مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 981|ئىنكاس: 9

ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93701
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 287
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-3-21
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئىلى خەلق چاقچاقلىرىنىڭ شەكىللىنىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئىجراچانلىق ماھارىتى
            (مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە) دىلخۇمار سادىق
مۇقەددىمە  
چاقچاق كىشىلەرنى كۈلدۈرۈشنى ئاساس قىلغان گەپ-سۆز بولۇپ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى، چاقچاق __ قېلىپقا، قانۇنىيەتكە چۈشمەيدىغان تىل سەنئىتى.  ئۇيغۇر چاقچاقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ،  كۆپ قىرلىق، ھازىرجاۋابلىق، مەنتىقىلىق، دەلمۇدەللىك، قاراتمىلىق، ھەجۋىيلىك، يوشۇرۇنلۇق، مەنىدارلىق، ئوبيېكتىپلىق قاتارلىقلارغامەركەزلىشىدۇ. ھەقىقى چاقچاق ئىلمى بولىدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ۋە ئەدەب- ئەخلاق مىزانلىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىدۇ.  چاقچاقلار ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرنى نامايەن قىلغان بولۇپ،  يۇقىرىقى چاقچاقلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئىلى رايونىدا ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەقىل–پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان بولۇپ، شۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى چاقچاق مەدەنىيىتىدۇر. ئىلى چاقچاقلىرى __ ئىلى خەلقىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى، خاراكتېرى، ياشاش ئۇسۇلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرى بەدىئىي دىتىگە ئوخشاش تەرەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تىل سەنئىتى. ئىلى خەلق چاقچاقلىرىغا خەلقنىڭ خۇشاللىقى، مۇھەببەت ۋە نەپرىتى،  كىنايە، مەسخىرىلىرى، سېڭىپ كەتكەن. خەلق چاقچاقلىرىنى ئۆتمۈشىمىز ۋە بۈگۈنىمىزنىڭ جانلىق خاتىرىسى بولۇپ كەلمەكتە. ئىلى خەلق چاقچاقلىرى توغۇرلۇق رەيھانئاي مامۇتنىڭ «ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە»، ئابدۇرسۇل سېيىتنىڭ «چاقچاقچىلار چايخانىسى» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى نەشىردىن چاققان بولۇپ ،مەنمۇ بۇ ماقالەم ئارقىلىق چاقچاقچى ،چاقچاقنىڭ ئورۇندۇلىنىش ئالاھىدىلىكى توغۇرسىدا پېكىر يۈرگۈزمەكچى.
بىرىنچى خەلق چاقچاقچىلىرى ھەققىدە:

خەلق چاقچاقچىلىرى چاقچاق سەنئىتىنىڭ يۈكسەلدۈرگۈچىلىرى، خەلق كۈلكىسى ئۈچۈن ئۈنسىز كۈرش قىلغۇچىلار، ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى توي-تۆكۈن سورۇنلاردا باشقىلارنى كۈلدۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ كۈلكىسى بىلەن كۈلىدىغان ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىلەر[  
-ئاندۇرسۇل سىيىت: «چاقچاقچىلار چايخانىسى2» شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 2008-يىللىق نەشىرى   ]، ھەر ساھە ھەركەسىپتىكى، مەيلى ئوقۇتقۇچى مەيلى دوختۇر بولسۇن، ئۆز ئەجرىگە لايىق ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيدۇ. بىراق، خەلق چاقچاقچىلىرى دەپ ئاتالغان بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر بولسا خەلقنىڭ ئاتىغىنىنى ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالىدىغىنى گاھىدا ئازغىنا پۇل بولسا گاھىدا دۇئا بولىدۇ.
ئۇلارنىڭمۇ كۈلكىسى،  يىغىسى بولىدۇ، ئۇلارمۇ يىغلايدۇ، لېكىن يىغىسىنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەي ئۈنسىز يىغلايدۇ، گاھىدا ئائىلىدىكى ئۇرۇش جېدەللەر، بالىلىرىنىڭ غېمى، تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى تۈپەيلى گاڭگىراپ تۇرغاندا، ئالدىغا كېلىپ كۈلكە تەمە قىلىپ سورۇنغا تەكلىپ قىلىپ كەلگەن كىشىنى قايتۇرماي قاتنىشىپ، يەنىلا ھىچ ئىش بولمىغاندەك سورۇننى جانلاندۇرىدۇ، ئاياغلاشقاندا يەنىلا شۇ ئائىلىنىڭ، بالىلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ...
مانا بۇ خەلق چاقچاقچىلىرى، ئۇلار كۆڭۈلدىكى كىرلانى تازىلىيالايدۇ، يۈرەكتىكى قاداقلارنى ساقايتالايدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىن گەرچە ئۇچۇر ئىنقىلابى، ئېلېكترون دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ چوڭ ئىشلار كەلمىسىمۇ، كىر تازلاپ ساۋاپ تاپىدىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ. ماگىنىت دولقۇنلىرى ئىچىدە دېمى كېسىلىپ، كۈندىن-كۈنگە رىتىمنىڭ تىنىمسىز تېزلىشىشى بىلەن زامانىمىز كىشىلىرىگە ھاياتنىڭ مەنىسىنى، تۇرمۇشنىڭ ھەقىقى گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.مانا بۇ ئۇلاردىكى «كىر تازىلاش» خاسىيىتىدۇر[_ئەسئەت ئابدىرشىت: «چاقچاقچىلارنىڭ دەردى يوقمۇ»،«ئىلى دەرياسى»ژۇرنىلى 2008-يىللىق 6-سان ].شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق چاقچاقچىلىرى، سەنئەتكارلىرى  ھەرقانداق سورۇننىڭ ئەڭ تۆرىدە ئولتۇرۇپ ھۆرمەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.
خەلق سەنئەتكارلىرىنى قوللاپ، خەلق چاقچاقلىرىنى بېيىتىمىز، ئىلى چاقچاقلىرىنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇمىز دەيدىكەنمىز، تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىنى ئويلىشىپ باقسىكەن دەيمەن.
(1)خەلق چاقچاقچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى  كاپالەتكە ئىگە قىلىپ،  ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئەركىن جانلىق كەيپىيات بىلەن خەلقنى كۈلدۈرۈشىگە مەدەت بېرىشىمىز كېرەك. خەلق چاقچاقچىلىرىنىڭ قوشۇنىنى زورايتىپ، مۇقىم ئىقتىسادىي مەنبەگە ئىگە قىلساق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، مەنىۋىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتا مۇھىم رولى بار.
(2)خەلق چاقچاقچىلىرىنى كۆپرەك تونۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى ناھىيە-شەھەرلەردىكى چاقچاقچىلارنى ئۆز-ئارا ئۇچراشتۇرۇپ، تونۇشۇش، مۇسابىقىلىشىش شەكىللىرى بىلەن ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇشىمىز، يېڭى يېتىشىپ چىقىۋاتقان چاقچاقچىلارنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كىرەك.
(3)تېلېۋىزور پىروگراممىلىرىدىن مەخسۇس چاقچاق سەھىپىلىرىنى ئاجرىتىپ، تېخىمۇ مول، تېخىمۇ يارقىن چاقچاقلارنى خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشىمىز، چاقچاقچىلارنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىمىز كېرەك.
(4)چاقچاقچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى چاقچاقچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىپ خەلق كۈلكىسىنى يەنىمۇ بېيىتىشىغا، چاقچاقچىلارنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرمەي داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.
(5)ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈپ، چاقچاقچىلارنى ھۆرمەتلەپ،  چاقچاقنى چۈشۈنۈپ، ئىبرەت ئېلىشىمىز، مىللىي پىسخىكىمىزدىكى ناچار ئاڭ، ناچار خائىشلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك. يەنى چاقچاقنى كۆتۈرەلمەي مۇش ئاتىدىغان چاقچاقچىلارنى يارىلاندۇرىدىغان، ئۇلارغا زەربە بىرىدىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى چاقچاقنىڭ تۈرلىرى

خەلق چاقچاقلىرى ئادەتتە ھەرخىل توي-تۆكۈن، مەشرەپ سۇرۇنلىرىدا ئېيتىلدىغان، بىر–بىرىگە پاس بېرىپ ئورۇندىلىدىغان چاقچاقلار ۋە ئادەتتىكى سورۇن ۋە پائاليەتلەردە مەلۇن بىر چاقچاقچى تەرىپىدىن ئورۇندىلىنپ باشقىلارنى كۈلدۈرۈشنى ئاساس قىلدىغان چاقچاقلار دەپ ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئاساسىي چاقچاقنىڭ تۈرلىرى:
(1) ھۇجۇم قىلىش شەكلىنى ئاساس قىلغان چاقچاق شەكلى__چاقچاق سورۇنىدىكى مەلۇم چاقچاقچى شۇ سورۇننىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مەلۇم كىشى ئۈستىگە چاقچاق ئوبېكتىنى مۇقېملاشتۇرىدۇ، ياكى بىرنەچچە كىشى تەڭلا چاقچاق قىلىدۇ، مەسىلەن: مەلوم بىر سورۇندا روزا تۇتمايدىغان بارات ئىسىملىك، دائىم ئۆيدە تۇرمايدىغان تۇرغانجان ئىسىملىك كىشى بىر ئولتۇرۇپ قاپتىكەن مۇنداق چاقچاق بولۇنۇپتۇ:« موشۇ قاينوقلۇقلار ئاجايىپكەن  بىر كۈنمۇ روزا تۇتمايدىغانلارغا«بارات»، ئۆيدەتۇرماي لاغايلاپ يۈرىدىغانلارغا«تۇرغانجان» كۆزى كۆرمەيدىغانلاغا«روشەن» دەپ ئىسىم قويىدىكەن.»دىسە، تۇرغانجان دىگەن كىشى قوپۇپ «شۇ چىرايى مايموندەك ئادەملەرگە «يۈسۈپ» دەپ ئىسىم قويىدىكەن» دەپ كۈلگەن ئىكەن.سورۇندىن كۈلكە كۆتۈرىلىپ چاقچاق تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ،ھوجۇم  قىلىپ چاقچاق قىلىش شەكلى داۋاملىشىدۇ.
(2) لەقىمىنى ئاتاپ چاقچاق قىلىش شەكلى__ بۇ خىل چاقچاق شەكلىدە چاقچاقچىلار بىر-بىرىنىڭ لەقىمىنى چاقچاقنىڭ ئوبيېكتى قىلىدۇ. مەسىلەن غۇلجىدا پەرھات باجيې، لەتى ئېشەك، تەيگو، ياقۇپ مەينەت ...قاتارلىق چاقچاقچىلىرىمىزھەرخىل سورۇنلاردا ئۆزلىرىگە خاسلاشتۇرۇپ قويۇلغان ھەرخىل لەقەملەر بىلەن ئاتىلىپ، سورونلاردا شۇ لەقەملەر بىلەن چاقچاق تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدۇ، مەسىلەن:بىر باغدىكى بىر ئولتۇرۇشتا « پەرھات(باجى):
-بۇ سورۇنغا كىچىك بالىلارنى چاقىرمىغان ،نىمە بار دەيمە ئۇلارغا، تۇداخۇن(پاكار)
_ۋۇي-ۋۇي باجىلانىڭ بۇرنىغا چېقىپ ئوينايدىغانغىمۇ كىچىك بالىلار كىرەكتە.»
(3)  قوشاق (شېئىر) توقۇپ چاقچاق قىلىش شەكلى __ چاقچاقچى سورۇن ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىر نەچچە كىشىگەئاتاپ چاقچاقلىق شېئىر توقۇپ ئوقويدۇ، مەسىلەن ھازىر ئەلگە تونۇلىۋاتقان شېئىرى چاقچاقچى تۇغلۇق ئۆزىنىڭ كۈچلۈك شېئىرلىرى بىلەن خەلق قەلبىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولماقتا
(4)  ماقال - تەمسىللىك چاقچاق شەكلى __  مەسىلەن بىر كىشىنىڭ لەقىمى«تۆگ» بولۇپ، ئۇ بىر ئولتۇرۇشتا قوپال،  قاملاشمىغان ئىش قىلىپ قويسا، بۇنى بايقىغان چاقچاقچى <تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق> دېگەن ماقالدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق چاقچاق باشلايدۇ. چۈنكى ھەر قانداق ماقال - تەمسىل پەيدا بولۇش جەھەتتىن قاراتمىلىققا ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن چاقچاقلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىچىدىكى ماقال – تەمسىللەردىن، خەلقنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك.  
(5) ئوخشىتىش شەكىللىك چاقچاقلار__   چاقچاقچىنىڭ ئوخشىتىش  شەكلىدە ئوبيېكت قىلىنغان شەخسنىڭ غەلىتە كۆرۈنۈش ۋە غەيرىي ھالەتلىرىنى خۇددى شۇنىڭغا ئوخشىشىدىغان تۈرلۈك نەرسىلەرگە-ھايۋانات، ئۇچار قانات ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئوخشىتىش، تەڭلەشتۈرۈش ۋە تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چاقچاقنى راۋاجلاندۇرىدۇ.  
(6)  چاچما چاقچاق شەكلى__  بۇ  خىل چاقچاقتا چاقچاقچى مەلۇم سورۇننىڭ ئەمەلىى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئەركىن چاقچاق قىلىدۇ. بۇنىڭدا سورۇندىكى ھەربىر ئادەم چاقچاقنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ. بۇ خىل چاقچاق چاقچاقچىدىن ھازىر جاۋابلىقنى،  سورۇندىكى ھەر بىر ئىشقا تېز ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
(7)  بەسلىشىش خاراكېىرلىك چاقچاق شەكلى__  بۇخىل چاقچاقتا، خەلق ئىچىدە نامى بار ئىككى چاقچاقچى سورۇندا بىر- بىرى بىلەن كەسكىن تۇتۇشىدۇ، بۇ خىل چاقچاقنىڭ رىقابەتلىشىش كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، بىر تەرەپ يېڭىلمىگۈچە يەنە بىر تەرەپ توختىمايدۇ. بۇ خىل چاقچاقتا قايسى تەرەپ چاقچاقنى تېز كەلتۈرەلمەي دۇدۇقلاپ قالسا، ياكى گەپ تاپالماي تۇرۇپ قالسا يېڭىلگەن ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قىلىنىۋاتقان چاقچاق تېمىسىغا مۇناسىۋەتسىز گەپنى قىلىپ سالسا ياكى ئەدەپسز گەپ-سۆزلەرنى ئېشلىتىپ قالسىمۇ يېڭىلگەن ھېساپلىنىدۇ. مەسىلەن  ھىبى بىلەن ياقۇپ ئىككىسى دائىم تۇتۇشۇپ چاقچقا قىلىشىپ پۈتۈن سورۇننى جانلاندۇرۋىتىدۇ.
 ( 8)  تەرجىمە چاقچاق شەكلى__  بۇ يىڭى بارلىققا كەلگەن چاقچاق شەكلى بولۇپ، ئىككى چاقچاقچىنىڭ بىرى چەتئەللىكنىڭ رولىنى ئېلىپ  مەلۇم بىر چەتئەل تىلىغا ئوخشىتىپ سورۇندىكىلەرگە خالىغانچە بىر نېمىلەرنى دەيدۇ، يەنە بىرى تەرجىماننىڭ رولىنى ئېلىپ، ناھايىتى كۈلكىلىك <تەرجىمە >ئارقىلىق كۈلكە پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىل چاقچاقتا چەتئەللىكنىڭ رولىنى ئالغۇچى  ئۆزى دوراۋاتقان چەتئەل تىلىنى ئەينەن دوراش ئارقىلىق كۈلكە قوزغىسا، تەرجىماننىڭ رولىنى ئالغۇچى كىشىلەر ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى قىزىقارلىق تەرجىمە قىلىپ، سورۇندىكىلەرنى كۈلدۈرىدۇ.  بۇنىڭ ئادەتتىكى قىزىقچىلىققا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى،<تەرجىماننىڭ تەرجىمىسى> نەق مەيدان ۋە سورۇندا بارلىققا كەلتۈرگەن چاقچاق بولىدۇ[_ رەيھانئاي مامۇت: «ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە ھەسلەپكى مۇلاھىزە » 19-بەت، مىراس ژۇرنىلى 2012-2-سان. ]. زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ چاقچاقنىڭ يەنە تۈر ۋە شەكىللىرى بارلىققا كىلىشى مۈمكىن.
بىزبۇ ماقالىمىزدا ھەرخىل ئولتۇرۇش، مەشرەپ سورۇنلىرىدىكى چاقچاقنىڭ قانداق ئورۇندىغانلىقى ،چاقچاق سورۇنىدىكى تەرتىپلەر ھاققىدە توىتىلىپ ئۆتەيلى.
ئۈچۈنچى سورۇنلاردىكى چاقچاقنىڭ ئىجراچانلىقى

(1)سورۇن چاقچىقىنىڭ باشلىنىشى:
ئادەتتە ئىلى رايونىدىكى چاقچاق سورۇنلىرىمۇ ھەر خىل بولۇپ، چاقچاقمۇ سورۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئورۇندىلىدۇ. مەسىلەن ھەرخىل چاقچاقچىلارنى يېغىپ مەخسۇس چاقچاق ئېيتىشىش سورۇنلىرى بولىدۇ، بۇنداق سورۇنلاردا ئادەتتە ئىلىدىكى ھەرقايسى داڭلىق چاقچاقچىلار يېغىلىدىغان بولۇپ، سورۇننىڭ يىگىت بېشى سورۇن سۆزىنى قىلىپ داڭلىق چاقچاقچىمىز ھېسام قۇربان ئاكا(مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن)نىڭ چاقچىقى بىلەن چاقچاق باشلىنىدۇ، سورۇندىكى چاقچاق ئاۋال سورۇندىكى باشقا بىرنەچچە چاقچاقچىنىڭ چاقچىقى بىلەن باشلىۋېلىنىپ، ئاندىن سورۇن كەيپىياتىغا قاراپ بىر -بىرىگە پاس بېرىپ، بىر ئىككى چاقچاقچى ئۆز ئارا بىر-بىرىنى چاقچاق ئوبيىكتى قىلىپ چاقچاقنى يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىدۇ. ياكى سورۇندىكى بىرەرسىنىڭ ئولتۇرۇش ھالىتى، كىيگەن كىيمې،  قىلغان گېپىنى تۇتۇۋېلىپ چاقچاق قىلىپ تېخىمۇ ئەۋجىگە ئېلىپ چىقىدۇ،سورۇن ئارلىقىدا دۇتتار-تەمبۈرلەرگە تەڭكەش قىلىنغان ناخشىلار ياڭراپ سورۇننىڭ ھالىتىنى تەڭشەيدۇ، سورۇن ئارلىقىدىكى «خەپشۈك» دېگەندەك ئاگاھلاندۇرۇشلار سورۇننىڭ تەرتىبىنى ساقلاشتا ئالاھىدە رول تۇتىدۇ.
ھەرخىل مەرىكە ئولتۇرۇشلىرىنىڭ، توي -تۆكۈنلەرنىڭ سورۇنلىرىمۇ تولىمۇ قىزىپ كېتىدىغان بولۇپ ئاۋال سورۇن تەشكۈللىگۈچى ئىككى ئېغىز سۆز قىلىدۇ، ئاندىن سازچىلار سازلىرىنى تەڭشەپ،  ناخشىچىلار جۆر بولۇپ،  ناخشا باشلىنىدۇ، بىر ئىككى ناخشا كەينى-كەينىدىن ئۇلاپ ئېيتىلىپ سورۇن ئەۋجىگە چىقىدۇ، ئاندىن سورۇنغا قاتناشقان چاقچاقچىلار ئىچىدىن بىرەر چاقچاقچى بىر ئىككى چاقچاق باشلايدۇ، ئورنىغا چۈشكەن چاقچاقتىن باشقا چاقچاقچىلارمۇ پاس بېرىشىپ رەسمى چاقچاق قىزىپ كىتىدۇ. بىرەر چاقچاقچى شۇ سورۇندىكى يەنە بىر چاقچاقچىغا چاقچاق قىلىپ ئىككى چاقچاقچى ئۆزئارا چاقچاق قىلىشىدۇ،  قايسى تەرەپ گەپتە يېڭىلىپ قىلىپ سورۇندىكىلەرنى كۈلدۈرەلمىسە چاقچاقتا يېڭىلگەن بولىدۇ. يەنە بىرەر ئىككى ناخشا ئورۇندىلىپ بىر-بىرىبىڭ لەقەملىرى ئېشارەت قىلىندىغان قىزىقارلىق شەكىللىرى باشلىنىدۇ، بەزىدە تېخى پۈتۈن سورۇندىكى بارلىق كىشى چاقچاق ئوبيىكتى قىلىنىپ، ھۆتۈلۈپ قويۇلغان بىر «ئۆھۆ»لەرمۇ كىشىلەردە كۈلكە قوزغايدۇ[_ رەيھانئاي مامۇت: «ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە ھەسلەپكى مۇلاھىزە » 20-بەت، مىراس ژۇرنىلى 2012-2-سان. ]. چاقچاقچىلار چاقچاقلىرىنى ئېيتىشىپ سورۇن تازا ئەۋجىگە كۆتىرىلىۋاتقاندا ئۆي ئىگىسى يەنى ساھىپخان باشچىلىقىدا ئۆرۈم ئۆرىلىپ سورۇننى تېخىمۇ قىزغىنلىققا ئېلىپ چىقىدۇ.

(2)- سورۇنلاردىكى چاقچاقچىلارغا بېرىلدىغان ئۆرۈم ھەققىدە:
چاقچاق سورۇنلىرىغا قاتنىشىدىغان سازچى، ناخشىچى، چاقچاقچىلار سورۇن مەشرەپلەرنىڭ ئەڭ تۆرىدە ئولتۇرىلىدۇ، چاقچاقچىلار قىزىپ چاقچاقلار كىشىلەردە چاۋاك ۋە زور كۈلكە قوزغىغاندا، ناخشا-مۇزىكىلار ئەۋجىگە چىققاندا سورۇندىكىلەردىن قىقاس-چۇقان چىقىپ ھاياجانلىنىدۇ، بۇچاغدا سورۇندىكىلەر چاقچاقچى،  ناخشا-مۇزىكىچىلارغا ئۆرۈم ئۆرىلىدۇ. بۇ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئۆزلىرىنى بەك خوشال قىلغانلىقىغا، سورۇن كەيپىياتىنى يوقرى كۆتۈرگەنلىكىگە، باشقىلارنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن جاپا تارتىۋاتقانلىقىغا بولغان تەشەككۈرىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۆرۈمنىڭ سوممىسى ئادەتتە چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ، پەقەت سورۇن ئەھلىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى  خوشال بولىشىغا قارىتا ئۆزلىرى ئاتىغىنىنى بىلدۈرىدۇ.ئۆرۈم ئادەتتە پۇل ئارقىلىق ئۆلچىندىغان بولۇپ، بەزى چوڭ سورۇنلاردا يەنى ئاتاقلىق چاقچاقچىلار قاتناشقان ئولتۇرۇشلاردا 200-50يۈۋەنگىچە، ئادەتتىكى سورۇنلاردا 100-10يۈۋەنگىچە بولىدۇ.توي-تۆكۈن سورۇنلىرىنىڭ ئاخىرىدا سورۇن ئۇيۇشتۇرغۇچى، ناخشا-مۇزىكا ئورۇندىغۇچىلىرىغا ۋەچاقچاقچىلارغا كۆڭۈل سوغىسىنى بىرىدۇ.(يەنى ئۇلارنىڭ سورۇنغا كېلىش ھەققى)گەرچە بۇ بىر كىچە ياكى كۈندۈز سورۇن ئەھلىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن بۇ جاپاكەشلەرگە نىسپەتەن ئاز بېرىلگەن سوۋغا بولسىمۇ بىراق ئۆرۈم بېرىش بېر تەرەپتىن چاقچاقچىلارنىڭ قىلغان چاقچىقىنىڭ كۆپچىلىككە يارىغانلىقىنىڭ بەلگىسى[_ رەيھانئاي مامۇت: «ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە ھەسلەپكى مۇلاھىزە » 20-بەت، مىراس ژۇرنىلى 2012-2-سان.  ]، يەنە بىر تەرەپتىن چاقچاقچىلارغا ئىلھام بېرىش ۋە ئۆي ئېگىسىنىڭ چاقچاقچىلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ.

(3) چاقچاق سورۇنىدىكى«لەقەم»ئاتاپ چاقچاق قىلىش شەكلى
لەقەم قويۇش ۋە لەقىمىنى ئاتاپ چاقىرىش بىز ئۇيغۇرلارغا ئەزەلدىنلا سېڭىپ كەتكەن بولۇپ،  لاقەم ئادەتتە بىرەر كىشىنىڭ چىراي شەكلى ياكى تۈزىلىشىدە، ياكى مىجەز خۇلىقى،  ئالاھىدىلىكلىرىدە باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرغانلىقىغا ئاساسەن قويىلىدۇ، چاقچاق سورۇنلىرىدا ماسلاشتۇرۇپ قويۇلغان لەقەم سورۇننىڭ قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە ئېلىپ چىقىدۇ.
مەسىلەن:  ئىلىدىكى تەسىرى زور چاقچاقچىلارنىڭ بىرى ئىبراھىم ئابلاخان__  1942-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان ، لەقىمى«دىۋانە»، ئىبراھىم ئابلاخان لەقىمى ئۈستىدە توختېلىپ «گەپنى كۈنىمىز تېرىق بىلەن قوناق نورمىسىغا قاراپ قالغان شۇ لەنىتى يىللادىن باشلايمىز. ئۇ يىللادا تۇرمىشىمىز قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ئاز-ئازدىن يىغىش قىلىپ سورۇن تۈزەتتۇق، سورۇنلىرىمىز شۇنداق قىزاتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە باياندايدىكى مەلوم بىر توينىڭ مەسلەھەت تويىدىن قايتىۋىتىپ يول ئۈستىدە بىر ئانا نان يېقىۋىتىپتۇ ئالايلى دېسەك پۇل يوق،  شۇنىڭ بىلەن مەن بېرىپ نان سورىدىم، بۇ چاقچاقچى بۇرادەرلىرىم تەرپىدىن نان تىلگەنگە ئالماشتى. شۇنداق قىلىپ «دىۋانە»دەپ ئاتالدىم. كىشىلەر مىنى «دىۋانە» دەيدۇ.راست مەن بىر« دىۋانە »«دىۋانە»بولغاندىمۇ بەدەلسىز قولغا كېلىدىغان پۇچۇق ناننىڭ دىۋانىسى ئەمەس، بەلكى ساپ ۋە ساغلام ئەقىلدىن تامغان مۇھاببەتنىڭ، ھەقىقەتنىڭ، ساداقەتنىڭ، سەمىمىيەتنىڭ، كۈلكە-چاقچاقنىڭ دىۋانىسى[_ ئابدۇرسۇل سېيىت: «چاقچاقچىلار چايخانىسى1» شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەت نەشىرياتى 2008-يىللىق نەشىرى39-بەت  ]».
ئىلى خەلق چاقچاقچىلىرى ئىچىدە «قورۇق»لەقىمى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن بىر يېتۈك تىل ئۇستىسى بار،  ئۇبولسىمۇ ساتتار قورۇق. بۇ كىشى ھىسام قۇرباندىن كىيىنلا يېتىشىپ چىققان داڭلىق چاشما چاقچاقچىلارنىڭ بىرى.
رەشىت مۇھەممەت__ لەقىمى «ساراڭ»، ئىلى چاقچاقچىلىرى ئىچىدىكى تولىمۇ قىزىقارلىق كىشى بولۇپ گەپ سۆزى، كېيىنىشى، قىلىقلىرى كىشىلەردە كۈلكە قوزغايدۇ، شۇڭا «ساراڭ » دەپ ئاتالغان، كىشىلار ئۇنىڭ گەپ-سۆزىنى ئاڭلاشقا تولىمۇ ئامراق.
مېجىت ئابدىراخمان __ لەقىمى «قانجوق» بۇ چاقچاقچىمىزنى لەقىمى بىلەن ئاتىمىسا خەلقىمىز ئاسان تونىيالمايدۇ، بۇ قىزىقچىمىز لەقىمى ئۈستىدە توختىلىپ «كېچىكىمدە تەمبۈر چېلىشقا ھەۋەسلىنەتتىم، تەمبۈر چالىمەن دەپ «مىجىت تەمبۈر» دەپ ئاتالدىم، بۇنىڭغا ھەدەپ تۇرشام،  كىيىم كىچەكنى پاكىز، كىر قوندۇماي قېقىپ يۈرسەم «مېجت سەتەڭ» دەپ ئاتالدىم، ئاپلا دەپ يۈرسەم، بىر كۈنى ھېسامكام. ئېبرايىمكام دىۋانى، ساتتاركام قورۇقلار بىلەن بىر ئولتۇرۇشقا بېرىپ قالدىم، چاقچاق دېگەن شۇنداق نەرسە، خۇرىچىڭىز ئېچىلسا ئېچىلىپلا كېتىسىز، سىزگە ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدۇ، شۇ كۈنى قانداق بولغان بېلمىدىم، كەيپىياتىم ئېچىلىپ باشقىچە سۆزلەپلا كېتىپتىمەن، بىراق ئاخىرىغا كەلگەندە ھېسامكام يەنە جاھاندارلىقىنى قىلدى. ئېبرايىمكام ماڭا قاراپ؛ «نەدىن كەلگەن سەھرالىق بۇ، ھەمىمىزگە تېتىپلا كەتتىغۇ؟» دېۋىدى، ھېسامكام؛ «نەدىن كېلەتتى، بۇدېگەن جېلىيۈزنىڭ قانجۇقى، قانجۇق دېگەن ئېت تالىمايدۇ، قويۇپ بېرىڭلار،» دەپ يېغىشتۇرغان بولدى.ئەتىسىدىن تارتىپ بۇ گەپ لەتى، كامىللارغا بولۇپ بەردى، شۇندىن تارتىپ بۇ پەخىرلىك نام بىلەن ياشاۋاتىمەن[_ ئابدۇرسۇل سېيىت: «چاقچاقچىلار چايخانىسى1» شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەت نەشىرياتى 2008-يىللىق نەشىرى200-بەت  ]» دېدى.
ھەبىبوللا ئابدىرېھىم-لەقىمى سۈر بويتاق،خەلق ئېچىدە ھېبى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى توي قىلماي كۈلكە چاقچاق سورۇنلىرى بىلەن كىشىلەرگە زور خوشاللىق بېرىپ ئۆتكەزگەن بولغاشقا «سۈر بويتاق» دەپ ئاتالغان.
ئۇلاردىن باشقا يەنە :«تەيگو»، پەرھات«باجى»، لەتى«ئىشەك»، تۇداخون «پاكار»(رەھمەتلىك).....



تۆتىنچى ئىلى رايۇنىدا چاقچاقنىڭ شەكىللىنىش ئالاھىدىلىكى

چاقچاق ئۇ بىر سەنئەت، ئۇ بىر گۈزەللىق،  ئۇنىڭ كىشىلەرگە بېردىغان ھوزۇرى تولىمۇ سىرلىق، ئۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش روھى بېسىمىنى يېنىكلىتىپ كىشىلەرگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ، ئىلىلىقلا ئەزەلدىن كۈلكە بىلەن ياشاپ كەلگەن چاقچاقچى خەلق،شۇ سەۋەبدىن ھەممىلا يەردە ئىلى چاقچاقلىرى تارقىلىپ يۈرىدۇ،ئۇنداقتائىلى رايۇنىدا قانداق قىلىپ مۇشۇندا چاقچاق موھىتى شەكىللەنگەن.مەن چاقچاقدىن ئىبارەت بۇمەدىنيەت ھادىسىنىڭ ئالاھىدە كۈشلۈك بولوشىدىكى سەۋەپنى توۋەندىكى بىرقانچە سەۋەپتىن دەپ قارايمەن.

(1)ئىلى خەلقىنىڭ پىسخىكىسى__ئىلى خەلقى خۇش چاقچاق مىھمان دوس خەلق، مەيلى بېشىغا چۈشكەن دەرىت ئەلەملىرى بولسۇن ۋە ياك كۈلكە-خوشاللىقلىرى بولسۇن، چىرايىدىكى كۈلكە تەبەسسومى بىلەن جىلۋەقىلىپ كۈلۈپ ئۆتكۈزدۇ، توي-تۆكۈن، مەشرەپ، يىگىت ئولتورىشى، نورۇز پائاليەتلىرىنى ناخشا-مۇزىكا، چاقچاق ئارقىلىق تېخىمۇ يوقرى پەللىگە ئېلىپ چىقىدۇ، ئىلى خەلقىدىكى بۇ خىل خۇش تەبەسسۇم، مىھماندوسلۇق، بىرەر ئىشلارنى ئاسان كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيدىغان يۇمۇرىستىك خارەكتىر شۇنداىلا، ئەزەلدىنلا ناخشا-ئۇسسۇلغا بولغان ھىرىسمەنلىك، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلى خەلقىنىڭ يەرلىك شىۋە ئالاھىدىلىكى، يەنى ئۆز-ئارا گەپلەشكەندە بىر-بىرىنى سەنلەپ گەپ قىلىشى،مەسىلەن (ئۇكام ۋۇي،مە كەگىنە، نىمداق قىلسەن ۋۇي...) بۇخىل خارەكتىرمۇ ئىلى خەلقىنىڭ  چاقچاقنى بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان، شۇسەۋەپتىن چاقچاقچىلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىپ چاقچاق پائاليەتلىرى ئەۋجىگە چىقىدۇ.

(2)چاقچاق ئۇستازلىرىنىڭ تەسىرى __زامانىمىزدىكى ھايات نەسىردىن ئەپەندى دەپ ئاتالغان ھېسام قۇربان(مەرھۇم) باشچىلىقتىكى سەلەي. ئەبەي، ساتتار....قاتارلىق چاقچاقچىلار ئىلى سورونلىرىنى قىزىتىپ بارچە سورۇن ئەھلىنى كۈلدۈرۈسە، بىر تەرەپدىن  ھەبىبوللام ئابدىرىھىم(ھىبى دەپمو ئاتىلىدۇ) تۇداخون روزەم(تۇداخون پاكار) بولۇس نىزامىدىن، لەتى قاتارلىق چاقچاق چاگىرتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چاقچاقدىن ئىبارەت بۇ مەنىۋىيەت ھادىسىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئاددىلىقدىن مۇرەككەپلىككە، تىزلىقتىن-چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەرەقىي قىلغان، مەرھۇن چاقچاق پىشۋاسى ھىسان قۇربان ئاكا باشلامچىلىقىدىكى چاقچاقچىلار ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى قىزىتىپ، خەلق كۈلكىسى بىلەن كۈلۈپ يۈرگەندىن ياشقا ھەرساھە –ھەر كەسىپتىكى چاقچاق ھەۋەسكارلىرىنى يېتەكلەپ، يېڭى-يېڭى چاقچاقچىلارنى يېتىشتۈرۈپچىققاندىن باشقا يەنە چاقچاق ئارقىلىق ئېرىشكەن ئازغىنە كىرىمىنىمۇ يېتىم-يىسىرلارغا ئېشلىتىپ ھەقىقىي بىر مەدىنىيەت شەكىللەندۈرۈپ چاقچاق دىن ئىبارەت بۇ مەدىنيەن ھادىسىنى گۈللەندۈرۈپ كەلمەكتە.

(3) ھەرخىل چاقچاق سورونلىرى ۋە مەشرەپ سورونلىرى __ ئىلى خەلق چاقچاقلىرىنىڭ مەۋجۈت بولوشتىكى يەنە بىر موھىم ھالقا –چاقچاق سورىنى،ئىلى رايونىدا ئەزەلدىن چاقچاقچى ۋە چاقچاقچىلارغا ھازىرلانغان سورۇن باشقا يۇرۇتلاردىن كەڭ بولغان، ئىلى ئۇيغورلىرىنىڭ مەشرىەپ توي-تۆكۈن ۋە باشقا شەكىلدىكى كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرى نەغنە-ناۋا بىلەن باشلىنىپ، چاقچاق بىلەن ئەۋجىگە چىقىدۇ. ھەريىلى باھار ئايلىرىدا جىرغىلاڭ، چوقور قاتارلىق دەريا ياققىسىدىكى مەنزىرلىك جايلاردا بولىدىغان«دەريا سەيلىسى» ئۈرۈك پىشقاندا بولىدىغان جېلىليۈزى، تۇرپانيۈزى، چولونقاتلاردىكى«ئۈرۈك سەيلىسى»، قىش پەسلى سەھرا –يىزىلاردا بولىدىغان «سوقوم بەزمىسى»، شۇنۇڭدەك غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاۋات باغچىلاردا، چايخانا، ئاشپوزوللاردا ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان [رەيھانئاي مامۇت: «ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە ھەسلەپكى مۇلاھىزە » 19-بەت، مىراس ژۇرنىلى 2012-2-سان _ ]ئولتوروشلار، ئىلى چاقچاقلىرىنى ئەۋجىگە چىقىردىغان ئاساسلىق سورۇن ھىسابلىنىدۇ⑦. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرخىل سورۇن بەزمىلەر ئىلى چاقچاقلىرىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە ئېلىپ چىقىپ چاقچاقنىڭ تەرقىلىشى، تەرەقىي قىلىشى،شۇنداقلا ئومۇملىشىشى ئۈچۈن ئاساسىي سورۇن بولالايدۇ،بۇ خىل بەزمە سورۇنلاردىكى ھەرخىل سورۇن ئەھلى ئارقىلىق چاقچاق مەڭگۈ ئۈزۈلمەي داۋاملىشالايدۇ.

(4) ئۆزىگە خاس گۈزەل مەنزىرىسى__ گۈزەل تەلكە تەغلىرىدىن، كۆپكۆك سايرام ۋادىلىرىدىن، يېشىل نارات ئوتلاقلىرىدىن گۈزەل ئىلى دىيارىغا نەزەر سالىدىغان بولساق بۇ خىل ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىنى قوشاق كۈيلىرىگە قاتمايدىغان  يىگانە شائىر بولماسلىقى مۇمكىن، مانا بۇ خىل گۈزەل مۇھىت ئەزەلدىن ناخشا-سازخۇمار ئىلىلىقلارنىڭ جەننەت ماكانى بولۇپ ھەرخىل ئولتۇرۇش، مەرىكىلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. بۇ خىل گۈزەل مۇھىتتا ئۇيۇشتۇرىلغان ھەرخىل سورۇنلار ئىلى چاقچاقلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن يەنە بىر يىڭى كۈچ بولۇپ ھىسابلىنىدۇ،بۇ خىل گۈزەل مەنزىرىلارگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەرخىل مەرىكىلەردە ئېيتىلدىغان ناخشا، تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا،شۇنداقلا ئارلىقلىرىدا ئېيتىلدىغان چاقچاقلار ھەقىقىي ئىلى چاقچاق مەدىنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن يىڭى كۈچ بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

5-چاقچاق پائاليىتىنىڭ ئىلىنىڭ ئىقتىسادى،مەدەنىيەتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى

ئىلى رايونىدىكى چاقچاق پائاليىتى ئىلىنىڭ ئىجدىمائي ،ئىقسادىي, مەدىنىيىتىگە  ناھايتى موھىم تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ،ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تەرەقىياتىغا تۆھپە قوشقان.
ئىقتساتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى: چاقچاق سۆيەر خەلق ئۆمۆرلۈك خوشاللىقى ئۈچۈن ھەرخىل چاقچاق سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەنىۋى بايلىق يارىتىش بىلەن بىرگە يەنە ئىقتىساتقا قوشۇدىغان پايدىسىمۇ ناھايتى يوقرى بولىدۇ، يەنى سورۇن تەشكىللەش، يېمەك-ئېچمەكلەرنى تەييارلاش،چاقچاقچى ۋە ناخشىچى، مۇزىكاتلارغا پۇل بېرىش ،تاماق تارتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىقساتقا قوشۇدىغان پايدىسى ناھايتى زور بولۇپ كەلمەكتە. ئىلى چاقچاقلىرى توي تۆكۈننىڭ جېنى بولۇپ ،ھەر ساھە ھەر كەسىپتىكى چوڭ كىچىك ياشلارمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ،شۇ سەۋەپتىن باشقا يۇرىتلاردىن كەلگەن سايائەتچىلەر ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ئىقسادىي كىرىممۇ يوقرى بولىدۇ.
مەدىنيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى: بىز ئۇيغۇرلاردا: «بالاڭنى مەكتەپكى بەر مەشرەپكە بەر »دەيدىغان گەپ بار ،مەشرەپتىكى چاقچاق پائاليەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى كىيىم -كىچەك مەدىنيىتى،  يىمەك-ئىچمەك مەدىنيىتى قاتارلىقلارنى  ئۇگەنگىلى بولىدۇ. ئوتتوز ئوغول مەشرىپى، نوروز بەزمىسى قاتارلىق سورۇنلارمو چاقچاقنىڭ ئەڭ موھىم سورۇنلىرى بولۇپ ئەدەپ -قايىدە ئۈگۈندىغان ياخشى سورۇن بولالايدۇ.  
چاقچاق ۋە چاقچاقچىلار ئارقىلىق ئىلىنىڭ مەدىنيەت، سايائەتچىلىك، ئىقسادىغا زور توھپە قوشۇپ ئىلى نامىنىڭ تونىلىشىدىمۇ ناھايتى موھىم رول ئوينايدۇ. مانا مۇشۇنداق چاقچاق ئىلىنىڭ سىياسى، ئىقسادى، مەدىنىيىتىگە بولغان تەسىرى كۆپ بولغاشقا، ھۆكۈمەتنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ ئىلى رايونىدىكى چاقچاق  پائاليىتىنڭ شەكىللىنىشىدە موھىم رول ئوينىغان.شۇنداقلا ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ باشقا يۇرۇتلارغا تارقىلىش ،تەرەقىي قىلىشىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتقان.

خاتىمە

چاقچاق سەنئىتىگە ئىلى خەلقىنىڭ ئاجايىپ مېھىر-مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، خۇشاللىقلىرىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، چاقچاق ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن. چاقچاق__ ئىلىلىقلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى، خاراكتېرى، ياشاش ئۇسۇلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرى، تەپەككۇرى، بەدىئىي دىتىگە ئوخشاش تەرەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ سەنئەتكە خەلق ناخشىلىرى، قوشاقلىرى، ئەپسانە–رىۋايەتلىرىگە ئوخشاشلا خەلقنىڭ خوشاللىق ھەم كۈلكىسى، مۇھەببەت ۋە نەپرىتى، زەھەردەك ئاچچىق كىنايە، مەسخىرىلىرى، زۇلۇم، خورلۇق، كەمسىتىش ۋە ھاقارەتكە قارشى ئىسيانكارانە روھى سېڭىپ كەتكەن. شۇنداق بولغاچقا خەلق چاقچاقلىرىنى ئۆتمۈشىمىز ۋە بۈگۈنىمىزنىڭ جانلىق خاتىرىسى دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.  ئىلى خەلق چاقچاقلىرى باشقا رايونلارغا ئوخشىمايدىغان روشەن خاسلىق ۋە ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ، چاقچاقخۇمار خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ، يازما ھەم فولكلور ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.
ئىلى خەلق چاقچاقلرىنىڭ شەكىللىنىشى،  تۈرلىرى، ئالاھىدىلىكى توغۇرسىدا نۇرغۇنلىغان تەتقىقات ئەسەرلىرى يىزىلغان بولسىمۇ، بىراق سورۇنلاردىكى خەلق چاقچاقلىرىنىڭ ئىجراچانلىقى ئىلى رايونىدا شەكىللىنىش ئالاھىدىلىكى توغۇرسىدا ماتىرياللار يەنىمۇ كەمچىل بولماقتا، شۇڭا بۇ ماقالەمنىڭ بۇ ھەقتىكى بوشلۇقنى ئازراق بولسىمۇ تولۇقلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.شۇنداقلا ئىلى خەلق چاقچاقلىرىنىڭ مەڭگۇ داۋاملىشىپ دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدە چاقنىشىنى ،ھېسام قۇربان، تۇداخۇن روزەم قاتارلىق مۇنەۋەر خەلق چاقچاقچىلىرىنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرمەي،ئۇلارنىڭ ئېزىنى يېڭى چاقچاقچىلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ،چاقچاق مەدىنىيىتىنى يۈكسەلدۈرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

قوشۇمچە  

تۆۋەندە چاقچاق ھەققىدىكى تونىشىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىش
ئۈچۈن بىر نەچچە ئاتاقلىق خەلق چاقچاقچىلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي

ھېسام قۇربان:  1930-يىلى غۇلجا شەھىرىدە ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە
تۇغۇلغان، مەملىكەتلىك، ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئ-
ىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت
ئەزاسى، مەملىكەتلىك ھېكايىچىلەر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،شۇنداقلا غۇلجا
شەھەرلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن.  2013-يىلى
83 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ھېسام چاقچاقلىرى
(مەستلىكنىڭ سىرى)
ئاشخانىدىن چىقىۋاتقاندا بىر ئاغىنىسى ھېسامدىن سوراپتۇ:
__ دائىم جىق ئىچسىڭىزمۇ مەست بولمايتتىڭىز، بۈگۈن ئازراقلا ئىچىپ تەڭشىلىپ قاپسىزغۇ؟
ھېسام جاۋاب بېرىپتۇ:
__ بۈگۈن پۇل خەجلەپ قويدۇم ئەمەسمۇ!

ھەبىبۇللام ئابدۇرېھىم:  كىشىلەر ئارىسىدا تولىمۇ ھۆرمەتلىنىدىغان ھەقىقىي
بىر ساخاۋەت ئىگىسى، مەمەيۈزى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان،  مەكتەپتە
ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە مەكتەپلەردە ناخشا ئېتىپ كېيىن چاقچاق سورونلىرىغا
قاتنىشىپ، چاقچاق بىلەن شۇغۇللانغان، كىيىن كىشىلەر تەرىپىدىن« ھىبى» دەپ
ئاتالغان. چاقچاقچىمىز ھەبىبۇللام ئابدۇرېھىم ئارقىلىق تاپقان پۇللىرى ۋە ئۆزى
ئىشلەپ تاپقان پۇللىرى ئارقىلق بىر يېتىملار مەكتىبى قۇرۇپ، ساخاۋەت ئىشلىرى
بىلەن شۇغۇللانماقتا. كىشىلەر ئۇنى ھازىرغىچە توي قىلماي چاقچاق سورونلىرىدا
يۈرگەنلىكى ئۈچۈن «سۈر بويتاق» دەپ ئاتايدۇ.

ھىبى چاقچاقلىرى

(يېرىم نانغا بەش مانتا)
قاينۇقلۇق ئىككى بۇرادەر بازار ئايلانغاچ شەھەرگە كىرىپتۇ، ئىلگىرى ئۇلار
مەدرىسەنىڭ سامسىسىنىڭ داڭلىقلىقىنى ئاڭلاپ، چۈشكە يېقىن «مانتىخانىغا
كىردۇق» دەپ باشقىلارنىڭ خاتا كۆرسىتىپ قويۇشى بىلەن مەدرىسەنىڭ
يېنىدىكى ئاممىۋى مونچىغا كېرىپ قاپتۇ. قارىسا ھور دېگەن كۆتۈرۈلۈپ،
ئادەملەر ئۆچرەتتە تۇرغۇدەك، ھىلىقى ئىككىسى ئۇدۇل بېلەت ساتقۇچىنىڭ
يېنىغا بېرىپ «يېرىم نانغا بەش مانتا»-دەپ بۇيرۇپتۇ.
بىلەت ساتقۇچىمۇ قىزىقچى ئىكەن، چاندۇرماي تاھارەت ئالدىغان چۆگۈننى
ئىككىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپدەپتۇ:
__ بەش مىنۇتتىن كېتىن چىقىدۇ، چاي ئىچكەچ تەخىر قىلىپ تۇرۇڭلار.دەپتۇ.

تۇداخۇن روزى(تۇداخۇن پاكار) __ غۇلجا شەھىرى توققۇزتارا ناھيەسىدە تۇغۇلغان.
تەقدىرنىڭ ئاچچىق چاقچىقى بىلەن بويىنىڭ ئېگىزلىكى 90 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى
42 كىلوگىرام بولۇپ قالغان. ئۇ تولىمۇ گەپتان، ھەييار، قىزىقچى چوڭ بولغان،
كېيىنكى كۈنلەردە غۇلجا شەھىرىدىكى داڭلىق چاقچاقچىغا ئايلانغان. ئەپسۇس، تازا
گۈللىنىپ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، 2012-يىلى 7-ئاينىڭ
30-كۈنى يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن.

تۇداخۇن پاكار چاقچاقلىرى

(تۆگىنىڭكىنى يەپ)
ھېسامكام «چولپان رېستۇرانى» دا تاماق يەپ ئولتۇرغاننىڭ ئۈستىگە تۇداخۇن
كىرىپ قاپتۇ. ھېسامكام قائىدە بويىچە ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىپتۇ:
__ كېلە، بىللە يەيلى.
__ ياق.
__ بۆرەك كاۋېپى بۇيرۇتۇپ قويدۇم دەيمەن.
__ زوقۇم يوق.
__ ئەخمەق!- دەپتۇ ھېسامكام،- بۆرەك يېسەڭ بۆرىكىڭگە، يۈرەك يېسەڭ
يۈرىكىڭگە پايدىسى بار.
__ ئۇنداق يېرى بولسا،- دەپ چاقچاق قىپتۇ تۇداخۇن ھېسامكامغا،- پاچاق يەپ
پۇتۇڭنى تۈزلىتىۋالساڭ بولمامدۇ؟!
ھېسامكاممۇ بوش كەلمەپتۇ:
__ تۆگىنىڭكىنى يەپ ئۇزارتىۋالامسەن- يا؟

پايدىلانمىلار

1.ئوسمان ئىسمائىل «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرياتى 2009-يىللىق نەشىرى
2.ئابدۇرسۇل سېيىت «چاقچاقچىلارچايىخانىسى1» شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 2008-يىللىق نەشىرى.
3. ئابدۇرسۇل سېيىت  «چاقچاقچىلارچايىخانىسى2» شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 2008-يىللىق نەشىرى.
4.رەيھانئاي مامۇت «ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە».«مىراس»ژۇرنىلى 2012-يىللىق 2-سان.
5.مەمتىمىن ھوشۇر «ئىلى تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىش»،«ئىلى دەرياسى»ژۇرنىلى 1984-يىللىق 4-سان.
6.راھىلە داۋۇت «ھېسام چاقچاقلىرىنى توپلاپ رەتلەشتىكى بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەر توغۇرسىدا»،«ئىلى دەريا» ژۇرنىلى 2000-يىللىق 5-سان.
7.ئەسئەت ئابدىرشىت «چاقچاقچىلارنىڭ دەردى يوقمۇ»«ئىلى دەرياسى»ژۇرنىلى 2008-يىللىق نەشىرى.
8.ئابدۇكېرەم راخمان «خەلق ئېغىز ئەدەبىيات ئاساسلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1982-يىللىق نەشىرى        

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93701
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 287
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-3-21
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مېنىڭ ئىككى يىللىق چاقچاق پائاليەتلىرىگە قاتنىشىپ يازغان تەتقىقات ماقالەم، تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100234
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 606
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇمۇر چاخچاقتىن  ھوزورلىنشىنى بىلمىگەن ئادەم نورمال ئادەم ئەمەس..(توخۇۋاز)

ئۆچكە جاڭگال  چۇشەيدۇ ،توخۇ داڭگال..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 374 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېبىبۇللا--يەنى ھېبى نامى،‹‹سۈر بويتاق››--لەقىمى بىلەن تونۇلغان بۇ چاقچاقچى 300 دىن ئارتۇق بالىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلغان،بەزىلىرىنى بالىچىلاپ بېقىۋالغان،بەزىلىرىنى ھۆنەرگە بېرىپ،بەزىلىرىنىڭ تويىنى قىلغان.قېنى ئېيتىڭا،بۇنداق مېھرىبان ئەركەكتىن بىزدە يەنە كىملەر  بار؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9394
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2223 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالىڭىز ياخشى يېزلىپتۇ،چاقچاق مەدەنىيتى ھەققىدە ئىزدىنشىڭىز يېڭدىىن يېڭى باسقۇچلارغا قەدەم باسقاي!

چاقچاقنىڭ ئەھمىيتى  ۋە تەسىرى قانداق بولىدۇ؟ دېگەنلەر ھەققىدىمۇياكى ‹  ھەرقايسى ئەل خەلقىلىرنىڭ  چاقچاق مەدەنىيتى ھەققىدە سېلشتۇرما تەتقىقاد›  دېگەندەك ئۆزىڭىز مەلۇم نۇقتىلار بويىچە ماۋزۇ قويۇپ ئىزدىنىپ بېقشىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن.
مەيلى ئامىرىكلىقلار بولسۇن غەربلىكلەر بولسۇن ياكى دۇنيادىكى ئەڭ زور ئازاب چەككەن ھەم ئەقىللىق دەپ قارالغان يەھۇدىيلار بولسۇن بۇلارمۇ چاقچاققا ئامراق،يۇمۇرلۇق خاراكىتىرگە ئىگە،مەيلى شەخسى تۇرمۇشتا بولسۇن ،ئىدارە ئورگانلاردا بولسۇن ياكى چوڭ تىپتىكى يېغىنلار بولسۇن  سورۇنلاردا چاقچاق پاراڭلار پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يۇمۇرلۇق خاراكىتىر پىسىخىك ساغلاملىقىنىڭ ئىپادىسى،ساغلام چاقچاقلار ئادەملەرنىڭ روھىنى كۆتۇرۈپ ئارام ئېلىش،كۈلكە ھاسىل قىلغان خوشاللىقتىن بەھرىمان بولۇش ئمىكانىيتگە ئىگە قىلىدۇ.
ئۇ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇردىغان،ئۆزىگە مەپتۇن بولۇشتىن ساقلىندىغان ،ئۆزىنى مەسخىرە قىلىش ھەم ناچار قىلمشلارنى كۈلكە ،مەسخىرە ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كىشلەرنى تەربىيلەيدىغان ئەپچىل قورال.
لىكن بىزدىكى چاقچاق مەخسۇس سورۇنلاشقان،ئامىمىۋى خاراكىتىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ ،
بۇ ئىلىنىڭ ھاۋاسى ساپ،مۇھىتى گۈزەل باغچىلاشقان رايون بولۇش ئالاھىدىلكى بىلەن زىچ بىرىكىپ ئۇنى باغلاردا،مەشىرەپلەردە مەخسۇس ئېلىپ باردىغان بولغان،بولۇپمۇ ياشلارنىڭ توي مەرىكىلرىدە ‹مەسىلھەت›دېگەن بىركۈنلۈك پائالىيەت دەل چاقچاقچى،سازەندىلەر تەكلىپ قىلنىپ چاقچاق سورۇنى بولۇپ قالغان.

ماقالىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئىرشىشگە تىلەكداشمەن.رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-21 03:33 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93701
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 287
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-3-21
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 07:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ موھىم بولغان ئورۇنلۇق تەكلىپ بەردىڭىز رەخمەت سىزگە،مەن تىرىشىپ باقاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 1740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1683
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1199 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    چاخچاقنىڭمۇ  قېلىپى بۇلىدۇ     ،     ھەرقانداق سورۇندا  مىھمانغا چاخچاق  قىلىشقا ،  ئۇنىڭ ئەيىۋىنى ئېچىشقا ،     يۈزىنى چۈشۈرىدىغان  چاخچاقلارنى قىلىشقا  بولمايدۇ    .            مەرھۇم ھېسامكام    بىر سورۇندا  ئولتۇرسا ،  چاخچاقچىلارخوتەنلىك  مېھمانغا چاخچاق قىلىشىپتىكەن ، ھىسامكام   دەرھاللا  :  ھېي ،ھەرقايسىڭ  مىھمانلارغا چاخچاق قىلىۋەرگەچكە،   كىگىزدە ئولتۇرىشىسەن   .         چاخچاقنىڭ  يەنە بىر شەكلى   بەزى بىر  ناچار قىلمىشلارنى      قامچىلاش      .    بىراق بەزى سورۇنلاردا ، چاخچاق قىلدىم دەپ      باشقىلارنى   خاپا قىلىدىغان     ئىشلار باركەن  ،مەسلەن: قايسى كۈنى  چاخچاقچى   شەۋكەت دىگەن كىشى   ،   بىر سورۇندا  ياقۇپ  ئاكىمىزغا چاخچاق  قىلىپ  ،  بۇنىڭ ئاستىدا ئېشەك قۇرتى باركەن دەپ، ھېچكىم ئۆمىلىمەيدۇ   دېدى   .  ياقۇپ ئاكىمىز خاپا بولدى   .          دىمەك بەزى يۇمۇرلۇق سۆزلەردە ،باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلاشمايلا چاخچاق قىلدىم دەيدىغان    چاخچاقچىلار   خېلى باركەن.        

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14645
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2556 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۆكسۈپ قالمىسۇن!

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 723
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2013-11-29
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى چاقچاقچىلارنىڭ بەك ساپاسى تۆۋەن جۇمۇ؟ ئۆزەم غۇلجىلىق بولساممۇ چاقچاق قىلىشنى  ئانچە قوللاپ كەتمەيمەن.نىمە ئۇ ۋەيت ۋەيت دەپ كەچكىچە ھىجاراپ كوچىدىن كىرمەي. قاپاقنى چىڭ تۈرۈپ ئىشلەپ پۇل يىققان  ئەر بىلەن بىلەن ھىجاراپ ئىككى كۆزىنىڭ ئەتراپىغا قۇرۇق يىققان ئەرنى ئەلۋەتتە سېلىشتۈرغىلى بولمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1073
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 05:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋىيسى يۇقۇرى چاخچاقلارنى يىغىپ توپلاپ توپلام چىقىرىش كېرەك ئىدى.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش