سىۋىنگىل ئەي كۆڭۈل ئاخىركى جىسمىڭ ئىچرە جان كەلدى
قۇۋان ئەي جانى مەھزۇنكىم ھەياتى جاۋىدان كەلدى
سىۋىنگىل: سۆيۈن
جاۋىدان:مەڭگۈلۈك
جانى مەھزۇن: غەمكىن جان
سەفەردىن ئول پەرى يەتتى مەنى مەھزۇننى شاد ئەتتى
كۆڭۈلدىن ئەسكى غەم كەتتى تەن ئىچرە تازە جان كەلدى
تازە: تازا، پاكىز، يېڭى
خىرەد يىغ بۇ مەسافىڭنى تەھەممۇل قوي گەزافىڭنى
ۋەرەئ تەرك ئەيلە لافىڭنى كى ئاشۇبى جەھان كەلدى
خىرەد:ئەقىل
مەساف: لەشكەر
تەھەممۇل:تاقەت
گەزافىڭنى:بىمەنە گەپ
ۋەرەئ:پەرھىزكارلىق
ئاشۇبى: ھاياجانلاندۇرغۇچى
دەمىكىم ئاندىن ئايرىلدىم كۆڭۈلنى ھەمرەھى قىلدىم
بۈگۈن كەلدى كۆڭۈل بىلدىمكى ئول نامېھرىبان كەلدى
كەلىپدۇر ياشۇرۇن ئول شاھ مەنى مەجنۇن ئەمەس ئاگاھ
پەرى ئەرمەس ئەسە ئول ۋاھ نېچۈك كۆزدىن نىھان كەلدى
نىھان: يوشۇرۇن، كۆرۈنمەي
فەلەك باقتى فىغانىمغا ئەجەل رەھم ئەتتى جانىمغا
خەزانلىق بوستانىمغا گۈلى باغى جىنان كەلدى
گۈلى باغى جىنان: جەننەت بېغىنىڭ گۈلى
مۇغەننىي بىر نەۋائى تۈز نەۋائى نەغمەئى كۆرگۈز
ئاياقچى تامسا تۇت توقۇز كى دارايى زامان كەلدى
ئاياقچى: ساقىي
دارايى زامان: زامان خوجىسى
-----------------------------------------------------
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-18 07:55 PM