شاھ مەشرەپ شېئىرى...
ئۆتتۈم
ئىشىق ۋادىسىدىن بىر كىچە ھاي-ھايلاپ ئۆتتۈم،
مانەندە نەيىستان گۈلىگە ئوت قالاپ ئۆتتۈم.
ئافاقنى بىر لەھزىدە كەزدىم نە ئەجەبدۇر
مىنا تىغىدىن سىغىزخان كەبى چوقىلاپ ئۆتتۈم.
******************************
ئاتتىم فاشى داستارنى دىۋانىلىق ئەيلەپ،
پەرۋانە سۈپەت جانىمنى ئوتقا قالاپ ئۆتتۈم.
بىلدىمكى ۋاپاسى يوق ئىكەن ئۇشبۇ جاھاننىڭ،
مەردانە بولۇپ بەلكى ئىتەك ياپالماي ئۆتتۈم.
******************************
دۇنيا ياسىنىپ جىلۋە بىلەن ئالدىمغا كەلدى،
بارغىن نىرى دەپ قاتتىق بىر ئەگىلىپ ئۆتتۈم.
بىلدىمكى ئۇنىڭ دۈشمىنى مەككارىي ئەييار،
لا تىرنىقى بىرلە يۈزىنى تىرنىلاپ ئۆتتۈم.
******************************
مەردانە خۇدا دىدىكى:دۇنيا شارابى ئاچچىق،
ئاچچىقلىقىنى بىلمەك بولۇپ بىر يالاپ ئۆتتۈم.
نەپىس كاپىرى بىرلە كۈن-تۈن قىلدىم ئۇرۇشنى،
تەنھا قىلىچ بىرلە ئۇرۇپ قىيمىلاپ ئۆتتۈم.
******************************
خامۇش پىچاقنى ھەردەم ئۇنىڭ بوغۇزىغا قويدۇم،
چوغ نەيزىسى بىرلە ئۇنىڭ كۆكسىنى نەيزىلەپ ئۆتتۈم.
دىۋانە مەشرەپ بۇ سۆزۈڭ دەرتكە داۋادۇر،
ئىشىق ئىلىنىڭ كۆڭلىگە بىر ئوت قالاپ ئۆتتۈم.
********************************
مانەندە نەيىستان گۈلى -قومۇشگۈل.
فاشى داستار-يالاڭ سەللە
ئەييار-ھىلىيگەر
......
ئۆزبېكچىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغۇچى:مۇھەممەد بابۇر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-18 03:20 PM