مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1805|ئىنكاس: 30

ئىسلام دىنىنىڭ ئائىلە مەسئۇلىيەت قارىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1806
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10875
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1481 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسراپىل ئابدۇقادىر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 G8 \) W9 X. d% hبىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 F% t  A4 Z( B7 `. N- g7 h  ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ئائىلە دېگەن بۇ ئۇقۇم قارىماققا ناھايىتى ئاددىيدەك تۇيۇلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئائىلە ھەرقانداق جەمئىيەتنىڭ ئاساسى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، جەمئىيەت نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنىڭ بىر گەۋدە بولۇشىدىن شەكىللىنىدۇ. ئىسلام دىنى ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تۈرلۈك ئىللەتلەر ۋە خۇراپاتلىقلاردىن ئىسلاھ قىلىپ، ساغلام تەرەققىي قىلىشقا چاقىرىدىغان ئىلغار ۋە ئىلمىي دىندۇر. ئائىلە ھاياتىمۇ ئىجتىمائىي ھاياتلىق بولغاچقا جەمئىيەت ھاياتىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئائىلە ھەرقانداق ئىنساننىڭ تۇنجى مەكتىپى بولۇپ، كىشىنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۇنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، شۇڭا جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتا ئالدى بىلەن ئائىلىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بىز ئائىلىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشتىن بۇرۇن، ئائىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئازراق توختىلىمىز. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن(يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن(يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى(يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن(يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر–ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار“(سۈرە نىسا، 1-ئايەت). دېمەك، ئاللاھ تائالا ئائىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى يەر شارىدىكى تۇنجى ئىنسانلار بولغان ئادەم ئاتىمىز بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزدىن ئىبارەت بىر ئەر، بىر ئايالنىڭ نىكاھلىنىشى ئارقىلىق بېكىتىۋەتكەن بولۇپ، بۇ خىل قانۇنىيەت تاكى قىيامەت كۈنىگىچە شۇنداق داۋاملىشىدۇ. ئۆيلىنىش بولسا ئىسلام دىنىدا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن شارائىتى يار بەرگەن كىشىلەر ئۈچۈن سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”ئۆيلىنىش مېنىڭ سۈننىتىم(يولۇم)دۇر، كىمكى سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس”(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئۆيلەنمەي، ئۆمۈر بويى بويتاق ياشىغان كىشى دىندا بولمىغان ئىشنى پەيدا قىلغان بولىدۇ. بۇ ھالەتتە ئۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىدا ئۆزىنى قىيناشقا ئورۇن يوق، بۇ دىننى قىيىنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنى بىھۇدە ئاۋارە قىلغان بولىدۇ. ئىسلام دىنىدا ھەرقانداق ئەمەلنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولۇشى ئۈچۈن مۇنداق ئىككى تۈرلۈك شەرت ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك: بىرى، ئۇ ئەمەل چوقۇم ئىمان ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇشى؛ يەنە بىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقان يولىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە بارلىق ئىشلىرىمىزدا ياخشى ئۈلگىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”سىلەرگە— ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە—رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر“ (سۈرە ئەھزاب، 21-ئايەت). يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقىنى ماختاپ مۇنداق دېگەن: ”سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن“ (سۈرە قەلەم، 4-ئايەت) ۋە شۇنداقلا ئۇ زاتنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىنى ماختاپ مۇنداق دېگەن: ”سەن توغرا يولدىسەن”(سۈرە ياسىن، 4-ئايەت). ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: ”ئۈچ ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلىدىغان تائەت-ئىبادىتىدىن سورىدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى ئاز ساناپ ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆتكەنكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىنى كەچۈرگەن تۇرسا، بىز قانداقمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلەيتتۇق دېيىشتى، ئۇلارنىڭ بىرسى: ’ھەمىشە كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ چىقىمەن‘ دېدى، يەنە بىرى: ’مەن ھەمىشە روزا تۇتىمەن، ھەرگىز ئېغىزىم ئوچۇق يۈرمەيمەن‘ دېدى، يەنە بىرسى: ’مەن ئاياللاردىن يىراق بولىمەن، ھەرگىز ئۆيلەنمەيمەن‘ دېدى. رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئۇلارغا: ’سىلەر مۇنداق دەپسىلەر، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئاللاھتىن سىلەردىن بەكرەك قورقىمەن ۋە ئەڭ تەقۋادارمەن، (نەپلە)روزىنىمۇ بەزىدە تۇتىمەن، بەزىدە تۇتمايمەن، كېچىسى ھەم ناماز ئوقۇيمەن ھەم ئۇخلايمەن، خوتۇنمۇ ئالىمەن، كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمنى تەرك ئېتىدىكەن، ئۇ مېنىڭ سۈننىتىمگە مەنسۇپ ئەمەس‘ دېدى“ (بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئۆيلىنىش ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا–ئاخىرەتلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن قانۇنىيەتتۇر. ئۆيلىنىش كۆپلىگەن ئېسىل غايە ۋە مەقسەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئىككىدۇر. بىرى، پەرزەنت كۆرۈش؛ يەنە بىرى، ئۆيلىنىش ئارقىلىق زىنا–ھارامدىن ساقلىنىشتۇر. مۇسۇلمان كىشى ئۆيلىنىش ئارقىلىق جەمئىيەتكە ياراملىق، ئۆز ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلالايدىغان، دىيانەتلىك، ساپالىق ياخشى ئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر“ (سۈرە كەھف، 46–ئايەت). ئىنسانلار پەرزەنت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغاندىن سىرت، يەنە ئاشۇ پەرزەنتلەرنىڭ جەمئىيەتكە ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆيلىنىشتىكى يەنە بىر مەقسىتى ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى ھالالدىن قاندۇرۇش ئارقىلىق ھارام ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلاشتۇر. جىنسىي ھەۋىسىنى ئۆزىنىڭ ھالال ئايالى ئارقىلىق ئادا قىلىش كىشىنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. لېكىن بۇنداق ئىپپەتنى ھاسىل قىلىش ئاۋۋال نىيەتكە باغلىق بولىدۇ، ئەگەر كىشى پۈتۈن مەقسىتىنى ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇشقىلا بېغىشلىغان ھالدا ئۆيلىنىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇ باشقا مەخلۇقلاردىن ئانچە پەرقلەنمىگەن بولىدۇ. شۇڭا ئۆزىنى ھارامدىن ساقلاش ئارقىلىق ئىپپەتلىك بولۇشنى غايە قىلغان ئاساستا ئۆيلىنىش لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئى ياشلار جامەئەسى! ئۆيلىنىشكە قادىر بولغىنىڭلار ئۆيلىنىڭلار، ئۆيلىنىش كۆزنى نامەھرەمدىن(يەنى ئۆزىنىڭ ئايالى بولمىغان بىرەرسىگە تىكىلىپ قاراپ گۇناھكار بولۇشتىن) ساقلايدۇ، ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغان كىشى روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنىڭ شەھۋىتىنى كېسىدۇ“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). دېمەك، ھارامدىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بولۇش نىيىتىدە ئۆيلەنگەن كىشى ئۆيلىنىش ئارقىلىق چوقۇم ئىپپەتلىك بولالايدۇ، لېكىن يەنىلا قانائەتچان بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئىنساندا قانائەت بولمىسا، نەپسى تويسىمۇ كۆزى تويمايدۇ-دە، نەتىجىدە يەنىلا ئېزىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا قانائەتچان، ئىنسابلىق بولۇش تولىمۇ زۆرۈر. مۇسۇلمان كىشى جۆرە تاللىغاندا ئوبدان ئويلىنىپ بالىلىرىغا ياخشى ئانا بولالايدىغان، ئۇلارنى ساپالىق، ئىقتىدارلىق قىلىپ تەربىيەلەيدىغان ئايالنى تاللىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”كىشىلەر ئاياللارنى تۆت نەرسىگە — ئۇنىڭ بايلىقىغا، چىرايىغا، نەسەبىگە ۋە دىيانىتىگە قاراپ ئالىدۇ. سەن ئاۋۋال دىيانەتلىك بولغىنىنى تاللىغىن، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ چوقۇم زىيان تارتىسەن“ (بۇخارى رىۋايەت قىلغان). يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئايال كىشىنىڭ دىيانىتىدىن خەۋەرسىز ھالدا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا ياكى گۈزەللىكىگە ۋە ياكى جەمئىيەتتىكى ئورنىغا بېرىلىپلا ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى ئايال كىشىنى ئۇنىڭ ئابرۇيىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ خورلۇقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، كىمكى ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پېقىرلىقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، كىمكى ئۇ ئايالنىڭ نەسەبىگە قاراپ تاللايدىكەن، ئۇ پەقەت رەزىللىكتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، كىمكى ئايال كىشىنى كۆزىنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلاشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئۇنىڭ دىيانىتىنى دەپ ئالىدىكەن، ئاللاھ ھەر ئىككىلىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ”(تەبرانى رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېگەن: ”ئايال كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ چىرايىنى كۆزلەپ ئالماڭلار، ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى سىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىققا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ بايلىقىنى كۆزلەپ ئالماڭلار، بايلىقى ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ دىيانىتىنى كۆزلەپ ئېلىڭلار، دىيانەتلىك بولغان قارا تەنلىك دېدەك دىيانىتى بولمىغان ساھىبجامالدىن ياخشىدۇر”(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان). دېمەك، جۆرە تاللىغاندا ئىسلام شەرىئىتىدە كۆرسىتىلگەن پىرىنسىپ بويىچە تاللايدىغانلا بولساق چوقۇم بەختكە ئېرىشەلەيمىز، ئىسلامنىڭ بۇ جەھەتتىكى يوليورۇقلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى كىشىلەرنىڭ تەجرىبە–ساۋاقلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانماقتا. يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھى بويىچە يېڭى بىر ئائىلە قۇرۇلغاندىن كېيىن ھەش-پەش دېگۈچە ئائىلىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگىلى تۇرىدۇ. مەسىلەن، بالا تۇغۇلىدۇ، بالىنىڭ تۇغۇلۇشى ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ئىش، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئائىلىگە مەلۇم جەھەتتە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى بۇ بالىنى قانداق تەربىيەلەش، قاتارغا قوشۇش، ئۇنى قانداق قىلغاندا جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالايدىغان بالا قىلىپ چىقىش مەسىلىسى ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ زىممىسىدىكى ئېغىر يۈك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەردە بۇ نۇقتىنى ياخشى ئويلاشمىغاندا ئىنسانلارنىڭ ھالى تېخىمۇ خاراب بولىدۇ. چۈنكى جۈپلىشىش، جان بېقىش، نەسىل قالدۇرۇش ۋە ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ھەرقانداق جانلىقنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. ئۇنداقتا ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ قانداق مەسئۇلىيىتى بار؟ ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! ئۆزەڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ“ (سۈرە تەھرىم، 6-ئايەت). شەرىئەتتە چەكلەنگەن ناشايان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار جەمئىيىتىمىزدە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ. شەرىئەتتە چەكلەنگەن نۇرغۇن ئىشلار كىشىلەرگە نىسبەتەن يات-غەيرى تۇيۇلمايدىغان، ھەتتا بەزىلەرگە مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. دېمەك، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ۋە نەسلىنى ئۇنتۇپ قالدى. «ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟» دېگەن كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: ”ھېچكىم خاتالىشىشنى خالىمىسىمۇ، توغرىلىقنى ئىزدىسىمۇ، لېكىن خاتالىشىش ئىنسانلارنىڭ دائىملىق تەقدىرى بولۇپ كەلدى. تارىخ خەزىنىسىدىكى پۈتمەس–تۈگىمەس تەجرىبە–ساۋاقلارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ ۋە شۇنداقلا ئىبرەت ئالمايدىغان ئىنسانلارنىمۇ ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. خۇددى ئاق چېكىدىغان ئادەم يېنىدا بىر قېرىندىشىنىڭ شۇ سەۋەبتىن قازا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنىلا چەككىنىگە ئوخشاش. بۈگۈننىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نوقۇل تارىخىي تەجرىبىلا ئەمەس، بەلكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى دەۋرلەشتۈرەلەيدىغان پاراسەت، بۈگۈننىڭ ئېھتىياجىنى كۆزلىيەلەيدىغان كۆز، يۈزلىنىشنى پەرەز قىلالايدىغان ئۆتكۈرلۈك، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ھەقىقەتلەرگە خىلاپلىق قىلمايدىغان ساداقەتمەنلىك بولۇشى كېرەك. بىر جەمئىيەتتە ئوغرىلىق ۋە باشقا ھەر خىل بۇزغۇنچىلىقنىڭ تاسادىپىي يۈز بېرىپ قېلىشى نورمال ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بۇنداق بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرۇشى ۋە شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئەپۇ قىلىۋېتىشى ۋە نورمال بىر ئىش دەپ توغرا چۈشىنىشى ئەڭ خەتەرلىك ھادىسىدۇر“ . دېمەك، يۇقىرىقىدەك بىر قىسىم ئەخلاققا زىت بولغان ئىشلارنىڭ دىيارىمىزدا، ئائىلىمىزدە يۈز بېرىشىدە ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز بار. چۈنكى ئۇلار بىزلەرنىڭ ئاكا–ئىنىلىرىمىز، ئاچا-سىڭىللىرىمىز ياكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست–بۇرادەرلىرىمىز، بىز ئۇلارنى يامانلىقتىن توسساق، چىرايلىق تەربىيە قىلساق، ئۇلار ئۆزىنىڭ توغرا يولىنى تاپالايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبىدە گۇناھىي–مەئسىيەتلەر بىلەن كۆمۈلۈپ قېلىپ، نۇر چاچالمايۋاتقان ئىماندىن ئىبارەت بىباھا گۆھەر بار. شۇڭا بىز ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشتا ھەرگىز زېرىكىپ قالماسلىقىمىز لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ”ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرەڭلەردىن سوراق قىلىنىسىلەر، ئىمام مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوراق قىلىنىدۇ، ئەر كىشى مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوراق قىلىنىدۇ، ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ ئۆيىدە مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوراق قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىنىنىڭ مېلىدا مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوراق قىلىنىدۇ“ (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). مەسئۇلىيەت مەردلىكنىڭ بەلگىسى، مەسئۇلىيەتسىزلىك نامەردلىكنىڭ ئىپادىسى، مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۇخلاپ ماڭغان يولۇچىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ھېچقانداق قارارگاھى بولمايدۇ. مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەر قارىماققا باشقىلارغا زىيان–زەخمەت يەتكۈزمىگەندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھالقىلىق پەيتلەردە قىلغان سۈكۈتلىرى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. دېمەك، مەسئۇلىيەتسىزلىك قەلبنىڭ پالەچلىكىدۇر، بۇ نۇقتىنى ئېتىبارغا ئالغاندا، كىشىلەر ئۆزى مەسئۇلىيەتچان بولۇش بىلەن بىرگە، مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەردىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. دۇنيادىكى ھەرقانداق تىراگېدىيە مەسئۇلىيەتسىزلىك تۈپەيلىدىن يۈز بېرىدۇ، شۇڭا تارىختىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن تراگېدىيەلەرنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىنى ھەر ۋاقىت ئەستە تۇتۇش كېرەك. بىر ئادەم ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، جەمئىيەتكە، كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇش بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارماسلىقى لازىم. شۇڭا بىز جەمئىيىتىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جەمئىيىتىمىزگە نېمىلەر سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ، نېمىلەر يوقىلىۋاتىدۇ، دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز لازىم. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى چۈشىنىپ يېتىپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلسە، ئۇنى ئىسلاھ قىلىشقا كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشسا، جەمئىيىتىمىز تۈزىلىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ، يۈكسىلىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ئىككى ئەلەملىك بەخت-سائادىتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە نەمرۇت دېگەن پادىشاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتقا تاشلىغاندا، بىر قۇشقاچ دېڭىزدىن ئېغىزىغا سۇ ئېلىپ كېلىپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇستىدە كۆيۈۋاتقان غايەت چوڭ ئوتنىڭ ئۈستىگە سەپكەن. بۇنى كۆرگەن باشقا جانلىقلار ھەيران قېلىپ ”بىر تامچە سۇغا ئوت ئۆچمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئاۋارە بولىسەن“ دەپ سورىغاندا، قۇشقاچ: ”توغرا، مېنىڭ بۇ بىر تامچە سۈيۈم بىلەن ئوت ئۆچمەيدۇ، لېكىن مەن بۇ ئارقىلىق ئۆز مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم“ دەيدۇ. دېمەك، بىزدە ئاشۇ قۇشقاچچىلىك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىلا بولسا، ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ كىچىك جەمئىيەتتىكى رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغانلا بولساق، جەمئىيەتتىكى ناچار ئىللەتلەر ئازىيىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا ئىناق-ئىتتىپاق، تىنچ-ئامان بولغان ئىلغار جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ئاخىرىدا ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ئائىلىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئۆتەشكە نېسىپ قىلغاي! بارلىق مۇئمىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب، تەۋپىق، ھىدايەت ئاتا قىلغاي! ئامىن! بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 i5 d- ^* B) A/ `* C0 u
«ھىدايەت گۈلزارى» 3-توم بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! ]" s: T; m- A( E: a5 F
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 l  m% f- p! k% w

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 W6 _& F, T8 ]1 r8 U" J4 q بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-20 07:02 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 s2 b; Z! z  t& T8 R0 W/ z0 _

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& U& n+ `. _) m- K2 e

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30945
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3011 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمان كىشى ئۆيلىنىش ئارقىلىق جەمئىيەتكە ياراملىق، ئۆز ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلالايدىغان، دىيانەتلىك، ساپالىق ياخشى ئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر“ (سۈرە كەھف، 46–ئايەت).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 u  z8 C  a; k3 o4 S6 dبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 C: a6 s! K/ N9 N7 f, d5 D
بۇ تولىمۇ مۇقەددەس ھۆكۈم ئىكەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8124
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1290 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى ياخشى يىزىلغان ئىكەن .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

مەن گۇلگە ئامراق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13759
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3136 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىلارنى يىزىۋاتىسىز! ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن.  مەسئۇليەت بۇ بەك مۇھىم مەسىلە  .مەسئۇليەت ئارقلىق  ئۆز ئائىلىمىزنى  بارلىقىمىزنى قوغدايلى!

تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85762
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1117
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماشائاللاھ.قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2885
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 809 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەات سىزگە بۇرادەر، ساقلاپ قويغۇدەك ئىسىل تىمىلارنى يوللاۋاتىسىز

دۇنيا ئۈچۈن بولۇپ پاتپاراق،
ئىنسان ئۆتەر تويماي ئاشۇنداق.
ھاياتلىقتا تويمىغان كۆزنى
تويدۇرىدۇ پەقەتلا تۇپراق.....


مىنىڭ تىمىلىرىمنى كۆرمەكچى
بولسىڭىز ھويلامغا مەرھەمەت قىلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109012
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 471
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ رەببىم ئىككىلى دۇنيادا خاتىرجەملىك بەرسۇن ،تولڭمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109012
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 471
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 08:08 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" l2 q% E6 ~6 fمۇسۇلمان كىشى ئۆيلىنىش ئارقىلىق جەمئىيەتكە ياراملىق،  ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( Z1 `, ]9 N( p; w9 H5 n; Hئەگەشتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108280
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 298
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2014-7-7
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://bbs.bagdax.cn/thread-26459-14-1.html
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( L4 \8 O6 K7 }+ O" a& [مىسرانىم  توردىكىلەر تايىنلىقكەنسلەر جۇمۇ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ A; Z7 O4 b5 O& m4 {# i' P3 Nباغداش توردا خەقلەر بىزنىڭ دىنىمىزنى ھاقارەت قىلىپ مۇقەددەس كىتاپقا تىل تەكگۈزسە سىلەر بۇيەردە ئوخلاۋاتىسلەر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: u" \' ?0 I5 W" U! X1 Rhttp://bbs.bagdax.cn/thread-26459-19-1.htmlبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' b9 _. O' F( K) w+ ^  j7 V9 V
http://bbs.bagdax.cn/thread-26432-36-1.htmlبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ w* e3 e1 l  l, @8 O3 f, X4 O( _
http://bbs.bagdax.cn/thread-26419-20-1.html
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; c$ n! }8 P/ T, E6 h

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش