|
|
|
|
قاراماي شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ساخاۋەت دوستلۇق مۇسابىقىسى
ئىلشات غەيرەت قىل !!!!!
ئەسسالاممۇ - ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلىرىم . ئۇزاق بۇلۇپتۇ تېما يوللىمىغىلى.
2014-يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى ، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانىسى، ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانىسى، كارۋان تورى، چىمبۇلاق تورى قاتارلىق ئاخپارات ۋاستىلىرى، شۇنداقلا ئېلشاتنىڭ دوستلىرى بولغان داڭلىق توپچىلىرى بىرلىكتە ،ئوغلانىمىز ئېلشات ئۈچۈن ئەزىز يۇرتۇم قاراماي شەھىرىگە بىر مەيدان دوستلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينىغىلى كەلدى .
بۇ قېتىملىق مۇسابىقە مېھىر - شەپقەت ، قېرىنداشلىق ، ئىللىقلق ئۈچۈن ئېلىپ بېرلغان مۇسابىقە .
نەتىىجە مۇھىم ئەمەس . بىزدە مۇسابىقىدىن بۇرۇن دىيىلىدىغان بىر گەپ بار دوستلۇق بىرىنچى دەپ.
بۇ مۇسابىقە ھەقىقەتەن دوستلۇقنىڭ ، قېرنداشلىقنىڭ ، ئىللىقلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى دېرەك بەرگەن مۇسابىقە
بولدى دەپ قارايمەن .
ئاخىرىدا داڭلىق توپچىمىز ئىلشاتنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن ، سىزمۇ دۇئا قىپ قويۇڭ
قېرىندىشم دۇئامۇ بىر مېھىردۇر . دۇنيا مېھىر بىلەن گۈزەلدۇر .......
فىلىم قويۇلمىسا مۇشۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ : http://www.tudou.com/programs/view/sYM_hbTAIvg/
مەنبە: تۇدۇ تورى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-19 11:28 AM
|
|
|
|
|
|