڭ بارار جايى شۇ قارا تۇپراق ئىكەن،
دادام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئانام ئاشخانىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزىۋېتىپ ،كېسەلچان بولۇپ قالغان بوۋامنىڭ ۋە بىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالدى.مال –چارۋىلارنى يۆتكەيدىغان ئىشلارنى دادامنىڭ ئىنىسى بىلەن ئاپامنىڭ ئىنىسى ئۆز قولىغا ئالدى،(دادام ئۈچ ئوغۇل بولۇپ،بالىلارنىڭ چوڭى ئىدى،دادام بىر ئاغىينىسى بىلەن شېرىكىلىشىپ ، مال –چارۋا سودىسى بىلەن شۇغۇللىناتتى،يېزىدا بىرنەچچە قوتان مال –چارۋىلىرىمىز ،ئىجارىگە بېرىلگەن نەچچە يۈز مو چامىسىدا كېلىدىغان يېرىمىز بار بولۇپ،مەخسۇس ياللىۋالغان ئادەملىرىمىز بۇ مال –چارۋىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.ماللىرىمىزنى توپ سويۇپ تارقىتىش ئورنىغا ئۆتكۈزۈپ سېتىپ چىقىرىشقا ، دادامنىڭ كىچىك ئىنىسى مەسئۇل ئىدى.ئانام ئاچىسى بىلەن ئاشخانا ئاچاتتى،گەرچە دادام –ئاناملارنىڭ جاپاسى جىق بولسىمۇ ،بىراق ئائىلە كىرىمىمىز ناھايىتى ياخشى بولۇپ بىر بىنا ئۆيىمىز ،ئىككى دۇكىنىمىز ئىجارىگە قويۇقلۇق ئىدى .بوۋامنىڭمۇ قول –ئىلكىدە بار كىشى ئىدى. )
دادامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن دەرسلەردە كۆرۈنەرلىك چېكىنىپ كەتتىم،ئۆگىنىش قىلىش پەقەتلا خوش ياقمايتتى، ساۋاقداشلىرىمنىڭ پاراڭلىرىغىمۇ جىق ئارىلاشماس،پاراڭ خالىماس بولۇپ قالغان ئىدىم، ئولتۇرغان يېرىمدە سائەت –سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم،خىيالىمدا دادامنىڭ سىيماسى لەيلەپ يۈرەتتى،تۇرۇپ –تۇرۇپلا قاتتىق يىغا باساتتى،بېشىمنى پارتىغا قويۇۋېلىپ ئۈنسىز يىغلىۋالاتتىم،ساۋاقداشلىرىممۇ مېنىڭ ئەھۋالىمنى چۈشەنگەچكە مەن بار جايدا كۈلۈشۈپ ،چاخچاق قىلىشتىن،دادىلىرى توغرۇلۇق گەپ ئېچىشتىن ئېھتىيات قىلاتتى.مېنىڭ ئەھۋالىم مۇئەللىمنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسا كېرەك،بىر كۈنى مېنى ئىشخانىسىغا چاقىردى.
-ئائىلەڭدىكىلەر قانداراق تۇرىۋاتىدۇ؟ئۆزۈڭچۇ؟قارىسام بەكلا روھىڭ چۈشۈپ كەتكەندەك تۇرىدۇ...-دېدى مۇئەللىم.ئۇنىڭ سۆزى ئاياقلاشمايلا كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار قۇيۇلۇپ ھېقىقداپ يىغلاشقا باشلىدىم.
-يىغلىۋال بالام،قانغۇدەك يىغلىۋال،شۇنداق قىلساڭ ئىچىڭ بوشاپ يېنىكلەپ قالىسەن،- دېدى مۇئەللىم بېشىمنى سىيلاپ،بىر ھازا يىغلىۋېلىپ ئۆزۈمنى يىغىدىن توختاتتىم.
-ئەمدى سەل ياخشى بولۇپ قالدىڭمۇ بالام،-دېدى مۇئەللىم مېھرىبانلىق بىلەن.مەن ‹‹ھەئە››دېگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم.
-ماڭا قارا ئوغلۇم،ئەجەل دېگەن ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار،ئىنسان پىشانىگە پۈتكەننى كۆرمەي ئامال يوق،ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ،تىرىكلەر يەنە ياشىشىمىز كېرەك،بۇنداق ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتسەڭ داداڭنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمامدۇ؟ئۇنىڭغا قانداق يۈز كېلەلەيسەن ؟داداڭ رەھمىتى ھايات ۋاقتىدا سېنىڭ ياخشى ئوقۇپ،كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلاتتى،ئۇنىڭ شۇنداق جاپالارنى تارتىشى دەل سىلەر ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟داداڭنىڭ روھىنى خوش قىلاي دېسەڭ قەددىڭنى رۇسلا،ئوغۇل بالا دېگەننىڭ بېشىغا نى ئىشلار كېلىدۇ،ئۆزۈڭنى بۇنداق تاشلىۋەتمە....،-دەپ بىرمۇنچە تەربىيەلەرنى قىلدى.ساۋاقداشلىرىمنىڭ،دوستلۇرۇمنىڭ، مۇئەللىملەرنىڭ كۆيۈنىشى،كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن بارا –بارا روھىي –كەيپىياتىم تەڭشىلىپ ئەسلىمگە كېلىشكە باشلىدىم.
كۈنلەر بىر –بىرىنى قوغلۇشۇپ ئۆتىۋەردى،قۇياش شەرقتىن چىقىپ غەرىپكە پېتىۋەردى،مەنمۇ يەيدىغىنىمنى يەپ ياشاپ كېتىۋەردىم.
بوۋام دادام بىلەن مومامنىڭ ئىچ كۆيۈكىنى بەك تارتىپ كەتتىمۇ،كېسىلىدىن تازا ياخشى بولالماي،بىر كۈنى كېچىسى تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغۇلۇپ ،دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردۇق،نۆۋەتچى دوختۇر –سېستىرالار بوۋامنى ھارۋىغا سېلىپ كۈزىتىش ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتى،شۇ ئەكىركەتنىچە ئاپارغان تاماقلىرىمىزنىمۇ ئالماي،‹‹كېسىلى ئېغىر،جىددىي قۇتقۇزىۋاتىمىز››دېگەن گەپ بىلەن يەتتە كۈنگىچە بىزنىمۇ كۆرۈشتۈرمەي،ئاخىرى ئەتىگەن سەھەردە ‹‹ئامال قىلالمىدۇ،تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭلار››دەپ كەچ بولغاندا جەسىدىنى ئەچىقىپ بەردى،يىغلا –قاخشا مېيىتنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدۇق.سەل بىر ئەسلىمگە كەلگەندەك بولىۋىدىم ،بىر يىل ئىچىدى ئارقا –ئارقىدىن كەلگەن بۇ مۇسىبەتلەر ماڭا راستىنلا ئېغىر كەلدى، بۇ دۇنيادا بىرمۇ يېقىنىم قالمىغاندەكلا بەكلا تۈگىشىپ كەتتىم،ئانام،ئاچام ،ئۇرۇق-تۇققانلار يىغا –زارە قىلىشاتتۇق،يەنە بىر –بىرىمىزگە تەسەللىي بېرىشەتتۇق.مۇئەللىمنىڭ،ساۋاقداشلىرىمنىڭ،دوستلۇرۇمنىڭ تەسەللىيلىرى،كۆيۈنۈشلىرى ماڭا مەدەت بولىۋاتاتتى.
تولۇق ئوتتۇرىغا ئاران دېگۈدەك چىقىۋالدىم.ئۆزۈمنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاپ تۇرمىسام،چېكىنىپ كېتىشىم مۇقەررەر ئىدى.ئۆگىنىشىم ئوتتۇرىھال كېتىپ باراتتى.ئاچام ئالىي مەكتەپكە كەتتى،ئۆيدە ئانام بىلەن ئىككىمىز قالدۇق،ئانام ئاشخانىنى شۇ ئۆتكۈزىۋەتكەن پېتى، ئاچىسى بىلەن بىرلىشىپ رەخت دۇكىنى ئېچىۋالدى.ئەمدى ‹‹نەدە تۇردۇڭ؟نېمە كۆردۈڭ ؟...››دەپ سۈرۈشتە قىلىدىغان دادام،ماڭغان –تۇرغان يەرلىرىمنى دوكلات قىلىپ تۇرىدىغان بوۋام،موماملار يوق ئىدى،ئانام بۇرۇندىنلا ئالدىراش يۈرگەچكە ،پەقەت مېنىڭ ئىش تېرىپ بەرمەي يۈرگىنىمىلا خوش ئىدى، خەجلەشلىرىمگە دۆڭ –دۆڭ پۇللارنى بېرىپ تۇراتتى.پۇل خەجلەپ ئوينۇتۇشلىرىمغا خۇشتار بولۇپ ،كەينىمدە يۈرىيدىغان قىز –ئوغۇل دوستلۇرۇم بۇرۇنقىدىنمۇ بەكراق ئاۋۇپ.قىزلارنىڭ تەلەپ قويۇشلىرىمۇ ئىلگىركىدىن كۆپەيدى.مەكتەپتىكىدىن سىرتتىكى ئويۇنلارغا بەكراق مەھلىيا بولۇپ،ئىچ پۇشۇقۇمنى باسماقچى بولىۋاتاتتىم.
داۋامى بار...
مەنبە :ئۆز ئىجادىيىتىم
ئەسكەرتىش:بۇ ئەسەر مىسرانىم تورىغا تەۋە،ھەرقانداق تور بەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرىغا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-21 10:27 PM