مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 634|ئىنكاس: 9

ئابدۇرېھىم زۇنۇن: ئالمىڭىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 997
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3753
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 900 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-20 06:12:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


                   پەردىنى رۇقسارىڭىزدىن ئالماڭىز،
                   مېنى ناھەق ئۆلتۈردى شۇ ئالماڭىز.
                   گەر ئانارىستانغا سۇنسام ئىلكىمە،
                   دەيتىڭىز تۇرسۇن ئامانەت ئالماڭىز
                                                                        __   نەۋايى

                                 ئالمىڭىز


باغ كەزگەندە، كۆزۈمگە چۈشتى گۈلگۈن ئالمىڭىز،
دىلدا شادلىق دەۋرەتتى بولۇپ كەلكۈن، ئالمىڭىز.

ئېقى ئاپپاق، قىزىلى قىرمىزى گۈل كۆرۈنىپ،
يېدى كۆزنىڭ يېغىنى، ئىكەن مەجۈن ئالمىڭىز...

بىر بېقىشتا كۆڭلۈمگە چۈشتى تاتلىق تۇيۇقلار،
روھىمغا روھ قوشۇلۇپ قىلدى تۈرگۈن ئالمىڭىز.

خىيال قۇشۇم پەر قېقىپ سۆيۈپ كەڭرى سامانى،
رىغبىتىدە روھىمنى قىلدى ئۈستۈن ئالمىڭىز.

يېشىل ياپراق، شاخ ئارا يۇلتۇزلاردەك جىمىرلاپ،
بولدى بارچە ئالمىغا سەركە-سەنگۈن①ئالمىڭىز.

گۈزەل جىلۋە، نازىدا ئەيلەپ دىلنى مەھلىيا،
ئەقىللەرنى قىلدى لال كۈندەك كۈلگۈن ئالمىڭىز.

ئېگىۋىلىپ كۆڭلۈمنى، ناكار قىلىپ ئەقلىمنى،
دەردلىرىمگە يېڭى دەرد قوشتى بۈگۈن ئالمىڭىز.

بولدۇم سىرلىق ئالمىڭىز ئۈچۈن جۇنۇن، بەرقارار،
سەرسان قىلىپ كەزدۈردى چۆلنى كۈن-تۈن ئالمىڭىز.

ئالمىزاردىن كۆز ئۈزمەي ئابدۇرېھىم دەيدۇ: ئاھ !
ئازدۇرارمۇ ئەقلىدىن ئەتە- ئۆگۈن ئالمىڭىز ؟!

① قۇماندان، سەركەردە





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107189
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1877
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 10:16:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىلھاملار بىلەن يۇغۇرۇلغان شئېرىڭىز ئۆكسىمىسۇن !شئېرىڭىزنى مۇنبەردە كۆرگىنىمدىن خۇش بولدۇم !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102444
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 251
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2014-1-18
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 11:58:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەردىنى رۇقسارىڭىزدىن ئالماڭىز،
     ناچىق ئۆتۈردى مېنى شۇ ئالماڭىز.
            گەر ئانارىستانغا سۇنسام ئىلكىمە،
                   دىدىڭىز قالسۇن ئامانەت ئالماڭىز

2-مىسراسى بىلەن 4- مىسراسى ئۆزگۈرۈپ كېتىپتۇ. 2- مىسرادىكى «ناچىق» سۆزىنىڭ مەنىسى «ناھايىتى جىق» بولۇشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107221
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2014-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 12:07:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
المىنى سۇندى نىگارىم ال دىدى,
الما بېرىپ بۇ كۆڭۈلنى الدىدى.
سورىسام المىسىنىڭ رەڭگىنى,
سورىما, الما رەڭگى ال دىدى.

كىمنىڭ يازغانلىقىنى بىلمەيمەن,يەنە بىر نەچچە كۇپلىتىنى ۇنتۇپ قاپتىمەن,
سىزنىڭ يازغىنىڭىزنىمۇ بەك ياختۇردۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 997
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3753
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 900 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 05:07:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 11:58 AM
پەردىنى رۇقسارىڭىزدىن ئالماڭىز،
     ناچىق ئۆتۈردى مېنى ...





    مەن 30 يىللار ئىلگەىرى يادلىۋالغانىدىم، ئېسىمدە قالغىنى شۇ ئىكەن. تۈزتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 997
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3753
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 900 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 11:46:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Samira120 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 12:07 PM
المىنى سۇندى نىگارىم ال دىدى,
الما بېرىپ بۇ كۆڭۈلنى ال ...



ئالمىنى سۇندى نىگارىم ئال دېدى،
ئالما بىرلە بۇ كۆڭۈلنى ئالدىدى.
سورىسام مەن ئالمىسىنىڭ رەڭگىنى،
نە سورارسەن، ئالما رەڭگى ئال دېدى.


دېگەندەك شەكىلدىغۇ دەيمەن. بۇمۇ نەۋايىنىڭ تۇيىقى. رەھمەت!


        

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 06:03:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقي شائىرنىڭ شېئىرلىرى يەنىلا باشقىچە ، سۆيۈندۈم ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 997
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3753
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 900 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 05:16:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abaytarim يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 06:03 PM
ھەقىقي شائىرنىڭ شېئىرلىرى يەنىلا باشقىچە ، سۆيۈندۈم ...




         رەھمەت سىزگە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 997
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3753
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 900 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-27 06:59:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



        ئوقۇرمەنلەرنىڭ شېئىردىن زوقلىنىش سەيەسىدىن گۇمانلاندىم. ئەپسۇس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 997
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3753
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 900 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 06:23:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
WOLKANII يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 10:16 AM
ياخشى ئىلھاملار بىلەن يۇغۇرۇلغان شئېرىڭىز ئۆكسىمىسۇن  ...




        ئەكبەرجاننىڭ ئىلھاملاندۇرغىنىغا رەھمەت!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش