مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6297|ئىنكاس: 43

مەن دادامنى ئۇردۇم---ھىكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84903
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 233
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-9-10
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 10:53:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن دادامنى  ئۇردۇم


ھىكايە


   ئەسكەرتىش:بۇ ھىكايە باشقىلارنىڭ كەچۈرمىشى ئاساسىدا يىزىلدى،شۇڭا ئالدىنقى قىتىمقىدەك ئاپتورنى ھاقارەتلىمەسلىكڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!مەدەنىيەتلىك ئوقۇرمەنلەردىن بولايلى!
  گۈم، گۈم ،گۈم....
دەرۋازىنىڭ قاتتىق ئۇرۇلغان  ئاۋازىدىن  چۆچۈپ  ئويغىنىپ  كەتتىم.دەرۋازىنى  بىرى كۈچەپ  ئۇرۇۋاتاتتى.تاڭ  تېخى سۈزۈلمىگەن  بولۇپ،لىكىن خورازلار  چىللاشقا  باشلىغان. شۇڭلاشقىمۇ چالا  ئۇيقىدا  بولغاچقا تېزلا  ئورنۇمدىن  تۇرۇپ،دەرۋازا  تەرەپكە  يۈگۈردۈم.مەن  يىتىپ  كىلىپ  بولغۇچە دەرۋازا  يەنە  زەردات بىلەن  ئۇرۇلدى، گۈم، گۈم ،گۈم....
-        ۋاي  كىمۇ  دەپ  ۋارقىدىم مەن ئاچچىقىمدا، ۋە  بىرىپ دەرۋازىنى  ئاچتىم.
بىرى بىشىىمۇ  كۆتۈرەلمەي،دەلدەڭشىگەن ھالدا ھويلىغا كىرىۋاتاتتى،ئۇنىڭ كۆينىكىنىڭ تۈگمىسىنىڭ بىرىمۇ  ئىتىلمىگەن،ئاغزىدىن سۇ  ئىقىپ  تۇراتتى،پۇتىدا  ئايىغىنىڭ بىرى بار بىرى يوق  بولۇپ،ئىشتىنى توپا لاي،پۈتۈن بەدىنىدىن بىرخىل بەتبۇي ئىسپىرت پۇرىغى  كىلىپ  تۇراتتى.
توغرا، ئۇ  مىنىڭ  دادام  ئىدى.ئاچچىىم  كەلگەن  بولسىمۇ ئۇنى يۆلەپ ھويلىدىكى سۇپىغا ئاپىرىپ  ياتقۇزدۇم.ئۇ  توختىماستىن ھىق ھىق  دەپ تۈگۈلۈپ  قالاتتى...ئۇنىڭغا  قاراپ بىر ھازا  خىىيالغا پىتىپ  قاپتىمەن....
ھېلىمۇ ئىسىمدە، مەن  ئالدىنقى  قىتىم دادام ھاراق ئىچكەندە،ئۇنىڭغا يىغلاپ  تۇرۇپدادامغا ، دادا، ئاللا  رازىلىقى  ئۈچۈن بولسىمۇ  مۇشۇ  نىجىسنى ئىچمىسەڭ،مەن سەندىن  رازى  بولۇپ  قالاي  دىسەم  داداممۇ  كۆز يىشى  قىلىپ  تۇرۇپ  ماقۇل  دىگەنىدى.
ئاڭغىچە  ئاپاممۇ ئۆيدىن چىقىپ  ئاغزىنى  تۇتۇپ قالدى  دە  ماڭا  قاراپ قويۇپ ئاشخانىغا تاماق  تەييارلاشقا  كىرىپ كەتتى....
   مىنىڭ  دادام  ئوتتۇرا  بويلۇق،ئۇستىخىنى سىمىزغىنە  كەلگەن كىشى.يۈز  كۆزىنى لىققىدە  ساقال  بۇرۇت بىسىپ  تۇرىدۇ،لىكىن ئۇ 45 تىن ئاشقان بولسىمۇ  ھەپتىدە بىر ئالىدۇ.ساقال  بۇرۇت  قويمايدۇ. بىزنىڭ ئائىلىمىز ئاددى بىر دېھقان ئائىلىسى،ئىسىمگە  كەلگەندىن بۇيان  ئون يىل  ئىچىدە ئائىلىمىز  نامراتچىلىق ئىچىدە  ئۆتۈۋاتىدۇ.چۈنكى ئائىلىنىڭ دېھقانچىلىقتىن باشقا قوشۇمچە  كىرىمى  يوق ئىدى.مەن  بولسام  تېخى ئوقۇشۇم  پۈتكىنى  يوق،قىينىلىپ يۈرۈپ  ئوقۇۋاتىمەن.مانا  ھازىر تەتىلدە  ئۆيگە كىلىپ تەتىل  قىلغاچ  كۈندۇزلىرى ئاپامغا  كۈچۈمنىڭ  يىتىشىچە ياردەملىشىۋاتىمەن .ئاپام بولسا ئائىلىدىكى  ئاساسلىق  ئەمگەكچى.ئائىلە  ئىتىز  ئىشلىرىنى ئۆزى بىر  قوللۇق  قىلىدۇ.بەش  نامازنى  تاشلىماي ئوقۇيدىغان يۇۋاش ئايال.ئاپاممۇ  نەچچە قىتىم يىغلاپ  تۇرۇپ دادامغا  نەسىھەت  قىلغان بولسىمۇ،دادام  تۈزىتىش  تۈگۈل سەن مىنى  باشقۇرامسەن دەپ ئانامغا  مۇش  ئاتاتتى.نەچچە قىتىم مەن ئۆيدە  يوق  چاغلاردا ئانامنى ئۇرۇپ ھەتتا  ئورنىدىن تۇرالماس قىلىپ  قويۇپتۇ،بۇلارنى  كىيىن كىچىك ئۇكىلىرىمدىن  ئاڭلىدىم.
   بۇ  ئىش  بىرىنچى قىتىم  ئەمەس بولغاچقا شۇڭا مەن بەكمۇ ھەيران قالمىدىم،لىكىن ناھايتى  كۆڭلۈم يىرىم بولدى.نىمە  قىلارىمنى بىلەلمەي  قالدىم.نىمىلا  دىگەن بىلەن دادامدە،دەپ  كۆڭلۈمگە  تەسەللى  بىرەتتىم.
ئانام ئىسىق ھور  چىقىپ  تۇرغان ئىككى  قاچا  ئۈگرە  ئاشنى كۆتۈرۈپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەلدى  دە،بىرىنى مىنىڭ  ئالدىمغا  يەنە  بىرىنى دادامنىڭ  ئۇدۇلىغا  قويدى.ئانام  ئاستا بىرىپ :
-        تاماق يەۋالسىلا ، دەپ  دادامنى  ئاستا  نوقىدى.لىكىن  دادام  توختىماستىن ئىغىر ئىغىر تېنىپ تۈگۈلگەن  ھالدا ئىھ ،ۋاي ۋايجان  دەپ ئىڭرايتتى.بۇ  ھالەتكە  قاراپ  يا  ئىچ  ئاغرىتىشنى  يا  نەپرەتلىنىشنى  بىلمەيتتىم.
-        ئاش  ئىچسىلە  دادىسى،دىدى  ئانام تېخىمۇ ئۈنلۈك  ھالدا  دادامنى  قولى  بىلەن  نوقۇپ.
دادام غۇدۇڭ  غۇدۇڭ  قىلىپ  بىر  نىمىلەرنى  دىدى،ئۇنىڭ  نىمە  دىگەنلىكىنى ھېچكىم  ئاڭقىرالمايتتى.مەن بىرىپ  دادامنى  يۆلىدىم  ۋە  ئاشنى كۆرسىتىپ :دادا،  ئاش  ......دىدىم. خۇداغا  شۈكرى  دادام  كۆزىنى ئىچىپ ئاستا  ئورنىدىن  تۇردى ئالدىغا  كەينىگە مىڭىپ بىقىپ كۆزىنى ئۇۋلاپ ماڭا  ۋە  ئانامغا  كۆزىنى يوغان ئىچىپ  قارىدى.قارىغاندا  ئۇنىڭ  مەسلىكى خىلىلا  يىشىلىپ قالغاندەك  قىلاتتى.ئۇ  ئولتۇرۇپ   ئاشقا  قاراپ ئولتۇرۇپ  قالدى، مەن قورسىقىم ئىچىپ  كەتكەچكە  ئوخشىغان ئۈگرە  ئاشنى ئالدىراپ  ئىچىشكە  باشلىدىم.
-        ھەي،چىقە  ماياگە!
دادامنىڭ  تۇيۇقسىز ۋارقىرىغان  بۇ ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئۇنىڭغا  قارىدىم.ئۇ  بىر  قولىدا قوشۇقنى ئىلىپ ،بىر  قولىدا  قاچىدىكى  ئاشنى كۆرسىتىپ يەنە  ۋارقىرىدى:
-        نىمانداق  تەمسىز  ئاش  ئەتتىڭ؟
ئانام  ئەمدىلا  بامدات ئوقۇپ چىققان بولۇپ ، بۇ  سۇئالغا  نىمە  دەپ  جاۋاب بىرىشنى  بىلمىگەن  ھالدا  گۇناھكاردەك  بىشىنى  يەرگە سىلىپ تۇراتتى.
-        ھەي ،ساڭا  گەپ  قىلىۋاتىمەن....
دادام  شۇنداق  دىگەنچە  داستىخاندىكى  قايناق  ئاشنى  قولىغا ئىلىپلا ئانامغا  قاراپ ئاتتى،مەن ھاي  دەپ  بولغىچە ئاش  ئۇدۇل  بىرىپ  ئانامنىڭ بىشىغا  تەگدى،چىنە  چىقىلىپ قايناق ئاش  ئانامنىڭ بىشىغا  تۆكۈلدى،ئانام گۆپپىدە  يەرگە  يىقىلغانىدى،چېنە ئانامنىڭ بىشىغا  سوقۇلغاچقا  ئانامنىڭ ياغلىقىنىڭ  ئارىسىدىن  قىپقىزىل  قان كۆزى  ۋە  ئاستى  ئىنىكىدىن ئاستا  سېرغىپ  چۈشۈۋاتاتتى.ئانام ئەس  ھوشىنى  بىلمىگەن  ھالدا يىغلاپ  ياتاتتى.مەن  بەكلا  قورقۇپ  كەتتىم....
  دادام بۇنىڭ بىلەن  بولدى قىلمىدى،ئەكسىچە تېخىمۇ  ئەسەبىيلىشىپ قولىغا سۇپىدىكى  مىنىڭ  قاچامنى ئالغىنىچە  ئانامنىڭ قىشىغا ئىتىلىپ  كەلدى،قورقۇپ  كەتكەن بىچارە  ئانام  دىر دىر تىتىرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ قاچماقچى  بولدىيۇ يەنە  يىقىلىپ چۈشتى...
مەن  ئانامنىڭ ئالدىغا  ئۆتۈۋالدىم،دادام  يۈگرەپ كىلىپ ئەسەبىيلەرچە   قولىدىكى چىنە  بىلەن مىنى بىرنى  سالدى،چىنە مىنىڭ قولۇمغا تىگىپ ئۇچۇپ كەتتى.دادام  ئەلپازىدىن يانىدىغاندەك  ئەمەس ئىدى. ئۇ  قولىنى كۆتۈرۈپ مىنى  تەستەك بىلەن بىرنى  سالدى.يۈزۈمگە نەخلا  تەگگەن  بۇ  تەستەكتىن يۈزۈم  چىمىلداپ ئاغرىۋاتاتتى....
مىنىڭ قىمىرلىماي  تۇرغىنىمنى كۆرگەن دادام  كەينىگە  ياندى  دە  ھويلىدىكى لازا  سوقىدىغان  ھاۋانچىڭنىڭ  تۆمۈرنى ئىلىپ كىلىپ ماڭا ئېتىلدى.مەن  چاققانلىق  بىلەن ئۇنىڭ قولىنى  تۇتۇۋالدىم  دە تۆمۈرنى ئىلىۋېلىپ تاشلىۋەتتىم،دادام  ماڭا  ھۆرپەيگەن پىتى قولىنى  سوزۇپ مىنى  ئۇرۇشقا  تەمشەلدى....
غەزەپتىن يىرىلىپ كىتەي  دىگەن مەن مۇشتۇمنىڭ  قانداق  تۈگۈلگىنىنى،دادامغا  قانداق سالغىنىنى بىلمەيمەن.ئاچچىقتىن مۇشتۇم  تۈگۈلۈپ ئالقىنىمغا  پاتمىغۇدەك  چىڭقىپ  كەتكەنىدى،دادامنى  ئارقا  ئارقىدىن نەچچە  مۇش  سېلىۋېتىپتىمەن.بىرىنچى مۇشت  نەق  دادامنىڭ ئوڭ يۈزىگە تەگدى،قالغىنى  ئىسىمدە  يوق ،دادامنىڭ بەستلىك  گەۋدىسى سەنتۈرلۈپ  بىر مىتىر  كەينىگە  بىرىپ  يىقىلدى.
دادامنى  يەنە  ئورنىدىن تۇرۇپ مىنى ئۇرامىكى  دەپ  ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي  قاراپ  تۇردۇم. بىراق ئۇ  ئورنىدىن  تۇرالمىدى....
كۆزۈمدىن ئۆزۈممۇ  تۇيمىغان  ھالدا  تامچە  ياشلار  چىقىپ  كەتتى،مەن يىشىمنى  سۈرتۈپ يىقىلغان  ئانامنى يۆلەشتۈردۈم  ۋە  ئۇنى يۈدۈپ  دوختۇرخانىغا قاراپ  يۈگۈردۈم....
كۆزلىرىمدىن  ياشلار  تاراملاپ  تۆكۈلۈۋاتاتتى،كاللامدا  ھەرخىل ئىلاش خىياللار.....مەن  راسلا  دادامنى  ئۇردۇم،لىكىن ....مەن  ئامالسىزلىقتىن  شۇنداق بولدى،توغرىمۇ خاتامۇ بىلمەيمەن ،ئىچىم قايناپ يۈرۈكۈم  ئاغرىيتتى،بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ  ياكى  دادامنىڭ يۈزسىزلىك قىلغانلىقى،ياكى ،مىنىڭ دادامغا  قول  سالغانلىقىم  ئىكەنلىكىنى مەنمۇ  بىلمەيتتىم...توختىماستىن  دۇئا  قىلىمەن ! ئۇلۇغ  ئاللاھ ئىگەم دۇنيادىكى دادىلارنىڭ قەلبىگە ئىنساپ  ئاتا  قىلسۇن،مىنىڭ  ئانامغا  ئوخشاش مىھرىبان  ئانىلارنىڭ ئەجرىنى ،ساۋابىنى بەرسۇن!ئادەمنىڭ روھىنى خورىتىدىغان نىجىس  ھاراقتىن ئەركەكلەرنى  نىرى  قىلسۇن!ئامىن......


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurdun2012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 10:54 PM  


شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 912
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2955
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 11:20:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بامۇ ياكى  يوقمۇ  .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100398
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2013-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 11:30:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمئىيەتتە  ئاجايىپ  ئىشلار  بار  ئىكەن  دىسە

سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ يۈرۈپ  كۈتۈشلەرنى  سۆيۈپ  قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103050
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2137
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2014-2-1
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 12:12:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز دادىسىنى ئۇرۇش توغرا ئەمەس ئەلۋەتتە لىكىن ئامالسىزلىقتىن شۇنداق بولغاندە توغرا چۈشىنىشكە بۇلىدۇ،ئەگەر شۇ ئوغۇل بىلەن دادىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان بولسا ئىدى ئۇ ئوغۇلنىڭ قىلغانلىرى يۈزدە يۈز خاتا بولاتتى ئەمما ئەسەردىكى مەن ئۆز دادىسىنىڭ زۇلىمىدىن شۇ مىھرىبانىنى قوغداپ قالالىغان

يالغۇزلىققىمۇ كۆنۈپ كەتتىم ،ئۆزخان ئۆز بەگ ياشاپچۇ
                                                              ئۇيغۇرىيە

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12740
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31750
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4662 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 01:14:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىبرەتلىك ھېكايىكەن.....

بىراق دادىغا قول تەككۈزۈش ياخشى ئىش ئەمەس،ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇ  دېگەن دادا....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109556
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 01:36:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي .................        بۇنداق دادىلار بۇنداق ئەرلەر ئاز ئەمەس جۇمۇ .

سەن ئەگەر بولساڭ يىگىت ئاسان ئىشنى مارىما ،
باشقىلار مەخپى ئىشىغا كۆز يېنىڭدىن قارىما .
ھەر ئەكەلسە ئۆز بېشىڭغا تەدبىرىڭنىڭ مىۋىسى ،
گەرچە مۈشكۈل بولسا تاغدەك يە ئۇنىڭدىن زارلىما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 373 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 02:12:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103662
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 02:44:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي   ئادەملەر..............

ئۆزەڭ توغقان بالا ئۈچۈن ئازىراقمۇ قۇربانلىق بەرمىدىڭ ،ئۇنىڭدىن شۇنچە ئاسان ۋاز كەچتىڭ ، شۇسەۋەپ سەن پەقەتلا ئوغلۇمنى تۇغقان خوتۇنسەن ،ئۆزەڭنى ئوغلۇمنىڭ ئاپىسى دېيىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100568
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2013-12-7
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 04:44:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى ئاتا -ئانىلار ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانلار ئىدى ،ھەممە ھەممە ھۆرمەت شۇلارغا خاس ئىدى لىكىن بىر قىسىم ئاتا ئانىلار ئۆزلىرنىڭ شۇ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۇرۇپ قويۋاتىدۇ، ئىساب بىرە شۇ دادىلارغا ئانىلارغا ھەم بىر قىسىم بالىلارغا،،،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14854
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2611 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 04:45:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇل بالىدەك ئىش قىپسە...

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش