بىر-بىرىمىزنى سۆكۈپ ئۆتەمدۇق
ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم
ئۆز-ئۆزىمىزگە ئورا قازامدۇق،
ئىتلار كەبى كۈندە ھۈرەمدۇق.
كۆرەلمەستىن تىلەپ شۇملىقنى،
بىر-بىرىمىزنى سۆكۈپ ئۆتەمدۇق.
قارىملارنى يالغانچىكەن دەپ،
سودىگەرنى ئالدامچىكەن دەپ.
قىزلىرىمىزنى شاپاقچىكەن دەپ،
بىر-بىرىمىزنى سۆكۈپ ئۆتەمدۇق.
كوچىغا چىقىپ،كەتتى قىزلار دەپ،
ئېغزىغا كەلگەننى،سۆزلەپلا يۈردى.
ئەركەكلىرىمىز ئۆزىدىن كۆرمەي،
يەنە قىزلارنى سۆكۈپلا يۈردى.
ناخشا ئېيتقان،چولپاننى ماز دەپ،
ئىسىم ئاتماي،ماڭا قارا تاز دەپ.
ۋىجدانى بار،ئەركەكلەرنى ئاز دەپ،
بىر-بىرىمىزنى سۆكۈپ ئۆتەمدۇق.
2014-يىلى9-ئاينىڭ20-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulsumay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-20 07:44 PM