كىيىم -كېچەك مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە بەزى قاراشلىرىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' _& ?6 O& {: N7 `& b% q( h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 t( d. n* y) D) h- k" r- B9 Fيۈسۈپجان ياسىن
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ i- d. r2 X* ]4 n& w$ r3 C/ Q
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ k0 z) B |8 J8 j& Pمەنبەسى : ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››، 2013- يىلى 28-نۇيابىردىكى سانى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 c! T( B' ~, c8 {
كىيىم – كېچەك بىر مىللەتنىڭ روھىنى، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى، ھاياتقا بولۇپمۇ ئىنسانغا بولغان چۈشەنچىسىنى نامايەن قىلىدىغان مۇھىم بىر ۋاسىتە. لېكىن، دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ پىسىخىلوگىيەسى، چۈشەنچىسى ۋە ياشاشتىكى غايىسى بىر بىرىدىن پەرقلەنگەچكە، ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچەك ھەققىدىكى قاراشلىرى بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. گاھى مىللەتلەر ئۈچۈن كېيىم-كېچەك پەقەت بىر يېپىنچا، گاھى مىللەتلەر ئۈچۈن بولسا كىيىم-كېچەك بىر مەدەنىيەت. شۇ ۋەجىدىن، بىر مىللەتنىڭ كىيىم –كېچەك ھەققىدىكى قارىشى چۈشىنىشتە ئاۋۋال شۇ مىللەتنىڭ تۇيغۇسى ۋە ھاياتلىق قارىشىنى بىلىش كېرەك. ئۇيغۇرلار خىيالىي تۇيغۇغا بېرىلمەيدىغان، رېئاللىققا يۈزلەنگەن، مىللىي تۇيغۇسى ئىنسانىي تۇيغۇسىنى تەپمەيدىغان،[1] تەبىئەتتىن چەكسىز لەززەت ئالىدىغان، خۇراپىي ئېتىقادلاردىن ۋە قۇرۇق ئەقىدىلەردىن يىراق تۇرىدىغان، نەزەرىيەۋىي چۈشەنچىلەر ئىچىدە تۇنجۇقۇپ يۈرمەي ئەمەلىيەتكە ئىشىنىدىغان ، روھىي ۋە ماددىي دۇنياسى ساغلام، ھەر نەرسىگە سۆيگۈ، ھۆرمەت ۋە گۈزەللىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان سەمىمىي بىر مىللەت. شۇڭا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ ھەر قانداق بىر ماددىي نەرسە يالغۇز ئېھتىياجنى قامدايدىغان بىر خىل بۇيۇملا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىنسانغا گۈزەللىك بېغىشلايدىغان بىر خىل سەنئەت ئەسىرى ھېساپلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇيغۇر ياراتقان ھەر نەرسىدە بىر قوللىنىشچانلىق ۋە بىر گۈزەللىك بار. ھەر قانداق مىللەتكە ياقىدىغان بىر ئالاھىدىلىك بار. كىيىم –كېچەكلىرىمىز بۇنىڭ بىر ئۆرنىكىدۇر.
دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىلا كىيىنىش سەنئىتىگە ئىگە ئەمەس. بىراق، ئۇيغۇر كىيىنىش سەنئىتىگە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى. كىيىنىش سەنئىتى دېگەندە ئىككى نەرسىنى نەزەردە تۇتىمىز. بىرى ، كىيىنىش چۈشەنچىسى، يەنە بىرى كىيىم پاسونىدىكى ئىلغارلىق.
ئەلۋەتتە كىيىنىشنىڭ مەقسىتى بەدەننى يۆگەش ۋە تاشقى زەھمىدىن ساقلاشتىن ئىبارەت. بىراق، بىر مىللەتنىڭ كىيىم-كېچەك جەھەتتىكى تەرەققىياتى جۇغراپىيەلىك مۇھىت، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، تۇرمۇش شارائىتى، دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت ۋە گۈزەللىك زوقىدىن ئىبارەت ئالتە خىل ئامىلغا باغلىق بولىدۇ. بۈگۈنگە قەدەر دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر مۇشۇ ئالتە خىل ئامىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى تولۇق ھەل قىلالماي كەلدى. ئۇيغۇرلار بولسا بۇ ئالتە خىل ئامىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭشىگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئىلغار بىر كىيىنىش چۈشەنچىسىنى ياراتقان مىللەت. 11- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي كۆركەم، ئىسىل كىيىنىش، مىھماننى ئىززەتلەشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق بىر شېئىرنى تىلغا ئالغان:
كۆركەم تونۇڭ ئۆزۈڭگە،
تاتلىق ئېشىڭ ئۆزگىگە،
مىھماننى ئىززەتلە،
داڭقىڭنى يايسۇن ئەلگە.
دېمەك، ئۇيغۇرلار كىيىم – كېچەكنى بىر خىل زىننەت، ئوبراز، قەدىر-قىممەت، ئۆزى ۋە ئۆزگىلەرگە بولغان ھۆرمەت دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىشىدە ئەقىدە، قائىدە، ئۆلچەم ۋە گۈزەللىك شەرتى بار. ئۇيغۇرلار يېشى ۋە جىنسىگە قاراپ ئۆيدە، سىرىتتا، ئىش مەيدانىدا، سورۇندا، مۇراسىمدا پەرقلىق كىيىم كىيىدۇ. بولۇپمۇ جامائەت ئالدىغا، سورۇنغا روھلۇق ھالدا، ئىسىل كۆركەملىك، رەتلىك كىيىنىپ چىقىدۇ، ئۆزىنى باشقىلارغا چۈشكۈن ۋە خۇنۇك قىياپەتتە كۆرسىتىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلار جەم بولغان بىر سورۇننى بىر كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.
كىيىم-كېچەك ھەم شەخسنىڭ ھەم مىللەتنىڭ مۇھىم بىر ئوبرازى. ئەمەلىيەتتىمۇ كىشىلەر ئۇچراشقاندا، بىر بىرىگە سۆزى، ھەرىكىتى، چۈشەنچىسى ۋە كىيىم-كېچىكى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، بۇ خىل تەسىرنىڭ نىسبىتىدە سۆز %7 نى، ھەرىكەت ۋە چۈشەنچە %38نى، كىيىنىش %55 نى ئىگەللەيدىكەن. بۇ قاراش بويىچە ئېيتقاندا، كىشىگە بىر قاراپلا ئۇنى %55 چۈشەنگىلى بولىدۇ دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىشقا بولىدۇ، ياۋروپادىكى بەزى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ رايىنى سىنىغاندا، داۋاملىق يېڭى ۋە كۆركەملىك كىيىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكرىدە يېڭىلىق كۆپ، قاراشلىرى ئىلغار بولغان، ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلايدىغان ئۇقۇغۇچىلار كۆپەيگەن، دەرسخانىغا كۆڭۈللىك بىر كەيپىيات بېغىشلانغان. داۋاملىق بىر خىل ياكى كونا كىيىم كىيگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چۈشەنچىسى قاتمال، پىكرى كونا، ئوقۇغۇچىسىمۇ ئاز بولغان، سىنىپتا زىرىكىشلىك بىر ھالەت شەكىللەنگەن. كىيىم بىر كىشىنىڭ بىلىمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارالسىمۇ، لېكىن كىيىم ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى، چۈشەنچىسىنى ۋە باشقىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەڭ ياخشى ئىپادە قىلىدۇ. كىيىم ئادەمگە گۈزەللىك ۋە ئەتراپقا كۆڭۈللۈك بىر كەيپىيات بېغىشلىغاچقا، ئۇيغۇرلار بۇ ھالەتنى ‹‹ئادەم سەتى سەت ئەمەس، كىيىم سەتى سەت›› دېگەن ماقال ئارقىلىق ناھايىتى ئوبرازلىق ۋە توغرا ئەكس ئەتتۈرگەن.
كىيىم-كېچەك بىر شەخسنىڭ ئوبرازى بولۇشتىن ھالقىپ، مىللەتنىڭ ئوبرازى مەسىلىسىگە بېرىپ تاقالغاچقا، تارىختا قۇدرەت تاپماقچى مىللەتلەر سىياسى، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئىسلاھات يۈرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كىيىم- كېچەكنىمۇ ئىسلاھ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. مەسىلەن، 19- ئەسىردە رۇسلارنىڭ ئۇلۇغ پادىشاھلىرىدىن بىرى بولغان ئالىكساندىرنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتى ئاۋۋال كىيىم-كېچەكتىن باشلانغان. ئۇ ئوفىتسېرلارنى قىزىل رەڭلىك رەختتىن ئىشتان كىيىشكە بۇيرىغان. بۇ ۋاقىتتا رۇس پۇخرالىرى كىيىم-كېچەك ئىسلاھاتىنىڭ ئەھمىيىتىنى تازا چۈشىنىپ كەتمىگەچكە، جەمئىيەتتە ‹‹ كىشىلەرنىڭ كۈتكىنى قانۇن ئىدى، ئېرىشكىنى ئىشتان بولدى›› دېگەندەك ھەزىل گەپلەر تارقالغان. بۇ بىر چۈشەنچىدىكى مەسىلە. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خەنزۇلارنى يېڭى بىر دەۋرگە باشلاپ كىرگەن سۇن جۇڭسەن، يەنە خەنزۇلارغا يېڭىچە كىيىنىشنى ئۆگەتكەنىدى. تۈركىيە جەمئىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن مۇستپا كامال ئاتاتۈرك تۈرك مىللىتى ئۈچۈن مەدەنىي كىيىنىش قانۇنىنى تۈزگەن. كىيىم-كېچەكنى ئىسلاھ قىلىشتا ئۆزى ئۈلگە بولغان. ھازىر ئەنقەردە مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ھايات ۋاقتىدا كىيگەن كىيىملىرى قويۇلغان خاس بىر موزېي بار. بۇ كىيىملەرنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە مەخسۇس تەتقىقاتچىلار بار. كىيىم-كېچەكنى ئىسلاھ قىلىشتا بولسۇن، ياكى مىللەتنىڭ ئومۇمىي ھاياتىنى ئىسلاھ قىلىشتا بولسۇن، دۇنيادا ھېچقانداق بىر شەخس مۇستاپا كامال ئاتاتۈركتەك ئۇتۇق قازانغان ئەمەس.
ئۇيغۇرلار كىيىم-كېچەك ۋە ياسىنىش- تارىنىش مەسىلىسىدە كۆپ ئىزدەنگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، ھۈنەر-سەنئەت ۋە تىجارەت بىر گەۋدىلەشكەن تۇرمۇش شەكلى ئۇيغۇرلارنى كىينىش جەھەتتە مول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىمچىلىكى يۇڭ، تېرە، خۇرۇم، پاختا ۋە يىپەكتىن ئىبارەت بەش خىل ماتېرىيالغا تايىنىپ تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ روھىنى، ئەقىدىسىنى، تېببىي ساۋاتلىرىنى، ئەخلاقىي ۋە پەلسەپەۋىي قاراشلىرىنى، تەبىئەت ۋە ئالەم ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى، ئارزۇ- ئىستەكلىرىنى كىيىم –كېچەكلىرىدىمۇ ئىپادە قىلغان. شۇڭا، ئۇيغۇرلار كىيىمنى مىللىي سىمۋول دەپ قارايدۇ، ئەجدادلاردىن قالغان تەۋۇرۈك دەپ ئەتىۋارلاپ ساقلايدۇ. ئەلبەتتە ئۇيغۇرنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى چۈشەنمەكچى بولغان ھەر قانداق كىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىشىنى تەتقىق قىلسىلا يىتەرلىكتۇر.
ئەجدادلىرىمىز ياشىغان تاشقى موڭغۇلىيە، شىمالىي ئالتاي، قازاقىستان دالىسى ۋە تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇپ-شىمالىدىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن، قورغانلاردىن تېپىلغان كىيىم ئۆرنەكلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، دۇنخۇاڭ، تۇرپان، كۇچادىكى مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدە ئۇچرايدىغان ھەر خىل كىيىم نۇسخىلىرى، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››تە تىلغا ئېلىنغان كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت، ياسىنىش ۋە تارىنىشقا ئائىت سۆزلۈكلەر ۋە بايانلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش جەھەتتە ھەر دەۋردە زامانىۋىي، دەۋرنىڭ زوقىغا ئۇيغۇن، ئىلغار بىر شەكىل ياراتقانلىقىنى بىلىمىز. بۈگۈنكى دۇنيادىكى مەدەنىي كىيىنىشنىڭ ئاساسلىرىنى تارىختىكى ئۇيغۇر كىيىملىرىدىن ئەڭ كۆپ تاپالايمىز. قولىمىزدا بۇ ھەقتە ناھايىتى كۆپ يازما ۋە ماددىي ئىسپات بار.
ئۇيغۇر كىيىم – كېچەكلىرىگە ئائىت يازما بايانلار، تام رەسىملىرى، ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار ۋە بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك ئۆرنەكلىرىدىن شۇنى بىلىمىزكى، ئۇيغۇر كىيىملىرى تۈرى كۆپ، پاسونى چىرايلىق، بىر بىرىگە ماسلاشقان، بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدۇ، تۇرمۇش ۋە ھەرىكەتكە قولايلىق، تەبىئەت بىلەن بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر كىيىملىرى قوللىنىشچانلىققا، ئىزچىللىققا ۋە تەسىرچانلىققا ئىگە. مانا بۇ ئالاھىدىلىك ئۇيغۇر كىيىملىرىنى يېپىنچا ھالىتىدە قېلىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئالاھىدە بىر مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەسىرىگە ئايلاندۇرغان. ئۇيغۇر كىيىملىرى مۇشۇ خۇسۇسىيىتى بىلەن ھەم ئىزچىل داۋام قىلغان ۋە دۇنياۋىي تەسىر كۆرسەتكەن.
تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم –كېچەكلىرى ‹‹تۈرك پاسونى›› دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان. دۇنيادا كىيىنىش ئۇسۇلىنى مىللەت نامى بىلەن باغلاپ تۇنۇتقانلار پەقەت ھۇن، كۆكتۈرك، ئۇغۇز ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەردۇر. مىلادىدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىردىن باشلاپ تاكى 13- ئەسىرگىچە شەرقتە كۇرىيەدىن غەرپتە ياۋروپادىكى دوناي ۋە رېيىن دەرياسى بويلىرىغىچە، غەربىي جەنۇپتا ئەرەبىستانغىچە بولغان جايلاردا ياشىغان نۇرغۇن مىللەتلەر ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەۋملەرنىڭ كىيىم - كېچەك تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچرىغىنى خەنزۇلار بىلەن رۇسلار.
ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ جۇڭگودىكى 56 مىللەت ئىچىدە ئەڭ ئىلغار كىيىنىش چۈشەنچىسىگە ئىگە بىر مىللەت. لېكىن، ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ تەسىر مۇنداق ئۈچ خىل شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ، بىرى، ئاڭلىق ھالدا قوبۇل قىلىش، يەنە بىرى ئاڭسىز ھالدا تەدبىقلاش، ئۈچىنچىسى يات مەدەنىيەتنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىدىن ئىبارەت. بۇ خىل تەسىرنى بىز كېيىم – كېچەك ساھەسىدىمۇ ئۇچرىتىمىز. ھازىر بىز ئۇيغۇر كېيىم –كېچەكلىرىنى بۈگۈنكى دەۋرگە خاس مىللىي سۈپەتكە ئىگە قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىمىز. ‹‹مىللىيلىك›› دېگەندە بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدە بىراز مۇجىمەللىك بار. بىز تارىختىن قالغان ھەر قانداق بىر ئەنئەنىۋىي نەرسىنى ‹‹مىللىيلىك›› دەپ چۈشىنىۋالىمىز. بۇ توغرا بولمىغان بىر قاراش. مىللىيلىكنىڭ بىر قانىتى ئەنئەنىۋىيلىك، يەنە بىر قانىتى زامانىۋىيلىقتۇر. ئەگەر مىللىيلىك ئۈزىدە زامانىۋىيلىقنى ھاسىل قىلالمىسا، ئۇنداق مىللىيلىك تارىخقا ئايلىنىدۇ، روھىي نەرسە بولسا ئۇنتۇلىدۇ، ماددىي نەرسە بولسا موزېيدىن ئورۇن ئالىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار ئۆزىنى يېڭىلاشقا، ئىسلاھ قىلىشقا ۋە مەدەنىيەتتە يۈكسىلىشكە مۇھتاج. كېيىم – كېچەك ساھەسىدىمۇ شۇنداق. بىز مەدەنىيەتتە يۈكسىلىش ۋە كېيىم –كېچەك ساھەسىدە زامانغا ئۇيغۇن يېڭى ئالاھىدىلىكنى يارىتىشىمىز ئۈچۈن مۇنداق ئۈچ يولنى تۇتىشىمىز كېرەك. بىرى، تارىخىي مىراسقا ۋارىسلىق قىلىمىز. ۋارىسلىق قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش چۈشەنچىسىگە ۋارىسلىق قىلىمىز، لېكىن، كىيىم- كېچەكنىڭ شەكلىنى يېڭىلايمىز، پاسونىنى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ۋە بۈگۈنكى گۈزەللىك زوقىمىزغا ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز. يەنە بىرى، ئەقىلگە تايىنىپ ئىجاد قىلىمىز. ئىجاد قىلغاندا، يەنىلا مىللىي زوق ۋە ئەقىدىنى ئۇل قىلىمىز. ئۈچىنجىسى بۈگۈنكى كۈندىكى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەردىن يېڭى شەكىللەرنى قوبۇل قىلىمىز. ئەلبەتتە، باشقا مىللەتلەردىن قوبۇل قىلغاندا، چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر پىرىنسىپ بولۇشى كېرەك. بۇ پىرىنسىپ بويىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيغۇسى، روھى، ئېتىقادى، ئەقىدىسى، ئەخلاقى، سەنئىتى، چۈشەنچىسى، ئائىلە تەشكىلى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى زىدىلىمەيدىغان ئامىللارنى تاللاپ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. دېمەك، مەدەنىيەتنىڭ ھەر قانداق بىر ساھەسىدىكى تەرەققىيات ۋارىسلىق قىلىش، ئىجاد قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت مانا شۇ ئۈچ ئامىلغا تايىنىدۇ. بىز بۈگۈنكى ھاياتىمىزنى مۇشۇ ئۈچ خىل ئامىلنىڭ ئۈستىگە قۇرالىغاندا، دەۋرگە خاس بولغان مىللىيلىكنى يارىتىمىز، كىيىم – كېچەكلىرىمىزنىمۇ ‹‹مىللىي سۈپەت››كە ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭ تارىختىكىگە ئوخشاش ‹‹مەدەنىيەت›› ۋە ‹‹سەنئەت›› ئەسىرى بولۇشتەك خۇسۇسىيىتىنى ئىزچىل ساقلىيالايمىز. باشقا مىللەتلەر ئالدىدىمۇ مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى نامايەن قىلالايمىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ D. Z' m4 w4 w' u: d$ N& K0 Q
[1] بۇ ئىبارە ‹‹ ھەر قانداق يات بىر مىللەتنى يەكلىمەيدىغان، چەتكە تەپمەيدىغان، ئۇلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىدىغان ›› دېگەن مەنىدىكى سۆز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" s! n. e+ {. o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, i6 C C$ L+ I A |9 ] b