سىغېنىشقا يانداشقان تەلپۈنۈشلەر
ئابدۇغېنى ئابدۇكىرىم كۆكتاش
(غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنېۋىرىستىتى تىل-ئەدەبىيات ئېنىستىتۇتى تەرجىمانلىق سىنىپى)
قەشقەر كوچىسى
تار-تار كوچا كونا كاھىش،
ھەر باھارنىڭ ئالدىدا بىرقېش.
دەۋر قېرىتقان شۇ كونا تاملار،
كۆرگېنىدىن سۆزلەيدۇ ئۆتمۈش.
قىستاڭ تىزىلغان ھەربىر كىسەك،
ئۆم-ئۇيۇشقاق ئۇيغۇرغا ئەينەك.
خىسلەتكە تولغان تار كوچىدا،
خۇشاللىقتىن يايرايدۇ يۈرەك.
رەت-رىتىدە شۇ كونا ئۆيلەر،
كوچىسىدا كىلاسسىك كۈيلەر.
تار قوينىدا ئۆستۈرۈپ كەلگەن،
نى ئەركەكنى ئېتىپ ئەللەيلەر.
ئەنە ئاتاڭ كۆتۈرگەن كەتمەن،
خۇددى سەندەك كۆرنىدۇ دەرتمەن.
سېلىق سۇۋالغان ھەرتاملارغا،
مەرد ئاتاڭنىڭ ئەمگىكى سىڭگەن.
تۇرار قۇرۇق ساپال تاۋاقلار،
تارىخىدىن بىرىپ ساۋاقلار.
بىر بۇلۇڭدا قارايدۇ مىسكىن،
ئاناڭ ياققان جىنچىراغلار.
ھويلىدا ھەم تۇرىدۇ يەنە،
قۇرۇپ قالغان ئەنجۈرمۇ ئەنە.
ئەمدى تەرلەپ قالساڭ تومۇزدا،
بۇرۇنقىدەك بەرمەيدۇ سايە.
تار كوچىدۇر قەشقەر كوچىسى،
قوينىدا شاتلىق ھەم نالىسى.
مەستخۇش قىلىدۇ ھەر ئاشېقنى،
ئۆز يارىنىڭ بەرگەن ئالمىسى.
تار كوچىدۇر قەشقەر كوچىسى،
مەنمۇ ئۇنىڭ بىرتال غۇنچىسى.
بەلكىم يۇلتۇز نۇرلار چاچىدۇ،
شۇ كوچىنى ئەسلەپ كېچىسى.
قېرىغاندا
ياشلىق قىسقا ئۆتۈپ كىتەر تېز،
ئۆمۈرگە ئۆچمەس قالدۇرۇپ ئېز.
ئۇنتۇلسىمۇ شۇنچە كۆرگىنىڭ ،
ئۇنتۇلمايدۇ قەلبىڭدە بىر قىز.
ئايلىنىسەن كەڭ دالا-تاغنى،
ياشلىقىڭدا ئارلىغان باغنى.
خىيالىڭغا كىرىدۇ قىزچاق،
ئەسلەپ قالىسەن شۇ بىر چاغنى.
ئۇ يىللاردا ساقلىغان ئىدىڭ،
ئادەملەر ئاز پىنھان بىر جايدا.
قوللىرىڭدا بار ئىدى ياغلىق،
تويماي باقاتتىڭ شۇ قىزغىلا.
سېنىمۇ بىر سۆيگۈ سۆيدۈرگەن،
سېنىمۇ بىر كۆيۈك كۆيدۈرگەن.
ئۆمۈرگە تۈۋرۈك بۇ مۇھەببەت،
بىر گۈزەلگە سېنى كۆندۈرگەن.
سېگنال بىرىپ ئۆتەر ماشىنا،
خىيالىڭنى ئىككېگە بۆلۈپ.
ساقىلىڭنى سېلايسەن پەقەت،
بىر چاغلاردا ئېسىڭگە كىلىپ.
ئۆز-ئۆزۈڭگە دەيسەن تەبئىيلا،
«نېمانچە تىز ئۆتكەن بۇ ۋاقىت».
قورسۇقۇڭمۇ ئاچقاندەك گويا،
ئۆيگە يولنى ئالىسەن جىمجىت.
مامكاپ
سەن ئۆزۈڭگە ماتەم تۇتقاندەك،
ئاق لىباستا سۈكۈت ئىچېدە.
يېشىل رەڭلىك بۆكەڭنى سىلىپ،
ئۆزگىرىۋالدىڭ قايسى كىچېدە.
تەقدىرىڭمۇ بولدى ماڭا سىر،
سۇئاللىرىم قالار جاۋابسىز.
ئەركىلەتسە ئېشىقۋاز شامال،
ئەگىشىپلا كەتتىڭ نېشانسىز.
ئەي ناتىۋان ئىيتىپ بەر ماڭا،
كۆڭلۈم ساڭا قويمىسۇن چىكىت.
ئەنسىرەيمەن ئەنسىز شامالدىن،
تاشلار سېنى قەيەرگە جىمجىت.
ئارمانلىرىڭ ئۆچمىسۇن
باغدىن باھار كەتسە مەيلى،
دىلدىن باھار كەتمىسۇن،
ئوتۇڭ ئۆچۈپ كەتسە مەيلى،
ئارمانلىرىڭ ئۆچمىسۇن.
مۇھتاجلىقتىن قاتتىقى يوق،
بۇ ھاردىن ئارتۇقى يوق،
ماڭلايدىن تەرئاقسا ئاقسۇن،
كۆزۈڭدىن ياش ئاقمىسۇن.
سەن يىغلىساڭ شاد بەزىلەر،
قىلار ھەتتا تەنىلەر،
دۈشمەنلىرىڭ پايلاپ ياتار،
دىل ياراڭنى كۆرمىسۇن.
ھالال ياشاش نۇمۇس ئەمەس،
بولسىمۇ مەرتىۋەڭ پەس،
كۆرەلمەسكە كۈلكە بولۇر
ھەسرىتىڭنى كۆرمىسۇن.
رابىيە سەئىدىن
كېتىپ قالدى رابىيە سەئىدىن،
دىللارنى ئالدى تالاي بىر ھەسرەت.
كېتىپ قالدى رابىيە-سەئىدىن،
ۋىسالسىزلا قالدى مۇھەببەت.
كېتىپ قالدى رابىيە-سەئىدىن،
ھىجران بىلەن ئەبەدىي-ئەبەد.
لەھەتتىكى قۇرۇق تەن ئەمەس،
كۆمۈلگىنى ۋاپا-ساداقەت.
كېتىپ قالدى رابىيە-سەئىدىن،
كەڭرى دۇنيا تار كەلدى دوستۇم.
يۇلغۇن قىزارغان قەبرە سۆزلەيدۇ،
ھەر ئاشىققا بىر ھېكمەت چوقۇم.
مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە يوللاندى.
مەنبەسە؛ ئۆزقەلىمىم
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى
ھۆرمەت بىلەن؛ ئابدۇغىنى ئابدۇكىرىم كۆكتاش