چۈشۈڭگە يۇشۇرۇپ قويغىنچۇ مېنى
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
چۈشۈڭگە يۇشۇرۇپ قويغىنچۇ مېنى،
قۇتۇلاي ئازاپلىق كەچمىشلىرىمدىن.
ئويغانماي مەڭگۈ ھەم ئاتمىسىكەن تاڭ،
مىسرا بوپ سىرغىسام تىنىقلىرىڭدىن.
ئەسىر بوپ ئۆتكۈم بار قۇچاقلىرىڭغا،
بىزمۇ مەست بولايلى دەقىقە ئەركەم.
بىلىمەن مەن ئۈچۈن تىزغان گۈللەرنى،
يېشىڭدا سۇغىرىپ تۇردۇڭ ھېلىھەم.
كېچىلەر يورۇيدۇ چۈشىمىزدەكلا،
ۋىسالدا ئاتىدۇ سۆيگۈنىڭ تېڭى.
چۈشۈڭگە مۆكۈنۈپ يايرىسۇن تىنىم،
شۇ بولسا سۆيگۈنىڭ بىزدىن كۈتكىنى.
بىلىمەن قارايسەن ئايغا-يۇلتۇزغا،
ھەرنەپەس ئالغاندا مېنى ئىسىڭگە.
سۆيگۈدىن بىر ئاسمان ياسايلى جېنىم،
تۈن بولغىن ئاي بولۇپ سۆيەي يۈزۈڭگە.