|
|
|
|
بىلىپ ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم
قەلەمنى ئالسام مەن قولۇمغا بۈگۈن،
قەلمىم سورىدى،كىم ئۈچۈن ئېلىپ.
ئويلاپ مەن قارسام،شۇئان دەپتەرگە،
مەدىيلەش ئارسىدىن،قاپتىغۇ بىلىپ.
مەدىيەللەش باشلاندى ئەمسە
يوقسىزغا مېھرىنى،بەرگەندۇر بىلپ،
چۆللەرگە گۈللەرنى،تەرگەندۇر بىلىپ.
زىمىنغا نۇر چاچقان،گويا قۇياشتەك،
ئىللىقلىق نۇرىنى،سۆيگەندۇر بىلىپ.
يوقسىزنىڭ بىشغا،كەلسە غەم-قايغۇ،
شۇ ھامان بىلىپتىن،ياغاركەن يامغۇ.
ئاغرىدى دىمەستىن،يۈرەكنى تىلىپ،
يېتىمغا بارىنى،ئاتاركەن بىلىپ.
ياخشىلىق ئېشنى،ئويلاركەن دائىم،
ھەر قانچە بولسىمۇ،قېيامەت-قايىم.
تەببەسۇم بىلەن،قاراديدۇ كۈلۈپ،
سەن ئۈچۈن ۋەسلىدىن،كېچەركەن بىلىپ.
ئىللىقلىق نۇرىدا،گۈللەر ئۈندۈرۈپ،
ئۆزىنىڭ قىلماستىن،سۇناركەن بىلىپ.
قانچىلىك جاپادا قالسا،ھېچ گەپ يوق،
غېرىپنىڭ ئوتىدا،كۆيەركەن بىلىپ.
2014-يىلى9-ئاينىڭ17-كۈنى ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-17 07:02 PM
|
|
|
|
|
|