پەزىلەت ئىگىلىرىدىكى سۈپەتلەر
1.ئۇچرىغان كىشىگە ئاۋۋال سالام بەجا كەلتۈردۇ؛
2.ئۆزىنى كەمتەر تۇتۇپ، تېگىشلىك بولمىغان گەپنى قىلمايدۇ؛
3.ئۆز ئىگدارچىلىقىدىكى مال-ۋارانغا ئۆز قولى بىلەن يەم-خەشەك بېرىدۇ.«كىشى قولىدا قۇش تويماس»دېگەن تەمسىل بىكار چىقمىغان؛
4.ھويلا-ئاراملىرىنىڭ تازلىقىنى ئۆزى قىلىدۇ،ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ؛
5.بىراۋبەرگەن ئاش-تائام، سوۋغا-سالامدىن ئەيىب ئىزدىمەيدۇ؛
6.تەمكىن، ئېغىر بېسىق-مۇلايىم بولىدۇ؛
7.ئايالىنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ؛
8.قشنىلىرى ۋە خىزمەتداش،تونۇش-بىلىشلىرى بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتىدۇ،ئۇرۇش-تالاش،تىللىشىشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ؛
9.تۇرمۇشتا ھەشەمەتچىلىك،ئىسراپخورلۇق قىلمايدۇ؛
10.كىشىلەرگە سەمىمىي،خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىدۇ؛
11.غېرىب-مىسكىنلەرگە خەير-ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇمايدۇ؛
12.كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئىنساپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ،تەمەگەرلىكتىن نېرى تۇرىدۇ؛
13.باشقىلارنىڭ ئامىتىگە كۆز قىزارتمايدۇ،ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدۇ؛
14.خالىسانىلىكىنى ئەلا بىلىدۇ،«خىزمەت قىلدىڭ خوپ قىلدىڭ،مىننەت قىلدىڭ ھېچ قىلدىڭ»نى ئېسىدە تۇتىدۇ؛
15.ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارنى كەمسىتمەيدۇ؛
16.موھتاجلارغا قولىدىن كەلگەن ياردىمىنى ئايىمايدۇ؛
17.ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشنى كىشىلىك مۇناسىۋەت مىزانى قىلىدۇ؛
18.ئىلىم ئەھلىلىرىنى،ئۇستازىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئەزىز كۆرىدۇ؛
19.شان-شەرەپنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈش روھى بىلەن جاپادا ئالدىدا،راھەت-پاراغەتتە كەينىدە تۇرىدۇ؛
20.شەرم-ھايانى ئادىمىيلىكنىڭ لىباسى قىلىدۇ؛
21.ئۆزدىن چوڭلار بىلەن گەپ تالاشمايدۇ،باشقىلارنىڭ پاراڭلىرىغا «لوقما»سالمايدۇ، «ساقال» تارىمايدۇ.
مەنبە:«كىشىلىك ئەدەپ-قائىدىلىرىدىن تەرمىلەر» دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى.
مۇنبەرگە يوللىغۇچى : ھەممىمىز يولدا
2014-يىل9-ئاينىڭ 21-كۈنى