مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1372|ئىنكاس: 11

ساھىلدىكى سۆيگۈ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50850
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2011-8-7
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 01:03:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ساھىلدىكى سەرسەن سۆيگۈ


(نەسىر)


مۇقەددىمە


قەدىرلىك سۆيگۈ، ئەنە شۇ قىسقىغىنە ھاياتنى، گۈزەل

ئەسلىمىلەرنى، شىرىن دەقىقىلەرنى يىراقتا تۇرۇپ، ئۈن تىنسىز ئەسلىشەيلى.


1.سۈبھى


تەنھا سايەم، شۇتاپتا ساڭا نېمە دەپ ئىلتىجا قىلىشىمنى، مۇڭلۇرۇمنى، يۈرىگىمدىكى ئۈنسىز ياشلىرىمنىقانداق تۆكۈشۈمنى بىلەلمەي تەمتىرەپ يۈرىمەن.  شۇتاپتا سېنى ۋە ئۆزەمنى، بىز تۇرغان مۇشۇ ساھىلنى بىر جەننەت ئىچىدىكى راھەت دەپھېس قىلشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم ھە ! بىراق ئامال قانچە؟  مەن زېمىندىن ، سەن نۇردىن ئاپىرىدە بولۇپ،ئەزەلدىن كېلىپ باقمىغان بۇ ساھىلدا گۈزەل ھاياتنىڭ، شرىن مۇھابەتنىڭ بىردەقىقىسىنى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.

مەن دولقۇنلۇق ۋەتېنىق تامچىلارنىڭ قەترىسى ئىدىم. سان شۇ چاغ ماڭا بىر قارىشىڭ بىلەن، قۇياشگۈزىلى مېنى چىللاپ، ئۇنى شەپەق ھۇجرىسىغا مەھكۈم قىلدى. ئوتتۇرىمىزدا ئۆمرىمىزدەكمۇستەھكەم رىشتە باغلاندى. مەن بارلىق سىرلىرىمنى خۇددى «مىڭ بىر كېچە»ھېكايىلىرىدەك كېچە كۈندۈز ساڭا ئېيتىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم.

ئەي سايەم ئيېتقىنىا،بۇ دۇنيا نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك گۈزەل ھە.....

     بولدى، تولا سۆزلەپ سېنى چارچىتىپ قويماي،بەلكىم دىلبىرىڭ يولۇڭغا تەقەززادۇر. تېزرەك بار. مامۇق تۈشەكتە راھەتلىك ئۇخلاپ،ئەتە سەھەردە يېنىمغا كەل !

خەيىر تەنھا سايەم،قارىغىنا، شەپەق كەتتى. بىزمۇ قايتايلى !



2. تۈرمە


     ئەي سايەم، سەن ساخاۋەتكە مۇھتاج ئەمەسسەن، سەن پەقەت سەنلا روھىشاھىسەن ! ئېيتقىنا، تەقدىر نېمىشقا بىزنى جەم قىلدى؟ يەنە نېمىشقا مۇشۇ ساھىلداقارا بولۇتلاردەك يېشىمىزنى تۆكۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ؟

     بىلدىم، ئەمما شۇنچە ھەسرەتلەر ئىلكىدە تەمتىرەپ يۈرسەممۇ، ئەيسايەم يەنىلا زارلىنىشنىڭ بىھاجەتلىكىنى ھېس قىلماقتىمەن. چۈنكى تەقدىر – بەرىبىرتەقدىر. ئۇ ھامان بىزنى ئايرىۋېتىدۇ. ئەمما بۇ دوستلۇق رېشتىنى، ئۇلۇغ غايىلەرنى،ئۆلمەس ئىرادىلەرنى، بۈيۈك ئۇبرازلارنى، گۈزەل كېلەچەكلەرنى ، تاتلىق ئەسلىمىلەرنىسوۋغا قىلدى. ئىككىمىزنى بۇ ھەم گۈزەل ھەم قاقاس ساھىلدىكى ئۇيقۇدا ياتقان ۋەئۇخلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بارلىق مېھرىبان قۇشلارنى ئويغۇتۇشقا ئەۋەتىشئالدىدا تۇرماقتا.

     ئەي سايەم،مېنىڭ ساڭا مەسلىكىم كېلىدۇ.سېنىڭ تىرىشچانلىقىڭ،ئىزدىنىش قىزغىنلىقىڭ، ئەستايدىللىقىڭ، ئىلىملىگىڭ ئەڭ قەدىرلىك بولغىنى ئۈنتىنسىز ئاشىقلىقىڭ مېنىڭ قەلبىمدە ھۆرمەت ۋە ھاياجان تۇيغۇرلىرىنى چاچتى.

     مەن سېنى ئۇنۇتالمايمەن ئەي سايەم !

ئەمدى مەن سەن بىلەنخوشلىشاي، سەن ساھىلدا ئاشۇ زۇمرەت سۇلارغا قارا، كەلگۈسى گۈزەل كۈنلىرىڭنىڭكارتىنىسى قاتارىدا مەندەك بىر ئاشىقىڭنى ئۇنتۇپ قالما.

     خەيىر تەقدىرگە تەن بېرىپ خوشلىشايلى.


3. سەپەرداش


     ئەي سايەم، ئايرىلىش ھېسلىرى ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان كېسەلدەكيۈرىكىمنى ئۆرتىۋەتتى. قەلبىمگە ئاچچىق بىر ھەسرەت مېھمىنىنى باشلاپ قۇيۇپ كېتىپ قالدى. مانا ھازىر نامرات ۋە تەشنا قەلبىم مېھمىنىڭنىڭ كەڭ قۇچاقلىرىغا قايسىنېمەتلىرىنى تۆكۈشنى بىلمەي ئۈن تىنسىز ياش تۆكمەكتە.

     ئەي سايەم ، قىيالماسلىق، چاڭقاش مېنى دەھشەتلىك قىينىماقتا. مەندۇنياغا ئاپىرىدە بۇلۇپ، تۇنجى قېتىم ئايرىلىشنىڭ ئىنتايىن دەھشەتلىك ئازاپلىرىنىتېتىماقتىمەن. بەزلەشلىرىڭگە، مەن تەشنا بولۇپ ئېرىشەلمىگەن قاراشلىرىڭغا پەرۋاقىلماي يىغلىماقتىمەن. ئەمدى بولسا، مۇڭسىز ساھىلدا مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئاشۇۋاقىتلاردا ياللىتتىدە قارىغان بىر دەقىقدە بېقىشىڭ مېنى ساڭا باغلىغان ئىكەن.

     ئەي سايەم بولدىلا، يۈرىگىمدىكى ئەڭ يارقىن ، ئەڭ نۇرلۇقسىرلىرىمنى ھەر قانچە قىلساممۇ ساڭا ئىزھار قىلىشقا پەقەتلا پۇرسەت قالمىدى.ئۆزەمنىڭ قېيداش، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىكى بەڭباشلىقىمدىن  مەڭگۈلۈك ئايرىلىش دەقىقىلىرىدىمۇ ساڭا «خوش»دېگەن سۆزنى ئيېتماپتىمەن.   خەيىر، ئەپۇشاماللىرىڭ بىلەن مېنى بىر سەپەردىشىڭ قاتارىدا ئۆمرۈڭدە بىرەر قېتىم ئەسلەپقويارسەن.

     ئەي كۆمۈش سايەم، رىشتىمنى سىياھ، سۆيگۈمنى قەلەم قىلىپ ساڭا كېچەكۈندۈز سوۋغا تەييارلاۋاتىمەن، قۇبۇل قىلارسەنمۇ؟

4. يۈرەك ئارىلى


     قىزىلگۈلنىڭ تىكىنى، خوشاللىقنىڭ قايغۇسى بولغاندەك، كىشلىك تۇرمۇشكۆڭۈلسىزلىكلەردىن خالى ئەمەسكەن. بىراق سەن بەخىتسىز ئەمەسسەن سايەم، سەن پەقەتئەمدى جىمجىتسەن.

     قارىغىنا ئەي سايەم، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنراق قېشىڭغا ، مانا مۇشۇساھىلغا كېلەلمىگەنلىكىمدىن ئېچىنىمەن. مانا سېنىڭ ئۈنسىز تۇرۇشۇڭنى بىزدىن ئايرىلىپ قولۋاققا چۈشىدىغانلىقىڭنى ئويلىسام، قەلبىم ئازاپ ئوتىدا پۇچىلىنىپكۆزلىرىمگە ئىختىيارسىز ياش كېلىدۇ.

     چۈنكى سەن قەلبىمدە تۇنجى بىخلىغان يىگانە گۈل ئىدىڭ................


5. غەمكىنلىك


     ئۇچقۇر يىللارنىڭ بىمەھەل قەدىمىنىڭ تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىشى نېمىدىنبىشارەت ؟ ئاھ ، سايەم ! ئاران ئورناتقان دوستلۇق گۈلىمىز مانا مۇشۇنداق سۇلىشىپقالارمۇ؟ بىز نېمە دېگەن بىچارە ھە....

     گەپ قىلساڭچۇ سايەم، تەقدىر ھەجەپ غەلىتە ئىكەن، ئۇ گاھىلارغاخوشاللىق، گاھىلارغا دەرت ئەلەم ئېلىپ كېلىدىكەن...

     مانا مۇشۇ تەقدىر 3 يىل بۇرۇن ساراڭلارچە تەلۋىلىكى بىلەن  بىزلەرگە چاقچاق قىلىپ، بىزلەرنى تەرەپتەرەپلەردىن ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بىز يېتىرقاش ئىچىدە تۇنۇشۇپ، ئەيمىنىش ئىچىدەدوستلاشقان ۋاقىتتا بىزنى ئايرىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

     ئەي سايەم، سەندىن يەنىلا خوشالمەن، سەن شۇنداق ئۈن تىنسىزتۇرۇۋەر. ئاشۇ تۇرقۇڭ بىلەن مېنى قېرى تەقدىر ئالدىدا يەرگە قاراتتىڭ. مېنىمەڭگۈگە غەمكىن قىلىڭ.خەيىر سايەم....

     ھاياتلىق مۇساپەڭگە يېڭى يول، تۇرمۇشۇڭا چەكسىز بەخىت تىلەپ، ساڭاچەكسىز تەلپۈنگۈچى بەختسىز غەمكىنىڭ.....


6.ئۇچقۇن


     ئەي سايەم ! بولدىبەس، سەۋىر تاقىتىم تۈگىدى. قاچانغىچە ئۈن تىنسىز تۇرىسەن، مانا بىز كېتىش ئالدىداتۇرماقتىمىز.

ھايات بىر چاغلاردا ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە بۇ ماكاندا بىزنىئۇچراشتۇرغان بولسا، يەنە تۇيدۇرماي مەڭگۈلۈك دوستلۇق رېشتىمىزنى چەگمەكچى،رەھىمسىز تەقدىر قامچىسى ئارقىلىق يوشۇرۇن كۆيۈك قەلىبلەرنى ھالاك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ..ئاڭلاۋاتامسەن ئەي سايەم، بىز ئايرىلماقچى بولۇۋاتىمىز....

     مەيلى، مېنىئۇزاتما، ھېلىھەم بىزگە قاراپ كۈلۈپ تۇرغىنىڭغا رەھمەت دەيلى، سەن مۇشۇ ساھىلنىئەڭ قىممەتلىك قەلبىڭ بىلەن نۇرلاندۇرغىن.


7. يۇمران

     ماڭا قارا ئەي،سايەم !

     مەن باھارنىباشلاپ كەلدىم. ئۇ بۇ ساھىلىڭنى يېشىللىققا چۆمدۈرۈدۇ. مەن يازنى باشلاپ كېلىمەن....

     مەندىن خاپا بولۇۋاتامسەن؟ ، مانا ئالغىن، مانا بۇ يۇمران دوستلۇق كۆچىتى. مۇھابەتنىڭ ۋېسال كۆچىتىنىيېتىشتۈرۈشكە رۇخسەت بەرمىدىڭ. ئەمدى بولسىمۇ دوستلۇق كۆچىتى بىخ ئۇرسۇن. بۇئالەمنى زىننەتلىسۇن.

     ناۋادا سەن يەنىلائۈن تىنسىز بولساڭ، بۇ كۆچەتنى ئۆز قۇلۇڭ بىلەن سۇندۇر...


8. خىيال


     سايەم ، مانا ئايئۆتتى. مەن سەن بىلەن مۇڭداشقىلى يەنە كەلدىم. ئاشۇ چىمەنلىكتە سۇلارنىڭ مەۋىجئۇرۇپ تۇرۇپ لەرزان ئېقىشىغا، كۆكتىكى ئاينىڭ بىزگە غۇبارسىز تەبەسسۇم ئەيلىشىگەقاراپ، ئوتلۇق يۈرىگىڭنىڭ ئۈستىگە باش قويسام، شېرىن ئەللەيلىرىڭ ئارىسىدا جەننەتچۈشى كۆرسەم دەيمەن.

     ئەمما ، قېشىڭغا كېلىپ مانا خېلى ئۇزاق تۇردۇم ئەي سايەم، نېمە دىيىشىمنى بىلمەيمەن. پەقەت  «ئاھ» لىرىملا ئاڭلىنىپ تۇرۇدۇ. مېنى تىنىمسىزخىياللار ماكانىغا باشلاپ قۇيۇپ، ئۆزۈڭ نەلەردە يۈردىڭكىن؟

     خەيىر سايەم،خالىمىساڭ مەن قايتاي، بېرىپ غېرىپ ئۇيقۇمنى تاپاي.   خوش ، خىيالچان سايەم.


9. نەپرەت


     ئەي مەجنۇن سايەم،مانا شۇ تاپ، ساڭا نەپرەتلەنمەكتىمەن. چۈنكى گۈزەل كارتىنىلار سەن تاللىغان بۇقاقاس ساسلىقتا شاماللارغا تەلپۈنمەكتە. ئۇنىڭغا، ساڭا قاراپ تىلىم تۇتۇلۇپ،يۈرىگىم سىقىلىۋاتىدۇ. بولدى، ئۈن تىنسىزلىقىڭ، ئازاپلىق خيالچانلىقىڭ بىلەن مېنى يىغلاتما.

     مۇھابەت، ھايات،ئارزۇلارنى خاتىرە سۈپىتىدە ساقلاپ قويارسەن. خاتىرەڭگە «نەپرەت» دەپ ئىمزا قۇيۇپ قويدۇم. ئۇ مەن ۋە سېنى ھەر ۋاقىت ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەشكە تۈرتكە بولسا ئەجەپ ئەمەس.

     ئەي سايەم، كۆزياشلىرىمدىن مەن تۇرغان مۇشۇ تۇپراقتا ئەگەر ساداقەت گۈللىرى ئېچىلسا، ئۇنى ئەسكەئېلىپ كۈرۈپ كېتەرسەن...


10. لالە


مانا ئالدىڭدا ساڭا يېلىنىش ۋە سەن بىلەن خوشلۇشۇش دەقىقىلىرى ئۆلۈم سايىسىدەك ماڭا يېقىنلاشماقتا.

     ئەي سايەم،ئىنساننىڭ سايىسى ئۆز ئىگىسى بىلەن بىرگە بولاتتى. ئەپسۇسكى سەن شۇنداق سۇلغۇن،شۇنداق مىسكىنلىك بىلەن ئۆزەڭنىڭ «خائىن» سايەڭنى ئىزدەپ يۈرىسەن !

     سەن ئۆزەڭنىڭلاتاپىتى ئارقىلىق مېنى غازان قىلدىڭ. گۈللەر سوغۇقتىن تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە سۇلاشسا، مەن  ئىىيۇل ئېيىغا يېرىم قەدەم قالغاندا، سېنىڭ قەلبىڭدىن چىققان ئىزاھاتسىز سوغۇقۇڭ ئارقىلىق، ۋاقىتسىزسۇلاشتۇردۇڭ...

     مەن سېنى ئىككىنچىبىر قۇياش دەپ ئىنتىلگەن ئىدىم. ئاشىقلىقمۇ ئوخشاشلا يامان ئىكەن.

     خەيىر سايەم،يەنىلا جىمجىت مۇڭلۇرۇڭ بىلەن قېلىۋەر.... بەلكىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە...

خاتىمە.

     ئەگەرساداقەتسىزلىك قىلساڭ ئەي سايەم، جىسمىمدا ئەمەس، روھىمدا، قانلىرىمنى توختۇتۇپقۇيۇپ، سېنى مەڭگۈ كەچۈرمەسمەن.

     ئەگەر يېنىمدىنمەڭگۈلۈك كېتىپ قالساڭ سايەم، رەنجىمەيمەن، پەقەت ئۈنسىز نىدالىرىم ۋە ئازاپلىق سېغىنىشلىرىم ئارقىلىق سېنىڭ بەختلىك بولۇشۇڭنى تىلەپ، ئوتتۇرىمىزدىكى غايىۋى بېتىمنى يىرتىپ تاشلايمەن.

                                                                                    1995-يىلى ئاقسۇ  قاراتالدا يېزىلدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 02:39 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 11:16:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇييۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇ،،،نەسىر دىگەننى توننىلاپ يېزىپسىز ،،،شۇنداق ھىسياتلىق چىقىپتۇ...
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر................ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 02:38 AM  


كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 11:56:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن ئوقۇغۇنىم ئېسىمدە .ھارمىغايسىز

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Azizan + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12446
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32522
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4495 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 03:18:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېسياتلىق،جەلپ قىلارلىق چىقىپتۇ لېرىكىڭىز......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109846
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-9-11
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 05:51:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نەسىرگە ئامراق ، شۇڭلاشقىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇپ چىقتىم .............تەشەككۈر !

ئۆتمۈشۈڭدە خار قىلغان بىرى بولسا،كەلگۈسۇڭدە خان قىلىدىغان بىرى بولىدۇ ..

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2949
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 11:03:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

!!ئاناسىز نىمىدى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17377
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7569
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 1216 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 01:34:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ!!!!!

ئائىلىنى سۆيسەڭ جەمىئيەت ساڭغا كۈلۈپ قارايدۇ!!راست

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1666
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 09:58:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107633
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-6-11
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 08:47:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىرڭـز ياخشى چىقىپتۇ رەخمەت جاپاچەكتىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32191
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-20 11:13:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېسياتلىق،جەلپ قىلارلىق چىقىپتۇ لېرىكىڭىزنى ياقتۇردۇم.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش