قالمىسۇن
ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم
يوقلاپ تۇرغىن ئاناڭنى،ئاناڭ يالغۇز قالمىسۇن،
سىنى ئويلاپ كۈن بويى،كۆزىگە ياشلار ئالمىسۇن.
ئانا دىگەن ئۇلۇغۋار،باقىۋەندە ئەمەس مەڭگۈ،
كېتىپ قالسا دۇنيادىن،كۆزى سەندە قالمىسۇن.
شېلتىڭ ئېتىپ يۈرتۈڭدا،مۇساپېرنى يەكلىمە،
ئېچىگە تىنىپ ئۇلارمۇ،يىغلام سېراپ قالمىسۇن.
ئۆز يۇرتىڭىدىن ئايرىلىپ،سەرسان بولۇپ چىقاندا،
مۇساپىر دەپ سىنىمۇ،چەتكە قىقىپ قالمىسۇن.
ئاتاڭ قىلغان دۇئاننى،سەنمۇ قىلغىن بالاڭغا،
سەن تارتقان كۈلپەتنى،بالاڭ تارتىپ قالمىسۇن.
تەييار ناننى، قولۇڭدىن يەپ كۆنسە باللىرىڭ،
ئاتا-ئانام بارغۇ دەپ،ساڭا يۆلنىپ قالمىسۇن.
2014-يىلى9-ئاينىڭ20-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رەخم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-20 02:53 PM