قۇشلار بىزنى كۈيلىمىسۇن بەس
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
تىڭشاپ كەلدىم قۇشلار كۈيىنى،
بىر ئاشىقنىڭ پىچىرلىشى ئۇ.
ئۇرۇپ كەلدىم ئۆزۈمنى ئوتقا،
مۇھەببەتنىڭ چەكسىز كۈچى بۇ.
ئېھ،كۈيلەيدۇ قۇشلار نېمىنى؟
لەۋلىرىدىن تامچىماقتا سۇ.
پۇرىۋالدىم گۈللەرنى قېنىپ،
ھىدلىرىڭنى ئەپ كەلدى شامال.
يىراقلاردىن يازغان خەتلىرىڭ
ھاياتىمنى قىلماقتا قامال.
گۈل ۋە قۇشلار بەرمىسە ھوزۇر،
ھايات گويا مۇقەددەس خىيال.
قۇشلار بىزنى كۈيلىمىسۇن بەس!
گۈللەر بىزگە چاچمىسۇن پۇراق.
سەن يىقىلساڭ غېرىپلىقىمغا،
ھايات ماڭا ئاچمايدۇ قۇچاق.
سەنسىز يۈرسەم گۈلباغلار ئارا،
بىر كۈن ماڭا ھاياتتىن ئۇزاق.