مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2657|ئىنكاس: 2

قانغا ئايلانغان ياش ( داۋامى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109231
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2014-8-17
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 12:47:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىنىپتا يېقىن ئۆتىدىغان دوستى ئازىگۈلنىڭ سىنىپ يىغىنى باركەن دەپ كىرىشى بىلەن ئۆيگە قايتىش توغۇرلۇق بۇلىنىۋاتقان پاراڭلار جايىدىلا توختاپ قالدى ، ئۇلار سىنىپقا چىقىپ  بىر دەم ئۆتكەندىن كىيىن مۇئەللىم كىرىپ كەلدى ھەمدە ھېيت ۋە بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن 7 كۈن ئارام ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ، يىغىن تۈگىگەندىن كىيىن مىھرىگۈل ياتاققا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ چىقتىدە نەرسە كىرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۋەتكەندىن كىيىن  دوستى ئىلمىنۇر بىلەن بىلەت ئېلىش ئۈچۈن ماڭدى ، تەلىيىگە بىلەت بار ئىدى ، بىلەت شۇ كۈنى كەچ 8 نىڭ ئىدى ، ئۇلار ياتاققا كىرىپ نەرسىلىرىنى ئالغاندىن كىيىن ئۈرۈمچى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
ئۆز يۇرت دىگەن باشقىچە بولىدۇدە ، ئۇ پويىزدىن چۈشۈپ يۇرت ھاۋاسىدا قانغۇچە نەپەس ئالدى. ئۇ پويىزدىن چۈشۈپ ئۆزى چوڭ بولغان يېزىسى تەرەپكە قاراپ 2 سائەتچە ماڭغاندىن كىيىن ئۆيىگە يىتىپ كەلدى ، ئىشىكتىن كىرىپلا ھويلىدا قويلارغا يەم بېرىۋاتقان ئانىسىنى كۆردى ، «ئانا..!»دەپ چاقىرشى بىلەن قويلارغا يەم بىرىۋاتقان تۇرسۇنخان ئانىنىڭ قولىدىكى قويغا يەم بىرىۋاتقان داس يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ۋۇي شەيتان ئەجەپ قورقۇتۇڭا ئادەمنى ، تىشلىق كەلدىڭمۇ ، ماڭدىم دەپ تىلفۇنمۇ قىلۋەتمەپسەنغۇ؟ ، شۇ سىلەرنى ھەيران قالدۇراي دەپ ... ،جۈر قىزىم ئۆيگە كىرەيلى . دادامچۇ ، ئۇكام يوقمۇ ؟  داداڭ ئۆيدە، ئۇكاڭ مەكتەپكە كەتتى .
ئۇ ئۆيگە كىرىپلا كارۋات ئۈستىدە ئۇرۇن تۇتۇپ ياتقان دادىسىنى كۆردى ، ئۇ دادىسى بىلەن تىشلىق ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن ئانىسىنى سىرىقا چاقىرى . ئانا بۇ نىمە ئىش ؟ سىز دادامنى ياخشى تۇرۋاتىدۇ ، بازارمۇ بازار ياغ ئەچىقۋاتىدۇ ، سودىمۇ بەك ياخشى دەۋاتاتىڭىزغۇ ؟ نىمىشقا بۇنداق ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئۇرۇقلاپ كىتىپتۇ ؟ قىزىم داداڭ سىنى خاتىرجەم ئۇقۇسۇن دەپ مىنى دىگىلى قويمىدى ، سەن ھېيتلىق قۇيۇپ بىرىدىكەن دەپ تىلفۇن قىلغان كۈن سەل ياخشى ئىدى لىكىن بۈگۈن ئەتىگەن تەرەت قىلغىلى چىقىپ كىتىپ يىقىلىپ قاپتۇ ، يۈلەپ ئەكىلىپ ياتقۇزۇپ قويدۇم .   ئاپا دادامنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ باقايلىمۇ ؟ مەن سەل ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن .                                  داداڭ بىلەن دىيىشكەن ھېيتىن كىيىن بارىدىغان بولدۇق  ، قايسى كۈنى دوختۇرغا ئاپىراي دىسەم بارمايمەن دەپ تۇرۋالدى ، ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئاخىر ھېيتىن كىيىن بارىدىغانغا كۆندۈردۈم .  
جېنىم ئاپا ئائىلىنىڭ پۈتۈن يۈكى سىزگە چۈشىۋاتىدۇ ، ناۋادا ئوقىمىغان بولسام ئازراق بولسىمۇ بېسىم يەڭگىللەيتى ...
قىزىم بىرىنجى قېتىم بۇ گەپنى قىلدىڭ ئىككىنجى قېتىم ھەرگىز دەپ سالما ، داداڭ ئىككىمىزنىڭ شۇنچە جاپا تارتىشى ئۇكاڭ ئىكىڭلار ئۈچۈن . نىمە تاماق يىگۈڭ بار ئوخشۇتۇپ تاماق ئىتىپ بىرەي ، ئۇكاڭمۇ ھېلىغىچە قورسىقى ئاچ يېنىپ كىلىدۇ ھەقاچان . پولو ئىتىپ بىرەمسىز ئەمسە سىزنىڭ ئەتكەن پولورىڭىزنى شۇنچە سېغىنىپ كەتتىم ، مەكتەپتىمۇ ئىتىدۇ بۇ پولونى لىكىن سىزنىڭ ئەتكەن پولورىڭىزنىڭ تەمىنى تاپقىلى بولمايدۇ .   ماقۇل ئەمسە پولو ئتىپ بىرەي، ھېرىپمۇ قالغانسەن ئۆيگە كىرىپ بىردەم ئارام ئېلىپ تۇر ، تاماقنى ئىتىپ بۇلۇپ چاقىراي .
ئۇ ئۆيگە كىرىپ ئەمدى ئۇخلاي دىيىشىگە تىلفۇن كىلىپ كەتتى ،تىلفۇننى تۇلۇق ئوتتۇرىدا بىللە ئوقىغان ساۋاقدىشى ، ياتقدىشى ، ئەڭ يېقىن دوستى ئايگۈزەل ئۇرغان ئىدى . « ۋۇي خان بامۇ ، تىشلىق تۇرغانسەن ؟ مەن تىلفۇن قىلمىسام تىلفۇن قىلىپ قويايمۇ دىمەيسەن ، ھەراسىت سەن دىگەن ھازىر داشۆسىڭ  بىزدەك دېھقان ئاداشلىرىڭنى ياراتمايسەن !»
«ۋاي ۋۇي جېنىم ئادىشىم تۈزۈكرەك تىشلىق ئامنلىقمۇ سوراپ سورىمايلا تەنە گەپ دىگەننى ياغدۇرۋەتتىڭغۇ ؟ ئۆزەم تىشلىق سەنچۇ ؟ خاپا بولمىغىنە ، مەن شۇ ئالدىراش بولۇپ قېلىپ سەن بىلەن ئالاقىلىشىپ بولالمىدىم ، كەچۈرگىن ھە !»
«كەچۈرۋەتتىم  ، ماقۇل خاپا بولماي ، نەدە بولۇپ كەتتىڭ ؟ ھېيتتا قۇيۇپ بەردىمۇ ؟ يېنىپ كىلەسەن ؟ سىنىڭ كۆگۈڭ كەلمىگەن بىلەن مىنىڭ كەلدى .»دېدى سەل پەسكويغا چۈشكەن ئايگۈزەل .
مەن ھازىر ئۆيدە بايىلا پويىزدىن چۈشتۈم ، ئۆيگە كەلسەم دادام ئاغرىققكەن شۇ ئاپام بىلەن پاراڭلىشىپ ئۆيگە كىرىپ يېتشىمتى سىلەرنىڭ ئۆيدىكىلەر ياخشىمۇ ؟
ھەممىسى ياخشى ، ئاپام سىنى ھېيتتا يېنىپ كىلىپ قالسا بىزنىڭ ئۆيگە كەلسۇن كرگۈم كەلدى دىگەن ، ھېيتتا بىزنىڭ ئۆيگە كىلەرسەن ؟   
بۇ ئىشنى ئاپامغا مەسلىھەت سېلىپ ھېلى ساڭا تىلفۇن قىلاي .
مىھرىگۈل بىلەن ئايگۈزەل ئىكىسى تۇلۇق ئوتۇرىدا بىر سىنىپقا بۈلۈنگەن بۇلۇپ ئۇلار بىر سىنىپتا ئوقۇش داۋامىدا تۇنۇشقان ، مىجەزى تىزلا چىقىشىپ قالغانلىقتىن مۇئەلىملەرگە دەپ بىر ياتاققا بۈلۈنۋالغان ، بۇ ئىككىسى پات پات بىر بىرىسىنىڭ ئۆيىگە باراتتى ئىككىلا ئائىلىدىكى ئاتا ئانا بۇ قىزلارنىڭ ئىكىلىسىنى ئۆز قىزىدەك كۈرەتتى ، شۇڭا پات پات ئايگۈزەلنىڭ ئاپىسى دادىى مىھرىگۈلنى ، مىھرىگۈلنىڭ دادىسى ئاپىسى ئايگۈزەلنى سوراپ قۇياتتى . ئايگۈزەلنىڭ ئمتاھاندا تۈۋەن ئېلىپ قېلىش سەۋەبى بىلەن بۇ قىز ئالىي مەكتەپكە بارالماي تۇلۇق ئوتۇرىنى پۈتكۈزۈپلا دېھقان بولۇپ كەتكەن ئىدى .
تۇرسۇنخان ئانىنىڭ قىزىم تاماق پىشتى دەپ چاقىرشى بىلەن مىھرىگۈل داسقان سېلىپ ئاپىسى ئۇسقان پولولارنى تۇشۇپ تەييار قىلدى ، ۋۇي ئاپا ، پولونى نىمانداق مىزىلىك ئەتتىڭىز ، پولو بوسا مۇشۇنداق بولسا ھە ! شەيتان قىز مىنى تولا ماختاۋەرمەي پولودىن يىگەچ تۇر سوۋۇپ قالىدۇ . ئۇكامچۇ ؟ ئۇمۇ ھازىر كىلىپ قالا ، سەن ئاۋال يىگەچ تۇرغىن .   ئاپا پولو ئەتتىڭما ؟ دەپ دەرۋازا تەرەپتىن مۇھەممەت كىردى -دە ھويلىدا تۇرغان ھەدىسنى كۆردى . ھەدە قاچان كەلدىڭ ؟ خەۋەرمۇ بەرمەي كەپسەنغۇ؟   شۇ سىلەرنى تۇيۇقسىز خوش قىلۋىتەي دەپ بولمامدۇ .   تۇرسۇنخان ئانىنىڭ ئاۋال تامىقىڭلارنى يەڭلار دىيىشى بىلەن پاراڭلار توختاپ بۇ بىر ئائىلە خوشال خورام غىزالاندى . تاماقتىن كيىن مىھرگۈل ئانىسىغا ئايگۈزەلنىڭ تىلاۇن قىلغانلىقىنى ئۆزىى ئۆيگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى دېدى . تۇرسۇنخان ئانا مىھرىگۈلگە ئۇنداق بولسا ھېيتىنىڭ ئىكىنجى كۈنى بېرىڭ بۇ كۈندە قىلىدىغان باشقا ئىشمۇ يوق ، مىنىڭمۇ ئايگۈزەلنى كۆرگۈم كەلدى ، بولسا ئايگۈزەلنىمۇ ئېلىپ كىلىڭ دېدى .
بۇگۈن ھېىيت ھەممە يەر شۇنداق ئاۋات ، بۇ بىر كۈندە تۇققانلار يىغىلىپ خۇشال خورام ھېيت ئۆتكۈزۈشتى ، ھەممە ئادەمنىڭ يۈزىدە كۈلكە  ئادىل ئاكىمۇ بۈگۈن نەچچە كۈندىكىگە قارىغاندا خېىلا ياخشى بولۇپ قالغان ......

ئاپا مەن ئايگۈزەلنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم ئەمسە.  ھەماقۇل ئايگۈزەللەرگە مەندىن سالام ئېيتىپ قويۇڭ ، يولدا دىقەت قىلىڭ دېدى مىھرىگۈلنىڭ كەينىدىن چىققان تۇرسۇنخان ئانا . ماقۇل ئاپا خوش.   مىھرىگۈل ئاپىسى بىلەن خوشلىشىپ بىر يېرىم سائەتلەر ماڭغاندىن كىيىن ئايگۈزەلنىڭ ئۆيىگە كەلدى ، ئايگۈزەل ۋە ئايگۈزەلنىڭ ئۆيىدىكىلەر مىھرىگۈلنى شۇنداق قىزغىن كۈتىۋالدى . ئۇلار خېلى ئۇزاق ھال مۇڭ بولۇشتى . تۇيۇقسىز ئايگۈزەلنىڭ تىلفۇنى سايراپ ئايگۈزەل تىلفۇنىنى كۆتۈرۈپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى بىردەمدىن كىيىن كىردى ، بۇ ۋاقىتتا ئايگۈزەلنىڭ ئاپىسى تاماق ئىتىش ئۈچۈن ئاشخانىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى . ئايگۈزەل مىھرىگۈلگە ئاداش كەچتە مىنىڭ تۇلۇقسىزدا بىرگە ئۇقۇغان دوسلىرىم رىستۇراندا مىھمان بولۇشساق
دەيدۇ ، سەن بولغاندىن كىيىن ئاپام مىنى چىقىلى قويىدۇ بىللە چىقىپ كىرەيلى ھە دېدى . بۇ گەپتىن سەل ئاچىقى كەلگەن مىھرىگۈل، ئاداش مەن سېنى دەپ كەلسەم سەن رېستۇرانغا بارايلى دەيسەنغۇ ؟ تىنىچ ئولتۇرۇپ ئۆيدە مۇڭداشساق بولمامدۇ دېدى .     ئايگۈزەل يەرگە قاراپ تۇرۇپ ئاداش راس گەپنى قىلسام بايا تىلفۇن قىلغىنى ساۋاقدىشىم ئەمەس ئوغۇل دوستۇم ، برماي دېسەم ئەسلى ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنى كەلدى دېگەنتىم سەن بىلەن كۆرشكىسى باركەن ، سەنمۇ شۇ بانادا ئۇنى كۆرۈپ باھا بېرىپ باقمامسەن ؟ ماقۇل دېگىنە تاتلىق ئاداش جىق ئولتۇرمايمىز پەقەت بىر سائەتلا قانداق؟؟   ماقۇل بىللە باراي لىكىن بىر سائەتلا ئولتۇرىمىز جۇمۇ  ماڭا ۋەدە بەرگىن . خاتىرجەم بولغىن ۋەدە بىرەي.
شۇنداق قىلىپ ئايگۈزەلنىڭ ئۆيىدىكىلەر مىھرىگۈل بولغىنى ئۈچۈن ئاسانلارۇخسەت بەردى .
رىستۇران ئىچى ئادەم شۇداق كۆپ ، مىھرىگۈل بىرخىل بولۇپ قالدىيۇ دوستىنى ئاياپ ئارتۇق گەپ قىلالمىدى . ئۇنىڭغىچە بىر ئۈستەلدە كىلىشكەن بىر يىگىت ئايگۈزەلگە قول پۇلاڭشىتتى . ماڭە ئاداش ئالىمجان ئاۋۇ ئۈستەلدە ئىكىن بارايلى دېدى .
ھە ، ئۇنىڭ يىگىتىنىڭ ئىسمى ئالىم ئىكەندە دەپ ئويلىدى مىھرىگۈل . شۇنداق قىىلىپ ئۇلارنىڭ ئولتۇرۇشلىرى باشلىنىپ كەتتى ، لىكىن بۇ ئولتۇرۇش مىھرىگۈلنى بىئارام قىلۋاتاتى ، مۇزىكا چىقىشى بىلەنلا ئايگۈزەلمۇ يىگىتى بىلەن سەھنىگە چىقىپ  ئۇسۇل ئويناۋاتاتى . ئەمدى مىھرىگۈل تېخىمۇ بىئاراملىق ھىس قىلىشقا باشلىدى .
خانقىز تىلفۇنىڭىزنى بېرىپ تۇرامسىز ؟ دەپ شۇ ئۈستەلدە بىللە ئولتۇرغان ئالىمنڭ دوستى مىھرىگۈلنىڭ قېشىغا تىلفۇن سوراپ كەلدى . توۋا شۇنچە كۆپ ئادەم ئىچىدە بۇ بالىغا تىلفۇن سورىغىدەك ئادەم چىقمىغانمىدۇ ؟ مانا دەپ تېلفۇننى قوپال ھالدا مىھرىگۈل تېلفۇننى ئۇنىڭغا سۇندى .
                                    داۋامى يولىنۋاتىدۇ ......


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5653
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1393 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 07:38:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلىفۇنىنى سوراپ ئىلىپ، ئۆزىنىڭ تىلىفۇنىغا تىلىفۇن قىلىپ، تىلىفۇننى ئالمىدى دەپ قويۇپ ياندۇرۇپ بىرىدۇ-دە! قىزچاقنىڭ تىلىفۇن نومۇرىنى بىلىۋالىدۇ.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109231
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2014-8-17
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 02:06:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىردەمدىن كىيىن ئالىمنىڭ دوستى تىلفۇننى قايتۇرۇپ بەردى . مىھرىگۈل بىلەن ئايگۈزەلمۇ قايتماق بولۇپ مېڭىشتى . ئۇلار ئۆيگە يىتىپ كىلىشىگە مىھرىگۈلگە تىلفۇن كەلدى .  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟  سىز كىم بولىسىز ؟؟ مىنىڭ نۇمۇرۇمنى قانداق تاپتىڭىز ؟ ھە ئۆيگە كىلىپ بولدۇق . ئەمسە خوش .    ئاداش كىمكەن دېدى ئايگۈزەل مىھرىگۈلگە . بايامقى سىنىڭ ئوغۇل دوستۇڭنىڭ ئاغىينىسى ئىكەن ، ئۆيگە  بېرىپ بولدۇڭلىمۇ دەپ تېلفۇن قىپتۇ . نۇمۇرۇڭنى قانداق تېپىپتۇ ؟  بايا تىلفۇنۇمنى سورىغانتى بىرىپ تۇرغانتىم شۇ ۋاقىتتا كىرگۈزۋاپتۇ . ئۇلار بىردەم مۇڭدىشىپ ئۇخلاپ قالدى .
تىلفۇننىڭ قاتتىق سايرىشى بىلەن ئىككىلىسى ئويغىنىپ كىتىشتى . ۋاي -ۋۇي بۇنچە سەھەردە تىلفۇن قىلغان كىمدۇ ئەمدى ؟ ھېلىقى ئالىمنىڭ دوستىكەن نىم گىپى باردۇ ؟ قانداق قىلاي دېدى مىھرىگۈل ئايگۈزەلگە . تىلفۇن سىنىڭ قانداق قىلساڭ ئىختىيارىڭ دېدى ئايگۈزەل مىھرىگۈلگە . مىھرىگۈلك  تىلفۇننى ئالمىدى بىراق تىلفۇننىڭ ئارقا ئارقىدىن سايرىشى ئۇنى بىزار قىلىپ قويدى شۇنىڭ بىلەن تىلفۇننى ئامال يوق ئالدى ، ئۇلار بىردەم پاراڭلاشقاندىن كيىن مىھرىگۈل تىلفۇنى قويىۋەتتى .
ئاداش ھېلىقى ئالىمنىڭ دوستىنىڭ ئىسمى نىمە ؟ قانداقراق بالا ئۇ ؟؟ دەپ سورىدى مىھرىگۈل ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ . نىم بولدى نىم بۇنى سوراپ قالدىڭ ؟ ئىسمى مۇختەر ، سەل ئۇيۇنچى بالا .  ئاداش ئۇ مۇختەر دىگەن بالا ماڭا يۈرەيلى دەپ تىلفۇن قىپتۇ بايا شۇنداق چىڭ يالۋۇرۇپ كەتتى .  ئۇنىڭ شىرىن شىكەر گەپلىرىگە ئالدىنىپ كەتمە جۇمۇ سىنىڭ كۆڭلۈڭ بەك يۇمشاق ھازىر قلىدىغان مۇھىم ئىشىڭ ئوقۇش  ، سەن شۇنداق جاپادا باردىڭ مەكتەپكە شۇڭا ياخشى ئوقىمىساڭ بولمايدۇ دېدى ئايگۈزەل مىھرىگۈلگە بۇيرۇق تەلەپپۇزدا.
مىھرىگۈلنىڭ مەكتەپكە قايتىدىغان كۈنى يىتىپ كەلگەن ئىدى مىھرىگۈل ئەمدى ئىشىكتىن چىقاي دەپ تۇرۇشىغا تۇرسۇخان ئانىنىڭ دادىسى نىم بولىدۇڭلا دىگەن ئاۋازى ئاڭلانىدى ، مىھرىگۈل دەرۋازىدىن كەينىگە بۇرۇلۇپلا ئۆيگە يېنىپ كىردى ، ئۆيدە مىھرىگۈلنىڭ دادىسى يىقىلىپ قالغان ئىدى ، مىھرىگۈل ئاپىسى ئۇكىسى بىلەن بىللە دادىسىنى يۈلەپ ياتقۇۇزپ قويدى ، مىھرىگۈل ئەمدى ماڭمىسا بولمايتى ، ئۇ ماڭماقچى بولغان پويىزنىڭ ۋاقتىمۇ  ئاز قالغان ئىدى ، مىھرىگۈل يەنە قايتا ئۆيىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ كۆزلىرى كەينىدە  ئۆيىدىن ئايرىلدى ، ئۇ ئەمدى ماشىنىغا چىقاي دەپ تۇرۇشىغا تىلفۇن كەلدى ، تىلفۇن دوستى ئايگۈزەلدىن كەلگەن ئىدى ، ئايگۈزەل تىلفۇندا مىھرىگۈلنى ئۇزاتقىلى چىقانلىقىنى ، ئۇنى پويىز ئىستانسىدا ساقاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتى .
     داۋامى يولىنىۋاتىدۇ..............   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش