مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 611|ئىنكاس: 9

قىزلىق دىگەن بىر بۈيۈك ۋەتەن(شىئېرلار)-ئاچچىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109628
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2014-9-2
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىزلىق دىگەن بىر بۈيۈك ۋەتەن
(شېئىرلار)

ئەيساجان تۇردى ئاچچىق

ھايات

ھايات دىگەن قەبرە ئۈستىدە،
بەرق ئۇرۇپ ئېچىلغان چېچەك.
ئۆلۈم پۇراپ تۇرغان كوچىدا،
قول سىلكىيدۇ گۈزەل كېلەچەك.

ئەجەل بولسا ئەڭ ئۇستا ئوۋچى،
ھايات دىگەن ھىلىگەر تۈلكە.
بۇ دۇنياغۇ بىر تەخسە خام سەي،
خۇرۇچلىرى يېغا ۋە كۈلكە.

تارىم دەرياسىغا بېغىشلىما

سەن يۇرتۇمنىڭ تارىخ دەستۇرى
ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان.
سەن خەلقىمنىڭ ئوتلۇق تۇمۇرى،
قانلىرىمدەك ئۆركەشلەپ تۇرغان.

سەن باشلىنىپ ئانا زىمىنىدىن،
قۇيۇلىسىەن ئانا زىمىنغا.
بۇ خىسلىتىڭ نامرات شائىرنى،
كۆمۈۋەتتى تاتلىق خىيالغان.

ئەجداد روھى تامچە سۈيۈڭدە،
جىلۋىلىنەر شۇ قەدەر ئېنىق.
قېزىپ چىققۇم كېلەر باغرىڭنى،
مەن گوياكى بولۇپ بىر بېلىق.

شېئىر يازدىم ئۇيغۇر تىلىدا،
مېنى چۈشەپ قالىسەن بەلكىم.
سەن دىللاردا ئەڭ گۈزەل ئانا،
ئانىسىنى سۆيىدۇ ھەركىم.

قىزلىق

ئەڭ قەدىمى ئۇيغۇر قىزىنىڭ،
ئەۋرىشكىسى ساقلانغان سەندە.
شەرمى–ھايا ئەخلاق نۇرلىرى،
ساقلانماقتا بىرگۈزەل تەندە.

ھەر قەدىمىڭ، ھەربىر تىنىقىڭ ،
كېلىچەككە بەرمەكتە ۋەدە.
ئېچىلىدۇ زۇلمەت گۈللىرى،
لاياقەتلىك ئانا كەم يەردە.

‹‹قىزلىرىم›› دەپ تىترەيدۇ ئاتا،
قىزلار ئۈچۈن يىغلار مۇئەللىم.
ئۇچراپ قالسا قىرىق قاراقچى،
كۈلۈۋەتكىن بولمىغىن تەسلىم.
                                                        
بۇ جاھاننىڭ چاقچاقلىرى كۆپ،
ھەر بىر كۈنۇڭ بولسۇن قەدىردان.
ئىمان نۇرى كۆچمىسە دىلىدىن،                                                                                        ئۇيغۇر بولۇپ قالىسەن ھامان.

رىقابەتكە ئاشىق بولمىساڭ،
ئاشىق بولماس ساڭا ھىچ كىشى.
زىننەتلەنسۇن بىلىم-ئەخلاقتىن،
كەڭ قەلبىڭنىڭ ئىچى ۋە تېشى.

چاقىرمايدۇ بەخىت كوچىسى،
بىرلەشمىسە روھىڭ بىلەن تەن.
ئۆز-ئۆزۈڭنى مۇنقەرز قىلما،
قىزلىق دىگەن بىر بۈيۈك ۋەتەن.

مەڭگۈلۈك رىشتە

ئايرىلساقمۇ ئامال تاپالماي،
ساۋاقداشلار ساۋاقداشلاردىن.
بىر ياتاقتا نەچچە يىل ياتقان،
ياتاقداشلار ياتاقداشلاردىن.

شۇنچە تاتلىق ۋەدە بىرىشكەن،
قەلىبداشلار قەلىبلداشلاردىن..
بىر تاۋاقتا تاماق يىيىشكەن،
تاۋاقداشلار تاۋاقداشلاردىن.

بەزى چاعدا راسا ئىچىشكەن،
قاۋاقداشلار قاۋاقداشلاردىن.
گاھى چاغدا قالغان سوقۇشۇپ،
چاتاقداشلار چاتاقداشلاردىن.
..........................
بىز ئىزدىشىپ ئۆتىمىز مەڭگۈ،
چارچىمايمىز سوكۇلداشلاردىن.
تېلىفۇندا سۆزلەيمىز ئۇزاق،
زىرىكمەيمىز كوتۇلداشلاردىن.

بىز ھەر يانغا چېچىلغان بىلەن،
بولۇپ قالدۇق زامانداشلاردىن،
بۇ دۇنيادىن تاپقىلى بولماس،
بىزدەك ئىناق ساۋاقداشلاردىن.

خىياللىرىم

ۋاپادار خىياللار سۆيمەكتە قېنىپ،
بەلكىم مېنى سۆيگىنىڭ يالغان.
قەلبىڭدە يەنە بىر گۈزەل ۋادا بار،
تېخى سەنمۇ قەدەم باقمىغان.

مەن ئۆزۈممۇ ياكى ئەمەسمۇ؟
بىلەلمىدىم، بىلەلمىدىڭ ھەم.
سەنمۇ ئېنىق بىلمەي يۈرۈيسەن،
قەلبىڭدىكى خوشاللىقمۇ-غەم؟!

كارۋېتىمنىڭ يېنىدا ئەنە!
تېپىشماققا كەتتىڭ ئايلىنىپ،
يىقىلىپ چۈشتۈم پوچتىخانىدا.
يۈرىكىمنى كونۋېرتقا سېلىپ.

قولۇمدىكى نۇرلۇق خېتىڭدە،
تەشۋىشلىرىم قاپتۇغۇ ئۆلۈپ،
ياۋايى تۇيغۇدا نەپەس ئالالماي،
جەنۇپلۇقنى ئويغاتتىم كۈلۈپ.

ئۇزۇتۇش زىياپىتى

ئەي مەسۇم پەرىشتە باقتىڭمۇ ئويلاپ،
ئەتىلا يېنىمدىن كېتىپ قالىسەن.
بۇ پۇرسەت كەلمەيدۇ بىزگە قايتىلاپ،
سەن قاتىل، يۈرەكنى چوقۇم يارىسەن.
                                                                                       
ئايرىلىش ئالدىدا مۇزىكا تىڭشاپ،
رىۋايەت، چۆچەكىنى قالىمىز ئۇنتۇپ.
ئۇ چاغدا ۋاقىتمۇ كېتىدۇ قاقشاپ،
رىئاللىق تۇرغاچقا بىزنىلا نوقۇپ.

مەن سىنى ئۇزاتقان ئاشۇ سەھەردە،
ئەڭ ئېغىر قەدەمدە كەتتىڭ يىراقلاپ.
كۈلۈشكەن بولساقمۇ يېرىم دەقىقە،
ئەڭ شىرىن ئازابنى قالدىم قۇچاقلاپ.


   
ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-20 11:54 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8124
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1291 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق سىز ئۆزىڭىز بولامسىز ؟
تېلىفۇن نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپسىزغۇ ؟

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30947
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3012 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئېرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر -بىرىدىن ئېسىل شېئىرىڭىزدىن بەھرلەندۇق......



ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستاز،مۇنبەرگە دۇر -گۆھەرلەرنى تۆككۈچى ،تىلى ئۆتكۈر يازغۇچىمىز ئەيساجان تۇردى ( ئاچچىق)نى ئالىي ئەزا قىلىشنى ئويلىشىپ باقساڭلار بولمامدۇ...؟

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4390
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19757
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1628 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل !! شۇنداق ئېسىل چىقىپتۇ ئەيساجان ئاكا. ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

سائادەت ساتتار ئايتۇغ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 22266
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 5007 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەل بولسا ئەڭ ئۇستا ئوۋچى،
ھايات دىگەن ھىلىگەر تۈلكە.
بۇ دۇنياغۇ بىر تەخسە خام سەي،
خۇرۇچلىرى يېغا ۋە كۈلكە.
**********************

قىسمەتلەر مەيلىگە سالساڭ كېمەڭنى،
دولقۇنلار باغرىڭغا ئۇرۇلار سوغۇق.
ۋىسالدىن ئۈمىدنى ئۈزمىگەن ئاشىق،
باھارنى چىللايدۇ ئاۋازى بۇغۇق...

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!.
http://saadat.blogbus.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99858
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 813
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىقابەتكە ئاشىق بولمىساڭ،
ئاشىق بولماس ساڭا ھىچ كىشى.
زىننەتلەنسۇن بىلىم-ئەخلاقتىن،
كەڭ قەلبىڭنىڭ ئىچى ۋە تېشى.




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1940
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5246
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 05:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىسلى شېئىرلنى ئەمدى كۆرگىنىمدىن تۇلىمۇ ئەپسۇسلاندىم .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7407
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلىرىمىز بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ، مەۋجۇتلۇقىمىز ،  رەھمەت .

ئىسىيان مەڭگۈلۈ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 1097
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12817
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسمەتلەر مەيلىگە سالساڭ كېمەڭنى،
دولقۇنلار باغرىڭغا ئۇرۇلار سوغۇق.
ۋىسالدىن ئۈمىدنى ئۈزمىگەن ئاشىق،
باھارنى چىللايدۇ ئاۋازى بۇغۇق...

يۈرۈيمەن ئۈمۈدتە قالمىغاچ ھېرىپ ،
قەستنى شەيتاننىڭ ئۈمۈدتە يېڭىپ .
ئەملىسە‹‹ دەردىنى›› گەر تىۋىپ كىلىپ ،
ئۆلسەممۇ كېتەتتىم چىرايلىق كۈلۈپ .


قىزىق ئالەم قىزىق ئىش، يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش . يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ، دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش