ئايەم چاقىرىقى
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن مېھرى-ۋاپا، سۆيگۈ-مۇھەببەت بۇلدۇقلاپ تۇرىۋاتقان ئايەم ئەھلى! ياخشىمۇسىزلەر، مەن بۇ قېتىم مېنى تەبرىكلەپ ئۆتكۈزۈۋاتقان تۈرلۈك شەكىلدىكى شاتلىق پائالىيەتلىرىڭلارنى كۆرۈش، چۈشۈنۈش ئۈچۈن مەخسۇس زىيارەتكە كەلدىم. قېنى مېنى قارشى ئالامسىلەر! ئۇنداق بولسا پىچىرلاشلىرىمغا قۇلاق سېلىڭلار!!...
ئەي، ئىنسانلار! كەڭ كائىناتقا زەن سېلىپ قارىساڭلار، بۇ تەدبىركار دۇنيانىڭ ھەر بىر تال ھۆجەيرىسىدىن ھىكمەت دېڭىزىنى بايقاپ قالىسىلەر... سىلەر ماھىيەتتە بۇ دۇنيانىڭ جەۋھىرى ۋە جۇلاسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئەڭ گۈزەل ھەم چۇڭقۇر ھىكمىتى ئەمەسمۇ؟!...
ئاشۇ تۈۋرۈكسىز ئاسمان، تىنىمسىز كۆيۈۋاتقان نۇرلۇق قۇياش، كېچە باغرىغا چېچىلغان ساناقسىز يۇلتۇزلار، ئۇزاق تارىختىن بۇيان چۇجالىپ ياتقان تاغلار، سىلەرگە ئورتاق بىر تىلدا ناخشا ئېيتىپ بېرىۋاتقان دەريا-دېڭىزلار، رېتىمىنى ئىزچىل ئۆزگەرتىپ باقمىغان زەم-زەم بۇلاقلار، ئۇچقۇر ئاياغلىق شاماللار...ئىش قىلىپ ھەممىسى سىلەرنىڭ ھىكمەت دەپتىرىڭلار ئىدى. مەن ھەر يىلى قۇربان ئېيىنىڭ 10-كۈنى سىلەر بىلەن دىدارلىشىمەن. مېنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم كېلىشىم ،پەسىل قۇشى ئىكەنلىكىمدىن دەرەك بەرمەيدۇ. بىزنىڭ ئۇچرىشىشىمىز ئەلۋەتتە ئاشىق يىگىت بىلەن مەشۇق قىزنىڭ ۋىسال قۇچۇشىغىمۇ ئوخشىمايدۇ!
سىلەر مېنى نىمە قىل دەيسىلەر؟!...مەن سىلەرگە قۇشلاردەك ناخشا ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ مەجنۇنتاللاردەك لەرزان ئۇسسۇل ئويناپ بېرەيمۇ؟ سىرلىق ئوردا-قەسىر، قەلئەلەرنى ياساپ بېرەيمۇ؟ ياكى ئالەمىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى ھەققىدىكى قىسئەلەرنى سۆزلەپ بېرەيمۇ؟
ھەر بىر ھايات ئىنسانغا ئۆلۈم ھەققىدە پىكىر قىلىش تاپشۇرۇقى بىرىلگەن. ھەرقانداق شەيئىنىڭ باشلىنىشى، راۋاجى ۋە ئاخىرى بولىدۇ. ھەتتا ئاسماننىڭمۇ ئاخىرى بار. 100 مىتىرلىق يۈگىرەش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەركەت ماھىرى بىلەن بىردەم پىكىرلىشىپ بېقىڭلار...
ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلار يۇرۇت ئاقساقاللىرى ئۆلۈپ كەتسە ئۆلۈمنى ئۇلۇغلاش مەخسىتىدە شۇ مەھەللىدىكى يالغۇز ئوغۇل، يالغۇز قىزلارنى قوشۇپ دەپنە قىلىش تۈزۈمىنى يۈرگۈزگەن ئىدى. تارىخ بۇ قان-ياشلىق قىسمەتلەرنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ. ئىبراھىم ياراتقۇچىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئازۇلۇق ئوغلى ئىسمايىلنى قۇربان ئېيىنىڭ 10-كۈنى قۇربانلىق قىلماق ئىرادىسىگە كەلدى. پىچاق ئۆتمىدى، ياراتقۇچى ئىنساننى ئەزىزلەپ ئىبراھىمغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن كۆكتىن كۆك قوشقارنى چۈشۈرۈپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن كۆك قوشقار قۇربانلىقنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.
مېنىڭ چاقىرىقىم، كۆك قوشقارنىڭ گۆشىنى يىيىشلا ئەمەس، بەلكى مەرتلىك، ۋاپادارلىق، ئىناقلىق ۋە ئاسايىشلىق،چوڭلارنى-ئاجىزلارنى قەدىرلەش ھەم قىممەتكە ئىگە قىلىش؛ ھاياتلىقنى ئىتتىپاقسىزلىق، توقۇنۇش ۋە ئىچكى نىزالار بىلەن ئەمەس بەلكى بىرلىشىش، ئۇيۇشۇش ئاساسىدىكى خوشاللىقتىن بېزەش ھەم نۇرلاندۇرۇشتۇر.
ھېلىمۇ ياخشى ئىسمايىل شەيتاننىڭ كۆزىگە تاش ئېتىپ شەيتاننىڭ بىر كۆزىنى قارغۇ قىلىپ قويغان ئىكەن، بولمىسا بىز شەيتانلارنىڭ دېرىكتورلىقىدا يەنە نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرەر ئىدۇق؟!... سىلەر كۆيۈك تاغلارغا قاراپ كۈلمەڭلار! تاغنىڭ يۈرىكىدىكى ئاشىقلىق ئوتى تېنىنى كۆيدۈرۋەتكەن تۇرسا...سىلەر سەرگەندان قۇملاردىن مەۋجۇدىيەت ھەققىدە تەلىم ئېلىڭلار! سىلەر غەيۋەت قىلغۇچى بىلەن جىمجىت تاغلارنى، ئاق تامكا ساتقۇچىلار بىلەن يەر ساتقۇچىلارنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار...
يېشىللىق – قىيامەتنىڭ قامچىسى. زېمىن نەپەستىن توختىسا، بىزمۇ نەپەستىن توختايمىز. ئايەم ھارپىسىدا ھويلا-ئاراملارنى، كوچا-كويلارنى ئەجەپ پاكىزە تازلاپسىلەر...بۇنىڭدىن تولىمۇ خوش بولدۇم، روھنى، يۈرەكنى، داتلاشقان قەلىپلەرنى تازىلاش، ئازارلاشقان كۆڭۈللەرنى خۇشپۇراق گۈلدەستىلەر بىلەن ياراشتۇرۇش، شۇنداقلا «گۇناھ دېڭىزى» دا «لەھەڭ» بولۇپ ئۈزۈۋاتقانلارغا «پاكلىنىش كۆللىرى»نىڭ ئادېرىسىنى كۆرسۈتۈپ قويۇش، مىسكىنلەرنىڭ قەلبىگە غەمدىنمۇ بەكرەك يېقىن بولۇش ياخشىلىقنىڭ يۈكسەك چوققىسىدۇر!!...
ھاياتلىقىڭلاردا سۇدا تاھارەت ئېلىشىنى خالىمىساڭلار، ئاخىرقى ھىساپتا «ئوتتا» يۇيۇنۇشقا مەجبۇر بولىسىلەر.
قۇم بارخانلىرىدا توغراق يېزىقىدا يېزىلغان مەدەنىيەت قامۇسى بار. سىلەر چوقۇم ئۇنى ئوقۇپ بېقىڭلار!! سىلەر نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشتىڭلار بىراق يوقۇتۇپ قويغىنىڭلار ھەققىدە ئويلىنىشقا جۈرئەت قىلالمىدىڭلار...بۇنىڭدىكى سەۋەپ «ئاشىقلىق» دىگەن سۆزنى تولىمۇ تار مەنىدە چۈشۈنۈپ قالدىڭلار، ئاشىقلىق ھەققىدە دەرىس ئۆتىدىغانلار كۆپ بولغىنى بىلەن ھەقىقىي ئاشىقلارنى تېپىش ئۈچۈن موزىيخانىلارغا بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ساۋاپ ئىزدەپ چەتئەلگە سەپەر قىلغۇچىغا شۇنداق دىگۈم كىلىۋاتىدۇ؛ يېقىندا خوشناڭنىڭ بالىسى سۇت ۋە ھەسەلگە تولغان بۇ مەھەللەڭدە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتمىدىمۇ؟ بولدىلا شۆھرەت دەۋاسىدا ئوبزورچىنىڭ ئۆيىگە بىر يەشىك ھاراقنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كېتىۋاتقان شائىرغا نەسىھەت راۋا كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ؟! يېڭىلا تۇغۇلۇپ يولغا تاشلىۋېتىلگەن ئوغۇل بوۋاقنىڭ 20يىلدىن كېيىنكى رىزقى ئاۋۇ بوغالتىرنىڭ ھىساپ دەپتىرىدە دۈملەنمەكتە...
مەن سىلەرنىڭ ئىنسانلىقىڭلارنى ئۇلۇغلايمەن، ئاشىقلىقىڭلارنى تەپرىكلەيمەن، ئىناقلىقىڭلاردىن سۆيۈنىمەن، قانائەتچان بولىشىڭلارنى تەشەببۇس قىلىمەن، مەن بۇ قېتىملىق قۇربان ئېيىدا تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ تارىم ۋادىسىغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىمدا سىلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى قەلىپلەردىن-قەلىپلەرگە، كۆڭۈللەردىن-كۆڭۈللەرگە،يۈرەكلەردىن-يۈرەكلەرگە سۇنۇلۇۋاتقان گۈلدەستىلەرنى، ئېقىۋاتقان مۇھەببەت كۆيلىرىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. سىلەر ئەلۋەتتە لىرىك بىر ناخشىغا، گۈزەل بىر مىلودىيەگە ئايلىنىپ كېتىپسىلەر...ئىلگىركى تونۇردەك پاكار ئۆيلىرىڭلار بىنالىشىپتۇ،توپا يوللىرىڭلار ئاسفالىتلىشىپتۇ، مەھەللەڭلار ئاۋاتلىشىپتۇ، نامرات قىياپىتىڭلار باياشاتلىققا ئالمىشىپتۇ، بەخىت-ئامەت سىلەرگە چاپلىشىپتۇ....موشۇنداق ياخشى كۈنلەردە مەن سىلەرگە يەنە شۇنداق پىچىرلايمەن: كۆكتىن كۆك قوشقارنىڭ چۈشۈرۈلۈپ بىرىلىشى بىر مۆجىزە. مۆجىزە پەقەت بىرلا قېتىم يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا مۆجىزە بولالايدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئۆلۈم دەرۋازىسىنىڭ ئوڭ ياكى سول قانىتىنى چەككۈچىلەر...قۇبانلىق دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ھىچكىم ھاياتتىن ھەقىقىي ھوزۇرلىنىشقا ھوقۇقسىز. ھايات –ھېلىگەر تۈلكە بولغىنى بىلەن ئەجەل –ئەڭ ئۇستا ئوۋچىدۇر. يېڭى شەلەپە كەيگەنلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى ئىدىيەلەر بىلەن قوراللانغان بولىشى ناتايىن. يېڭى ئاياغ كەيگەنلەرنىڭ ھەممىسى يېنىڭلارغا يېڭى يوللار بىلەن كەلمىگەن بولىشى مۈمكۈن.يېڭى مۇزىكىلارغا كونا ئۇسسۇل ئويناشمۇ ئالاھىدە بىر سەنئەت. يالغان سۆزلەشمۇ ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. بىراق ئىنسان ھەركىتى ھامان ئالتۇن تارازىدا ئۆلچەنمەي قالمايدۇ.
بەخىت ئاجايىپ نەرسە. بەزىلەر بەخىتسىز تۇرۇپ ئۆزىنى بەخىتلىك ھىساپلايدۇ، بەزىلەر بەخىت قوينىدا تۇرۇپمۇ بەخىتنى ھىس قىلالماي بەخىت ئىشقىدا يىغلايدۇ. بۇنىڭ ھەممىسىنى بەخىتنىڭ ئۆلچىمى كەلتۇرۇپ چىقارغان. ئەمىليەتتە بەخىتنىڭ ئۆلچىمى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتنى تېپىش ياكى تاپالماسلىق. ئاچ قالغان ئادەمگە نىسبەتەن مۇئەللىمدىن ناۋاي نەچچە ھەسسە قەدىرلىك. ئۇسساپ ئۆلەي دەپ قالغان كىشىگە نىسبەتەن دوغاپچى خۇدادۇر، يېرىم-يالىڭاچ ئۇسسۇل ئويناپ بەرگۈچى ئۇنىڭ ئالدىدا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. بۇ يەدىكى بەخىت ناۋاي ياكى دوغاپچىنىڭ ئۇچراش ياكى ئۇچرىماسلىقى.
مەن ئېغىزى تۇرۇپ ھەقىقەتنى سۆزلىمىگەنلەرنى، كۆزى تۇرۇپ گۈزەللىكنى كۆرمىگەنلەرنى، قۇلىقى تۇرۇپ ياخشى سۆزلەرنى ئاڭلىمىغانلارنى، بۇرنى تۇرۇپ خۇشپۇراقلارنى سەزمىگەنلەرنى، پۇت-قولى ساخ تۇرۇپ باشقىلار ئالدىدا تىزلىنىپ تىلەمچىلىك قىلغانلارنى ياقتۇرمايمەن،ئۇلارنىڭ سالىمىنى مەڭگۈ مەقبۇل كۆرمەيمەن. چۈنكى ئۇلار قەدىر-قىممەتلىك بولۇشنى مەقبۇل كۆرمىگەن تۇرسا؟
ئەي! ئىنسانلار مەن سىلەرگە نىمە قىلىپ بېرەي!؟ ئەڭ مۇھىمى ئۆزەڭلارنى سۆيۈڭلار! ئۆزەڭلاغا يۈرۈش قىلىڭلار! ياخشىلىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!... يامانلىق قىلمىساڭلارمۇ ياخشىلىق قىلغانغا باراۋەر مۇكاپاتتىن بەھىر ئالالايسىلەر... مانا بۇ دۇنيا. مانا بۇ ھايات. مانا بۇ ئۆلۈم... ھايات دىگەن قەبرە ئۈستىدە بەرىق ئۇرۇپ ئېچىلغان چېچەك. بۇ چېچەك قاچان ئېچىلىدۇ، قاچان توزۇيدۇ، قاچان قانداق مىۋە بېرىدۇ؟ ھەممىسى ھەر بىرىڭلارنىڭ ھاياتقا تۇتقان پوزۇتسىيەڭلارغا ۋە ھاياتلىق ھىكمىتىڭلارغا باغلىق. ئەڭ نۇرلۇق ھىكمەت ۋە ئاكتىپ پوزۇتسىيە يۈرىكىڭلارغا ماكانلىشىپ سىلەرنى نۇرانە كېلىچەككە ۋە مەڭگۈلۈك بەخىت كوچىسىغا باشلاپ كىرگەي!
ئاپتۇر:كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن
يانفۇن : 13150420208
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-19 10:36 PM