يوقالغان خاسلىق 
  ئۆتۈپ كەتتى تالاي يىللار كىمنى قوغلۇشۇپ ،
  ھوقۇق-ئابروي، دۇنيانى دەپ مېھىر سوغلۇشۇپ .
  ئېسىل ساراي، ھۇزۇر يوقتۇر ئاش-سۆزۈڭدە تەم ،
  تۇتتۇڭ بېلىق، ئىچەر سۈيۈڭ كەتتى دوغلۇشۇپ .
  يالاڭ ئاياق ئىدىڭ بىر چاغ تۇپراق جان ھۇزۇر ،
  بولدۇڭ خاقان، تاجى-گۈلۈڭ كۈندە مىڭ توزۇر .
  ئېلىپ كەتتى « باھارىڭنى » نەپسىڭنىڭ غېمى ،
    قالدى تەنلەر روھسىز يەنە يۈتكەندە غورۇر .
  مىڭ تەڭگىگە كەلمەس ئەجەپ ئېشەك ساق پېتى ،
   ئون تەڭگىگە يۈزدۇر لېكىن قىزلار ئىپپىتى .
  يۇندا ئىچىپ يۈرسە« ئەركەك » ۋىژدانى ئۇخلاپ ،
  شۇلار سەۋەپ يوقالمامدۇ؟! يۇرتنىڭ بەركىتى .
               ــــــــــ مەتروزى مەتتۇرسۇن ( كەپسىز ) 
                 2014-يىلى 17-سىنتەبىر غولجا 
  ئۆگۈنۈش بېسىمىمنىڭ يۇقۇرلىقى سەۋەپلىك تورغا كۆپ چىقالماي تورداش دوستلىرىمنىڭ تىمىلىرىنى ۋاقتىدا كۆرۈپ كېتەلمىدىم، شۇ سەۋەپ قاراسۇ ، مەخەتجان قاتارلىق كونا ھەمداستىخان قەلەمكەش دوسلىرىمدىن بۇ يېڭى ئىجادىيىتىم ئارقىلىق چوڭقۇر ھال سورىماقچىمەن . تىنىچلىق بەخىت-سائادەت ھەممىمىزگە يار بولسۇن. 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋائىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 10:56 PM