مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11977|ئىنكاس: 132

روھ مەڭگۈلۈك مەۋجۈتلۇقمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108475
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 645
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-7-16
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 04:08:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  روھ دىگەن نىمە؟
   ئىلاھىيەتشۇناسلار ۋە پەيلاسوپلار ئۇزۇندىن بۇيان بۇ قىيىن مەسىلە ئۈستىدە ئىزچىل تۈردە بەس مۇنازىرە قىلىپ كەلدى. ھازىرقى دەۋرىمىزدە بولسا روھ توغرىسىدىكى تەتقىقاتمۇ ئىلىم پەننىڭ تەتقىقات دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. پىسخولوگىيە، چوڭ مىڭە تەتقىقاتى ، سۈنئى ئەقلى ئىقتىدار تەتقىقاتى قاتارلىقلار روھنى تەتقىق قىلماقتا .
   كىتاپلاردا روھ دىگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى : نەرسىلەرگە ھايات ئاتا قىلىش ، ھاياتلىق، نەپەس ئېلىش دەپ  بايان قىلىنغان.
    روھ تولىمۇ سىرلىق ، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ بىۋاستە بولغىنى شۇكى  روھ ئىنساننىڭ چوڭ مىڭىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇنداقتا چوڭ مىڭە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا روھ يەنىلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرالامدۇ؟  مېنىڭچە روھنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئاخىرقى مەخسەتلىرىنىڭ بىرى «تەن ئۆلگەندىن كىيىن روھ يەنە ھايات تۇرالامدۇ؟» دىگەن مەسىلىدىن ئىبارەت بولسا كېرەك.
      ماددى دۇنيا بىلەن روھى دۇنيانىڭ پەرقى بولسا ، ماددى دۇنيا ماددىلاردىن تەركىپ تاپقان ، روھى دۇنياغا تولۇپ تۇرغىنى بولسا ئىدىيەدۇر، ئىدىيەنىڭ خۇددى ماددىغا ئوخشاش بوشلۇقتا ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىغىنى ئىسپاتلىغىلى بولامدۇ؟ ، ئۇنى كىشىلەر خۇددى ماددىلارنى كۈزەتكەندەك كۈزىتەلەمدۇ؟. (بەزى كىشىلەر، چوڭ مىڭە چىلغوزا تەنچىسى روھ تۇرۇشلۇق جاي دىگەن قاراشنى قوللايدۇ). مەيلى چوڭ مىڭە ئوپىراتسىيىسى بولسۇن ۋە باشقا تەجرىبىلەر بولسۇن  ھىچقايسىسى روھنى تېپىپ چىقالىغىنى يوق.
   ئەپلاتون ۋە دىكارتلار  روھنى ماھىيەت جەھەتتىن تەندىن ئايرىغىلى بولىدىغان يەنە بىر خىل ماددا دەپ قارىغان. ئەپلاتۇن تەن تۈرمە روھ ئۇنىڭدىكى مەھبۇس دىگەنىكەن، بۇنىڭدىن ئادەم روھ ۋە تەندىن ئىبارەت ئىككى ئايرىم مەۋجۈتلۈقتىن تۈزۈلگەن دەپ چۈشىنىمىز. ئارستوتىلنىڭ قارىشىچە ئادەم روھ بىلەن تەننىڭ بىرىكمىسى. ئۇ،  تەن بىلەن روھنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماددا بىلەن شەكىلنىڭ بىرلىكى دەپ قارىغان ، خۇددى ساپالنىڭ لېيى بىلەن شەكىلنىڭ بىرلىكىدەك، شەكىل لاينى مۇئەييەن شەكىلگە كەلتۈرىدۇ، روھ جانلىقلارنى ئادەم، ھايۋان، ئلۆسۈملۈكلەرگە ئايلاندۇرىدۇ.  يىقىنقى زاماندىكى بەزى پىسخولۇگلار بولسا روھنى تەرك ئەتكەن. ئۇلار روھ ئۇقۇمىنىڭ پىسخىك جەريانلارنى چۈشەندۈرۈشتە ھىچبىر رولى يوقلۇغىنى ئوتتورغا قويغان.

   دىنى ئەقىدىلەردە مۇنداق قارايدۇ، ئادەم ئوخشىمىغان ئىككى نەرسىدىن تەركىپ تاپقان، ئۇ تەن ۋە روھ(جان).  تەن بولسا روھنىڭ قاچىسى، قەپىزى ،يەنى تەن بولسا روھنىڭ تۈرمىسى، تەن ئۆلگەندە روھ بۇ تۈرمىدىن چىقىدۇ. بۇ بىر خىل  ئىككى مەنبەچىلىك قارىشى بولۇپ روھمۇ بىر ئەمىلى مەۋجۈت بولغان مەۋجۈتلۇق بولۇپ ، ئۇنىڭ ئادەم تېنىنىڭ مەلۈم بىر جايىدا تۇرۇشلۇق ئورنى بار دىگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇ خىل ئىككى مەنبەچىلىك قارىشىنى دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشى دىكارت بولۇپ ،ئىككى مەنبەچىلىك قارىشى خىرىستىيان ئەقىدىلىرىگە ، ئىدىيىلىرىگە كەڭرى قۇبۇل قىلىنغان.  دىمەك تەندىن ئايرىلغان روھ جەننەتكە كىرىدۇ دەپ قارىساق مۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كىلىمىز ، بىر كىشى بۇ ئالەمدە ياشاۋاتقاندا ئۇنىڭ روھى بىر تۇرىدىغان جايغا ئىگە بولىدىكەن،ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن روھنىڭ تۇرىدىغان جايى يەنە باشقا بىر جايدا بولىدىكەن ، بۇنداق بولغاندا روھ چوقۇم مەلۈم شەكىل ياكى تۈزۈلۈشكە ئىگە ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ شەكلى قانداق؟ ئۇ قانچىلىك چوڭلۇقتا؟ ئۇ قەيەردە؟ قانداق ھەركەت قىلىدۇ؟ ياكى روھ بىز چۈشىنەلمەيدىغان تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى مەلۈم بىر بوشلۇقتا تۇرامدۇ؟  دىمەك روھتىن ئىبارەت  پۈتۈنلەي ئىدىيىدىن تەشكىل تاپقان بۇ غەيرى ماددىي نەرسىگە نىسبەتەن بۇ سۇئاللار ماس كەلمەسلىكى مۈمكىن ، ياكى

    پەيلاسوپلار ئىككى مەنبەچىلىك نەزەرىيىسىنى تۈرلۈك شەكىلدە مۇلاھىزە قىلىشتى، ئالايلۇق، ماتىريالىزمچىلار روھنىڭ ھالىتى ۋە رولىنى باشقا نەرسە ئەمەس دەل ماددىنىڭ ھالىتى ۋە رولى دەپ چۈشەندۇرگەن ،  ئىنساننىڭ خۇلق مىجەز ۋە باشقا ئاڭ پائالىيەتلىرىنى پەقەت فىزولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرگىلا تاقاپ ئىنساننى مىخانىك ھالەتتە سىرتقى تەسىرگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن. ئىدىيالىزىمچىلار بولسا ماددى دۇنيا مەۋجۈت ئەمەس، بارلىق نەرسە سەزگۈدىن ئىبارەت دەپ قارىغان .
      بەزى ئالىملار ئىككى مەنبەچىلىك نەزەرىيىلىرىنى تەنقىدلىگەن، ئامرىكىلىق پاۋل داۋىس ئۆزىنىڭ «روھ ۋە جان » ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ  :  ئىككى مەنبەچىلىك نەزەرىيىلىرىنىڭ خاتالىغى ،  ئۇنىڭ ئەمىلى بىر گەۋدىدىن(روھ)تىن  پايدىلىنىپ بىر خىل ئوبىيكتنى ئەمەس بەلكى بىر خىل ئابىستىراكت ئۇقۇمنى  چۈشەندۈرمەكچى بولغانلىغىدا.  بىر ئۇقۇمنىڭ ئەمەلىي گەۋدە ئەمەس ، بەلكى  ئابىستىراكت بولىشى بۇ ئۇقۇمنى ھەقىقى ئەمەس ، خىيالىي نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويمايدۇ.  بىر ئادەمنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ھەم ئۆلچىگىلى بولمايدۇ ھەم جىڭلىغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۇ شۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدە بىر ئورۇننى ئىگىلىمەيدۇ، ئەمما دۆلەت تەۋەلىكىنىڭ مەنىسى بولىدۇ، ئۇ شۇ ئادەمنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھىسابلىنىدۇ. بەختكە قارشى دۆلەت تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر بۇ نۇقتىنى ھەممىدىن بەكرەك چۈشىنىدۇ. ئىككى مەنبەچىلىك قارىشىنىڭ تۈپ خاتالىغى تەن بىلەن روھنى تەڭگە پۇلنىڭ ئوڭ،سول يۈزىگە ئوخشاش دەپ قارىغانلىقىدىن ئىبارەت، ئەمما بۇ ئىككىسى(روھ ۋە تەن) ئەمەلىيەتتە تامامەن ئوخشاش بولمىغان كاتىگورىيىگە مەنسۇپ . روھ بىلەن تەننىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدىكى بارلىق قالايمىقانچىلىق ۋە زىددىيەتلەر رىلېنىڭ نەزىرىدە بۇ بىر خىل كاتېگورىيىنى خاتا ئايرىشتىن كېلىپ چىققان ، رىلى  مۇنداق دەيدۇ:
   بىر خىل مەنتىقە بويىچە ئىيتقاندا روھ مەۋجۈت؛ يەنە  بىر خىل  مەنتىقە بويىچە ئىيتقاندا ،  تەن مەۋجۈت؛ بۇ ئىككى خىل قاراش تامامەن توغرا. لېكىن، بۇ ئىككى خىل قاراش ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مەۋجۈدىيەتنى كۆرسەتمەيدۇ.
   «تاش مەۋجۈت» دىيىش بىلەن «چارشەنبە مەۋجۈت» دىيىش ئوخشاشلا  توغرا . لېكىن تاش بىلەن چارشەنبىنى قاتار تىزىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. بىز ئالدىنقى باپتا روھ بىلەن تەننىڭ مۇناسىۋىتى چۈمۈلىلەر توپى بىلەن ئايرىم بىر دانە چۈمۈلىنىڭ مۇناسىۋىتىگە  ياكى بىر روماننىڭ تەپسىلاتى بىلەن  ھەرپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدىغانلىقىنى  ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق.  روھ بىلەن تەن ئىككى مەنبەچىلىك شەيئىنىڭ ئىككى بۆلىكى ئەمەس، بەلكى دەرىجە ئايرىپ تەسۋىرلەشتىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى قاتلامدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۇقۇمدىن ئىبارەت.
كىشىلەر ھەر قانداق سىرلىق ئەمەلىي گەۋدە ياكى تەركىب سىرتتىن قوشۇلمىغان ئەھۋالدا، ئابىستىراكت، يۇقىرى دەرىجىلىك قاتلامدىكى ئۇقۇم، ئۇنىڭ ئاساسىي ھىسابلىنىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك قاتلامدىكى تۈزۈلۈشىكە ئوخشاشلا ھەقىقىي بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتسىلا، ئۇ ھالدا ، ئىككى مەنبەچىلىك نەزەرىيىسىنىڭ نۇرغۇن كونا مەسىلىلىرى تېز ۋە ئوڭاي ھەل بولىدۇ. ماددىنىڭ جانلىق ماددىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن ھاياتىي كۈچ قوشۇشنىڭ ھاجىتى يوق بولغىنىغا ئوخشاشلا، ماددىنىڭ ئاڭغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن روھنىڭ بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
   يۇقۇرقىلار بولسا پاۋل داۋىسنىڭ سۆزلىرى ،  بەلكىم بۇمۇ بىر خىل روھ توغرىسىدىكى يەنە بىر خىل چۈشەندۈرۈش بولىشى مۈمكىن .
    ئەلۋەتتە كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ ئەبەدىي ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىغىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.  مەۋجۈدىيەتنىڭ يارىلىشى بىلەن ئىدراكنىڭ يارىلىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە مەنا   روھنىڭ مەڭگۈلۈك بولىدىغانلىقىغا مەلۈم تەبىر بېرەلەمدۇ؟ روھ مەڭگۈلۈك مەۋجۈتلۇقمۇ؟
    بەلكىم ئىلىم پەن ساھەسىدە روھ توغرىسىدا يېڭى بايقاشلار، ئىلگىرلەشلەر بارلىققا كەلگەندۇ. بۇ  يازمىنى يېزىشتىن مەخسەت ،  بىلىملىك مۇسۇلمان تورداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدە بىلىدىغانلىرى بولسا ئوتتورىغا قويسا كۆپچىلىك تورداشلار ئىسىل بىلىملەردىن ئورتاق بەھىرلەنسەك . دىنىمىزنىڭ روھ مەۋجۈدىيەت توغرىسىدىكى قاراشلىرىدىن ھەممىمىز بىلىم ئالساق.



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kapitan2 + 50 ياخشى تىما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

نېمىلەرنى ئويلا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7925
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11214
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 5455 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 12:58:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەن،مەن پەقەت ياندا ئولتۇرۇپ تەلىم ئالسام بولغۇدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 01:05:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى ئۇيغۇر قىرىنداشلار،بۇ بىر مۇسۇلمان ئەمەس پىتنىخور،ھەرخىل ئىسىمدا كىرىپ توردا پىتنە تارقىتىدۇ،يا بۇندا مەلئۇننى تۇتۇپ سولىمايدىكەن،بۇنىڭ گەپلىرى بەك دەبدەبىلىك!قۇرۇق يوغان نەزىريەدىن چۈشىدۇ!
روھنىڭ ماھىيىتىنى پەقەت ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ!ھازىرقى تىخنىكىدا ئاللىقانداق ئۇلتىرا بىنەپشەنۇر ،ئىنفىرا قىزىلنۇر ،يادرو ماگنىت رىزونانىسى ئارقلىىق بايقاشلارنىڭ تولىسى پەرەز!
ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىلارمۇ ئالاھىدە مەسلىھەتلىشىپ سورىغان ئۈچ سۇئالنىڭ بىرى 《روھنىڭ ماھىيتى》ئىدى،
روھنىڭ شەكلى مەۋجۇتلۇق ھالىتى يۆتكىلىشىنى پەقەت ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە ئۆزىلا بىلىدۇ،
شۇڭا ئاتالمىش ئىلمىي مۇنازىرە دەپ يىزىلغان ئۇشبۇ يازما چوڭ پىتنە،روھ توغرىسىدا سورالغان سۇئاللارغا دۇنياغا داڭلىق ھەرقاندا پەننى(مەيلى خوۋكىڭ دەك نەزىريە فىزىكىچى ياكى كۇۋانتىم فىزىكىچى بولسۇن ) ياكى دىنىي(مۇسۇلمان ،خىرىستىئان،يەھۇدى) ئالىم ئالدىراپ جاۋاب بەرمەيدۇ،
شۇڭا سىلەرنىڭ زورۇقماسلىقىڭلارنى،مۇناپىق ،مۇرتەدلەرنىڭ قىلتىقىغا چۈشمەي ،پەقەرت ئۆتۈپ كىتىشىڭلارنى ئۈمىد قلىمەن، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوقۇغىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-21 01:29 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
qiqakkiz + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
asma0996 + 33 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 43   باھا خاتىرىسى

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12414
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32477
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4473 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 01:14:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باغداشتا ئوننەچچە بەتلىك  تىل-ھاقارەت جېڭىگە سەۋەبچى بولغان بۇ تېمىڭىزنى مىسرانىمغىمۇ يوللاپسىز-دە.....

باغداشتا ئۇ تېمىڭىزنى تاپالمىدىم،قارىغاندا ئۆچۈرۈلگەن ئوخشايدۇ.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1596
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 01:19:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇھنى تەن ۋەجان دىيشكە بۇلمايدۇ، مەخلۇقاتنىڭ جىنى رۇھ بۇلىدۇ دىيىشكە تىخىمۇ بۇلمايدۇ، رۇھ تەن ۋە جاندىن باشقا ئايرىم بىر ئۇقۇم دەپ قارايمەن، تەن ۋە جان ھاياللىق ئالىمىدىكى مەۋجۇداتلارغا ئۇرتاق بار نەرسە،
ئىنسان بىلەن ھايۋاناتلارنى سىلىشتۇرساقمۇ، تەن ۋە جان ھەر ئىككىلىسىىدە بار، ئىبنساندا بار ھاياتلىق ھۇجەيرىلىرى ھايۋانلاردىممۇ تۇلۇق بار، لىكىن ھايۋانلاردا ئىرادە يۇق، ھۇكۇم قىلىش يۇق، تەپەككۇر يۇق، شۇڭا ھايۋاناتلارغا ئاخىرەتتە سۇئال سۇراق يۇق، ئەمما يۇقارقىلار ئىنسانلاردا بار، تۇغراخاتانى پەرىقەندۇرەلەيدىغان، ياخشى ياماننى تاللايالايدىغان ئئىقىتىدار پەقەت ئىنسانلارغىلا ئاتا قىلىىنغان، مانا بۇ بىزلەرگە قىلىنغان نىھمەت يەنى رۇھ،،،!
يەنە بىر گەپ نامسىز يۇلداش! ما تىمىلىرى باغداشتا نۇرغۇن تالاش تاارتىشقا سەۋەپ بۇلۇپ ئاخىرى ئۇچۇرۇلگەنكەن، ئەمدى مىسرانىمغا يۇللاپتىلا،!!
ھەم سىلى ئىسلامدا ئەمەس باشقا يۇلدىكى دىن تەرغىباتچى لىقلىرىنى ئاشكارللاپ بۇلغانكەنلا، شۇڭا مۇنازىرە داۋامىدا دۇنيا ئەھلى مۇسۇلمان دەپ دەپ قاارايدىغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىتىقادىغا ھۇرمەتسىزىلىك قىلمىغان ھەم باغداشتىكى جاھىىللىقلىرىنى تاشلاپ ئىلمى يۇسۇندا، ئۇز ئارا ھۇرمەت قىلىغان ئاساستا مۇنازىرە قىلشىقايلا!

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101952
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1043
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 01:26:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاپ: ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي سۈكۈتتە تۇرۇش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101952
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1043
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 01:27:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپچىلىك ئىنكاس يازغانسىرى شۇنچە بازارلىق بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا جىملا تۇرۇۋېلىش كېرەك.

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6772
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1870 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 02:04:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئىست...   ...      تۇز    قېرىندىشىم نىمە دەپمۇ تەستىقلغانسىز  بۇ ..... تېمىنى.....

    سۈكۈت.....................    ھەپتە بولدى   باغداشنىڭ   پارازىتلىرى  مىسرانىمغا كىرۋالغىلى .....  

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104918
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 922
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 184 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 02:51:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس يازساڭلار يېزىڭلار يازمىساڭلار ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىڭلار . مۇنازىرە قىلماقچى بولساڭلار ئىلمى مۇنازىرە قىلىڭلار ،ھەرقانداق بىر تېما ئىگىسىنى ھاقارەت قىلماڭلار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1241
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 03:09:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىنىمىز روھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتراپ قىلىدۇ، شۇنداقكەن ئۇشبۇ تىمىنى يەنە ئوقۇشنىڭ
نە زۈرىرىيىتى، ئۇقۇپ قالغان تەغدىردىمۇ   ھېيىقماي تۇرۇپ مۇنازىرە قىلماقچى بولۇپ ئىنكاس يىزىشنىڭمۇ نە زۈرىرىيىتى؟  ئەگەر سىز مۇسۇلمان بولمىسىڭىز ئۇ باشقا گەپ!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش