مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1176|ئىنكاس: 16

ئەيساجان تۇردى ئاچچىق: گۇناھ رىسالىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109628
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2014-9-2
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۇناھ رىسالىسى

(ئەدەبىي خاتىرىلەر)

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: h3 I4 r+ e8 O- V! A

ئەيساجان تۇردى ئاچچىق

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ C" x1 K. i; e/ b5 a. [% h. ?8 ~; T

ھەممىمىز ھاياتلىق سەپىرىمىزدە ئالدىراش كىتىۋاتىمىز، بەزىلەر چىغىر يولدا، بەزىلەر ئاسفالىت يولدا، بەزىلەر تاغ يولىدا، بەزىلەر سۇ يولىدا ، بەزىلەر ھاۋا يولىدا ... ئەلۋەتتە ئۇلار ئىشلەتكەن قاتناش ۋاستىسىنىڭ ماركىسى ئوخشىمايدۇ!..يەنە بەزىلەر ھىچقانداق ماركا چاپلانمىغان كونا ئېشەك ھارۋىسى بىلەن يول يۈرمەكتە، پىيادە يول يۈرىۋاتقانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ. يەنە بەزىلەر ئىككى پۇتى بىلەن تىك ئۆرە تۇرۇپ يول يۈرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان. ئايرۇپىلان مىنىۋالغان ئۇ ئەپەندىنىڭ بىر چاغلاردا بىرەر كونا ماشىنىسىمۇ يوق ئىدى؟! يىلدا بىر قېتىم كىچىك ماشىنا ئالماشتۇرىدىغان ئاۋۇ چىرايلىق خېىنىمىنىڭ تويى بولغاندا يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئات ھارۋىسى بىلەن كۆچۈرۈلگەن ئىدى. ھەي! ئاۋۇ يەرنى قولى بىلەن تاتىلاپ، گۆشى قالمىغان ساغرىسىنى يەرگە سۈركەپ كىتىۋاتقان بىچارە بىر چاغلاردا ھىچكىمدىن قورۇقمايدىغان كۈچتۈڭگور مەردانە يىگىت ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس بىر قېتىم ئاۋۇ، ھەشەمەتلىك داچىلاردا ئولتۇرىۋاتقان ئاسمانغا تۈۋرۈك قىلسىمۇ چانمۇغىدەك يوغىناپ كەتكەن خوجايىنغا ياردەم قىلىمەن دەپ ئىككى پۇتىدىن ۋە مال-دۇنيارىدىن ئايرىلدى. شۇ چاغلاردا بۇ مەجروھنىڭ مەقسىدى ھازىر باشقىلارنىڭ كۆز-يېشى بەدىلىگە خوجايىن ئاتالغان بۇ كىشىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىدى. بىراق بۇ خوجايىننىڭ مەخسىدى ئۇ مەردانە يىگىتنى بۆگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قالدۇرماقچى ئىدى....ئاخىرقى ھىساپتا تارىخ ھەر ئىككىلىسنى مۇرادىغا يەتكۈزدى... بىراق ۋاقىت قەلبىگە باشقىچە بىر ھىكمەتنى   پۈكىۋالدى.............                                                

  ھەممىمىز ‹‹ئىش››ھەل قىلىش كويىدا. ھەممىمىز ئالدىغۇچى، ھەممىمىز ئالدانغۇچى. بەزىلەر بەزىلەرنى ئالدايدۇ. بەزىلەر ئۆزىنى ئالدايدۇ، بەزىلەر ئادەم تەرىپىدىن ئالدىنىدۇ، بەزىلەر شەيتانغا ئالدىنىدۇ. بۇ دۇنيا ئالداش ۋە ئالدىنىش بىلەنلا توشۇپ كەتكەندەك كۆرىنىدۇ. ھەممىمىز ھاجەتمەن. بەزىلەر 98 ياشقا كىرىپمۇ جان كويىدا،بەزىلەر بىر بوردا نان كويىدا، بەزىلەرنىڭ تۇتام-تۇتام پۇللىرى بولغان بولسىمۇ قېنى بۇزۇلغاچقا قان كويىدا، بەزىلەر مەنسەپ ئىشقىدا تولغۇنۇپ يانچۇقىدىكى ھالال پۇلىغا راك كېسەلنى سېتىۋالدى، بەزىلەرنىڭ پۇلى بولمىغاچقا ئىلاجىسىز ئىمانىنى سېتىۋېتىپ ھىساپسىز مال-دۇنياغا ئىرىشتى. كىشىلەر ئالدىدا ‹‹مىليونېر››ئاتالدى. ھەتتا ‹‹ساخاۋەتچى››ئاتالماقچى بولۇپ‹‹ھەركەت›› قىلدى. بىراق پەرىشتىلەرنىڭ خاتىرىسىدە باشتىن –ئاخىر بىرلا مەزمۇندىكى پىكىر بار ئىدى.مۆھتاچلىق ئۇيقۇمىزنى ئاچتى، پەرىشتىلەر يېنىمىزدىن قاچتى...      بايلار نامراتلارنىڭ ئازاپ دېڭىزى، نامراتلار بايلارنىڭ مۇنبەت ئېتىزى. نامراتلار بايلارنىڭ ‹‹سۈنئى گۈلىنى›› ئىمپورت قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ ساددا ئېڭىنى ئىكىسپورت قىلىپ بەرمەكتە.چۆچەكلەردىكى ‹‹ئۇچار گېلەم››، ‹‹ئۇر توخماق››، ‹‹ئاچىل داستىخان››لارمۇ پۇلدارلارنىڭ مالىيىغا ئايلاندى. بەزىلەر پۇلىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ گاھىدا ھىچقانداق خاتا گەپ قىلمايدىغان پەيلاسوپقا ئايلانسا، گاھىدا بىسى يانمايدىغان سىياسېئۇنغا ئايلاندى. ھەتتا ھالال ياكى ھاراملىق ماركىسى چاپلانمىغان كارۋىتى ئۈستىدە ‹‹خۇدالىق مانېۋېرى››ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى. چۈنكى ئۇلار ئوردىلاردىكى ‹‹شىرە›› ئۈستىدىمۇ خاتىرجەم ماڭالايدۇ، باشقىلارنىڭ قولى بىلەن باشقىلارنى ئۇرۇشنى بىمالال‹‹مودا››غا ئايلاندۇرالايدۇ.

   موللام ھۆرمەت كويىدا، يازغۇچى شۆھرەت كويىدا، داۋراڭچى ئىش ھەققى كويىدا ۋالاقشىماقتا، ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئارخىپلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن ھوزۇرلىنىپ، ئىنۋان ئىشقىدا پالاقشىماقتا. قىزلار ئېچىلماي توزىدى، سوتچى ئۆزىنىڭ ئىپپتىنى بۇزدى.سودىگەر ئەڭ ئاخىرقى يالغان گېپىنى دەپ بولدى، قارچۇغا ئەڭ ئاخىرقى ئولجىسىنى يەپ بولدى. ئەتىكى بازار ۋە جەڭگاھ بۆگۈنكىگە ئوخشىماسلىقى مۈمكۈن. يىگىتلەر قىزلارنىڭ كۆزىدىكى چىرايلىق يېزىلغان‹‹پۇل››دىگەن خەتنى كۆرۇپ غەم يىدى،قىزلار كۆزى يىگىتلەرنىڭ پىۋا ئىچىپ بوشاپ كەتكەنلىكىدىن نەم ئىدى. بىر چاغلاردا ئەرلەر ئاياللارنى كەيىنىگە سېلىپ بازار ئايلاندۇرۇپ ئاياللىرىغا ئۆز قولى بىلەن كىيىم-كېچەك ئېلىپ بېرەتتىكەن، ھازىرچۇ بىچارە ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇتلىنىمۇ خوتۇنلىرىنىڭ ‹‹رىجىسور››لىقىدا ياسىتىدۇ ياكى ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قانداق پاسۇندىكى كىيىم كىيىش ھوقۇقى، سودا قىلىش ھوقۇقى ئاللاقاچان تارىخنىڭ ئۆڭگەن  بەتلىرىگە سىڭىپ كەتتى ....ئاياللاردىكى مۆھتاجلىق ئەرلەرنى كاردىن چىقارماقتا. ئەرلەردىكى تەشنالىق ماھايەتتە ئاياللاردىن ئىبارەت بۇ تەڭداشسىز زاۋۇتنىڭ ‹‹خام ئەشىيا››سىغا ئايلانماقتا، ئەرلەر قىزلارنى ئىزدەش سەپىرىدە ئاز بولمىغان ھىيلە-نەيرەڭلەرنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ بىراق شۇنداق بىر خاتالىقىنى سادىر قىلدى. ئۇ بولسىمۇ ‹‹قىزلىق›› دىگەن ئوقۇمنى مۇتلەق ئۇنتۇپ قالدى. ھەتتا بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئالدىدا ‹‹قىزلىق ›› ھەققىدە خىيال سۈرۈش ھوقۇقىمۇ يوق. چۈنكى ئۆزىدە ‹‹ئەرلىك›› يوق. ئوغۇللار توي كېچىسى قىزلىقنى سۈرۈشتە قىلمىغان بىلەن قىزلار ئاياللىق مۇقامىغا يىتىۋېلىپلا ئەرلەرگە‹‹ئەرلىكىڭ قېنى؟›› دىگەن سۇئالنى ئەڭ كۆپ قويىدىغان بولۇپ قالىدۇ، دۇنيادىكى ھەممە ئادەم يالغان سۆزلەشكە ئادەتلىنىپ كەتسىمۇ 32 ھەرىپلا بولىدىكەن، يالغان گەپ تۈگەپ كەتمەيدۇ. بىراق ئەرلەر ياش تۇرۇپلا ئەرلىكىنى يوقاتقاندا ئۆزىنى ئاقلاشقا تىگىشلىك بىر جۈملىمۇ يالغان گەپ تېپىلمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا  ئاياللار باشقا بىر يەردىن ‹‹ئەرلىك›› ئىزدەشكە مەجبۇرى بولىدۇ. نۆۋەتتە بىر قىسىم بايۋەتچى ئاياللار بىر قىسىم ئەرلەرنى سېتىۋېلىپ زىننەت بۇيۇمى قاتارىدا ئۆزىنىڭ گىرىم جازىسىغا تىزىپ قويۇشماقتا ھەم ئويۇنچۇق قاتارىدا پايدىلانماقتا.ئاشنىسى يوق ئاياللار ‹‹قاتار چاي››لاردا ئاشنىسى بار ئايال دوسلىرى تەرىپىدىن سوتلانماقتا،‹‹ئاشنا›› دىگەن سۆز ‹‹دىمۇگىراتىيە››دىن تويۇنماقتا.

قىزلىق- بىر بۈيۈك ۋەتەن. تەن تەنلەرگە مۆھتاچ بولماقتا. تەن تەنلەرنى ‹‹ۋەتەنسىز›› دەپ ھاقارەتلىمەكتە. تەن تەنلەرگە پىچىرلىماقتا، تەن تەنلەردىن چىقىپ باشقا بىر تەنلەتنى ئىزدىمەكتە، تەن تەنلەرنىڭ ئادېرىسىنى يۈتتۈرۈپ قويۇشماقتا...سۇدا يۇيۇنۇشنى خالىمىغان تەنلەر بۆگۈن كۆيۈۋاتقان ئوتتا يۇيۇنۇش ئۈچۈن نۆۋەت كۈتمەكتە....... ھەرقانداق بىر رەزىللىك مېھرىبانلىقنى مۇقەددىمە قىلماقتا. تۈنۈگۈنگىچە پاھىشەخانىلاردا سۇيۇقلۇققا ئايلىنىپ كەتكەن سېرىق چاچلىق قىزلار بۆگۈن ئۆزىدە بىر نەرسىنىڭ كەملىكىنى ئەسلەپ ...‹‹ئىمونىت كۈچىنى››ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇن-ئۇزۇن كىيىم-كېچەكلەرنى تاللىۋالدى. تاھارەت ئېلىشنى بىلمەي تۇرۇپلا ناماز ئوقۇيدىغانلىق توغرىسىدا ‹‹بايانات››ئېلان قىلدى. بۇ خۇددى يېزا دوختۇرخانىسىدىكى باش دوختۇرنىڭ راك كېسىلى بولۇپ قالغان بىمارنىڭ چېكىسىگە يود سۈرتۈپ قويىشىغا ئوخشايتتى. توۋا ھىچكىم ھىچكىمگە ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان تۇرسا، ھەممە ھەممىنىڭ ھەممە سىرلىرىنى نىمىشقا بىلىۋالىدىغاندۇ؟؟ھەممە ئادەم ‹‹ئاپشاركا››غا ئايلىنىپ كەتكەنمىدۇ-يە؟!ئېشەك كۈنىگە ئۈچ ۋاق لەغمەن يىسىمۇ ئادەم بولالمايدۇ!چوشقا بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالسىمۇ پەرىزاتقا ئايلىنالمايدۇ!؟! ئۇ يەنىلا چوشقا؟!...

  غەيۋەت ۋە ھەسەتخورلۇق تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تىز بولغان ۋىروسقا ئايلاندى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا غەيۋەتنىڭ تەمى ئەڭ تاتلىق بولارمىش، ھەسەتخورلۇقنىڭ رولى دۇنياۋى ئۇرۇقلىتىش دورىسى V26 نىڭ رولىدىنمۇ يۇقۇرى بولۇپ پىگور گۈزەللەشتۈرۈشتە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىمىش. غەرىپ ئەللىرىدە بىر قىسىم ئاياللار ‹‹مەن پالانى زۇڭتۇڭ بىلەن 3 قېتىم سۆيۈشكەن، پالانى چولپان بىلەن بىر ئاخشام بىرگە بولغان ...›› دىگەندەك يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش شەكلى ئارقىلىق ‹‹نام›› چىقىرىشقا ئادەتلەنگەن. نۆۋەتتە بىر قىسىم‹‹ ئەدەبىياتنىڭ روھ چىۋىنلىرى›› ئەدەبىيات ساھەسىدىكى داڭلىق ئەدىپلەرگە ‹‹تاش›› ئېتىش شەكلى ئارقىلىق ‹‹نام›› چىقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ غەيرى ‹‹نۇپۇزى››نى تىكلىمەكچى بولۇشتى. جۈملىدىن بىرەر پارچە نادىر ئەسەر يېزىپ باقمىغان، تەرلەپ-تەپچىرەپ ھالال نىيەت بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا بىر سائەت ئەدەبىيات دەرسىى ئۆتۈپ باقمىغان ....بىرسى زامانىمىزدىكى ئەخلاقى دۇرۇس ئەدەبىيات پىشىۋاسى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىگە ئەدەبىيات ھەققىدە‹‹تەربىيە›› بەرمەكچى بولدى، ھەتتا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ ‹‹ئابدۇقادىر جالالىدىن خەزۇ تىلىنى بىلمەيدۇ...››دەپ داۋراڭ سالسا 8مىليونلۇق قەۋىمدىن بىر دۇرۇس ئادەم چىقىپ ‹‹ئۈرۈمچىدىكى يانچۇقچىلارنىڭمۇ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى خېلىلا ياخشى بولغان يەردە، ئابدۇقادىر جالالىدىندەك خەنزۇ تىلىدىن بىر نەچچە كىتاپ تەرجىمە قىلغان، خەنزۇ كادىرلار بىلەن بىمالال ئالاقە قىلالايدىغان ئالى مەكتەپنىڭ مۈنەۋۋەر پىروفىسورى نىمىشقا خەنزۇ تىلىنى بىلمەيدىكەن؟؟›› دىيەلمىدى ئەمەسمۇ؟! ئەتىدىن–كەچكىچە داڭلىق كىشىلەرنىڭ ‹‹تىرنىقى››دىن كىر ئىزدەپ يۈرۈيدىغان بۇنداق ‹‹ئەركەك››لەرنىڭ غەرىپ ئەللىرىدىكى ھېلقىندەك ئاياللاردىن نىمە پەرقى بولسۇن؟!

  ياخشى نىيەت بىلەن سەپەرگە چىققانلار قايتىش ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ۋاپادارلىقىدىن تەشۋىشلەنمەكتە، يۇپۇرماقلار يىلتىزىدىن چىرايلىق ئۇسۇللار بىلەن يۈز ئۆرىمەكتە. بالىلار قورقۇنۇشلۇق چۈش كۆرۈپ قالسىمۇ ئەجداتلىرىنى سوتقا تارتىماقچى بولۇشماقتا. ئاتىلار ھەممە ئۈمۈتنى بالىلارنىڭ گەجگىسىگە ئارتىپ قويۇپ ئىشرەت كوچىسىدا غايىپ بولدى. ئادەم ئۆلتۈرۈشكە خۇمار بولۇپ قالغان بىر قاتىل بىگۈناھ بىر كىشىگە پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى، ئۇنىڭ ئوغلى سوت مەيدانىدا قاتىلدىن جان ئەمەس پۇل تەلەپ قىلدى. ئىنسانلار ھەممە نەرسىنى بىمالال قەرزى ئالالايدىغان بولدى. جانمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمايدىغان ئوخشايدۇ. 18-ئەسىردە فىرانسىيەلىك شەھەر كەمبىغىلى ماتىلدا خانىم بىر قېتىملىق كەچكى زىياپەتكە بېرىش ئۈچۈن دوستى لاۋازىل خانىمدىن  قىممەت باھالىق مارجاننى ئارىيەت ئېلىپ ...بىر ئۆمۈر تالاپەت تارتقان ئىدى. بۆگۈن بۇ يەردە چىرايلىق قىزلارنىمۇ ئىجارە ئالغىلى بولىدىغان دۇكانلار كۆپۈيۈشكە باشلىدى. ھەتتا بىر قىسىم ئائىلە سانغۇنلىرى ئائىلىسىدىكى ئۆزىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى ‹‹ئىجارە››بىرىپ پۇل تاپقىلى بولىغانلىقنى ئادەتكە ئايلاندۇردى.

    بىرسى چىن ئىخلاس بىلەن ھەج قىلىپ قايتىپ كەلدى، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ‹‹ھاجىم›› دىيىشتى.بىر كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ مۇبارەك ئىسمىنى ئۇنتۇپ قېلىپ 76 يېشىدا تاپقان كەنجى ئوغلىدىن‹‹مىنىڭ ئىسمىم نىمە؟››دەپ سورىدى. ئەمدىلا بەش ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئوغۇل ‹‹دادا مەن نىمىشقا ساڭا ئوخشىمايمەن››جاۋاپ بەردى!؟ ئۈچ خوتۇن ئۇنىڭ  روھىدىكى خۇدانىمۇ يوقاتقاچقا، ئۇنىڭ ھاياتلىق سەپىرىدە باسقان خاتا قەدەملىرىدىن باشقا ھەممە تەئەللۇقاتلىرى ئاللاقاچان باشقىلارنىڭ رىزقىغا ئايلىنىپ بولغان ئىدى.....بەزىلەر تىلىنى يوقاتتى، بەزىلەر دىنىنى يوقاتتى. يەنە بەزىلەر بولسا دىلىنى يوقاتتى...يۇقارقىلارنىڭ قىسمىتى قورساق كويىدا ‹‹قېنىنى››يوقاتقانلارنىڭكىدىن ئەلۋەتتە ئېغىر ئىدى. مېنىڭ يوقاتقانلىرىم ئىرىشكەنلىرىمدىن نەچچە ھەسسە كۆپ. ئەجداتلىرىمىز ئۆيدىكى مۈشۈك يوقاپ كەتسىمۇ ئىزدەپتىكەن. ھازىر دادىلار ئائىلىدە كىر –قاتلارنى چايقىۋەتكەچ ئانىلارنىڭ كەچكى زىياپەتتىن سالامەت قايتىپ كىلىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتمەكتە. ئانىلار ئەرلەرنى يىراقتىن كونتورول قىلىپ ئىشقا بۇيرىماقتا ، ئەرلەر ئاياللارىنڭ قۇسۇقىنى تازىلاش بەدىلىگە ياخشىچاق بولۇشقا ئۇرۇنماقتا. ‹‹ئەر››لەرگە ئوخشايدىغان ئەرلەر خوشنىلار تەرىپىدىن تەنقىتلەنمەكتە. باشقىلار باشقىلارنىڭ ھالال ئايالىنى ھالال ئىرىدىن كۈنلەپ سۆز-چۆچەك توقۇماقتا.....ئائىلە ‹‹سۇ بويىدا›› ئولتۇرۇپ ئۇسسىماقتا...ئۇسسۇزلۇق يوقاپ كەتسىمۇ ۋە ‹‹سۇ›› بۇلغانسىمۇ ئەر تەۋرەپ قويمىدى. شۇڭا يەر تەۋرىمەكتە...                                          

تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەر قانداق باشقۇرۇلغان بولسا تەبىئەتنىڭ ئەركىسى بولمىش سۇلارمۇ شۇنداق باشقۇرۇلماقتا. سۇلار ئۆز ئەركىنى يوقاتتى. پويىز ئۆز ئوربېتاسىدىن چىقىپ كەتسە ئۆرىلىدۇ، سۇمۇ شۇنداق ھەتتا قانۇنمۇ شۇنداق؟!   

بىنالار ئىگىزلىگەنسېرى باھاسى تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئادەم قېرىغانسېرى كۈچىدىن قېلىپ ئەقلى تۆۋەنلەيدۇ. كۆپ گەپ قىلىش ھەرگىز ساپ ئەقىلنىڭ ۋە يۇقۇرى مەدەنيەتنىڭ بەلگىسى ئەمەس.دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر جايغا بارايلى تۆت كوچا ئېغىزىدا توختاپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىمىز. بۇ بىر دۇنياۋى قاتناش ئەخلاقى. دۇنياندا ئادەم ئۇقۇمىغا ئوخشاشلا بىر خىل  تەبىر بىرىلدى، بىراق ئوخشاش تەبىر ئوخشاش مۇئامىلە، ئوخشاش ھوقۇق...دىگەنلەرگە كاپالەتلىك قىلالمىدى. ئوخشاش بولمىغان جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە ئوخشاش بولمىغان تارىخي شارائىت...ئىنسالار ۋۇجۇدىدا ئوخشاش بولمىغان تەپەككۇرلارنى ئۈندۈردى، ئوخشاش بولمىغان خارەكتىرلەرنى كۆكلەتتى. ئوخشاش بولمىغان خارەكتىر ۋە تەپەككۇر ئىنسانلارنى ئوخشاش بولمىغان تەقدىر ۋە قىسمەتلەرگە ئىگە قىلدى.يۇمشاق تۇپراقتا ئۆسۈپ- يىتىلگەنلەرنىڭ سۆزىمۇ يۇمشاق، باغرىمۇ يۇمشاق.قاتتىق تۇپراقلاردا ئۆسۈپ-يىتىلگەنلەرنىڭ سۆزىمۇ قاتتىق ،باغرىمۇ قاتتىق بولىدىكەن. قۇملۇقتا ئۆسۈپ –يىتىلگەنلەردە ئەلۋەتتە قۇمنىڭ خارەكتىرى يىتىلىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ؟!!نۆۋەتتە تاش ئورمان ۋە تاش بىنالار كۆپۈيۈپ بىر تۈركۈم تاش يۈرەكلەرنى ئىجاد قىلدى...                                    

   تۈنۈگۈن كونا چاپان ئىشقىدا ياش تۆككەنلەر بۆگۈن شاھلىق تونىنىمۇ نازلىنىپ كەيمەكتە. تۈنۈگۈن باشقىلارنىڭ ھاياتىنىڭ قىسقا بولۇپ قالغانلىقىدىن غەم يىگەنلەر بۆگۈن ئۆزى ياپياش تۇرۇپلا ھىچكىمگە خوش دىيەلمەستىن جىنازىدىن ئىبارەت چاقىسىز ‹‹ماشىنا››غا ئولتۇرۇپ، قەبرىدىن ئىبارەت جىمجىت ‹‹رېستۇران››يىگانە كىرىپ كەتمەكتە. تۈنۈگۈن ئەڭ ئالى مۇكاپات سەھنىسىدە گېدەيگەنلەر بۆگۈن سوت مەيدانىدا دودۇقلاپ تۆۋەنامە يېزىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمەي بىر پاي ئوقنىڭ بەدىنىنى قانچىلىك چوڭلۇقتا تىشىپ ئۆتىدىغانلىقنى تەسەۋۇر قىلالماي ياش تۆكمەكتە. شۇنىڭغا قارىغاندا تۇغۇلۇشمۇ، ئۆلۈشمۇ ئوخشاشلا بىر خىل ئۆزگىرىش ئوخشايدۇ؟!؟                                             

   دۇنيادا ھەممە كېسەلنىڭ دورىسى بار. بىراق بىز كۆپ ھاللاردا دورىنى خاتا ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن. دورىنى بايقاش ئۇ باشقا بىر سەنئەت.ھەممە نەرسىنىڭ كۈشەندىسى بار. ھايات ئەڭ ھىلىگەر تۈلكە بولغىنى بىلەن،ئەجەل ئەڭ ئۇستا ئوۋچىدۇر. تەبىئەت ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدە لاھىيەلەنگەن كاتتا قۇرۇلۇش.ئۇنىڭ خەرىتىسىنى ياراتقۇچىدىن باشقا ھىچكىمنىڭ تېپىشى مۈمكۈن ئەمەس!؟ بىزنىڭ بايقىغانلىرىمىز پەقەت ئۇنىڭ زەرىچىسى، پەقەت ئۇنىڭ سايىسى خالاس.كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر بىر يىپقا باغلانغان، بىرەر شەيئىنى شەرت قىلماي تۇرۇپ يەككە- يىگانە مەۋجۇت بولالايدىغان بىرمۇ شەيئى يارىتىلمىغان. بىر شەيئىنىڭ رىزقى يەنە بىر شەيئىنىڭ ئالقىنىدا پاكىز ساقلانماقتا. پەقەت. تەدبىركار دۇنيا ئادەم بالىسىنى بۇ دۇنياغا بېشىچىلاپ كەلتۈرگەن، ئېلىپ كېتىدىغان چاغدا پۇتى ئەڭ ئاۋال ،بېشى ئەڭ ئاخىرىدا كىرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ھىكمەت بار، ئۇنىڭدا ئىنسان بالىسىنىڭ يۇرۇقلۇققا ئىنتىلىش ۋە قانماسلىق مەسىلىسى ناھايىتى ئېنىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.كىشى ھاياتىغا  ھامان بىر كۈنى‹‹ چىكىت›› قويۇلىدۇ، دۇنيادا تۇلۇق قانغان ئارزۇ بولمايدۇ. بۇ ھاياتنىڭ قىسقىلىقى ۋە ئارزۇنىڭ تۇلۇق قانماسلىقى ھاياتنى قىزىقارلىققا  ئىگە قىلغان ھەم كىشىلەرنى ياشاشقا قىزىقتۇرغان.                                             

   ئادەم ئاتا لايدىن ياسىلىپ روھقا ئىگە قىلىنىغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ بىر نەرسىگە تەشنا بولىۋاتقانلىقىنى يارتقۇچىغا ئېيتىدۇ، ياراتقۇچى بۇ خىل مۆھتاچلىقنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ سول قۇۋۇرغىسىدىن بىر تال ئېلىپ ھەۋۋا ئانانى يارىتىپ بېرىدۇ. ھەۋۋا ئانا ئادەم ئاتانىڭ كۆزىدىن بالقىپ تۇرغان تەشنالىقنى بايقاپ‹‹كەلمەمسەن قېنى!؟!››دەيدۇ،ئادەم ئاتا ھاياجېنىنى باسالماي قوغلايدۇ، ھەۋۋا ئانا نازلىنىپ قاچىدۇ، ئاخىرى ئۇلار شىمالى مۇز ئوكياندا تەشنالىقلىرىنى قاندۇرىشىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى ئەنجۈر يۇپۇرماقلىرى ئۇلارنىڭ ھېلقى يەرلىرىگە يېپىنجا بولىدۇ. بۇ خىل تەشنالىق بىز ئىنسانلارنى ‹‹ئىجات›› قىلغان بولسا ئەنە شۇ ئەنجۈر يۇپۇرماقلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەخلاق ۋە ھايانىڭ باشلىنىش سىزىقى بولۇپ قالغان....                     

   ھەممە شەيئى مۇئەييەن بېىسم ئىچىدە مەۋجۇت بولماقتا. شۇڭا ھەممە شەيئى مۇئەييەن تايىنىش كۈچىگە  مۇھتاج. ئارخېمىت يېتەرلىك تايىنىش نۇقتىسىغا ئېرىشۋالسا يەر شارىنى ئۆز ئوز ئوربېتاسىدىن قوزغىۋەتمەكچىمۇ بولغان. پەقەت ئاسمانلا تۈۋرۈكسىز يارىتىلغان. پەقەت ئېيسا ئەلەيھىسالاملا ئاتىسىز يارىتىلغان .شۇڭا ئۇ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەن. لوقمان ھېكىم ئۆزى يىتىشتۈرگەن شاگىرتى تەرىپىدىن قەستلەنگەندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقاپ، 2500يىللىق ھاياتقىمىۇ قانماي، ئوغلىنى دەرھال دورا ئېىلىپ كىلىشكە بۇيرىغان.فىرئەۋىن2000يىللىق ھاياتىدا مىسىردەك شۇنچە چوڭ مەمىلكەتكە پادىشاھ بولۇپ تۇرۇپمۇ ھوقۇقىنى كىچىك چاغلاپ خۇدادىن مەرتىۋە تالاشقان. يەتتە ئىقلىمنى بويسۇندۇرغان ئىسكەندەر 47 يېشىدا جىنازا ئۈستىدە بۇ دۇنيادىن قۇرۇق قول قايتىدىغانلىق توغرىسىدا ‹‹ئوچۇق دەرىس››ئۆتۈپ بەرگەن. مۇھەممەت ئەلەيھىسالام 63يىللىق جاپالىق ھاياتىدىن رازى بولۇپ ئاللانىڭ دەرگاھىغا قايتىۋالغان. پوشكىن، مۇزارت، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، لۇپتۇللا مۇتەللىپ، مەمتېلى ئەپەندى...قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ 40-باھارىنى كۆرۈشكىمۇ مۇيەسسەر بولالمىغان بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىنى قىلىپ بولۇپ بۆگۈنگىچە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەنمەكتە.شۇنچە كەڭ موڭغۇل يايلاقلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگۈچى باتۇر چىڭگىزخان ئۆز يۇرتى ۋە مېھرىبان ئانىسىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈش ئارزۇيىغا  يېتەلمەي يات ئەللەر ماكانىدا جېنىدىن ئايرىلغان.يېسنىن ۋە ھېمىڭۋايدەك دۇنياۋى يازغۇچىلارمۇ تۇرمۇش ئاتا قىلغان مۇھتاچلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزلىرىنىڭ مىلتىقى بىلەن ئۆزلىرىنى ئېتىپ ئۆلۈۋالغان.چۇيۈن ئۆزىنى يارلۇزاڭبۇ دەرياسىغا ،لاۋشى بولسا دۇڭتۇڭخۇ كۆلىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالغان.بۇنىڭدىن 100نەچچە يىل ئىگىرى ھازىر يەر شارىدا ياشاۋاتقان 6 مىليارتتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىرسىمىزمۇ يوق ئىدۇق.يەنە ئاز كەم 100 نەچچە يىلدىن كېيىن بەزىلىرىمىزنىڭ پەقەت سۆڭىكىلا سېسىپ كەتمەسلىكى مۈمكۈن. ھەتتا ھېلىلا تۇغۇلغان بەزى بوۋاقلار دۇنياغا خاتا كىلىپ قالغاندەك ، يەر شارىنىڭ ھىچقانداق نىممىتىگە ئېغىز تەككۈمەستىنلا غىپپىدە قايتىپ كىتىشى ھەرگىز ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.دۇنيادا ياشاۋاتقان ھىچقانداق ئادەم خەتەر ۋە ئۆلۈم تەھدىتتىنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ،ئۆلۈم ئاخىرقى ھىساپتا ھىچكىمنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.ئۆلۈمدىن ئىبارەت داڭدار كۈتكۈچى ھامان بىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.شۇڭا ھەر بىر  يۇتۇم سۇ ئىچكەندە، ھەر بىر قېتىم نەپەس ئالغاندا ئۆلۈم ئالدىدا جاۋاپكار ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.                          

    ئەخمەت نىجات ئىسرائىلىيەنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرمەكچى بولىۋىدى، بىردىنلا بوش ئەپەندى ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىۋېلىپ، تاتلىق چۈشىنىڭ داۋامىنى كۆرۈشكە پۇرسەت بەرمىدى. بوش ئەپەندى ئىران زېمىنىنى بومباردىمان قىلىش شەكلى ئارقىلىق دۇنيا خەرىتىسىگە  تۈزۈتۈش كىرگۈزمەكچى بولىۋىدى، پارلامىت يىغىنى ئۇنىڭ كۆزىگە مىق بولۇپ قادالدى.مەيلى سەن كىم بولۇشىڭدىن قەتئى نەزەر پۈتكۈل دۇنيانى ئالقىنىڭغا ئالالمايسەن؟چۈنكى دۇنيانى سەن ياراتمىغان؟!‹‹ئوۋچىنىڭ مىلتىقى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى بار›› ئەمەسمۇ؟!؟!

  بۇ ھايات قەبرە ئۈستىدە بەرىق ئۇرۇپ ئېچىلغان چېچەك.بۇ دۇنيا يېغا ۋە كۈلكىدىن پۈتكەن بىر تەخسە خام سەي.يەر شارىغا نۇرغۇنلىغان تىللا چېچىۋېتىلگەن. بەزىلەر ئىنتايىن كۆپ تىرىۋېلىپمۇ تويماي، تىللا ئىزدەش سەپىرىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.يەنە بەزىلەر ئىنتايىن ئاز تىرىپمۇ قانائەت قىلىپ ھاياتلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.يەنە بەزىلەر بولسا بىر تالمۇ تىللا تاپالماي ئالەمدىن يانىدۇ.بەخىت تۇيغۇسى ئۇ باشقا بىر گەپ،قانائەت ئۇ باشقا بىر گەپ.قانداقلا بولمىسۇن ھەر كىم ئۆز ھاياتىنىڭ جاۋاپكارى. ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى بولغىنىنغا ئوخشاش ،يامانلىقنىڭ جازاسى بولىدۇ. دوزاق بىلەن جەنئەت دەل شۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغان.                                                                 

   تارىخ يوقۇتۇش ۋە ئىرىشىش جەريانى بولسا كېرەك. بىراق سەن يىرىڭگە قوناق ئۇرۇقى چېچىپ ‹‹بۇغداي››چۈشەۋاتىسەن؟! ئۇرۇقىڭنىڭ پىچەكلىكىگە باقماي مۇنبەت تۇپراقلاردىن قاخشاۋاتىسەن؟! كىم سېنىڭ ئوساڭنى بالدۇر تاۋلاشتۇرۇپ قويدى؟! كىم سېنىڭ ئارپاڭنى بالدۇر ئورىۋەتكەن؟!ئامەت دىگەن كۆكتىن تامغان ئەمەس!يەردىن ئۈنگەن ئەمەس! ئۇ ئەسلىدە سېنىڭ يانچۇقىڭدىمۇ بار ئىدى. بىراق سەن ھە دىسىلا باشقىلارنىڭ يانچۇقىنى كوچىلاش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ، بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۆزۈڭنىڭ يانچۇقىغا قول سېلىپ بېقىشنى خالىماستىن چاپىنىڭنى قىماردا ئۇتتۇرۇپ قويدۇڭ؟!؟                                                

سەن تېخى نىمەڭ كەملىكىنى، نىمەڭنى يوقۇتۇپ قويغانلىقىنىڭنى بىلمەيدىغان تۇرساڭ؟ مۆھتاچلىق دىگەن ئوقۇمنى چۈشىنەمتىڭ؟!سەن يوقۇتۇپ قوغا نەرسە ئەسلىدە‹‹نان›› ئەمەس! ناننى ئۇلۇغلاشتەك گۈزەل روھ ئىدى.شۇڭا سەن ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىنىسەن، ئەينەككە قاراشقىمۇ پېتىنالمايسەن؟؟!!               

ھەممىمىز ئۆزىمىزنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇندۇق، گىرىمچىنىڭ خېرىدارى كۆپەيدى.قاپقارا قېشىڭ، قاپقارا چېچىڭ، قاپقارا كۆزۈڭ....بىرلىشىپ ئاپئاق يۈزۈڭنى ۋە يۈرىكىڭنىمۇ قاپقارا قىلىۋەتكەن تۇرسا يېشىل رەڭنى تەسەۋۇر قىلالمايتتىڭ؟! سېنىڭ ئاجىزلىقىڭ موشۇ يەردە بولسا كېرەڭ؟؟!!ئۆيلەر يېقىنلاشتى،بىراق قەلىپلەر يىراقلاشتى.بەزىلەر تېشىدىن قېرىماقتا، بەزىلەر بولسا ئىچىدىن قېرىماقتا. بۇ يەردە بۆگۈن ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىمۇ سودا توختامى تۈزۈلۈپ ھۆكۈمەت گۇۋالىقىدىن ئۆتكۈزۈلمەكتە. سالام-سائەتلەرنىمۇ پۇلغا سېتىۋېلىشقا توغرا كىلىۋاتىدۇ.  قىزلار چىرايلىق سۆزلىمەي تۇرۇپ يىگىتلەرگە گۈزەللىكىنى نامايان قىلالمايدۇ. يىگىتلەر دورا يىمەي تۇرۇپ قىزلارغا خاتىرجەم تەلەپ قويالمايدۇ.                        

سەن يۈزۈڭگە گىرىم قىلدىڭ، ئۇ كۆزىگە گىرىم قىلدى، مەن بولسام سۆزۈمگە گىرىم قىلدىم. ئەمىليەتتە بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنى ئىزدەش ئۈچۈن سەپەرگە چىققان ئىدۇق. كىملىكىمىز ئوغۇرلانغان، قولىمىزدىكى پاسپورتمۇ يالغان. مەنزىلىمىز ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى، بىراق يوللار تۇيۇقلاشتى.....قىزىق يىرى شۇكى باشقىلارنىڭ بېلى ئاغرىيدۇ،چۈنكى ئۇلار بىر-بىرىنى يۆتىلەشتىن،يۆلەشتىن باش تارتمايدۇ. بىزنىڭ  كۆپ ھاللاردا چىشىمىز ئاغرىيدۇ ،چۈنكى بىز تاغلاردا يۇۋاش پاقلانغا ئايلىنىپ كەتكىنىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ بېغىدا  ئەڭ غالجىر ئىتقا ئايلىنالايدىغان تۇرساق....توغرا شەيتان  تائاملىرىمنى  يىيەلەيدۇ، بىراق غېمىمنى يىيەلمەيدۇ.كىملىكىنى يوقۇتۇپ قويغان كىشىنىڭ ھەممە نەرسىسى بولسىمۇ ھىچنىمىگە ئىرىشەلمەيدۇ.ئۇنىڭ يول يۈرىشىمۇ خەتەرلىك، ياتاقلاردا قونىشىمۇ ئەندىشە ئىچىدە بولىدۇ. ئاخىرقى ھىساپتا ئۇنىڭ ئەۋرىشكىسىمۇ موزىيخانىلارغا خاتا قويۇلىدۇ.ئۇنىڭ تارىخىي كەچمىشلىرى قەلبى قۇلۇپلانغان دوختۇر يىگىت تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىدۇ. مەن كىملىكىمنى يوقۇتۇپ قويغان ئىدىم. مۇخبىر مېنىڭ دۈمبەمگە ئېلان يازماقچى بولدى، بىراق يېزىلغىنى تارىخ ئىكەن ئەمەسمۇ؟؟رەسسام مېنىڭ قىياپىتىمنى سىزىپ چىقتى، بىراق ماڭا ئوخشىماپتۇ. چۈنكى ھەقىقەت مېنىڭ دىلىمدا ،ئۇنىڭ قولىدا ئىدى. ھەممە مەندىن گۇمانلانماقتا،باشلىقىم بۇرۇتۇمدىن، ئاشنام خۇتۇنۇمدىن، خۇتۇنۇم ئەرلىكىمدىن، شەيتان يەرلىكىمدىن، شاگىرتىم ھىممىتىمدىن، دوسلىرىم قىممىتىمدىن، ئەجداتلىرىم قىسمىتىمدىن...ئوخشاشلا گۇمانلانماقتا. تالاي گۈللەر ئېچىلدى توزىدى، تالاي پاختىلار ئېچىلدى. سېتىلدى، ھەتتا تالاي جەسەتلەر ئېچىلىپ موزىيخانىلارغا قايتا تىزىلدى...بىراق سىرىم ئېچىلمىدى، كۆزۈم ئېچىلمىدى.                                                               

   بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى يۇنانلىق بىر پەيلاسوفنىڭ ئۆلۈش ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىغا: ‹‹ قىزلىرى غىتمەك، ئوغۇللىرى ياچىۋەك، پەيلاسوپلىرى يىتىمەك،يازغۇچىلىرى پاسپالچى، شائىرلىرى يالغانچى، دوختۇرلىرى قاراقچى، قانۇنچىلىرى ئالدامچى،  موللاملىرى يالاقچى، ئۇستازلىرى پايلاقچى، ئانىلىرى ئۇسسۇلچى، دادىللىرى قۇسۇرچى، جۇۋانلىرى موللاقچى، يىگىتلىرى ئاقنانچى بولۇپ كەتكەن مەھەللىدە ئەڭ ئاۋال ‹قىيامەت گۈلى› ئېچىلىدۇ،بۇنداق مەھەللىدىن پەشنى قېقىپ بىر مىنۇت بولسىمۇ بالدۇرراق كۆچۈپ كىتىش زۆرۈر.››دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان ئىكەن. شۇنىڭغا قارىغاندا بۆگۈن مېنىڭ ‹‹مۇھتاچلىق››دىگەن سۆزنىڭ لىكسىكىلىق مەنىسىنى چۈشەنمىگىم تەسكە توختۇغۇدەك.

   مەن سۈت ۋە ھەسەلگە تولغان بۇ مەھەللىدە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن دىلدارىمنى ئەسلەپ كېچە جىمجىتلىقىدا شۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتىمەن:‹‹رەڭگى-رويىمىز، بوي-بەستىمىز، تىل ۋە دىنىمىز ھەتتا دۆلەت تەۋەلىكىمىز تامامەن ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن كىشلەر بىر مىنىبوستا ئولتۇرۇپ يىراق بىر جايغا شىرىن ئارزۇلار بىلەن سەپەرگە چىقىپتىمىز، ھەممىمىزنىڭ مەقسىتى ئورتاق ھالدا ئاشۇ يىراق جايدىكى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ‹بەخت قەلئەسى›گە كىرىش ئىمىش. مىنىبوس بىر خىل رىتىمدا كىتىۋاتاتتى، بەزىلەر شوپۇر ئۇستامغا بۇيرۇق سوقاتتى،بەزىلەر كۈلىشەتتى، بەزىلەر مەن ھاياتىمدا كۆرۈپ باقمىغان بىر نەرسىلەرنى ھۇزۇرلىنىپ يىيىشىۋاتاتتى، يەنە بەزىلەر ئۆز ئارا چاقچاقلىشاتتى، پىچىرلىشاتتى، كۆپ ساندىكى كىشلەرنىڭ چىھرىدىكى ئۈمىد، ئىشەنچ، جەسۇرلۇق...بىر نەچچىمىزنى ئولتۇرغان ئورۇندۇقىمىزغا ‹مىخلاپ›قويغانىدى. مەن ئولتۇرغان ئورنۇمدىن مىدىرلاشقا، باشقىلارغا بىرەر ئېغىز بولسىمۇ گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم. قەلبىمدىكى قورۇنۇش،ھۇدۇقۇش،ئۈمىدسىزلىنىش،ھەم ھەسرەتنى ئىپادىلەش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ئىشقىلىپ شۇنداق ئۇزاق يول يۈرگەندىن كىيىن بۈك-باراقسان ئورمانلىق ۋە گۈل-چىچەكلەر بىلەن ئورالغان گۈزەل بىر  ماكانغا يېتىپ باردۇق. ھەممىمىز مىنىبوستىن چۈشۈپ ئالتۇندىن ھەل بىرىلگەن چوڭ بىر دەرۋازا ئالدىغا تىزىلدۇق. دەرۋازىنىڭ بىر قانىتىغا لۇشۇن ئەپەندى، ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئىمىن، چىڭغىز ئايتماتوۋ قاتارلىق داڭلىق ئەدىپلەرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ ئۇلار ھاياتتەكلا جىلۋە قىلىپ تۇراتتى. دەرۋازىنىڭ يەنە بىر قانىتىغا نۇرغۇنلىغان يېزىقتا ‹ئۆزىنى تۈزىتىشنى خالىمىغانلارنى بىزمۇ تۈزەشنى خالىمايمىز›دىگەن مەشھۈر ھىكمەت تەكرار يېزىلغان ئىدى. دەرۋازا ئالدىدا ئىككى كىشى بىزنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، دەرۋازىدىن كىرگۈزمەكچى بولىۋاتاتتى. ھەممىمىز تەكشۈرۈشتىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ بۇ گۈزەل قەلئەگە كىرىپ كىتىشنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلاتتۇق. ئاخىر تەكشۈرۈش باشلاندى. مەن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئالدىنقى رەتكە ئۆتەلمەيتتىم. بەزىلەر تەكشۈرۈشتىن ئاسانلا ئۆتۈپ خوشاللىقىدىن سەكرەپ دەرۋازىدىن كىرىپ كىتىۋاتاتتى. بەزىلەر ئۆزىنى ھەرقانچە چۈشەندۈرسىمۇ ھىلىقى ئىككى كىشى ئۇلارغا دەرۋازىدىكى ھىلىقى خەتنى ئىشارە قىلىپ قايتۇرىۋېتەتتى. بىر چاغدا ماڭا نۆۋەت كەلدى. يۈرەكلىرىم ئەنسىز سوقاتتى. بىر تۇرۇپ ئۈمىدسىزلىنەتتىم...ئۇلار ھايال ئۆتمەيلا قولۇمغا بىر ۋاراق خەتنى تۇتقۇزۇپ دەرۋازا ئالدىدىن ئارقامغا قايتىش بۇيرۇقىنى بەردى. پۈتۈن بەدەنلىرىم لاغىلداپ تىترەپ كىتىۋاتاتتى...دەرۋازا ئالدىدىن بىر نەچچە قەدەم يىراقلاپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم. خەتتە :‹يىگىت، تارىخ كۆز يېشىڭغا ئىشەنمەيدۇ، بۇ قەلئەگە مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز تۈزىتىپ ياشىغان غالىپلار كىرەلەيدۇ. ساڭا ئوخشاش كائىناتتىن يەرشارىنى، يەرشارىدىن ۋەتىنىنى، ۋەتىنىدىن مىللىتىنى، مىللىتىدىن يۇرتىنى، يۇرتىدىن مەھەللىسىنى، مەھەللىسىدىن ئائىلىسىنى، ئائىلىسىدىن ئۆزىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان، خوشنىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى خالىمايدىغان، كىتاپتىن ھاراقنى، بىلىمدىن پۇلنى،ئەخلاقتىن ساختا شۆھرەتنى ئارتۇق كۆرىدىغان،ئىلىم ئەھلى ۋە قەھرىمانلارغا بەتنام چاپلايدىغان، ئۆزى تەكرار گۇناھ سادىر قىلىپ ھە دىسىلا بەزىلەر دەپ سۆز باشلاپ مۆمىنلەرنى گۇناھكار قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ياخشىلارنىڭ شىرىن خىيال سۈرىشىدىنمۇ ھەسەت قىلىدىغان،ئەجداد ۋە گۈزەل ئەنئەنىسىنى بۇزۇش بەدىلىگە كۈلمەكچى بولۇشقان بىچارە كىشلەرگە شۇنداقلا ، ھەقىقەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان گەپدانلارغا ،يەرلىرىنى سېتىۋەتكەن ئىشلەمچىلەرگە،ھاسىسىنى سېتىۋەتكەن توكۇرلارغا،ئەينىكىنى سېتىۋەتكەن ئەمالارغا ،ئۆزىنى داۋالاۋاتقان دوختۇرىنى قەتلە قىلىۋەتكەن بىمارلارغا...بەخت قەلئەسىنىڭ دەرۋازىسى مەڭگۈ يېپىقلىق...››دىگەندەك خەتلەر يېزىلغان ئىمىش...خەتنى ئوقۇپ بولۇپ ئەتراپىمغا قارىسام دەرۋازىمۇ تاقىۋېتىلگەن ئىدى. دەرۋازا سىرتىدا بىر نەچچىلا كىشى قېپقالغان ئىدۇق. مىنىبوسمۇ غايىپ بولغان ئىكەن. بىز ئۇيان-بۇيانغا ماڭاتتۇق، ئاللىنىمىلەرنى دىيىشەتتۇق. بىر چاغدا سۇمۇ يوق،گىياھمۇ يوق،چەكسىز بىر باياۋانغا كېلىپ قاپتۇق، يىراقتىن ئاللىنىمىلەرنىڭدۇ نالە قىلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىناتتى...بىز مەڭگۈلۈك ۋەھىمە ئىچىدە قالغانلىقىمىزنى جەزىملەشتۈردۇق. ھىلىمۇ ياخشى ئويغانسام چۈشۈم ئىكەن. مەن ئاشۇ قورقۇنچلۇق چۈشنى كۆرگەندىن بۇيان چۈشۈمدىكى دەرۋازىنىڭ ئوڭ قانىتىغا يېزىلغان ‹‹ئۆزىنى تۈزىتىشنى خالىمىغانلارنى، بىزمۇ تۈزىتىشنى خالىمايمىز››دىگەن ھىكمەتنى ئۇنتۇيالماس بولۇپ قالدىم. توۋا!...مەن ھاياتىمدا قانداق گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەن بولغىيتتىم؟! يەنە گۇناھ ئۆتكۈزەرمەنمۇ؟!...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# B# B  p$ Q9 W% p

ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە.

بۇ ئەسىرىم <<كۆسەن ئەدەبىياتى>>نىڭ 2014- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-21 05:48 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- u  o  W: g; h. g) V4 J- O
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 J1 B! s. t3 r% e& O

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك
uyol + 200 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 400   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4390
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19757
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1628 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەيساجان ئاكا. شۇنداق ئېسىل ئەسەردىن بىرنى سۇنۇپسىز! ئىلىمىڭىز تېخىمۇ زىيادە بولسۇن! ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99189
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 709
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 719 سائەت
تىزىم: 2013-11-2
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:03 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم.ھەقىقەتەن نادىر تېمىدىن بىرنى سۇنۇپسىز.مۇبارەك بولسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقۇت511 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-21 01:06 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& P) K# H! R8 M4 c
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) n/ u4 s2 c. H0 |9 d4 Z! A  p3 {

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99189
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 709
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 719 سائەت
تىزىم: 2013-11-2
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:03 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرىڭىزنى «كۈسەن مەدەنىيىتى »ژۇرنىلىدا ئوقۇپ خىلى ئۇزۇن ئويلىنىپ كەتكەن ئىدىم.بۈگۈن بۇ يەردە كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن.ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز.قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.ئىسىل ئەسەرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109407
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 158
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2014-8-23
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسز . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, g+ i+ Z9 p: P
تىمىڭىزغارەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108280
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 298
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2014-7-7
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://bbs.bagdax.cn/thread-26459-14-1.htmlبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 l; u9 \- N" ^% Z% V2 U, k
مىسرانىم  توردىكىلەر تايىنلىقكەنسلەربۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' f9 S/ s: ^$ i* d" z% `( p! x! C
باغداش توردا خەقلەر بىزنىڭ دىنىمىزنى ھاقارەت قىلىپ مۇقەددەس كىتاپقا تىل تەكگۈزسە سىلەر بۇيەردە تاينى يوق نەرسىنى يىزىپ ئولتۇرسىلەر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 @3 ?0 H! N! V0 h& i3 B; q( Hhttp://bbs.bagdax.cn/thread-26459-19-1.html
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, r% R2 @/ t1 \) i. G8 Q: Y# `- A/ phttp://bbs.bagdax.cn/thread-26432-36-1.htmlبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 U: n1 b+ C2 y/ f1 E1 u
http://bbs.bagdax.cn/thread-26419-20-1.htmlبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  z' j# [& D2 e8 ]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102795
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 158
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:38 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل يازمىكەن قۇلۇڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106374
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 227
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2014-4-24
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12485
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەندىلا دېگەنتىم، ئاكا كۈسەن مەدەنىيىتىڭىزدىكى بايلىقلارنى مۇنبەرگە ئەكەلسەك دەپ. ئۇستازنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر! نادىر تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي ئۇستاز! سالامەتلىك سىزگە يار بولسۇن!

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6664
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1422 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس ياخشى ئەسەركەن،بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم،رەھمەت

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش