ئىبرەتنامە
ئابدۇۋەلى راخمان( ھەققانىي )
ھاراق بىرلە يايرايتتى ياش چاغلاردا جېنىمىز ،
شۇخلىشاتتۇق سورۇندا قىزىپ – قايناپ قېنىمىز ،
ھاراق ئىدى ئۇسىساق ، بىزنىڭ ئىچەر چېيىمىز ،
ئەللىك بەشكە بارمايلا ، ئەمما بۈگۈن يېشىمىز ،
قايان كەتتۇق يارەنلەر غايىپ بولدۇق قېنى بىز ؟
بىرسىمىزنى تۇتۇپتۇ ھاراق قىزىل ئۆڭگەچتىن ،
بىر نەچچىمىز ئاقساپتۇق چاتاق چىقىپ سۆڭگەچتىن ،
ئازابىنى دوزاقنىڭ بىرسى كۆردى ئۆلمەستىن ،
ئىچىپتۇق بىز ساراڭدەك جانغا كۆڭۈل بۆلمەستىن ،
نەس ئىچىملىك ۋەيرانە قىلدى دوستلار قېنى بىز ؟
نېچۇن مۇنچە چاپلاشتۇق ، يېراق يۈرمەي زەھەردىن ،
قەد – قامەتلەر پۈكلەندى ، ئۇ يەتكۈزگەن زەرەردىن ،
كېسەل چىقتى تەكشۈرتسەك ئاشقازاندىن ، جېگەردىن ،
بىزدىن ساۋاق ياش باللا ھەزەر مۇنداق مەرەزدىن ،
قېنى قامەت ، قېنى بوي ، قېنى شوخلۇق ، قېنى بىز ؟
قىلچە رازى بولمىدۇق مېھمان قىلسا قوي سويۇپ ،
رەنجىدۇق لىق قۇيمىسا ئىستاكاننى تولدۇرۇپ ،
بىر ۋەزىپە چۈشكەنمۇ تاڭ ئاتقۇچە ئولتۇرۇپ ،
نېمە تاپتۇق ھاراقتىن مۇنچە زورلاپ – زورلۇنۇپ ،
ئەتىكى ئىش ، زور پىلان ، قېنى مەقسەت ، قېنى بىز ؟
ئىسپىرىتنىڭ زەربىدىن زەئىپلەشتى يۈرەكلەر ،
قان تۇمۇرلار توسۇلۇپ ، سالدى دوختۇر « تېيەك » لەر ،
پەيدا قىلدى ئۇ يەنە تەندە ئۆسمە – مۇنەكلەر ،
بالدۇر قېرىپ مۇددەتتىن ، شالاڭشىدى سۆڭەكلەر ،
قېنى ئەقىل بىزدىكى قېنى سەزگۈ ، قېنى بىز ؟
ئىشتەي تارتماي شۇ چاغلار ئاق ھاراقتىن باشقىغا ،
قىزىقچىلىق بولسۇن دەپ لىق – لىق قۇيدۇق ناشتىغا ،
ئارىمىزدىن بەزەنلەر كەتتى ئەپسۇس باقىغا ،
گەپ قىلىشقا ئۈلگۈرمەي مەي زورلىغان ساقىيغا ،
قېنى ئارزۇ ، نە ئۈمۈد ، قېنى ئەتە ، قېنى بىز ؟
نېمە تولا بىزلەردە ئەخمەقلەرچە ئولتۇرۇش ،
بىز نادانغا مەي سېتىپ غېنى بولدى مەيپۇرۇش ،
بىزگە نېمە ۋاي توۋا ! . . . مەست بوپ قۇسۇش – ياندۇرۇش ،
مۇمكىن بولسا ھەسسەنە ! ئۆمرىمىزنى قايتۇرۇش ،
ئەۋلادلارغا قېنى ئىز ، قېنى تۆھپە ، قېنى بىز ؟
« سالامەتلىك ئۈچۈن ! » دەپ ساغلاملىقنى بۇزۇپتۇق ،
كېچىپ شىرىن .ئۇيقىدىن كۈندە سورۇن تۈزۈپتۇق ،
ئەمدى بىلسەك شۇ چاغلار ئەقلىمىزدىن ئېزىپتۇق ،
بۇ ئۆمۈردىن ياشلارغا ئىبرەتنامە يېزىپتۇق ،
قېنى ئارمان دىلدىكى ، قېنى ھايات ، قېنى بىز ؟
ئەللىك بەشكە بارمايلا ، ئەمما بۈگۈن يېشىمىز ،
مۇشۇ مىسراغا قايتا ئىشلىسەك گۈل گۈلىگە كىلەتتىكەن . بۇ مىسرادا زىتلىق بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-17 06:21 PM